مەن تۈزلەڭ يەرگە كىلىشىمگىلا ئېتىمنى چاپتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتىم. كەچ كىرەي دەپ قالغاندىلا ئاندىن باشقا ئىزلار بىلەن پوۋېلنىڭ ئىزى ئارلىشىپ كەتكەن جاينى تاپتىم. بۇ ئىزلار تاقىلانمىغان تۆت ئاتنىڭ ئىزى بولۇپ قارىماققا ئۇلارنىڭ تېز سۈرەتتە چاپتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولاتتى. مەن ئىزنى بويلاپ ئاتنى بولۇشىچە چاپتۇرۇپ تاكى تۈن قاراڭغۇسى يىيىلغىچە يۈردۈم. ئەمدى ئاينىڭ چىقىشىنى ساقلىماي بولمايتى. بۇنداق چاغدا قوغلاپ يىتىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ماڭا ئىنىق ئەمەس ئىدى، بەلكىم مەن ئويلىغان خەتەر يۈز بەرمەس، خۇددىي نىرۋىسى زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن قېرى خوتۇننىڭ ئويلىغىنىدەك. بەلكىم مەن پوۋېلغا يىتىشۋالغاندا ئۇ مېنىڭ پەمسىزلىكىمدىن ئۆزىگە دەخلى قىلغانلىقىمنى مەسخىرە قىلار. شۇنىسى مەن نېرۋىسى زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن ئادەم ئەمەس. ھاياتىمدا مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى قانداقلا سەۋەپ كەلتۈرۈپ چىقارمىسۇن، باشتىن ئاخىر بۇ خىل تۇيغىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدىم. دەل مۇشۇ تۇيغۇ مېنىڭ ئۈچ جۇمھورىيەتتە شان - شەروپ قۇچۇشۇمغا ياردەم قىلغان.بۇ شان - شەرەپلەر قۇدرەتلىك كونا پادىشاھلىق ھەم بىرقانچە بەگلىكلەرنىڭ ئوردىن ۋە دوستلۇقى بولۇپ، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋاقتىمدا جىسمىم كۆپ قىتىم قىپقىزىل قان بىلەن بۇيالغان ئىدى.
تەخمىنەن كەچ سائەت توققۇز بولغاندا ئاي نۇرى ئەتراپنى ئىنىق يورۇتۇپ مېنىڭ ئىلگىرلىشىمگە ۋە ئات ئىزغا قىلچە تۇسالغۇسىز ئەگىشىپ مىڭىشىمغا قۇلايلىق يارىتىپ بەردى. مەن شۇ ماڭغانچە تۈن نىسبىدىن ئاشقاندا ئاندىن توختۇدۇم. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللىقاچان پوۋېل ئارام ئېلىشنى كۆزلىگەن سۇ بۇيىغا يىتىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ يەر تىپ - تىنىچ بولۇپ ئادەم ئارام ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھىچقانداقئالامەتلەر يوق ئىدى. مەن ئىز قوغلىغۇچىلارنىڭ(ھازىر ئۇلارنىڭ ئىز قوغلىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى شەرتسىز مۇقۇملاشتۇرۇشقا بولاتتى) ئاياق ئىزىدىن ئۇلارنىڭ پوۋېلنى جىددىي قوغلاۋاتقانلىقىنى پەملىدىم. ئۇلار سۇ بۇيىدا بىردەم توختىغاندىن كىيىن پوۋېل بىلەن ئوخشاش سۈرئەتتە ئۇنى قوغلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن شۇنداق مۇقۇملاشتۇرالايمەنكى، ئىز قوغلىغۇچىلار ئىنىق ئابو قەبىلىسىدىكى ئىندىئانلار، ئۇلار پوۋېلنى تىرىك قولغا چۈشۈرمەكچى ھەم ئۇنى ئىچىنىشلىق قىيىن-قىستاققا ئېلىپ كۆڭلىنى ئاچماقچى. مەن بۇلارنى ئويلاپ دەرھال ئېتىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چاپتۇرۇپ، قىزىل تېرىلىك ئالۋاستىلار ھۇجۇم قىلىشتىن ئاۋال ئۇلارغا يىتىشىپ بېرىشنى قارار قىلدىم.
