ئۇنىڭ بىشى ئالدىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ قاراشتىن قازا قىلغان كىشىدەك كۆرىنەتتى. مەن ۋارقىرىغان پىتىم ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىدىم.
ئۇ ئىككى كۆزىنى ئىچىپ مېنىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلدى.
- جون كارتېر، مېنى سۈيۈپ قويۇڭ، - دىدى ئۇ ئارانلا، - مەن سىزنى سۈيىمەن، سىزنى سۈيىمەن. بىزنىڭ ئەمدىلا باشلانغان مۇھەببەت ۋە خۇشاللىققا تولغان ھاياتىمىز مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشامدۇ؟ بۇ نىمە دىگەن رەھىمسىزلىك.
مەن ئۇنىڭ ئۇماق لىۋىگە سۆيدۈم. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز تۇسۇپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل كۈچ - قۇدرەت ۋە ھەيۋە ۋۇجۇدۇمدا ئۇرغۇپ، تىنىمدىكى ئۇرۇشخۇمار ۋىرگىنىيىلىكلەرگە خاس قان قايناپ تاشتى.
- ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، مېنىڭ مەلىكەم، - دىدىم ۋارقىراپ، - چۇقۇم ئامال تىپىلىدۇ، جون كارتېر سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن يات دۇنيادا جان تىكىپ جەڭ قىلدى. مەن چۇقۇم ئامال تاپىمەن.
مۇشۇ سۆزلەرنى قىلۋاتقىنىمدا ئالىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، ئوكسېگېن زاۋۇتىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا ئىشلىتىلدىغان تۇققۇز دانە نوتا بەلگىسى شۇئان كاللامدا پەيدا بولدى. چاقماقتەك تېزلىكتە بۇ بەلگىلەرنىڭ رولىنى ئەسكە ئالدىم. بۇلار ئوكسېگېن زاۋۇتىنىڭ ئۈچ ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ.
قولۇمدا ھالاكەتكە قاراپ كىتۋاتقان مەلىكىنى قۇچاقلىغىنىمچە مەن تۇيۇقسىز تاردوس مورسقا بۇرۇلدۇم.
- ئۇچار كېمە، ئالىيلىرى، تېز بولۇڭ، ئەڭ تېز ئۇچار كېمىنى بۇ ياققا ئەۋەتىڭ. مەن بارسومنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايمەن.
ئۇ مەندىن نىمە ئىشلىقىنى سورىمايلا بىر مۇھاپىزەتچىنى ئەڭ يىقىن ئورۇندىكى ئامبارغا ئەۋەتتى. ئۆينىڭ ئۈستىدە گەرچە ھاۋا يوق دىيەرلىك بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ئامال قىلىپ تا ھازىرغىچە بارسومدىكى ئەڭ ياخشى تېخنىكا ئىشلىتىلىپ ياسالغان يالغۇز كىشىلىك تېز سۈرئەتلىك بىر كېمىنى ھەركەتكە كەلتۈردى. مەن كەينىدىنلا بۇرۇنقىدەك چاققانلىق ۋە كۈچ بىلەن خان ئوردىسىنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ بارلىق بارسوملۇقنىڭ ئۈمۈدىنى ئېلىپ تېز سۈرئەتتە يۈرۈپ كەتتىم.
نەپەسلىنىش ئۈچۈن پەس ئۇچۇشقا توغرا كەلدى. بىر قەدىمى دېڭىز تىگىدىن ئۆتۈپ كىتۋاتقاندا ئارلىقنى قىسقارتىش ئۈچۈن مەن ئايرۇپىلاننى پەقەت يەردىن بىر نەچچە فوتلا ئىگىزلىكتە ھەيدەپ ماڭدىم.
