بۇلار ئالىقاچان يوقالغان، ھەم ئىنسانلار تەرپىدىن ئۇنتۇلغان بىر دۇنيانى كىشىلەرنىڭ تۇنجى قىتىم بايقىغىنىغا ئوخشايتى. بۇلار شەكىللەندۈرگەن مەنزىرە يەرشارىدىكى ھەرقانداق بىر يەرنىڭ مەنزىرىسىدىن جىق پەرق قىلاتتى.
مەن مۇشۇنداق پىكىر يۈرگۈزۋىتىپ كۆزۈمنى يەر يۈزىدىن يىراق ئاسمانغا تىكتىم. سانسىزلىغان يۇلتۇز يەر شارىدىكى مەنزىرىگە ئاجايىپ گۈزەل ھەم ئىنتايىن ماس كەلگەن كائىنات يىپىنچىسى ھازىرلىغان ئىدى. مېنىڭ دىققىتىم ناھايىتى تېزلا يىراق ئۇپۇق سىزىقىنىڭ يىنىدا كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر چوڭ قىزىل رەڭلىك يۇلتۇز تەرپىدىن تارتىپ كىتىلدى. مەن بۇ يۇلتۈزنى پۈتۈن دىققىتىم بىلەن كۆزۈتۋاتقان چاغدا بىر خىل غايەت زور تارتىش كۈچىنىڭ مېنى ئۆزىگە تارتۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ يۇلتۇز دەل مارس - ئۇرۇش ئىلاھى ئىدى. مېنىڭدەك بىر ئەسكەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ سىھرى كۈچىگە قارىشى تۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئادەتتىن تاشقىرى يارقىن، گىگانت بولۇپ، يىراقتا، تىنىق ئاسماندا تەنھا ئېسىلىپ تۇراتتى. مەن قاراڭغۇ كېچىدە ئۇنى كۈزۈتۋاتقىنىمدا ئۇ تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان يىراق بوشلۇقتىن مېنى چاقىرۋاتاتتى، يېنىغا بېرىشقا جەلپ قىلۋاتاتتى، مېنىڭ كىلىشىمنى كۈتۋاتقاندەك قىلاتتى.
مېنىڭ ئۇنىڭ قىشىغا بېرىش ھەۋىسىمنى ھىچ نەرسە توسۇپ قالالمايتتى.ئۇنىڭ سىھىرلىكلىگى، سىرلىقلىقى مېنى ئۆزىگە رام قىلۋالدى. مەن ئىختىيارسىز كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئىككى قولۇمنى ئۇرۇش ئىلاھىغا ئۇزاتتىم. مەن خىيالدەك يوقىرى تېزلىك بىلەن ئىنسان مېڭىپ باقمىغان ئىندوكسىيە بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ ئۇرۇش ئىلاھى تەرپىدىن تارتىپ كىتىلدىم. مەن ئىنتايىن سۇغۇق ۋە قاراڭغۇلۇقنى ھىس قىلدىم.
ئۈچۈنچى باپ
مەن مارسقا كەلدىم
كۆزۈمنى ئېچىپ بىر قەدىمىي مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مارسقا يىتىپ بارغانلىقىم ئايان بولدى. مېنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىم يوق، ئەس ھۇشۇم جايىدا، مىڭەم سەگەك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ھىسسىي تۇيغۇ ماڭا مارستا ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ بەرمەكتە، خۇددى سىزنىڭ يەر شارىدا ئىكەنلىكىڭىزنى سىزگە ئېيتىپ بېرۋاتقىنىدەكلا. مەن مارىستا ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلانمايمەن، خۇددى سىزمۇ يەرشارىدىلىقىڭىزدىن گۇمانلانمىغاندەك.
