ئۇلار مەشئەل بىلەن يۈزدىن ئارتۇق جايغا ئوت يىقۋەتكەن بولۇپ شەھەر ئۈستىدە تۈرۈم - تۈرۈم قۇيۇق ئىس - تۈتەك ئۆرلەپ يوقىرىدىكىلەرنىڭ كۆزىنى توساپ تۆۋەندە بولۋاتقان قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى كۆرسەتمەيتتى.
چۈشتىن كىيىن بىز خىرىئاننىڭ قىزىل ۋە سېرىق ئىككى مۇنارىنى كۆردۇق. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەردىكى زودانگا ئۇچار كېمىلىرى شەھەرنى قورشاپ تۇرغان گازارمىلىرىدىن كۆتۈرلۈپ بىزگە قاراپ باستۇرۇپ كەلدى. بىزنىڭ كىمىلەرنىڭ باش - ئاخىرىغا خىرىئاننىڭ بايرىقى قادالغان بولۇپ، ئۇلار بايراققا قارىمايمۇ دۈشمەنگە يولۇققانلىقىنى بىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىدىن كۆتۈرلىشىگىلا بىزنىڭ يىشىل تەنلىك رىتسارلار ئۇلارغا قارىتىپ ئوت ئاچتى. يىشىل تەنلىك رىتسارلار ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن جەڭ تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ بىزگە قاراپ كىلۋاتقان كىمىلەرنى ئوققا تۇتماقتا ئىدى.
خىرىئاننىڭ ئاچا - سېڭىل شەھىرىدىكىلەر بىزنىڭ دوست ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلغاندىن كىيىن دەرھال نەچچە يۈز جەڭ كېمىسىنى ئەۋەتىپ ياردەمگە كەلدى. بىر مەيدان ھەقىقى ھاۋا ئورۇشى باشلىنىپ كەتتى.
يىشىل تەنلىك مارسلىقلار ئولتۇرغان ئۇچار كېمىلەر بوشلۇقتا ئايلىناتتى. ساكلاردا دېڭىز ئارمىيە قىسىمى بولمىغاچقا كېمىدىكى زەمبىرەكلەرنى مەشغۇلات قىلىشنى بىلمەيتتى. شۇڭا كىمىدىكى زەمبىرەكلەر ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ كىچىك تىپتىكى قۇراللىرى خېلى چوڭ قۇدرەتكە ئىگە ئىكەن. گەرچە جەڭنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئۇلار بەلگىلىيەلمىسىمۇ ئەمما ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى.
دەسلىپىدە ئىككى تەرەپنىڭ كېمىلىرى ئوخشاش ئىگىزلىكتە ئايلىنىپ ئۆزئارا ئېتىشتى. ئۇزاق ئۆتمەي چوڭ بىر زودانگا كېمىسىنىڭ گەۋدىسىدە بىر تۈشۈك پەيدا بولدى ھەم كېمە تۇيۇقسىز قىڭغىيىپ كەتتى. كېمىدىكى كىچىك ئادەملەر مىڭ فوت ئىگىزلىكتىن تۈرلۈك قىياپەتتە يەر يۈزىگە كەينى كەينىدىن سەكرەشكە مەجبور بولدى. كېمە كىشىنى چۈچىتكىدەك تېزلىكتە تۈۋەنلەپ بىر بىشى قەدىمىي دېڭىزنىڭ قۇرۇپ كەتكەن يۇمشاق تۇپرىقىغا كىرىپ كەتتى. خىرىئاندىن ئەۋەتىلگەن كېمىدىكىلەر ئۈنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ تەبرىكلەشتى. ئۇلار تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن زودانگا كېمىلىرىگە زەربە بېرىشكە باشلىدى. خىرىئاننىڭ ئىككى جەڭ كېمىسى ئەپچىللىك بىلەن رەقىبىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقىپ ئۇ يەردىن دۈشمەنگە قارىتىپ ئەجەللىك زەربە بەردى. بارا - بارا خىرىئان كېمىلىرىنىڭ ھەممىسى زودانگا كېمىلىرىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقىۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا زودانگانىڭ خىرىئاننى قورشاپ تۇرغان جەڭ كېمىلىرى بىر دۈۋە كېرەكسىز مېتالغا ئايلىنىپ قىزىل مۇنار تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى. بىر نەچچە كېمە قاچماقچى بولۋىدى دەرھاللا خىرىئاننىڭ مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان يالغۇز كىشىلىك كېمىلىرى تەرپىدىن قورشىۋىلىندى. ئۈستى تەرەپتە يەنە بىر يوغان خىرىئان كېمىسى دۈشمەن كېمىلىرىنىڭ پالوبىسىغا ئەسكەر چۈشۈرۈشكە ھەر ۋاقت تەييار تۇردى.
ئۆزىلىرىنى غالىپ چاغلايدىغان زودانگا قىسمىنىڭ كېمىلىرى گازارمىسىدىن چىقىپ بىزگە ھۇجۈم قوزغىغاندىن باشلاپ تاكى جەڭ تاماملانغىچە پەقەت بىر سائەتتىن ئارتۇق بەرداشلىق بېرەلىدى. قالغان كېمىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ خىرىئانغا ھەيدەپ كېتىلدى.