مەن كىشىنى چۈچۈتكىدەك سۈرئەت بىلەن كىتۋاتاتتىم. چۈنكى مېنىڭ بۇرۇچۈم ئەزرائىلنىڭ قولىدىن ۋاقىتنى تارتىۋىلىش ئىدى. تۇررېسنىڭ چىرايى ھەرۋاقت كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. مەن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم بۇرۇلۇپ قارىدىم. ئۇ تۇخۇم قويۇلغان قاچىنىڭ يېنىغا ياتقۇزۇلغان بولۇپ ئېنىقكى ئەگەر ئوكسېگېن بىلەن تەمىنلەش ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلمىسە ئۇنداقتا ئۇ مەڭگۈ قايتا ئويغانمايتتى. شۇڭا ماتور بىلەن كومپاستىن باشقا ھەممە نەرسىنى، ئۈستۈمدىكى زىننەت بۇيۇملىرىنىمۇ قويماي ئايرۇپىلاندىن تاشلىۋەتتىم.
مەن بىر قولۇم بىلەن رولنى، يەنە بىر قۇلۇم بىلەن سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى ئەڭ يوقىرى خوتقا توغۇرلاپ كېمىنى خۇددى بىر تال ئاقار يۇلتۇزدەك ھالاكەتكە يۈزلىنۋاتقان مارسنىڭ شالاڭ ئاتمۇسفوراسىنى يېرىپ ئالغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتىم.
قاراڭغۇ چۈشۈشكە بىر سائەت قالغاندا ئوكسېگىن زاۋۇتىنىڭ يوغان بىناسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. مەن ئوقتەك سۈرئەتتە ھىلقى كىچىك ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختۇدۇم. دەل مۇشۇ ئىشىك پۈتكۈل بارسومدىكى ھاياتلىققا خىرىس قىلىپ تۇراتتى. ئىشىك يېنىدا بىر توپ ئادەم ناھايىتى تەستە تامنى بورغىلاۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ ناھايىتى مۇستەھكەم تامنىڭ يۈزىدە تېخى كۆزگە چىلىققۇدەك بىر يەرنى بۇزالمىغان ئىدى. كۆپ ساندىكىلىرى ئالىقاچان مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەن بولۇپ ھاۋا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار قايتا ئويغانمايتتى. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يەرنىڭ ئەھۋالى خىرىئاندىنمۇ چاتاق بولۇپ نەپەس ئېلىش تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتكەنتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىگە ئېيتتىم:
- ئەگەر مەن ئىشىكنى ئاچالىسام بۇيەردە ماتورنى قوزغىتالايدىغان ئادەم بارمۇ؟
- مەن قوزغىتالايمەن. سىز ناھايىتى تېزلىكتە ئاچالىسىڭىزلا. چۈنكى مەن بىردەمچىلىكلا چىدىيالايمەن. ئەمما ئىشىكنىڭ ئېچىلىش سىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئۆلدى. ئۇلاردىن باشقا ھىچكىم ئىشىكنى ئاچالمايدۇ. ئۈچ كۈندىن بۇيان كىشىلەر بۇ يەردە ئىشىكنىڭ سىرىنى يىشىش ئۈچۈن ئېلىشىپ قالايلا دىدى.
ئارتۇق گەپ قىلىشقا ۋاقىت يوق ئىدى. مەن ناھايىتى تەسلىكتە پۈتۈن دىقىتىمنى يىغىپ ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىم بىلەن يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ ئالدىمدىكى ئىشىككە قاراپ تۇرۇپ بىردىنلا توققۇز خىل تەپەككۈر دۇلقىنىنى چىقاردىم. قالغانلار ئەتراپىمغا يىغىلىپ ئىشىككە مىقتەك تىكىلدى. بىز گۈرۈستان جىمجىتلىقىدا ساقلاشقا باشلىدۇق.
يوغان ئىشىك ئاستا - ئاستا يىغىلىپ كەينىگە ياندى. مەن ئورنۇمدىن تۇراي دىۋىدىم بەك ھالسىراپ كەتكەنلىكىمدىن تۇرالماي قالدىم.
- ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، - ۋارقىرىدىم ئەتراپىمدىكىلەرگە، - سىلەر يەتكۈزۈش ماتورى سېخغا بارالىساڭلار بارلىق ماتورنى ئېچىڭلار. بۇ بارسومدىكى ھاياتلىقنىڭ داۋاملىق مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىشىدىكى بىردىن - بىر پۇرسەت.
