يىراقتا جەڭ ئاتلىرىنى ئېلىپ ماڭغان تىرانسپورت كېمىلىرى كۆرۈندى. بىز جەڭ قىلۋاتقاندا ئۇلار تېخى يىتىپ كىلەلمىگەن ئىدى. بۇ كېمىلەرنىڭ توختايدىغان يېرى بولمىغاچقا كېمىدىكى ئات - ئولاقلارنى يەرگە چۈشۈرۈش ئىنتايىن قول تۇتىدىغان ئىش ئىدى. مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا بىز شەھەردىن ئون مىل يىراقلىقتىكى بىر يەرنى تاللاپ خىزمەتنى باشلىۋەتتۇق. ئاتلارنى تاسما بىلەن باغلاپ بىر - بىرلەپ يەرگە چۈشۈرۈش توغرا كەلگەچكە بۇ ئىش تاكى تۈن يېرىمىغىچە سوزۇلدى. بۇ جەرياندا زودانگانىڭ ئاتلىق قوشۇنى ئىككى قىتىم بىزگە ھۇجۈم قىلدى. ئەمما چوڭ زىيان كەلتۈرەلمىدى. كۈن كەچ بولغاندا ئۇلار چېكىندى.
ئاتلارنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن تارس تاركاس قوشۇنغا دەرھال ئاتلىنىش بۇيرىقى بەردى. بىز ئۈچ گۇروپپىغا بۆلۈنۈپ شەرق، جەنوپ، شىمال يۈلۈنىشتىن زودانگانىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمىغا تەڭلا ھۈجۈم باشلىدۇق.
گازارمىدىن بىر مىل يىراقلىقتا بىز قاراۋۇلغا يولۇقتۇق. كىلىشكىنىمىز بۇيىچە بۇ قاراۋۇلنى جايلاپ تاشلاش جەڭ سىگىنالى قىلىندى. بىر پارچە چوقان - سۆرەن ئىچىدە بىز زودانگا قىسىملىرىنىڭ گازارمىسىغا باستۇرۇپ باردۇق. زودانگا قىسىملىرىمۇ قاتتىق تەييارلىق كۆرگەن ئىكەن. شۇڭا بىز مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيىسىگە دۈچ كەلدۇق. بىزنىڭ قايتا - قايتا ھۇجۇمىمىزنىڭ ھەممىسى نەتىجىسىز بولۇپ چىقتى. چۈش ۋاقتى بولغاندا مەن جەڭنىڭ غەلبىسىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
زودانگالىقلار جەنوپ - شىمال قۇتۇپ ئارلىقىدىكى بەلباغ شەكىلىدىكى زىمىنىغا مىليونغا يېقىن ئاتلىق قوشۇن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ بىزنىڭ يىشىل تەنلىك قىسىمنىڭ ئادەم سانى يۈز مىڭغا يەتمەيتتى. خىرىئان قىسىمى كۆپ كىچىككەن بولۇپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقىلىمۇ بولمايتتى.
دەل مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق ۋاقتتا زودانگالىقلار بىلەن خىرىئان شەھىرى ئوتتۇرسىدا شىدەتلىك مىلتىق ئاۋازى ياڭرىدى. بىز زىرقىپ كۈتكەن ياردەمچى قوشۇننىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۇق. تارس تاركاس يەنە بىر قىتىم ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرىقى چۈشۈردى. گىگانت مەخلۇقلار قورقۇنۇچلۇق رىتسارلارنى يۈدۈپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. شۇ ۋاقتتا خىرىئان قوشۇنىمۇ سەلدەك دۈشمەن مۇداپىئە لېنىيىسىگە باستۇرۇپ كەلدى. قىسقىغىنە ۋاقت ئىچىدە زودانگا قىسىملىرى ئىككى تاش ئوتتۇرسىدا قالغان تۇخۇمدەك بىتچىت قىلىپ تاشلاندى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا جاھىللىق بىلەن قارىشلىق قىلۋاتاتتى.
ئەڭ ئاخىرقى بىر زودانگالىق تەسلىم بولغىچە شەھەر سىرتىدىكى جەڭ مەيدانى قۇشخانىغا ئايلاندى. چوڭ قىرغىنچىلىق ئاخىرى توختىدى. ئەسىرلەر خىرىئانغا يالاپ ئېلىپ مىڭىلدى. بىزنىڭ غالىپ قىسىممۇ كەينى - كەينىدىن خىرىئاننىڭ چوڭ دارۋازىسىدىن كىرىپ كەلدى.
كەڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئاياللار، بالىلار ۋە جەڭ ۋاقتىدا خىزمەت تۈپەيلى شەھەر ئىچىدە قىلىپ قالغان ئاز بىر قىسىم ئەرلەر بىلەن تولغان ئىدى. بىزنىڭ كىرىشىمىز قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كۈتۋىلىندى. ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىتتىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى ئۈستىمىزگە يامغۇردەك تاشلاندى. پۈتكۈل شەھەر شاد - خوراملىققا تولدى.
بەتبەشىرە ساكلىق رىتسارلارنىڭ بىردىنلا شەھەرگە كىرىشى شەھەر ئاممىسىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. بۇندىن ئىلگىرى تولۇق قۇراللانغان بىرمۇ يىشىل تەنلىك رىتسارلار قىسمى خىرىئان شەھەرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاتلاپ باقمىغان ئىكەن. ھازىر ئۇلار خىرىئانلىقلارنىڭ دوستى، ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى. بۇ قىزىل تەنلىكلەرنى بىر تەرەپتىن قاتتىق ھەيران قالدۇرسا بىر تەرەپتىن خۇشال قىلاتتى.
