ئۇنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق قىلىپ ئىندىئانلارنى بۇنچىلىك ساراسىمىگە سېلۋەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا ۋە تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم. قورقۇش نىسبى ئاتالغۇ. شۇڭا مەن كىچىدە قىچىش جەريانىدا بىشىمدىن ئۆتكۈزگەن خەتەرلىك جەريان بىلەن ھازىرقى ھىسياتىمنى سىلىشتۇرۇپ كۆردۈم.
پۈتۈن بەدىنىم ئۇيۇشقان بولۇپ ھىچقانداق ھەركەت قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم. مەن يەردە يىتىش جەريانىدا كەينىمدىن كىلۋاتقان ئاجىز ئاۋازنى يەنە نەچچە قىتىم تىڭشىغاندەك قىلدىم. ئاڭلىماققا بۇ ئاۋاز بىراۋنىڭ ئېھتىيات بىلەن ئاستا يۈتكەلگەن چاغدا چىقارغان ئاياق تىۋىشىغا ئوخشايتى. ئاۋاز ئاخىرى يوقاپ كەتتى. مەن جىمجىت يىتىپ ھازىرقى ھالىتىمنى، سەزگۈمنى يوقۇتۇشۇمنىڭ سەۋەبىنى مۇجىمەل قىياس قىلاتتىم. ئەمما بۇنىڭغا جاۋاپ تىپىشقا مەندىكى ماغدۇر كەملىك قىلاتتى. شۇڭا بىردىن بىر ئۈمۈدۈم بۇ ھالەتنىڭ قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تۇيۇقسىز كىتىپ قىلىشى ئىدى.
كۈن غەرىپكە ئۆرۈلگەندە ئېتىم چولۋۇرىنى سورەپ ئۇزۇق ۋە سۇ ئىزلەپ تاغ يولىدا ئاستا مېڭىپ يۈرەتتى. مەن ئۆزۈم يالغۇز ھىلقى سىرلىق ھەمراھىم ۋە دوستۇمنىڭ جەسىتى بىلەن بىللە قالدىم. پوۋېلنىڭ جەسىدى نەزەر دائىرەمدە بولۇپ بۇرۇنقى ئورنىدا، ئەتىگەن قويۇپ قويغان تاش ئۈستىدە تۇراتتى. شۇ ۋاقتتىن باشلاپ تاكى يېرىم كېچىگىچە ئەتراپ تىپتىنچ گۇرۇستان جىمجىتلىقىغا چۆكتى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە مەن تۇيۇقسىز قورقۇنۇچلۇق ئېڭىرىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۆڭكۈرنىڭ قاراڭغۇ يېرىدىن كىلۋاتقان بىر نەرسىنىڭ يۈتكەلگەن ئاۋازى قولۇقىمغا يىتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دەرەخ يوپۇرمىقى تۆكۈلۋاتقاندەك شىرت - شىرت قىلغان ئاجىز ئاۋازمۇ بار ئىدى . مىنىڭ جىددىي پەيتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن نېرۋامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنداق ئادەمنى تەشۋىشكە سالىدىغان ئاۋاز ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. مەن خۇددىي گىگانت ئادەمگە ئوخشاش زور غەيرەت بىلەن بۇ قورقۇنۇچلۇق ئاسارەتتىن قۇتۇلماقچى بولدۇم. بۇنداق غەيرەت، ئەقىل - پاراسەت، ئىرادە ۋە نىرۋىلارنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ مۇسكۇللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. مەن ھەتتا چىمچىلاق قولۇمنىمۇ مىدىرلىتالمىساممۇ غەيرەتكە كىلىپ بۇ ۋەھىمىدىن قۇتۇلماقچى بولدۇم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل سەزگۈمنى ئىشقا سالدىم. تۇيۇقسىز ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۈردىغان بىر خىل سىزىم پەيدا بولدى ھەم خۇددى پولات ئارغامچىنىڭ بىر بىرىگە سۈركەلگىنىدەك «كارت» قىلغان چىقىراق ئاۋاز چىقىپ بىردىنلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ۋە دۈمبەمنى ئۆڭكۈر تېمىغا يۈلەپ تۇرۇپ ئىچكىرىدىكى سىرلىق دۈشمەنگە يۈزلەندىم.
