ئۇلار باستۇرۇپ كەلگەندە بىرى:
- ئاۋۇ ئايالنى ئۆلتۈرۋىتەيلى، ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيلى، بۇ ئۇنىڭ سۈيىقەستى، - دەپ ۋارقىرىدى.
مەن دېكا تۇررېسنى كەينىمگە ئۆتىشكە چاقىردىم ھەم ئامال قىلىپ تەخت كەينىدىكى كىچىك ئىشىككە يۈتكەلدىم. ئوفىتسىرلار مەقسىدىمنى بىلىپ قالدى بولغاي ئۇلاردىن ئۈچىسى كەينىمگە ئۆتتى. دېكا تۇررېسنى قوغداش ئۈچۈن مەن پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم.
ساكلىقلار زالنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالدىراش بولۇپ تارس تاركاس ئەتراپىدىكى پاكارلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشۋاتاتتى. شۇڭا مەن پەقەت مۈجىزە يۈز بەرگەندىلا تۇررېس ئىككىمىزنىڭ ھايات قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. تارس تاركاسنىڭ يوغان قىلىچى بىر چۈشكەندە يەرگە بىر جەسەت يىقىلاتتى. ئۇ مۇشۇنداق قانلىق يول ئېچىپ بىردەمدىن كىيىن مېنىڭ يېنىمدا پەيدا بولۇپ ئوڭ - سولدىن تەڭلا قىر - چاپقا چۈشتى.
زودانگالىقلارنىڭ باتۇرلۇقى ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن. بىرمۇ ئادەم قىچىپ كىتىشنى خىيال قىلمىدى. ئاخىرىدا زالدا پەقەت ساكلىقلار بىلەن دېكا تۇررېس ئىككىمىز ھايات قالدۇق. جەڭ ئاخىرلاشتى.
سابۇ سەيىن دادىسىنىڭ يېنىغا يېقىلىپ ئۆلدى. تارس تاركاسنىڭ ئەجەللىك زەربىسى ئۇنىڭ خىرىئان مەلىكىسىگە ھامىيلىق قىلىش ھوقوقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلغان ئىدى. باشقا زودانگالىق ئاقسۈڭەك ۋە ھەربىي قىسىمدىكى سەرخىل ئەسكەرلەرنىڭ جەسىدى قان دەريا ياساپ ئېقىۋاتقان پولدا دۈۋلىنىپ ياتاتتى.
كەسكىن جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مېنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنىم كانتوس كان بولۇپ دېكا تۇررېسنى تارس تاركاسنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ ئۆزەم ئون ئىككى رىتسارنى باشلاپ تېزلىكتە خان ئوردىسىنىڭ يەر ئاستىدىكى زىندىنغا يىتىپ باردىم. قاراۋۇللارنىڭ ھەممىسى زالدىكى جەڭگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەتكەچكە سىرلىق كارىدور ئىچىدە ھىچقانداق قارىشلىققا ئۇچرىمىدۇق. ھەر بىر كارىدور ۋە ئۆي كۆرۈنگەندە مەن كانتوس كاننىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك چاقىردىم. ئاخىرى ئاجىز بىر ئاۋاز جاۋاپ قايتۇردى. ئاۋازنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي كىچىك بىر قاراڭغۇ ئۆيگە يالغۇز سۇلانغان كانتوس كاننى تاپتۇق. ئۇ مېنى كۆرۈپ جەڭنىڭ نەتىجىسىنى بىلدى ھەم خۇشاللىقىدىن ئېلىشىپ قالغىلى تاس قالدى. جەڭ مايدانىدىكى ئاۋازلار بۇ يەرگە ئانچە - مۇنچە ئاڭلىنىپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ماڭا ھىلقى كۈنى مۇنارغا بارماي تۇرۇپلا چارلىغۇچى ئايرۇپىلاننىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن سابۇ سەيىننىڭ قارىسىنى كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي زىندانغا تاشلىنىپتۇ.
بىز تەكشۈرۈپ زىنداننىڭ ئىشىك ۋە كىشەنلىرىنى ئاسان ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدۇق. كانتوس كاننىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەن زالغا قايتىپ بېرىپ زىندان ئىشىكىنى ۋە كىشەننى ئاچىدىغان ئاچقۇچنى تاپماقچى بولدۇم. بەختكە يارىشا ناھايىتى ئاسانلا ئۇنىڭغا قارايدىغان قاراۋۇلنىڭ جەسىدىنى تىپىپ ئاچقۇچنى ئالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي كانتوس كان ئىككىمىز قۇچاقلاشقىنىچە قوبۇلخانا زالىدا پەيدا بولدۇق.
قاتتىق زەمبىرەك ئوقى كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرىنى بىسىپ شەھەر كوچىلىرىدا يامرىدى. ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. تارس تاركاس سىرىتقا چىقىپ جەڭگە قوماندانلىق قىلمىسا بولمايتتى. كانتوس كان ئۇنىڭغا يول باشلاش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. باشقا رىتسارلار خان ئوردىسىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا يۇشۇرنىۋالغان دۈشمەنلەرنى ۋە جەڭ غەنىمەتلىرىنى ئىزلەپ چىقىپ كەتتى. زالدا پەقەت دېكا تۇررېس ئىككىمىزلا قالدۇق.
ئۇ بىر ئالتۇن كۇرس ئۈستىدە ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا بۇرۇلغاندا ماڭا قاراپ سوغۇقلا كۈلۈپ قويدى.
