مەن ئالدىمدىكى بىر كىچىك تاغ ئۇمۇرتقىسىغا يامىشىپ چىقتىم ۋە ئەتراپتىكى مەنزىرىدىن ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدىم.
مەن تامامەن بىر يېڭىچە دۇنيانى، يېڭىچە بىر تۈزلەڭلىكنى كۆردۈم. يىراقتىكى كۈمۈش رەڭلىك تاغ، ئاسماندا تېپتىنىچ تۇرغان ئاي، ئايىقىم ئاستىدىكى كاكتوس ئۈسكەن تاغ جىراسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئۆزەمنىڭ مارستا ئەمەسلىكىمنى شەرتسىز ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۆز كۈزۈمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم. ئەمما ئەمىلىيەت بۇنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى- مەن راستىنلا تاغ ئۈستىدىن ئارىزونانىڭ كەڭ زىمىنىغا نەزەر تاشلاپ تۇراتتىم.
قاتتىق قايغۇ ئىچىدە بىشىمنى تۆۋەن سىلىپ تاغ ئارسىدىكى كىچىك چىغىر يول بىلەن ئۆڭكۈردىن ئايرىلدىم.
باش ئۈستۈمدە مارس كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سىرلىرىنى مۇجەسسەم قىلىپ بوشلۇقتا، 48 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتا قىپقىزىل كۆزلىرىنى جىمىرلاتماقتا ئىدى.
ھىلقى مارسلىقلار تۇشۇغۇچى پومپا ئۆيىگە يىتىپ بارالىغاندىمۇ؟ ھاياتلىقنى ساقلاپ قالىدىغان ئاتمۇسفىرا يىراقتىكى بۇ پىلانتقا قويۇپ بېرىلگەندىمۇ؟ ئۇنىڭ خەلقى ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالغاندىمۇ؟ مېنىڭ تۇررېسىم ھىلىمۇ ھاياتمىدۇ ياكى خىرىئان خانى تاردوس مورسنىڭ ئوردىسى ئالدىدىكى گۈلۈكتە ئۇنىڭ گۈزەل، ئەمما روھسىز جىسمى تۇخۇم قويۇلغان قاچىنىڭ يېنىدا ياتامدۇ؟
ئون يىلدىن بۇيان كۈتۈپ كىلۋاتىمەن، بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تىپىلىشىنى تىلەۋاتىمەن. ئون يىلدىن بۇيان مەن مۇھەببىتىمنى يوقۇتۇپ قويغان دۇنياغا قايتىپ كىتىش ئۈچۈن ساقلاۋاتىمەن، دۇئا قىلۋاتىمەن. مەن ئۇنىڭ يېنىدا كۆز يۇمۇشقا چىن قەلبىمدىن رازىكى ئۇنىڭدىن مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارىدا ئۆلۈشنى ھەرگىز خالىمايمەن.
ئالتۇن كان تېخى باشقىلار تەرپىدىن بايقالماپتۇ. ئۇ مەن ئۈچۈن غايەت زور بايلىق. شۇنىسى مەن بۇ بايلىقلارنى نىمە قىلىمەن؟
بۈگۈن كەچتە مەن خادسۇن دەرياسىنىڭ بۇيىغا سېلىنغان كىتاپخانامدا ئولتۇرۇپتىمەن. بىرىنچى قىتىم مارستا كۆزۈمنى ئاچقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە توپتوغرا يىگىرمە يىل ئۆتۈپ كەتتى. يېزىق ئۈستۈلۈمنىڭ يېنىدىكى كىچىك دىرىزىدىن ئۇنىڭ بوشلۇقتا جىمىرلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈن كەچ ئۇ مېنى قايتىدىن چاقىرۋاتقاندەك قىلماقتا. شۇ قىتىمقى ھالاكەتلىك كېچىدىن كىيىن ئۇ مېنى بىر قىتىممۇ چاقىرىپ باقمىدى.
چەكسىز ھەم قورقۇنۇچلۇق ئالەم بوشلىقىدىن ئۆتۈپ بىر چىرايلىق ئايالنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇ خان ئوردىسىنىڭ گۈللىكىدە تۇراتتى. يېنىدا بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئۇنىڭغا چىڭ يىپىش تۇرماقتا. ئۇ قولى بىلەن يەر شارىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئىسىل پەزىلەتكە ئىگە بەتبەشىرە بىر مەخلۇق بار...
مەن ئىشىنىمەن، ئۇلار ئۈمۈد بىلەن مېنى كۈتمەكتە، بۇنى مەن ھامان بىر كۈنى چۈشۈنىمەن.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N