مەن ئۆز ئورنىمدا تۇرۇپ ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى ئىشىكلەرنى ئاچتىم. بارسۇملۇقلارغا ئۈمۈد بېغىشلايدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشىكتىن كىرىپ كىتۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە سىزىمىمنى يوقۇتۇپ يەرگە باشچىلاپ يىقىلدىم.
يىگىرمە سەككىزىنچى باپ
ئارىزونادىكى تاغ ئۆڭكۈرى
مەن قايتىدىن كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا كۈن قارايغان بولۇپ غەلىتە ھەم قاتتىق كىيىم ئۈستۈمگە كىيىكلىك ئىدى.
مەن ئولتۇرۋالدىم. شۇ ھامان ئۈستۈمدىكى كىيىمگە سىڭىپ كەتكەن تۇپا يەرگە پاراشوكتەك تۆكۈلدى.
مەن بەدىنىمنى باشتىن - ئاخىر سىيلاپ چىقتىم. شۇنداق، مەن تۇلۇق كىيىنگەن ئىدىم. شۇنىسى كىچىك ئىشىكنىڭ ئالدىدا ھۆشۇمدىن كەتكەن چاغدا ھىچقانداق كىيىم كەيمىگەنتىم. كۆز ئالدىمدا بىر تۆشۈك بولۇپ بۇ يەردىن ئازاراق ئاي نۇرىنى كۆردۈم.
مەن ئۈستى - بىشىمنى سىيلاپ كىيىمدىكى يانچۇقلارغا قولۇم ئۇرۇندى. بىر يانچۇقتىن ماي قەغەزگە ئورالغان سەرەڭگىنى تىپىۋالدىم. بىر تال سەرەڭگىنى تۇتاشتۇرۇپ ئاجىز يورۇقىدا تاش غارنىڭ ناھايىتى يوغانلىقىنى بايقىدىم. مەن يەنە ئۆڭكۈرنىڭ كەينى تەرىپىدە بىر كىچىك ئورۇندۇق بارلىقىنى، ئۈستىگە قىتىپ كەتكەن بىر غەلىتە گەۋدىنىڭ ياتقۇزۇلغانلىقىنى كۆردۈم. يىقىن بېرىپ ئۇنىڭ ئالىقاچان مۇمىياغا ئايلىنىڭ كەتكەن جەسەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ ۋىجىك كەلگەن بىر قېرى ئايال كىشىنىڭ جەسىدى بولۇپ قاپقارا ھەم ئۇزۇن چاچلىرى ئورۇندۇققا تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئورۇندۇق ياغاچ كۈمۈر كۆيدۈرۈلىدىغان بىر ئوچاققا يۈلەپ قويۇلۇپتۇ. ئۇچاققا يۇمۇلاق بىر مىس ئاسقۇ ئېسىلغان بولۇپ ئۈستىدە ئازاراق يىشىل رەڭلىك پاراشوك بار ئىكەن.
ئۇنىڭ كەينىدە ئۆڭكۈرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، ئۇزۇن تىزىلغان ئىسكىلىت بار بولۇپ ئارغامچا بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئۆگزىسىگە ئېسىپ قويۇلغان ئىدى. ئىسكىلىتقا باغلانغان بىر تال ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇلۇپتۇ. مەن ئارغامچىنى تۇتۇپ بىقىۋىدىم شۇئانلا ئىسكىلىت پولاڭلاپ قۇرۇپ كەتكەن قاخشال دەرەخ يۇپۇرمىقىدەك كىرس - كىرس ئاۋاز چىقتى.
بۇ قورقۇنۇچلۇق ھەم كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان مەنزىرىنى كۆرۈپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا يۈگۈرەپ سىرىتقا چىقتىم ۋە ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندىم. ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان يەردىن چىقىپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن كۆڭلۈم ئازادىچىلىك ھىس قىلدى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N