- مۇشۇنداقمۇ ئەر بولىدىكەن، - دىدى ئۇ ۋارقىراپ، - مېنىڭ بىلىشىمچە بارسومدا ھىچقاچان سىزدەك ئادەم چىقىپ باقمىغان. ئەجەبا يەر شارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سىزگە ئوخشاشمۇ؟ سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن ئاجايىپ بىر ئادەم، قوغلاش، تەھدىتكە ئۇچراش ۋە تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە، ھەر ۋاقت يوقۇتۇلۇش خەۋىپىگە دۈچ كىلۋاتقان بىر ئادەم، قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ۋاقت ئىچىدە بارسومنىڭ تارىخىدا ھازىرغىچە ھىچكىم قىلالمىغان ئىشنى قىلدى. دىڭىز تىگىدىكى ياۋايى خەلقلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قىزىل تەنلىك خىرىئانلىقلارنىڭ دوستىغا ئايلاندۇرالىدى.
- بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى، دېكا تۇررېس، - مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم، - بۇ ئىشلارنى قىلغان مەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقى سۆيگۈ - دېكا تۇررېسقا بولغان يالقۇنجاپ تۇرغان مۇھەببەت. ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتى بۇ قىتىم كۆرگەندىنمۇ بۈيۈك مۈجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.
ئۇنىڭ يۈزىدە چىرايلىق قىزىللىق پەيدا بولدى.
- سىز ھازىر ھىلقى گەپنى قىلسىڭىز بولىدۇ، جون كارتېر. مەنمۇ ئۇ گەپنى ئاڭلاشقا تەشنا. چۈنكى مەن ئەمدى ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايمەن.
- مەن ھازىرلا بۇ گەپنى قىلىمەن، بۇ قىتىم ھەرگىز كېچىكمەيمەن، - دىدىم مەن، - بۇ ئۆمرۈمدە نۇرغۇن كەم ئۇچىرايدىغان غەلىتە ئىشلارنى قىلدىم. مېنىڭدىن ئەقىللىق كىشىلەر قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدىم. لېكىن مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكى ئەڭ توغرا دەپ قارىغان ئىشلار ئىچىدە، دېكا تۇررېس ئىسىملىك بىر قىزغا ئېرىشىشنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. چۈنكى پۈتۈن كائىناتتا خىرىئان مەلىكىسى دەپ ئاتىلىدىغان مۇنداق ئايالنىڭ بارلىقىنى ئەزەلدىن چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەنمەن. سىز بىر مەلىكە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن مېنى بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندىگىنىڭىز يوق. بەلكى سىزنىڭ ئۆزىڭىز، سىزنىڭ بۈيۈكلىكىڭىز ۋە يۈكسەكلىكىڭىز. مۇشۇنداق بولغاچقا، مېنىڭ مەلىكەم ماڭا ياتلىق بولىدىغان چاغدا ئەقلىي - ھۇشۇمنىڭ جايىدا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيمەن.
- تەلەپ قويۇشتىن ئاۋال قوبۇل قىلىدىغان ئادەمنىڭ خىجىل بولىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىش لازىم،- دىدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇردى.
تۇررېس يېنىمغا كىلىپ قولىنى مۈرەمگە قويدى. مەن دەرھال ئۇنى قۇچاقلاپ قىزغىن سۈيۈپ كەتتىم.
شۇنداق قىلىپ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش ئوتىغا تولغان شەھەر مەركىزىدە، ئەتراپىمىزدا ئۈلۈم ۋە يوقۇتۇلۇش ھەر ۋاقت يۈز بېرىۋاتقان چاغدا دېكا تۇررېس - خىرىئان مەلىكىسى، ئۇرۇش ئىلاھى مارسنىڭ ھەقىقى قىزى ۋىرگىنىيىلىك ئەرباپ جون كارتېرغا ياتلىق بولۇشقا قوشۇلدى.
يىگىرمە ئالتىنچى باپ
قىرغىنچىلىق كەينىدىكى خۇشاللىق

ئۇزاق ئۆتمەي تارس تاركاس بىلەن كانتوس كان قايتىپ كىلىپ زودانگانىڭ ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. زودانگا قوشۇنىدىن ھايات قالغانلىرى ئەسىر بولۇپ قارشلىق قىلغۇدەك كۈچى قالماپتۇ. بىر نەچچە ئۇرۇش كېمىسى قىچىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما قالغان مىڭدىن ئوشۇق جەڭ كىمىسى ۋە سودا كېمىسى ساكلىقلارنىڭ قولىدا ئىكەن.
يېشىللارنىڭ بەزى كىچىك قەبىلىلىرى ئالىقاچان تالان - تاراج قىلىشنى باشلىۋەتكەن ئىدى. بىز دەرھال بارلىق رىتسارلارنى يىغىپ كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ زودانگالىق ئەسىرلەرگە ھەيدىتىپ تېزدىن خىرىئانغا بېرىش قارارىغا كەلدۇق. بەش سائەتتىن كىيىن بىز بىنانىڭ ئۈستىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلدۇق. قوشۇن يۈزمىڭغا يېقىن يىشىل تەنلىك رىتسارنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى يۈز ئەللىك چوڭ جەڭ كىمىسىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، جەڭ ئاتلىرىنى ئېلىپ ماڭغان تىرانسىپورت كېمىلىرىمۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ كىلۋاتاتتى.
ۋەيرانە شەھەر كىچىك قەبىلىلەرنىڭ تۆت مىڭدىن ئارتۇق ياۋۇز رىتسارلىرىغا تاشلاپ قويۇلدى. ئۇلار ھەممىلا يەردە كۆيدۈرۈپ،ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلاتتى. ئۆزئارامۇ جىدەل - ماجىرا ئۈزۈلمەيتتى.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 52 53 54 55 56 57 58 59 60 61 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N