ئالدىمدا ئانچە يىراق بولمىغان يەردىن كەلگەن ئىككى قىتىملىق ئاجىز ئوق ئاۋازى بارلىق خىياللىرىمنى ئۈزۈپ قويدى. مۇشۇ ۋاقىتتا پوۋېل ماڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق. شۇلارنى ئويلىغىنىمدا مەن يەنە كىچىكىشنىڭ زور خاتالىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، ئېتىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چاپتۇرۇپ ئىگىز-پەس تاغ يوللىرى بىلەن ئوق چىققان تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. مەن بىر ئېنگىلىز مىلى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپەرەك يۈرگەن بولساممۇ مىلتىق ئاۋازى قايتا ئاڭلانمىدى. بۇ چاغدا تاغ يولى تويۇقسىز جىلغىغا قاراپ سوزۇلدى. جىلغىغا كىرىش ئېغىزىنىڭ چوققىسىغا يېقىن ئورۇندا بىر كەڭ كەتكەن ئىگىزلىك بار ئىكەن. بۇ ئىگىزلىككە كىرىشنىڭ ئالدىدا مەن بىر تار خەتەرلىك تاغ قىياسىدىن ئۆتكەن ئىدىم. ئىگىزلىككە چىقىپ كۆرگەن مەنزىرە مېنى تەشۋىشكە سالدى ۋە قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندۈردى.
بۇ كىچىك تۈزلەڭلىك شىمالىي ئامىرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ كۇنۇس شەكىللىك كىگىز ئۆيلىرى بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىماققا ئاپپاق كۆرىنەتتى. بەش يۈزدەك قىزىل تەنلىك ئىندىئان قەبىلە مەركىزىنىڭ يېنىدىكى مەلۇم نىشاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، پۈتۈن زىھنى بىلەن دىققەت نەزىرىنى قىزىقىش نۇقتىسىغا تىكىپ تۇراتتى. بەختكە يارىشا ئۇلار مېنى بايقىمىدى. شۇنداق بولغاچقا مەن ناھايىتى ئاسانلا تاغ قىياسىنىڭ قاراڭغۇ جايىغا بېرىپ ئۆزەمنى مۇتلەق بىخەتەر يۇشۇرۇپ قالالايتتىم. مەن ئۆزەمنى باتۇر ئەزىمەت دەپمۇ ھىساپلىمايتتىم. لېكىن، نەچچە يۈز قىتىملاپ ھالاكەتكە يۈزلەنگەن پەيتلەردە بىرەر قېتىممۇ قورقۇنچاقلىق قىلىپ باقمىغان. كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى مېنىڭ بۇ كاللام سەۋىرچانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزمەيلا بىلىپ بىلمەي مېنى مەجبورىي ھالدا مەسئولىيەتكە سادىق يولغا مېڭىشقا ئۆندەيدۇ.
مەن نەق مەيداننى كۆرگەندىن كىيىن دەرھال ئىككى دانە ئالتە ئاتار تاپانچامنى چىقىرىپ ئېتىمنى چاپتۇرۇپ توۋلىغان پىتىم ئىندىئان توپىغا باستۈرۈپ كىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتۈم. ئات ئۈستىدە بولغانلىقىم ئۈچۈن باشقا تېخىمۇ ياخشى تاكتىكا قوللۇنۇش مۇمكىن بولمايتتى. قىزىل تەنلىكلەر تۇيۇقسىز زەربە يەپ، ئۆزلىرىنى بىر گۇروپپا مۇنتىزىم قىسىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولساق كېرەك، دەپ ئويلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ ئوقيا ۋە قوراللىرىغا ئۆزلىرىنى ئاتتى.
