كۆز ئالمىسىنىڭ رەڭگى چىشنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش ناھايىتى ئاق ئىدى. بۇ ئالامەتلەر ئۇلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق چىرايى بىلەن قوشۇلۇپ ناھايىتى ياۋۇز تەسۋىر پەيدە قىلغان ئىدى. تۆۋەنكى چىشى يوقىرىغا قاراپ ئىگىلگەن ھالدا ئۆسكەن بولۇپ، ئۆتكۈر ئۇچى تەخمىنەن يەر شارى ئىنسانلىرىنىڭ كۆز ئورنىغىچە كىلەتتى. چىشى قار رەڭگىدە ئاق بولۇپ نۇر چىقىرۋاتقان ساپالغا ئوخشاش ناھايىتى روشەن ۋە ئىنتايىن ۋەھشى كۆرۈنەتتى. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن كىيىن بىلدىم. چۈنكى مېنىڭدە بۇ يېڭى نەرسىلەرنى تەپەككۈر قىلغۇدەك ۋاقت تامامەن يوق ئىدى. مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەرنىڭ تۇخۇمدىن چىقۋاتقانلىقىنى كۆزىتىۋاتقان چىغىمدا، كەينىمدە يىگىرمە نەپەر ياش مارس ئادىمىنىڭ يىقىنلاپ كەلگەنلىكىنى سەزمىگەن ئىدىم.
مارسلىقلار يىپىنچا ئۈسۈملۈك ئۈستىدە تىپتىنىچ، ئاۋازسىز مىڭىپ كەلمەكتە. بۇ ئۈسۈملۈك ئەمىلىيەتتە ئىككى قار - مۇزلۇق قۇتۇپ ۋە تارقاق تېرىلغۇ يەردىن باشقا پۈتكۈل مارس يۈزىنى قاپلىغان ئىدى. مارسلىقلارنىڭ مۇدىئاسى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، ئەسلى مېنى ناھايىتى ئاسانلا تۇتقۇن قىلماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق چاغدا ئەڭ ئالدىدىكى بىرىنىڭ قورالى چىقارغان ئاۋاز مېنى ئاگاھلاندۇردى.
مۇنداق بىر كىچىك ۋەقە مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. بۇنداق دائىم ئاسانلا خەتەردىن قۇتۇلۇپ قىلىشىم مېنى ئەجەپلەندۈردى. ئەگەر بۇ بىر ئەترەت ئادەمنىڭ باشلىقىنىڭ قورالى(بۇ قورال ئات ئىگىرىنىڭ يېنىدىكى ئىلغىغا ئېلىقلىق ئىدى.) سىلكىنگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ مېتال بىلەن تېڭىلغان ئۇزۇن نەيزىسىگە تىگىپ كەتمىگەن بولسام مەن ئاللىقاچان ئۈلۈمنىڭ يىقىنلاپ كىلۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز ھالدا ئۇلار تەرپىدىن يوقۇتۇلغان بولاتتىم. ئەمما نەيزىگە تىگىشىم بىلەنلا پەيدا بولغان ئاجىز ئاۋازدىن مەن كەينىمگە بۇرۇلدۇم، بىر نەيزىنىڭ ئۇچى كۆكرىكىمدىن ئون فوتتەكلا يىراقلىقتا تۇراتتى، نەيزىنىڭ ئۇزۇنلىقى قىرىق فوت ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆتكۈر ئۇچى پارقىراق مىتالدىن ئىشلەنگەن ئىدى، نەيزە تۇتقان ئەبلەخنىڭ رەڭگى - رويى تۇخۇمدىن چىقۋاتقان غەيرىلەر بىلەن ئوپئوخشاش، ئاتقا مىنگەن بولۇپ نەيزىنى بېلىگە تىرەپ تۇتۇپ تۇراتتى.