كىشىلەر توپى مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ ۋارقىرىشاتتى ھەم مەن ۋە مېنىڭ زور مەخلۇقىمغا زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى ئارتىشاتتى. ئىنىقكى مەن ئۇلار قەدىرلەيدىغان سۈيۈملۈك مەلىكىسى ئۈچۈن قىلغان تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلارنى ئاڭلىغان ئىدى. بەتبەشىرە ۋۇلا يېنىمدا بولسىمۇ كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىماي ماڭا يېقىنلىشاتتى، قولۇمنى تۇتىۋىلىشنى، چىرايىمنى كۆرۋىلىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى.
بىر توپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قارىشى ئالغىلى كەلدى ھەم ماڭا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇلار تارس تاركاس ۋە ئۇنىڭ سەردارلىرىنى، يول بويى قوشۇلغان ئىتپاقداش قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ سەردارلىرىنى ھەم مېنى ئاتتىن چۈشۈپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە بېرىپ، تاردوس مورسنىڭ ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن قىلدىغان ئالىي ئېھتىرامىنى قوبۇل قىلىشنى ئېيتتى.
خان ئوردىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا تۇتىشىدىغان غايەت زور مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە بىر توپ خان جەمەتى ئەزالىرى تۇراتتى. بىز بىرلىكتە مۇنبەرگە قاراپ ماڭدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى دەرھال مۇنبەردىن چۈشۈپ بىزنى قارىشى ئالغىلى كەلدى. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەل ئەۋرىشكىسى دىيىشكە بولاتتى. قامەتلىك، ئەزىمەتلەرگە خاس ئالىيجاناپ، ئېسىل پەزىلەتلىك بولۇپ قاراشتىنلا ئۇنىڭ خىرىئان خانى تاردوس مورس ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولاتتى.
ئۇ بىرىنچى بولۇپ كۆرۈشكەن كىشى تارس تاركاس بولدى. ئۇنىڭ تارس تاركاسقا بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقى ۋە سۆزىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈ ئىتتىپاقداش دوست بولۇپ ئۆتىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئەستايدىللىق بىلەن:
- بارسومدىكى ئەڭ بۈيۈك رىتسار بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىم مەن تاردوس مۇرسنىڭ شەرىپى. شۇنداقلا ئىتتىپاقداش دوستۇمغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش مېنىڭ تېخىمۇ چوڭ خوشاللىقىم، - دىدى.
- خان ئالىيلىرى، - دىدى تارس تاركاس، - باشقا بىر دۇنيادىن كەلگەن ئادەم بارسومدىكى يىشىل تەنلىك رىتسارلارغا دوستلۇقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتى، ساكلىقلار سىلەرنى چۈشۈنىدۇ. بىز سىلەرنىڭ بىزگە بىلدۈرگەن ھۆرمىتىڭلارغا رەخمەت ئېيتىمىز. بۇ تۆھپىنىڭ ھەممىسى شۇ كىشىگە مەنسۈپ.
ئارقىدىن تاردوس مورس باشقا كىچىك خانلىقلارنىڭ خانلىرى ۋە سەردارلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ كۆرۈشۈپ چىقتى.
ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە ئىككى قولىنى مۈرەمگە قويدى.
- سىزنى قارىشى ئالىمەن، ئوغلۇم، - دىدى ئۇ، - مېنىڭ سىزگە بولغان سەمىمى ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەن پۈتكۈل خىرىئان زىمىنىدىكى، ياق پۈتكۈل بارسومدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىنى سىزگە ھەدىيە قىلىمەن.
بىز يەنە خىرىئانلىق سەردارلار بىلەن كۆرۈشتۇق. دېكا تۇررېسنىڭ دادىسى مورس كاجاك تاردوس مورسنىڭ كەينىدىن بىللە كىلۋاتقان بولۇپ دادىسىدىنمۇ زىيادە ھاياجانلانغان ئىدى. نەچچە قىتىم ماڭا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇپ ھاياجانلانغانلىقىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. كىيىن بىلسەم ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى بىلەن تولغان بارسومدا قەيسەر، مەردانىلىقى بىلەن نامى ئەلگە تونۇلغان بۇ ئادەم، باشقا خىرىئانلىقلارغا ئوخشاشلا قىزىغا چەكسىز چوقۇنىدىكەن. شۇڭا ھەر قىتىم قىزىنىڭ تۈرلۈك خەتەرلەردىن قۇتۇلۇپ قالغىنىنى ئويلىغىنىدا ئېيتقۇسىز ھاياجانغا چۈمىدىكەن.
يىگىرمە يەتتىنچى باپ
ھالاكەت
ئون كۈن جەريانىدا ساك خانلىقىنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنى ياخشى كۈتۋىلىندى. ئاندىن ئۇلار قىممەت باھالىق سوۋغا - سالاملارنى لىق قاچىلىشىپ مورس كاجاكنىڭ باشچىلىقىدىكى ئون مىڭ ئەسكەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە ئۆز دۆلىتىگە قايتتى. خىرىئاننىڭ قوشماق شەھىرىنىڭ ئاقساقىلى بىر قىسىم ئاقسۈڭەكلەرنى باشلاپ ئۇلارنى تاكى ساك شەھىرىگىچە ئۇزۇتۇپ باردى. شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرىدا ئورنىتىلغان دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىشەنچ يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.
سولامۇ شۇ قىتىم تارس تاركاس بىلەن قايتىپ كەتتى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N