پوۋېل ئارىزونا شىتاتى ئاسمىنىدىكى ئاينىڭ يارقىن نۇرى ئاستىدا يەردە ياتاتتى. بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە ئىندىئانلار ئاتقان ئوقيا ئوقى سانجىلغانتى. مەن ئۇنىڭ ئالىقاچان ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرغاندەك تېزلىك بىلەن ئونىڭ جەسىتىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشۇم، ئۇنىڭ جەسىدىنىڭ ئىندىئانلارنىڭ قولىدا نەچچە پارچە قىلىپ پارچىلىنىپ كىتىشىگە قاراپ تۇرماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن ئېتىمنى چاپتۇرۇپ پوۋېلنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئات ئۈستىدىلا جەسەتنىڭ ئوق تاسمىسىغا قولۇمنى ئوزۇتۇپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئاتنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا ئارتتىم. كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا كەلگەن يولۇم بىلەن قايتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا تاغ ئېغىزىنىڭ چىقىش يولىغا قاراپ ئات چاپتۇردۇم. بۇ چاغدا ئىندىئانلار مىنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ قوغلاپ كىلىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاي يورىقىدا توغرا قارىغا ئالالىشى ئىنتايىن تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز زەربىدىن قاتتىق پارەكەندىچىلىككە ئۇچۇرغانلىقى ھەم نىشانى تېز سۈرئەتتە يۆتكۈلۈشچان بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قىلىشقا ھەم ئۇلارنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ قوغلاپ كەلگىچە ئۆزەمنى تاغ قاپتاللىرىنىڭ يۇشۇرۇن جايلىرىغا ئېلىپ بېرىشقا كۆزۈم يىتەتتى. ئېتىم يولنى ماڭا قارىغاندا توغرا بىلىدىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا مېنىڭ باشقۇرۇشۇمسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئەپچىللىك بىلەن مىڭىپ يۈرۈپ تاغ ئېغىزىغا تۇتۇشىدىغان يولغا ئەمەس، ئەكسىچە تاغ چوققىسىغا چىقىدىغان خەتەرلىك يولغا كىرىپ قاپتۇ. مېنىڭ ئويۇمچە بولسا تاغ ئېغىزىدىن مىڭىپ جىلغىغا بېرىپ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئىدى. ئاتنىڭ دەل مۇشۇندا خاتا يولغا كىرىپ قىلىشى ھاياتىمنى بىر قىتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالدى ھەم مېنىڭ كىيىنكى ئون يىل جەريانىدا غەلىتە، ئەمما ئىنتايىن مەنىلىك ئىشلارنى، ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈشۈمگە ۋە قورقۇنۇچقا تولغان تەۋەككۈلچىلىك ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشۈمگە سەۋەپچى بولدى.
سول تەرەپتىن قوغلاپ كىلۋاتقان قىيا - چىيا ئاۋازنىڭ بارا - بارا ئاجىزلىشىپ كىتۋاتقانلىقىنى بىلگەن چىغىمدىلا ئاندىن مىنىڭ ئەسلىدىكى بارماقچى بولغان يولغا ماڭمىغانلىقىمنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندىم. بۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ ئىگىزلىكنىڭ يان تەرەپىدىكى ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاش قاتلىمنىڭ سول تەرپى بىلەن قوغلاپ كەتكەنلىكىنى، مېنىڭ ئېتىم مەن ۋە پوۋېلنىڭ جەسىدىنى يۈدۈپ تاش قاتلىمىنىڭ ئوڭ تەرپى بىلەن چىپىپ كىتۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. كىچىك بىر تەكشىلىكتە ئېتىمنىڭ تېزگىنىنى تارتىپ توختاپ، سول تۆۋەن تەرەپتىكى تاغ يولىغا نەزەر تاشلاپ مېنى قوغلاپ كىلۋاتقانلارنىڭ خوشنا تاغ چوققىسىدا غايىپ بولغانلىقىنى كۆردۈم.

Prev | Next
Pg.: 1 2 3 4 5 6 7 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N