ئۇنىڭ دادىسى بارلىق قەبىلە ئاقساقاللىرىغا ئىككىسىنىڭ ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتىنى جاكارلىدى.
ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن مورس كاجاك ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى بىر ئۇچار كېمىگە ئولتۇرۇپ ساك شەھىرىگە بېرىپ تارس تاركاس ۋە سولانى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنى دېكا تۇررېس بىلەن جون كارتېرنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى.
تاردوس مورس خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى قاتارىدا مەن خىرىئان كىڭەش يىغىنىدا ۋە ھەربىي قىسىمدا توققۇز يىل تۇردۇم. بۇ جەرياندا ئۈزۈلمەي كىلۋاتقان تۈرلۈك شان - شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولدۇم. خىرىئانلىقلار مەلىكىگە، مەن ئۈچۈن تەڭداشسىز بولغان دېكا تۇررېسقا ھەر كۈنى يېڭىچە ئۇسوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشەتتى. ئوردىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇندىن ئىشلەنگەن قاچىدا قاردەك ئاپپاق بىر تۇخۇم ساقلاقلىق بولۇپ بەش يىلدىن بېرى خان مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئون نەپەر ئەسكىرى ھەر ۋاقىت ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ نەپىس قېپى يېرىلاي دەپ قالغان كۈنلەردە مەن شەھەر ئىچىدە بولساملا دېكا تۇررېس بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلگۈسىدىكى ئارزۇ - ئارمانلىرىمىزنى ۋە شېرىن پىلانلىرىمىزنى دىيىشتۇق.
مېنىڭ خاتىرەمدە ئەڭ ئاخىرقى شۇ كەچتىكى مەنزىرە ھىلھەم ئېنىق يادىمدا تۇرۇپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە بىز ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ پەس ئاۋازدا ھاياتىمىزنى ئۆزئارا مەھكەم باغلىغان قالتىس رۇمانتىك تارىخنى، بىزگە پات ئارىدا يىتىپ كىلىدىغان تېخىمۇ چوڭ خوشاللىقنى سۆزلەشتۇق. شېرىن خىياللار بىزنى ئالىقاچان ئۆز قوينىغا ئېلىپ پەپىلەشكە باشلىغان ئىدى.
يىراقتىن بىر كېمە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاپپاق نۇر چاقنىتىپ بىزنىڭ بۇياققا قاراپ ئۇچۇپ كەلدى. بۇنداق ئىش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرغاچقا ئانچە دىققەت قىلمىدۇق. كېمە خۇددى چاقماقتەك سۈرئەت بىلەن خىرىئانغا يىقىنلاپ كەلدى. ئادەتتىن تاشقىرى تېز سۈرئىتىدىن ئۇنىڭ ئالاھىدە بىر ۋەزىپە بىلەن كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
ئۇ بىر تەرەپتىن جىددىي سىگىنال تارقىتىپ خاننىڭ ئالاھىدە تېز خەۋەرچىسى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن جىددىي ئايلىنىپ كېچىكىپ قالغان چارلىغۇچى كېمىنىڭ كىلىپ خان ئوردىسىغا كىرىشىگە يول باشلىشىنى ساقلاۋاتاتتى. بۇ كېمە خان ئوردىسىغا كىرىپ ئون مىنۇتتىن كىيىن مەن كېڭەش يېغىنىغا چاقىرتىلدىم. خان ئوردىسىنىڭ قوبۇلخانىسى كېڭەش ئەزالىرى بىلەن لىق تولۇپ كەتكەن ئىدى.
تەخت ئورنىتىلغان ئىگىز مۇنبەردە تاردوس مورس ئالدى - كەينىگە مېڭىپ يۈرەتتى. چىرايىدىن ناھايىتى جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى. بارلىق كېڭەش ئەزالىرى كېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئۆرۈلدى.
- بۈگۈن ئەتىگەن، - دىدى ئۇ، - بارسۇمدىكى بەزى ھۆكۈمەتلەر ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېيتىلىشىچە، ئوكسېگېن زاۋۇتىنىڭ خادىمى ئىككى كۈنگىچە ھىچقانداق سىمسىز رادىئو سېگىنالى تارقاتماپتۇ. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئۇلارغا رادىئو سىگىنالى يوللاپ ئۈزۈلدۈرمەي چاقىرغان بولسىمۇ ھىچقانداق جاۋاپقا ئېرىشەلمەپتۇ.
- باشقا دۆلەتلەر ئەلچى ئەۋەتىپ بۇ ئىشقا بىزنىڭ قول تىقىپ بىرتەرەپ قىلىشىمىزنى، دەرھال زاۋۇتقا ياردەمچى خادىم ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلىشۋاتىدۇ. بىر كۈندىن بۇيان بىز مىڭغا يېقىن چارلىغۇچى كېمە ئەۋەتىپ ئوكسىگېن زاۋۇتىنىڭ خادىمىنى ئىزدىدۇق. تېخى بايىلا بىر كېمە ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ. زاۋۇت خادىمى ئۆز ئۆيىنىڭ ئاستىدىكى زىنداندا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلۈپ جەسىتى پارچىلىنىپ تاشلىنىپتۇ.