مەن ئۆزەمنىڭ سارغۇچ بىر خىل يىپىنچا ئۆسۈملۈك ئۈستىدە ياتقانلىقىمنى بايقىدىم. بۇ ئۆسۈملۈك مېنىڭ تۆت ئەتراپىمدا كۆز يەتكۈسىز ھالدا بىر نەچچە ئېنگىلىز مىلى يېيىلىغان ئىدى. مەن بىر دانە چوڭ يومۇلاق تەخسە شەكىللىك ئويمان يەردە ياتاتىم. ئەتراپقا نەزەر تاشلىغاندا بۇ يەرنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ چۆردەپ تۇرغان كىچىك تاغلارنىڭ ئىگىز - پەس قانونيەتسىز تۈزلۈشىنى پەرق ئەتكىلى بولاتتى.
بۇ دەل چۈش ۋاقتى بولغاچقا قوياش نۇرى ماڭا تىك چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تەپىتى مېنىڭ يالىڭاچ بەدىنىمگە چۈشۈپ قىزىق ئىفىكت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىزونا شىتاتىنىڭ ئاپتىپىدىن ئاجىز ئىدى. ھەممىلا يەردىكى تاشلار قۇياش نۇرىدا يالت - يۇلت چاقناپ خۇددى كۇۋارتىستەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. نەزىرىم سول تەرپىمدىكى ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرغان تەخمىنەن يۈز يارد ئۇزۇنلۇقتىكى پاكار قورشاۋ تامغا چۈشتى. تامنىڭ ئىگىزلىكى تۆت فوت ئەتراپىدا كىلەتتى. ئەتراپتا يىپىنچا ئۆسۈملۈكتىن باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۆزەمنىڭ سەل ئۇسىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا ئەتراپنى تەكشۈرۈپ بىقىش قارارىغا كەلدىم.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۋىتىپ چۈچۈپ كەتتىم، چۈنكى ئورنۇمدىن تۇرۇش ھالىتىم يەر شارىدىكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە ئورنۇمدىن تۇرغان چاغدىكى كۈچۈنۈش مېنى يەر يۈزىدىن ئۈچ يارد ئەتراپىدا كۆتۈرۋەتتى ھەم يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشكىنىمدە روشەن سىلكىنىشنى بايقىمىدىم. ئارقىدىنلا بىر تالاي كۆلكىلىك ئىشلار يۈز بەردى. مەن يول مىڭىشنى يېڭى باشتىن ئۆگەنمىسەم بولمايدىغاندەك قىلاتتى. يەر شارىدىكى بىر قەدەم ئېلىش ئۈچۈن مۇسكىللار پەيدا قىلغان كۈچ مارستا ئىنتايىن قىزىقارلىق ھەركەت ھاسىل قىلىدىكەن. مەن ئىختىيارسىز رەڭگى - تۈرلۈك قىلىقلارنى چىقىرىپ نورمال يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم. ھەر بىر سەكرىشىمدە يەر يۈزىدىن نەچچە فوت كۆتۈرلۈپ كىتەتتىم، ئىككىنچى ، ئۈچۈنچى قەدەمنى تاشلىغىنىمدا يەرگە يىقىلغانلىقىمنى ياكى ئوڭدامغا چۈشكەنلىكىمنى كۆرەتتىم. مەن تېزلا بۇنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. ئەسلىدە مېنىڭ مۇسكۇللىرىم يەر شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچىگە ئادەتلەنگەچكە مارسنىڭ ئاجىز تارتىش كۈچى ۋە ئاتمۇسفورا بىسىمىغا كۈنەلمىگەن ئىدى. ھەرقانچە كۆڭۈل قويۇپ تىرىشساممۇ مەغلۇپ بولاتتىم. يەر شارى ئىنسانلىرىغا خاس بولغان ھەربىر ھەركىتىممۇ مېنى توپتەك قاڭقىتىپ يوقىرىغا تاشلايتتى.
