ئىندىئانلار ئۇزۇنغا بارمايلا يولنى خاتا ماڭغانلىقىنى بىلىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا ناھايىتى تېزلا ئىزىمنى تىپىۋىلىپ توغرا يۈلۈنۈشكە قاراپ قايتىدىن مېنى قوغلاپ كىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئالدىمدا خېلى تۈز بىر تاغ يولى ناھايىتى ئېگىز بىر تىك يارغا يېيىلىپ ياتاتتى. مەن ئالدىمغا بىرئاز ماڭدىم. بۇ تاغ يولى كەڭ ھەم تەكشى، يوقىرىغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، مەن بارماقچى بولغان تەخمىنىي يۈلۈنۈشكە تۇتىشاتتى. ئوڭ تەرپىم ئىگىزلىكى نەچچە يۈز فوت كىلىدىغان تىك يارغا، سول تەرپىم تىك تۈۋەنگە ، چوڭقۇرلىقى يەتتە يۈز فوت كىلىدىغان تاغ جىلغىسىغا تۇتۇشاتتى. مەن تاغ يولىغا قاراپ ئالاھىزەل يۈز يارد ماڭغاندىن كىيىن، تۇيۇقسىز يۈلۈنىشىمنى ئوڭغا جىددى بۇراپ بىر چوڭ تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۆڭكۈرنىڭ ئىگىزلىكى تۆت فوت، كەڭلىكى ئۈچ - تۆت فوت بولۇپ مۇشۇ تاغ يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئىدى. بۇ چاغ تاڭ سەھەر ۋاقتى بولۇپ، ئارىزونا شىتاتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان مەنزىرىسى شۇكى تاڭ ئېتىشنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق ئالامەت يوق بولۇپ كۈندۈزى تۇيۇقسىزلا يىتىپ كىلەتتى.
مەن ئاتتىن چۈشۈپ پوۋېلنىڭ جەسىدىنى يەرگە قويدۇم. جەسەتنى ئىنچىكە كۆزۈتۈپمۇ ھاياتلىقتىن بىشارەت بېرىدىغان بىرەر ئالامەتنى بايقىمىدىم. مەن سۇداندىكى سۇنى ئۇنىڭ ئېغىزىغا قۇيۇدۇم، يۈزىگە چاچتىم ھەم ئۇنىڭ ئىككى قولىنى سىيلىدىم. قايتا تىرىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلسەممۇ يەنىلا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن جىددى قۇتقۇزدۇم. مەن پوۋېلغا ناھايىتى ئامراق ئىدىم، ئۇ ھەرقايسى جەھەتلەردىن يىتىشكەن ئەزىمەت، ياخشى تەربىيە كۆرگەن جەنوپلۇق بولۇپ قەتئى، مەرد، سادىق ھەمراھلاردىن ئىدى. مەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان ئىنتايىن چوڭقۇر ئازاپ ئىچىدە ئۇنى داۋاملىق چاقىرىشنى توختاتتىم. پوۋېلنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر پارچە تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغاندىن كىيىن ئۆڭكۈرگە كىردىم ۋە ئىچىنى كۆزەتتىم. ئۆڭكۈر ئىچىدە چوڭ بىر غار بولۇپ دىئامېتىرى تەخمىنەن يۈز فوت ، ئىگىزلىكى 30-40 فوت كىلىدىكەن. تەكشىلەنگىنىگە ئۇزۇن بولغان تۈپتۈز يەر يۈزى، كۆيدۈرۈلگەن ئوتۇننىڭ كۈلى ۋە باشقا قالدۇق نەرسىلەر بۇ يەردە ئىلگىرى ئادەم تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۆڭكۈرنىڭ كەينى تەرپى قاراڭغۇ بولۇپ، باشقا غارلارغا تۇتۇشىدىغان يولنىڭ بار-يوقلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتى. مەن ئالدىمغا كىتۋىتىپ تاتلىق ئۇيقا كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ ئاتلىق ئۇزۇن يول باسقانلىقتىن ھاردۇق يەتكەنلىكى ھەم جەڭ قىلىش ۋە قېچىش جەريانىدىكى زىيادا چارچاشتىن بولۋاتقان ئەكس تەسىر ئىدى. ئۆڭكۈردە تۇرۇپ ئۆزەم يالغۇز بىر توپ ئاتلىق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيتتى. شۇڭا بۇ يەر مەن ئۈچۈن بىرقەدەر بىخەتەر بىلىندى.
ئۇزاق ئۆتمەي تاتلىق ئۇيقۇ مېنى ھالسىزلاندۇرۇپ يەردە يىتىپ بىردەم ئارام ئېلۋىلىشتەك كۈچلۈك ئىستەككە قارىشى تۇرۇش چىدامچانلىقىمنى بىتچىت قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. ئەمما مەن بۇ يەردە ئۇخلىسام ھەرگىز بولمايدۇ. چۇنكى بۇنداق قىلسام مېنىڭ قىزىل تەنلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈشۈم مۇقەررەرلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ماڭا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. مەن خۇددى مەست بولۇپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش ئۆڭكۈر تاملىرىغا چاپلىشىپ جىسمىمدىكى ئاخىرقى ماغدۇرنى قول - پۇتلىرىمغا يىغىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلىدىم. لېكىن ئاخىرى يۈزۈم يەرگە قارىغان پىتى تامدىن سىيرىلىپ يىقىلدىم.