- مەن پەقەت سىلەرگە بۇ ئىشنىڭ بارسۇمغا نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويماقچىمەن. زاۋۇتقا كىرىش ئۈچۈن سىخنىڭ قېلىن تاملىرىنى تىشىپ بولۇشقا بىر نەچچە ئاي ۋاقت كېتىدۇ. ھازىر بۇ خىزمەت ئالىقاچان باشلىنىپ كەتتى. تۇشۇش سىخىنىڭ ماتورلىرى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقىغا ئوخشاش نورمال ئايلىنۋاتقان بولسا ئانچە غەم قىلمىساقمۇ بولاتتى. بىراق، ئەڭ چاتاق بولغىنى شۇكى، ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە بارسومنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاتمۇسفىرا بىسىمى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ بېرۋىتىپتۇ. ماتور ئاللىقاچان ئايلىنىشتىن توختاپتۇ.
- ئەپەندىلەر، - دىدى ئۇ ئاخىرى، - بىز ئەڭ كۆپ بولغاندا يەنە ئۈچ كۈنلا ھايات تۇرالايمىز.
پۈتكۈل يىغىن مەيدانى جىمجىتلىققا چۈمدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ياش بىر ئاقسۆڭەك ئورنىدىن تۇرۇپ شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تاردوس مورسقا دىدى:
- خىرىئانلىقلارنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغىنى ئۇلار پۈتۈن بارسوملۇقلارغا بىر قىزىل تەنلىك مىللەتنىڭ قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسۈتۈپ بەردى. ھازىر پۇرسەت يىتىپ كەلدى، بىز ئەمدى ئۇلارغا قانداق ئۆلۈش كېرەكلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويايلى. مەجبورىيىتىمىزنى داۋاملىق ئادا قىلايلى، خۇددى بىز يەنە مىڭ يىل ياشىيالايدىغاندەك.
ئالقىش سادالىرى تەرەپ - تەرەپتىن ياڭراپ كەتتى. كىشىلەردىكى تەشۋىشنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن بىز كىشىلەرنىڭ ئالدىدا زورغا كۈلۈمسىرەپ، ئازاپنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە تىقىۋەتتۇق.
مەن دېكا تۇررېسنىڭ يېنىغا قايىتقىنىمدا خەۋەر ئالىقاچان ئۇنىڭ قولىقىغا يەتكەن ئىكەن. شۇڭا بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم.
- بىز بىللە بولغان چاغلار ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتتى، جون، - دىدى ئۇ، - بىزنىڭ بىشىمىزغا قانداقلا بالا - قازا يىقىنلاپ كەلسۇن مەن ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتىمەن. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ بىللە ئۈلۈشىمىزگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
كىيىنكى ئىككى كۈن ئىچىدە ئاتمۇسفىرادىكى ئوكسېگېننىڭ ئازايغىنى ئانچە بىلىنمىدى. ئەمما ئۈچۈنچى كۈنى ئەتىگەن ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىمۇ نەپەس ئېلىش قىيىنلاشتى. كىشىلەر خىرىئاننىڭ كوچىلىرىغا ۋە مەيدانغا يىغىلدى. بارلىق سودا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى توختىدى. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىرگە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلەندى. شۇنداقتىمۇ ھەممىلا يەردە بەزى ئەر - ئاياللارنىڭ قايغۇرۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.
چۈش بولغاندا تېنى ئاجىز كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمىگىلى تۇردى. بىر سائەت ئىچىدە مىڭدەك بارسوملۇق يەرگە يېقىلىپ سىزىمىنى يوقاتتى. ئۇلار ناھايىتى تېزلا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كىتەتتى.
تۇررېس ئىككىمىز ۋە خان جەمەتى ئەزالىرى ئوردىنىڭ ئالدىدىكى يەرنى كولاپ ياسالغان گۈلۈككە يىغىلۋالدۇق. قورقۇنۇچلۇق ئۈلۈم ۋەھىمىسى ئالدىدا بىز ناھايىتى ئاز گەپ قىلاتتۇق. گەپ قىلىش توغرا كەلسىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلىشەتتۇق. ۋۇلا تۇررېس ئىككىمىزنىڭ يېنىدا بولۇپ نەپەس يىتىشمىگەنلىكتىن خىقىرايتتى. ئىتمۇ قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئاپەت يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدى.
تۇررېسنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خان ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدىكى تۇخۇم قويۇلغان قاچا پەسكە ئېلىپ چۈشۈلدى. تۇررېس ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۈمۈتكە تولغان كۆزلىرىنى تېخى دۇنياغا كەلمىگەن ھاياتلىققا تىكتى.
نەپەسلىنىشنىڭ تەسلىشۋاتقانلىقى تېخىمۇ روشەن بىلىنىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا تاردوس مۇرس ئورنىدىن تۇردى ۋە:
- بىز خوشلىشايلى، بارسومنىڭ پارلاق دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئەتە قوياش ھاياتلىق مەۋجۈت بولمىغان بىر دۇنيانى يورىتىدۇ. بوشلۇقتا مەڭگۈ مۇشۇنداق ئايلىنىپ تۇرىدىغان بۇ پىلانت ھالاكەت دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. ھەتتا ئەسلىمىمۇ قالمايدۇ. ھەممە نەرسا ئاخىرلاشتى، - دىدى.
ئاندىن قەددىنى ئېگىپ جەمەت ئىچىدىكى ئاياللار بىلەن بىر - بىرلەپ سۆيۈشۈپ خوشلاشتى، كۈچلۈك قوللىرىنى ئەرلەرنىڭ مۈرىسىگە قويدى.
مەن ئازاپلانغىنىمدىن نەزىرىمنى ئۇنىڭدىن يۆتكەپ دېكا تۇررېسقا قارىدىم.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N