ئۈچمەنلىك بىلەن ماماتلىقنىڭ دەھشىتى ھەم قورقۇنۇچىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇ مەخلۇقلارغا قارىغاندا ئەينەك ئۆي ئىچىدىكى مەخلۇقلار يەنىلا ناھايىتى يىقىملىق ۋە زىيانسىز كۆرۈنەتتى. مەن ئالدىمدا تۇرغانلارنى ئادەم دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئىگىزلىكى ئون بەش فوت ئەتراپىدا بولۇپ، يەر شارىدا بولسا بۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆت يۈز قاداق ئەتراپىدا چىقىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ تۆۋەندىكى ئىككى قولى بىلەن ئۆزى مىنگەن ھايۋاننىڭ گەۋدىسىنى قاماللاپ تۇتىۋالغان، ئىككى ئوڭ قولى نەيزە تۇتقان ھالدا بىلىگە تەكشى تىرەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى بىزنىڭ ئات مىنىشىمىزگە ئوخشاپ قالاتتى. ئىككى سول قولى يان تەرەپكە قاراپ تەكشى سوزۇلغان بولۇپ بۇ ھەركىتى ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرەتتى. ئۇ مىنۋالغان ھايۋان ئىگەرلەنمىگەن بولۇپ چولۋۇرىمۇ كۆرۈنمەيتى.
ئۇنىڭ ئاستىدىكى مىنىۋالغان ھايۋانى يەر شارى تىلى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايتتى. بۇ نەرسىنىڭ مۈرىسى يەر يۈزىدىن ئون فوت كۆتۈرلىگەن ، ئىككى تەرپىدە تۆتتىن پۇتى، كەڭ ياپىلاق قۇيرىقى بار، گەۋدىسىنىڭ كەينى تەرىپى باش تەرىپىدىن يوغان، كېلەڭسىز ئىدى. ئۇ تېز ماڭغاندا قۇيرۇقى كەينىگە قاراپ تۈزلىنەتتى. يېرىق شەكىلدىكى ئاغزى ئونىڭ بۇرنىدىن باشلاپ چوڭ ھەم ئۇزۇن بوينىغىچە سوزۇلغان بولۇپ بېشىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇراتتى. تېرىسى ئىگىسىگە ئوخشاشلا تۈكسىز بولۇپ كۆك قارا رەڭدە ناھايىتى سىيلىق ۋە پارقىراق ئىدى. قۇرساق قىسمى ئاق رەڭدە بولۇپ ئالدى - كەينى پۇتى، مۈرىسى ۋە ساغرا قىسمىدىن باشلاپ ئەسلىدىكى كۆك قارا رەڭدىن بارا- بارا روشەن سېرىق رەڭگە ئۆزگەرگەن ئىدى. پۈت قىسمى گۆشلۈك بولۇپ تىرنىقى بولمىغاچقا ئالغا ئىلگىرلىگەندە ئاياق تېۋىشى چىقمايتى. بۇندىن باشقا پۈتى ناھايىتى كۆپ بولۇپ مارس ھايۋانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىدى. كىيىن بىلسەم مارستا پەقەت ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئادەم ۋە باشقا بىرخىل ھايۋاندىلا تىرناق ئۆسىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مارستا تۇياقلىق، تىرناقلىق ھايۋان يوق ئىكەن.
بىرىنچى بولۇپ يىتىپ كەلگەن مارسلىقنىڭ كەينىدە يەنە ئون توققۇز مارسلىق بار ئىدى. ئۇلار ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۆزئارا ئوخشاش بولۇپ مەن كىيىن خۇددى بىز ئىنسانلار تاشقى جەھەتتىن ئوخشاش بولساقمۇ ئوپئوخشاش ئىككى ئادەم بولمىغىنىغا ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلدىم. بۇ ھالەت ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا مارسقا چىقىپلا تۇنجى كۆرگەن قاباھەتلىك چۈش كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇلارغا يۈزلەنگەن چىغىمدىلا مەندە تۇيۇقسىز بىر قورقۇنۇچلۇق تەسىرات پەيدا قىلدى.