ئاي نۇرى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن كىرىپ غار ئىچىنى يورۇتقاندىن كىيىن مەن ئالدىمدا بىر جەسەتنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردۈم ھەم ئۆز كۆزۈمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم. بۇ مېنىڭ جەسىتىم بولۇپ يەردە ياتقىنىغا بىر نەچچە سائەت بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ كۆتۈرلۈپ تۇرغان يېرىگە تىكىلگەن ، ئىككى قولى جانىسىز ھالدا ئىككى يانغا تاشلانغان ئىدى. مەن ئالدى بىلەن ھىچقانداق ھاياتلىق ئىزناسى قالمىغان جەسىتىمگە ئاندىن قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە ئۆزەمگە سەپسالدىم. مەن ئەسلىدە كىيىم كىيگەن بولساممۇ ئەمما ھازىر ئەمدىلا توغۇلغان بۇۋاقتەك قىپ - يالىڭاچ تۇراتتىم.
بۇنداق ئۆزگۈرۈش بەك تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن، تەپەككۈرۈمدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولۇپ مەن باشقا ھەر قانداق ئىشنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ قالدىم دېسەممۇ، ئەمما ئۆزەمنىڭ غەلىتە ھالدا تامامەن ئۆزگەرگەنلىكىم خىيالىمدىن كەتمەيتتىمئنعث كاللامغا بىرىنچى بولۇپ كەلگىنى بۇ ھالاكەتتىن دېرەك بېرەمدۇ، دېگەن سۇئال بولدى. ئەجىبا مەن قايتا تىرىلىپ راستىنلا يېڭى بىر ھاياتلىقنى مەڭگۈ باشتىن كەچۈرۈشنى باشلىدىممۇ؟ ھەرقانچە ئويلىساممۇ بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتىم. مەن ئەزەلدىن بۇنچىلىك گاڭگىراپ باقمىغان ئىدىم. بۇ ئىشلارغا ئىشەنگىم كەلمەيتتى. چۈنى مەن غەيرەتكە كىلىپ ئۇيۇشۇپ قالغان بەدىنىمنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا يۈرۈكىمنىڭ كۆكرەك قەپىسىمگە ئۇرۇلۋاتقانلىقىنى، نەپىسىمنىڭ قىسىلۋاتقىنىنى، پۈتۈن بەدىنىمدىن تەر قويۇلۋاتقىنىنى سەزگەن ئىدىم. مەن ئىپتىدائى ئۇسول بۇيىچە بەدىنىمنى چىمدىپ كۆردۈم. قاتتىق ئاغرىق سىزىمىدىن ئۆزەمنىڭ راستىنلا رىئال دۇنيادا تۇرغانلىقىمنى، ھەرگىزمۇ ئەرۋاھ ئەمەسلىكىگە چوڭقۇر ئىشەندىم.
ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن يەنە ئىڭىرىغان ئاۋاز كەلدى. بۇ ئاۋاز ماڭا يەنە بىر قىتىم ئۆزەمنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۋاتقانلىقىمنى ئەسلەتتى. ئۇچامغا يىپچىلىك بىر نەرسە كىيمىگەن ھەم ھىچقانداق قورال ئالمىغان تۇرۇقلۇق ماڭا تەھدىت سىلۋاتقان سىرلىق كۆرۈنمەس دۈشمەنگە قاراپ تۇرىۋىرىشنى خالىمىدىم. ئالتە ئاتار تاپانچام ھاياتلىق ئىزناسى قالمىغان جەسىدىمدە قىسىقلىق تۇراتتى. چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل سىزىمنىڭ تۈرۈتكىسىدە، مەن جەسىدىمگە قول تەككۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. بۇنداق قىلشنى كۆڭلۈم كۆتۈرمەيتتى. كارابىن مىلتىقىم ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈكۈمنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئۆتۈكۈم بولسا ئاتنىڭ ئىگىرىگە باغلانغانتى. ئەپسۇس، ئات ئاللىقاچان يىراقلارغا كەتكەن، شۇڭا، مەن ئۆزەمنى قوغداش ئىقتىدارىمدىن تامامەن مەھرۇم بولغان ئىدىم. ھازىر قىلالايدىغان بىردىن بىر ئىشىم قىچىش ئىدى. كاللامدا پەيدا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى تېز ئىنكاس ماڭا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرىسىدىكى نەرسە ماڭا ئاستا يىقىنلىشۋاتقان، تەشۋىشلىك ئاۋازنى قايتا ئاڭلىغان پەيتە چوقۇم قىچىش قارارىغا كەلتۈردى.
