مارس مەلىكىسى
(فانتازىيىلىك رۇمان)
ئېدگار رىس بارو(ئامېرىكا)

بىرىنچى باپ
ئارىزونا شىتاتىدىكى تاغ ئۈستىدە

مەن ناھايىتى قېرىپ كەتتىم، ئۆزەمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قېرىپ كەتكەنلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن. يۈز ياشتىن ئاشقان بولۇشۇم ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قېرى بولۇشۇم مۇمكىن. بالىلىق چاغلىرىمنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىمۇ ئېسىمدا قالماپتۇ. يادىمدا قالغىنى ئۆزەمنىڭ ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەزىمەت ئىكەنلىكىدىنلا ئىبارەت. ھازىرقى ھالىتىم بۇندىن قىرىق يىل بۇرۇنقى ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھالىتىم بىلەن پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما شۇنى ھىس قىلمەنكى، مەن بۇنداق ياشاپ كېتىۋەرسەم بولمايدۇ، ھامان بىر كۈنى ھەقىقى ئۆلۈشۈم ، ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلمەسلىكىم كېرەك. ئۆزەمنىڭ ئۆلۈمدىن نىمە ئۈچۈن قورقىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. مەن ئىلگىرى ئىككى قىتىم ئۆلگەن بولساممۇ ئەمما يەنىلا ھايات تۇرۇپتىمەن. شۇنداقتىمۇ خۇددى بۇرۇن ئۆلۈپ باقمىغان ئادەمگە ئوخشاش ئۆلۈمدىن ئىنتايىن قورقىمەن. دەل مۇشۇنداق ئۆلۈمدىن قۇرقىدىغان پىسخىك كەيپىيات ئۆزەمنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئۆلىدىغانلىقىمغا شەكسىز ئىشەندۈرىدۇ.
ئەجىلىمنىڭ مۇقەررەلىكىگە ئىشەنچەم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۆزەمنىڭ ھايات ۋاقتىمدىكى ۋە ھالاك بولغان ۋاقىتىمدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئامالسىزمەن. مەن پەقەت بىر تەلەيلىك ئەسكەرنىڭ ئاددى تىلى بىلەن بېشىمدىن كەچۈرگەن غەلىتە ئىشلار توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرماقچى . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ، جەسىدىم ئارىزونا شىتاتىدىكى بىر تاغ غارىدا ياتقان ھەم باشقىلار تەرپىدىن بايقالمىغان ئون يىل ۋاقت ئىچىدە يۈز بەرگەن.
مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا بۇلارنى سۆزلەپ باقمىدىم، شۇنداقلا مەن مەڭگۈ ئۈلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق ئادەتتىكى بىر ئادەممۇ بۇ قوليازمىنى كۆرۈپ باقمىدى. ماڭا ئايانكى، كىشىلەرنىڭ ئاڭ - سەۋىيىسى قوبۇل قىلالمايدىغان بۇنداق نەرسىگە ئۇلار ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ . شۇڭا، پەقەت كەلگۈسىدىكى ئىلىم - پەنلا ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ئەمىلىيەتنى سۆزلىگەن چىغىمدا، ئۆزەمنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ مەسخىرىسىگە، مۇھاكىمە يىغىن ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىمنى، شۇ دەقىقىدە ئۆزەمنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇچىغا چىققان چوڭ ئالدامچى بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ھىس قىلىمەن. مەن مارستا ئېرىشكەن ئىلھامىم ھەم مېنىڭ بۇ كىتاپتا بايان قىلىپ بېرەلىگەن مەزمونلار، بەلكىم بىزنىڭ ئاچا - سېڭىل پىلانتىمىز مارسنىڭ سىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشۈنۈشكە ئاز - تۇلا ياردىمى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. باشقىلار ئۈچۈن سىرلىق تۇيۇلغان ئىشلار ھازىر مەن ئۈچۈن سىر ئەمەس .
مېنىڭ ئىسمىم جون كارتېر، بەلكىم، ۋىرگىنىيە شىتاتلىق سىتارشى لېيتنانت جېك كارتېرنى يەنىمۇ كۆپ كىشىلەر تۇنۇشى مۇمكىن. جەنوب-شىمال ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن نەچچە يۈزمىڭ ئامرىكا دوللىرىغا ئىگە بولدۇم ھەم مەلۇم ھەربىي قىسىمنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر سىتارشى لىيتنانتلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم. ئەمما بۇ قىسىم ھازىر مەۋجۇت ئەمەس. جەنوب فىدراتسىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى بىلەن مېنىڭ بۇ دۆلەتتىكى خىزمىتىممۇ ئاخىرلىشىپ، ئىگە - چاقىسىز،ئۆي - ماكانسىز قالدىم. ھايات - ماماتلىق ئۇرۇشمۇ كەلمەسكە كەتتى، شۇڭا مەن غەربى جەنوپقا بېرىپ ئالتۇن قىزىپ قولدىن بېرىپ قويغان مال-دۇنيانى قايتۇرۇپ كىلىشكە بەل باغلىدىم.