مەن ھىچقانداق قورال ئالمىغان ھەم قىپيالىڭاچ بولساممۇ، ئەمما نەيزىدىن ئۆزەمنى ئېلىپ قىچىشتىن ئىبارەت بىرىنچى تەبئى قانونىيەت كاللامدا يالت قىلىپ چاقناپ ئۆتتى. شۇڭا چاقماق تېزلىكىدە خەتەردىن ئۆزەمنى قاچۇردۇم. مەن بىر سەكرەپلا مارسلىقلار تۇخۇم باسىدىغان ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقۋالماقچى بولدۇم. مەن ئاللىقاچان بۇ ئۆينىڭ تۇخۇم باسىدىغان ئۆي ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ئىدىم. مېنىڭ قىچىشىم ناھايىتى مۇۋاپەقىيەتلىك بولدى. ئوڭۇشلۇق ھەركىتىم شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە مېنى ھەم مارسلىقلارنى قاتتىق چۆچىتىۋەتتى. چۈنكى مەن سەكرىگەندە بوشلۇققا قاڭقىپ چىقىپ يەر يۈزىدىن ئوتتۇز فوت ئەتراپىدا كۆتۈرلۈپ مېنى تۇتماقچى بولغانلاردىن يۈز فوت يىراقلىققا، قورشاۋ تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە چۈشكەن ئىدىم. شۇنداقلا مەن يىپىنچا ئۈسۈملۈك ئۈستىگە ئاستا چۈشتۈم، ھىچقانداق يارلانمىدىم. كەينىمگە بۇرۇلۇپ مېنى تۇتماقچى بولغان دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋ تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىر قاتار بولۇپ تىزىلغانلىقىنى كۆردۈم. بىر قانچىسى غەلىتە چىراي ئىپادىلەرنى چىقىرىشىپ مېنى كۆزۈتۈۋاتاتتى. كىيىن مەن بۇنداق ئىپادىنىڭ ناھايىتى قورققانلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. قالغانلىرى مېنىڭ ئۇلارنىڭ يېڭىدىن تۇخۇمدىن چىقۋاتقان بالىلىرىغا دەخلى قىلمىغىنىمنى كۆرۈپ مەندىن خاتىرجام بولغاندەك قىلىشتى.
ئۇلار ئۆزئارا پەس ئاۋازدا سۆزلىشىپ قول ئىشارىتى قىلىشىپ مېنى كۆرسىتىشەتتى. ئۇلار مېنىڭ كىچىك مەخلۇقلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىمنى ، مېنىڭ قورالسىز ئىكەنلىكىمنى بايقاشتى. بۇ بايقاش ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئۈچمەنلىكىنى تارقىتۋەتكەن بولسا كېرەك. كىيىن بىلسەم ماڭا ئەڭ پايدىلىق بولغىنى مېنىڭ ئىگىزگە سەكرەش ماھارىتىم ئىكەن. مارىسلىقلار ناھايىتى يوغان، ئۇستىخىنىمۇ چوڭ بولۇپ ئېغىرلىقى بىلەن بەدىنىدىكى كۈچى ئۆزئارا ئوڭ تاناسىپ كىلەتتى. ئەمما ئىستىراتىگىيە جەھەتتىن يەر شارىدىكى ئادەملەر بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئۇلار يەنىلا كالامپاي، ئاجىز كۆرۈنەتتى. ئەگەر ئۇلاردىن بىرىنى تۇتۇپ يەر شارىغا ئاپىرىپ قويسا ئۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئۆز گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولاتتى. شۇنداق قىلىپ مارىستىكى ھەيران قالارلىق ماھارىتىم مارسلىقلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىك نەزىرىنى بىراقلا مېنى قانداقتۇر يېڭى بىر جانلىقنى بايقاشقا ئۆزگەرتىپ مېنى تۇتۇپ ئاپىرىپ كۆرگەزمە قىلماقچى بولۇشتى .
مېنىڭ ئويلاپمۇ باقمىغان ھەركىتىم ئازاراق ئارام ئېلۋىلىشىمغا ، كىيىنكى قەدەمنى قانداق بىسىشنى ئويلىۋىلىشىمغا ھەم بۇ غەلىتە مەخلۇقلارنى تەپسىلىي كۈزۈتىشىمگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

Prev | Next
Pg.: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N