جەڭ كېمىلىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئۆزگىچە ئۇسولى بار بولۇپ، كونا قائىدە بۇيىچە مەغلۇپ بولغان كېمە كاپىتانى تەشەبۇسكارلىق بىلەن كېمىدىن يەرگە سەكرەپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. قەيسەر كېمە كاپىتانلىرى دۆلەت بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈشۈپ كېمە تۇمشۇقىدىن سەكرىشىپ قورقۇنۇچلۇق ئەزرائىلنى كۈتۋىلىشتى. مۇشۇ تەرىقىدە تاكى ئۇرۇش كېمىلىرىنىڭ باش قوماندانىمۇ سەكرەپ تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىلا ئاندىن پۈتكۈل جەڭ رەسمى ئاخىرلىشىپ قەيسەر ئەزىمەتلەرنىڭ بىھۇدە قۇربان بېرىشى توختىدى.
بىز خىرىئان كېمىلىرىگە سىگىنال بېرىپ ئۇلارنى بىزگە يېقىنلىشىشقا چاقىردۇق. ئۇلار مېنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىمنى ئاڭلىيالىغۇدەك يىقىنلىغاندا مەن مەلىكە دېكا تۇررېسنىڭ مۇشۇ كېمىدە ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا خەۋەر قىلدىم. بىز ئۇلارنىڭ مەلىكىنى دەرھال شەھەر ئىچىگە ئېلىپ كىرىشىنى ئېيتتۇق. ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنگەندىن كىيىن پالوبىدا قارىشى ئېلىش سادالىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇزاق ئۆتمەي يۈزدىن ئارتۇق خىرىئان مەلىكىسىنىڭ بايرىقى چىقىرىلدى. باشقا خىرىئان كېمىلىرىمۇ ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئوخشاش ئۇسول بىلەن مەلىكىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارىشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چىقىرىلغان مەلىكە بايرىقى ئالتۇنرەڭ قوياش نۇرىدا ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈنەتتى.
كېمىلەر يىقىنلاپ كەلگەندىن كىيىن ئەپچىللىك بىلەن بۇرۇلۇپ يېنىنى بىزگە توغرىلىدى. ئون نەچچە نەپەر ئوفىتسىر بىزنىڭ كېمىگە سەكرەپ چۈشتى. ئۇلار كېمىنىڭ ئىچىدىكى نەچچە يۈز يىشىل تەنلىك رىتسارلارنى كۆرۈپ چۈچىگىنىدىن قەدەملىرىنى توختىتىشتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ نەزىرى قارىشى ئېلىش ئۈچۈن كىلۋاتقان كانتوس كانغا چۈشكەندىن كىيىن داۋاملىق ئالدىغا قەدەم تاشلىدى ھەم ئونى ئورىۋىلىشتى.
تۇررېس ئىككىمىزمۇ ئۇلارنى قارىشى ئالغىلى چىقتۇق. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت مەلىكىلا بار ئىكەن. دېكا تۇررېس ئۇلار بىلەن بىر - بىرلەپ كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چىقتى. بۇ كىشىلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇش بولۇپ ھەمىسىلا ئىنتايىن يوقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋانغا ئىگە، بىۋاستە خاننىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان ئوفىتسىرلار ئىكەن.
- قولۇڭلارنى جون كارتېرنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈڭلار - دىدى تۇررېس ئۇلارغا، ئاندىن ماڭا بۇرۇلۇپ دىدى، - خىرىئان مەلىكىسىنىڭ قايتىپ كېلىشى ۋە بۈگۈنكى جەڭ غەلبىسى ئۇنىڭغا مەنسۈپ.
ئۇلار ماڭا ئىنتايىن ئەدەپ بىلەن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان نۇرغۇن ئېسىل سۆزلەرنى قىلدى. ئۇلارنى ھەممىدىن قاتتىق ھەيران قالدۇرغىنى، مېنىڭ ياۋۇز ساكلىقلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ دېكا تۇررېسنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشۈم ھەم خىرىئاننى قورشاۋدىن خالاس قىلىشىم بولدى.
- سىلەر رەخمەت ئېيتىدىغان ئادەم مەن ئەمەس، بەلكى يەنە بىر ئادەم، - دىدىم مەن ئۇلارغا، - ئۇ دەل بارسومدىكى ئەڭ ئۇلۇغ رىتسار ھەم سىياسىيون تارس تاركاس، ساك خانلىقىنىڭ خانى بولىدۇ.
بايقىغا ئوخشاش ئۇسول بىلەن ئۇلار يەنە بۈيۈك ساك خانىغا ئىھتىرام بىلدۈرۈشتى. مېنى تېخىمۇ قاتتىق ھەيران قالدۇرغىنى تارس تاركاسنىڭ قىزىل تەنلىكلەردىن قىلىشمايدىغان ئېسىل خىسلىتى، ئۆزگىچە قائىدە - يۇسۇنلۇقى ۋە ئالىيجاناپلارغا خاس ئاجايىپ نوتىقى بولدى. ساك قەبىلىسى ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدىغان مىللەت تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ نۇتىقى ئادەمنى ئىنتايىن قايىل قىلارلىق بولدى.
دېكا تۇررېس خىرىئان كېمىسىگە چىقتى. ئۇ مېنىڭ بىللە ماڭمايدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كىيىن ناھايىتى ئاچچىقى كەلدى. مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ ئۇرۇش تېخى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، بىز يەنە خىرىئاننى قورشاپ تۇرغان زودانگانىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىمىزنى، ھەقىقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۆزەمنىڭ تارس تاركاستىن ئايرىلمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
خىرىئان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانى شەھەر ئىچىدىن بىزنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمىغا زەربە بېرىشكە ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېمىلەر ئىككى يولغا بۈلۈندى. خىرىئان كېمىلىرى دېكا تۇررېسنى ئېلىپ خىرىئان خانى تاردوس مورسنىڭ ئوردىسىغا قايتتى.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 53 54 55 56 57 58 59 60 61 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N