مەن ئالدى بىلەن پاكار قورشاۋ تامنى تەكشۈرۈپ بىقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئەتراپتا ھىچقانداق باشقا ئىمارەت ياكى دەل - دەرەخ يوق بولۇپ پەقەت مۇشۇ قۇرلۇشلا بۇ يەردە ئادەم بارلىقىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى ئىدى. شۇڭا تامنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن مېنىڭ قىلىدىغان بىردىن بىر ئىشىم بىرىنچى ھەركەت قانونىيىتى - ئۈمۈلەش بولدى. مېنىڭ ئۆمۈلەش ھەركىتىم يامان ئەمەس بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قورشاۋ تامنىڭ يېنىغا يىتىپ باردىم. قورشاۋ تامدا ئىشىك ياكى بىرەر دىرىزىمۇ كۆرۈنمەيتتى. مەن ئىھتىيات بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تامنىڭ ئۈستىدىن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان غەلىتە مەنزىرىگە نەزەر سالدىم.
قورشاۋ تامنىڭ ئۆگزىسى قاتتىق ئەينەكتىن ياسالغان بولۇپ قىلىنلىقى تۆت-بەش فوت كېلەتتى. ئەينەك ئۈگزىنىڭ ئىچىدە ئاق رەڭلىك، يۇپيۇمۇلاق نەچچە يۈز دانە تۇخۇم تۇراتتى. تۇخۇملارنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىردەك، دىئامېتىرى تەخمىنەن ئىككى يېرىم فوت ئەتراپىدا ئىدى.
دەل شۇ چاغدا بەش - ئالتە تۇخۇم يېرىلىپ، ئىچىدىن شەكىلى غەيرى بىر نەرسە چىقىپ بىر چەتكە بېرىپ ئەينەكتىن چۈشۈپ تۇرغان قۇياش نۇرى ئاستىدا ئولتۇرۇپ كۆزنى چىمىلداتقىلى تۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ ئەس - ھۇشۇمنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. بۇ نەرسىلەرنىڭ گەۋدىسى ئاساسەن باش قىسمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ بەدىنى ناھايىتى ۋىجىك، بوينى ئۇزۇن، ئالتە پۇتلۇق ئىدى. مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم بۇيىچە ئۇلارنىڭ ئىككى قولى، ئىككى پۇتى بار، يەنە ئىككى قۇلى پۇت بىلەن قولى ئارلىقىغا ئۆسكەن ئىككى تال خالىسا قول ياكى پۇت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەزاسىدىن ئىبارەت ئىدى. ئىككى كۆزى بېشىنىڭ مەركىزىنىڭ سەل ئۈستى ئىككى يانغا جايلاشقان بولۇپ، باش قىسمىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىپ تۇراتتى، ھەم ئالدىغا ھەم ئارقىغا قارىيالايتتى، بىشىنى بۇرىماي تۇرۇپمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنى كۆزىتەلەيتتى. شۇڭا بۇ غەلىتە نەرسىنى ھەرقانداق تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتۇ دىسە خاتا بولمايتتى. قولىقى كۆزىنىڭ سەل ئۈستى تەرىپىدە ئۆزئارا يېقىن جايلاشقان، ۋىجىك، ئۈچ بولۇڭ شەكىلىك بولۇپ ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان بۇ ھايۋانلارنىڭ بىشىدىن ئارانلا بىر سۇڭ ئەتراپىدا چىقىپ تۇراتتى. بۇرنى توغرا يېرىقچە شەكىلىدە يۈزىنىڭ مەركىزىگە، ئېغىزى بىلەن قولقىنىڭ ئارلىقىغا ئۆسكەن ئىدى. بەدىنىدە تۈك يوق، تېرىسى سېرىققا مايىل يېشىل ئىدى. مەن ئۇزاق ئۆتمەي قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ تېرىسى زەيتون دەرىخى رەڭگىدە قىنىق، ئەركىكىنىڭ رەڭگى چىشىسىنىڭكىدىن توق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ باش- گەۋدە سىلىشتۇرما نىسبىتى يېڭى چىققانلارنىكىدىن چوڭ پەرق قىلاتتى. چوڭلىرىنىڭ بەدەن شەكىلى ئاساسىي جەھەتتىن يەر شارى ئادەملىرىنىڭكىگە يىقىن كېلەتتى. كۆزى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭكىدەك قان رەڭگىدە بولۇپ ، كۆز قارچۇقى قارا ئىدى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N