مەن يەنە بىر جەنوب فىدراتسىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن بىرلىكتە بىر يىلغا يىقىن ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئالتۇن كانى ئىزلىدۇق. ئۇ ئادەم رىچمونلۇق سىتارشى لىيتىنانت جاموس پوۋېل بولۇپ، تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلدى. نۇرغۇن جاپالارنى تارتقاندىن كىيىن 1865- يىلنىڭ ئاخىرىدا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئالتۇن مىقتارى مول كۇۋارتىسلىق كان قاتلىمىنى تاپتۇق. بۇ بىزنىڭ چۈشۈمىزگىمۇ كىرمىگەن ئىدى. ئىلگىرى كان ئىنژىنىرلىرىنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان پوۋىلنىڭ ئېيتىشىچە، بىز قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ۋاقت ئىچىدە قىممىتى بىر مىليون ئامىرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كان رودىسىنى بايقاپتىمىز.
ئۈسكۈنىلىرىمىز بەك ئاددىي بولغاچقا كان رودىسى قىزىش خىزمىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئارىمىزدىن بىرەيلەن مەدەنىيەتلىك رايونغا قايتىپ زۆرۇر بولغان كان قىزىش ماشىنىلىرنى سېتۋىلىشى ۋە يىتەرلىك ئادەم كۈچى ئېلىپ كىلىش بىكىتىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كان قىزىش ھوقوقىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەركىتىمىزنى تىزلەتمىسەك بولمايتتى. پوۋېل مەدەنىيەتلىك رايونلارغا تونۇش، شۇنداقلا كان رودىسى قىزىشقا قانداق ماشىنا-زاپچاسلارنىڭ كىتىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بىلگەچكە ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ بېرىشىنى قارار قىلدۇق.
1866- يىلى 3-ئاينىڭ 3- كۈنى پوۋېل يىمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ مەن بىلەن خۇشلۇشۇپ ئېتىنى مىنىپ يولغا چىقتى ۋە تاغ باغرىنى بويلاپ جىلغىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. تاغ جىلغىسىدىن ئۆتكەندە ئو بىرىنچى باسقۇچتىكى سەپەرگە قەدەم باسقان ئىدى.
خوددى ئارىزونا شىتاتىنىڭ باشقا كۈنلىرىدىكىدەك پوۋېل يولغا چىققان كۈنى ئەتىگەن ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. مەن پوۋېلنى ھەم ئۇنىڭ يىمەكلىك ئارتىلغان ئىشىكىنىڭ تاغ باغرىنى بويلاپ جىلغىغا چۈشۈپ كىتۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇردۇم، چۈشتىن بۇرۇن پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ھەر قىتىم ئۇنىڭ تىك تاغ باغرىدا ياكى تەكشى تۈزلەڭ جايدا كىتۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. پوۋېلنى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگەن ۋاقتىم چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ چاغدا پوۋېل تاغ جىلغىسىنىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى تاغ تىزمىسىنىڭ كۈلەڭگىسى ئاستىغا يىتىپ بارغان ئىدى.
تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كىيىن مەن ئىختىيارسىز تاغ جىلغىسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ پوۋېلنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرگەن ئورۇندا ئۈچ كىچىك چىكىتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتىم. مەن ئارتۇقچە ئىشلارغا چېچىلىشنى خالىمايتىم ، ئەمما ئۆزەمنى پوۋېلنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىگە ، تاغ يولىدىكى بايا مەن كۆرگەن ئۈچ چىكىتنىڭ بۆكەن ياكى ياۋا ئات ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەنسېرى تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلەندىم.
بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بىرى بىرەر يامان نىيەتلىك ئىندىئانغا يولۇقۇپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى بىپەرۋا بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. ھەتتا ئىندىئانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ۋەقەلەرنى رىۋايەت دەپ قاراپ كەلدۇق. كىشىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ تاغ يوللىرىدا گاھى كۆرۈنۈپ گاھى غايىپ بولۇپ، قولىغا چۈشۈپ قالغان ھەربىر ئاق تەنلىكنى ئىچىنىشلىق ئۇسوللار بىلەن ئۆلتۈردىغانلىقى ياكى قىينايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىشاتتى.
پوۋېل خىل قوراللانغان، شۇنداقلا جەڭ قىلىشقا ماھىر. مەنمۇ ئىلگىرى ئامرىكىنىڭ شىمالىدىكى ئىندىئانلار قەبىلىسىدە تۇرغان ھەم كۆپ يىل جەڭ قىلغان. شۇڭا ئىندىئانلارنىڭ ۋەھشىلىكى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. مۇبادا پوۋېلنى ئابو قەبىلىسىدىكى بىر توپ ھىيلىگەر ئىندىئانلار قوغلاپ كەلسە ھايات قىلىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولاتتى. مىنىڭ كۆڭلۈم ئېغىپ، ئاخىرىدا داۋاملىق ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماي كولتا شىركىتى ئىشلىگەن ئالتە ئاتار تاپانچا ۋە بىر دانە كارابىن مىلتىقى بىلەن قۇراللىنىپ، مۇرەمگە ئوقدان تاسمىسىنى ئېسىپ، ئىگەرلىك ئاتقا مىنىپ پوۋېلنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ تاغ جىلغىسىغا قاراپ يولغا چىقتىم.

Next
Pg.: 1 2 3 4 5 6 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N