ئىككىنچى باپ
گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلۇش

تاتلىق ئويقۇ مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلۋالغان ئىدى. مۇسكوللىرىم بوشۇشۇپ ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا يىقىنلاپ كىلۋاتقان ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى قولۇقۇمغا كىردى. ئورنۇمدىن تۇراي دىسەممۇ مۇسكۇللىرىم ماڭا بوي سۇنمىغاندەك بېلىندى. سىرتتىكى ئاۋازلارنىڭ يېقىنلىشىدىن سەل سەگەكلىشىپ تەستە كۆزۈمنى ئاچتىم. ئەمما مۇسكۇللىرىم ئالىقاچان ھەركەتتىن قالغان بولۇپ بىر پارچە تاشقىلا ئوخشايتتى. دەل شۇ پەيتتە مەن ئاچىماق شەكىلدىكى ئىككى يولغا بۆلۈنگەن ئاجىز تۇماننىڭ ئۆڭكۈر ئىچىگە تولغانلىقىنى بايقىدىم. تۇمان ناھايىتى شالاڭ بولۇپ پەقەت قوياش نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان ئۆڭكۈر ئېغىزىدىلا ئۇنى كۆرگىلى بولاتتى. غىدۇقلىغۇچى بىر خىل سېسىق پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. شۇ ھامان ئۆزەمنىڭ زەھەرلىك گازنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىمنى پەرەز قىلدىم. ئەمما ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، پۇت - قولۇم مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا بوي سۇنماي مىڭ توننا تاشتەك قىمىر قىلماي تۇراتتى.
مەن يۈزۈمنى ئۆڭكۈر ئاغزىغا قارىتىپ ياتاتتىم، شۇڭا ئۆڭكۈر بىلەن تاغ قاپتىلىنى ئايلىنىپ ئۆتكەن تاغ يولىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئوتتۇرلۇقىدىكى كىچىك بىر بۆلۈك تاغ يولىنى كۆرەلەيتىم. يىقىنلاپ كىلۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاللىقاچان توختىغان ئىدى. مەن ئىندىئانلارنىڭ ئۇششاق تاش پارچىلىرىنى ئاستا -ئاستا دەسسەپ، ماڭا قاراپ ئوغۇرلۇقچە يېقىنلىشۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدىم. مەن كۆڭلۈمدە ئۇلارنىڭ مېنى تېزەرەك بىرتەرەپ قىلۋىتىشىنى ئۈمىد قىلدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى تۈرلۈك قىيىن - قىستاق ئۇسوللىرىنى قولۇنۇپ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈشىنى خالىمايتتىم.
ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاجىز بىر ئاۋازدىن ئۇلارنىڭ ماڭا خېلى يېقىنلا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. بىشىغا قۇش پىيىدىن چەمبىرەك كىيۋالغان ، يۈزىگە تال - تال سىزىقلار سىزىلغان بىر يۈزنىڭ ئىھتىيات بىلەن تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ ئېغىزىدىكى كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر پارچە قۇرام تاشنى ئايلىنىپ ئۆتكەنلىكىنى، كەينىدىنلا ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزنىڭ ماڭا مىقتەك قادالغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقتتا كۈن نۇرى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن ئۆتۈپ مېنىڭ بەدىنىمگە چۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۆڭكۈر ئىچىدىكى خىرە يورۇقلۇق ئىچىدە مېنى كۈزىتىۋاتاتتى.
ئۇ ئەبلەخ ماڭا يىقىنلاشمىدى، ئەكسىچە جايىدا تۇرۇپ ماڭا تىكىلدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى بۆرتۈپ چىققان، قاپىقى تۆۋەنگە ساڭگىلىغان سەت، بەتبەشىرە ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر قورقۇنۇچلۇچ چىراي كۆرۈندى ، ئارقىدىنلا ئۈچىنچى ، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى چىراي كۆرۈندى. ئۇلار تۇرۋاتقان ئورۇن تار بولغاچقا قىستىلىشىپ بوينىنى سوزۇپ ئالدىكى ئەبلەخنىڭ مۇرىسىدىن بىشىنى چىقىرىشىپ، نۈۋەتلىشىپ بەتبەشىرە چىرايلىرىنى كۆرسىتىشەتتى. ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى پەقەت ئون يىلدىن كىيىنلا ئاندىن چۈشەندىم. ماڭا قارىشىپ تۇرغان بۇ ئەبلەخلەرنىڭ كەينىدە ئىنىقكى، يەنە بىر توپ خۇمپەر بار، ئالدىدىكىلەر كەينىدىكىلەرگە بولۋاتقان ئەھۋالنى ئاستا يەتكۈزگەن ئىدى.
ئاجىز، ئەمما ئىنىق ئاڭلىغىلى بولىدىغان بىر خىل ئاۋاز كەينىمدىكى غارنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن چىقىپ ئىندىئانلارنىڭ قولقىغا كىرىشىگە ئۇلار قورۇققىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا قاچتى. ئۇلار مېنىڭ كەينىمدىكى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىدىن قاتتىق چۈچۈپ ئالدىراپ - تىنەپ قېچىشماقتا ئىدى. ھەتتا ئۇلاردىن بىرى تامدىن غۇلاپ تاشنىڭ ئۈستىگە يېقىلىپ چۈشتى. ئىندىئانلارنىڭ قىيا-چىيالىرى تاغ جىلغىسىدا كۈچلۈك ئەكس سادا پەيدا قىلىغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز جىمىپ قالدى. نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنەلمەيلا قالدىم.
ئىندىئانلارنى قورقۇنۇچقا سالغان بايقى ئاۋاز قايتا پەيدا بولمىدى. ئەمما بۇ ئاۋاز مېنىڭ كەينىمدىكى غارنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يۇشۇرۇنغان قورقۇنۇچلۇق بىر نەرسىنى پەرەز قىلىشىمغا يىتىپ ئاشاتتى.

Prev | Next
Pg.: 1 2 3 4 5 6 7 8 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N