مەن يەنە ساقلىيالمايتىم . شۇڭا تىزلىك بىلەن ئۆڭكۈردىن يۈگرەپ ئارىزونا شىتاتىنىڭ يۇلتۇزلار شولا تاشلاپ تۇرغان كەڭ زىمىنىغا چىقتىم. ئۆڭكۈردىن چىقىشىمغىلا ساپ تاغ ھاۋاسى تېز روھلاندۇرۇش دورىسىدەك ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. تىنىمگە يېڭى ھاياتلىق ۋە يېڭى روھنىڭ كىرۋاتقانلىقىنى سەزىم. مەن بىر پارچە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قورام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئېلۋىتىپ ئەندىشە قىلىشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوقلىقىنى كۆرۈپ ئۆز - ئۆزەمگە كايىدىم. بەزى ئىشلار مېنى ئويلاندۇردى. مەن ھىچقانداق يار - يۈلەكسىز ئەھۋالدا ئۆڭكۈر ئىچىدە شۇنچە ئۇزاق يىتىپمۇ بىرئازمۇ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ باقمىدىم. كاللام سەگەكلەشكەندىن كىيىن ئاخىرقى ھۆكۈم مېنى ئاڭلىغان ئاۋازنىڭ مۇقەررەر ھالدا تەبئى پەيدا بولغان ھەم زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. ئۆڭكۈرنىڭ تۈزۈلىشىدىن قارىغاندىمۇ ئاجىز شامال چىقسىلا شۇنداق ئاۋاز پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
مەن قايتا تەكشۈرۈپ بىقىشنى قارار قىلدىم. بىشىمنى كۆتۈرۈپ ساپ، سالقىن، ئادەمگە ئارامبەخش ئېتىدىغان تاغ ھاۋاسىنى قانغۇچە سۈمۈردۈم. ھاۋادىن نەپەسلىنىۋىتىپ تاشلىق تاغ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدىم. يەنە كاكتوس ئۈسۈملۈكى بىلەن تولغان بىر پارچە يەرنى كۆردۈم. ئاي نۇرى ئاستىدا بۇ نەرسىلەر ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىلەندۈرگەن بولۇپ كىشى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز سىھرىي كۈچكە تولغان ئىدى. ئارىزونا شىتاتىنىڭ ئاي نۇرى ئاستىدىكى مەنزىرىسىگە سىلىشتۇرغاندا غەرب رايونلىرىنىڭ كىشىنى تېخىمۇ روھلاندۇرىدىغان غەيرى تاغ مەنزىرىسىنى بۇ يەردە كۆرگىلى بولمايتتى. يىراقتا كۆرۈنۋاتقان كۈمۈش رەڭلىك تاغ تىزمىسى، قىرلىق تاغ چوققىلىرى ۋە قۇرغاق تاغ جىلغىسىدىكى ئۆزگىچە ئاي نۇرى شولىسى ھەم كۆلەڭگە، يەنە بۈرتۈپ چىققان چىرايلىق كاكتوس ئۈسسۈملۈكىنىڭ كۆرۈنۈشى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنى ئىنتايىن جەلپ قىلاتتى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N