چۈنكى بۇ ئەبلەخلەر بىلەن بىر كۈن ئاۋال مېنى قوغلىغان ئىندىئانلارنى ئايرىپ قاراشقا بولمايتتى. مەن مارسلىقلارنىڭ نەيزىسىدىن باشقا يەنە نەچچە خىل قورال بىلەن قوراللانغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. بۇ قورالنىڭ بىر خىل مىلتىق ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بۇ مىلتىقنى ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ماھىر ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيتتى. بۇ خىل قورال ئاق رەڭلىك مىتالدىن ياسالغان بولۇپ ياغاچتىن ياسالغان مىلتىق قوندىقىغا ئورنىتىلغان ئىدى. مەن كىيىن بۇ خىل ياغاچنىڭ ناھايىتى يىنىك ، ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بۇ ياغاچ مارستا ئىنتايىن ئەتۋارلىنىدىكەن، ئەمما يەر شارىلىقلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى. مىلتىق سىتىۋولى ئاليومىن ۋە پولات بىرىكمىسىدىن ياسالغان بولۇپ ئۇلار بۇنداق بىرىكمە مېتالنى ناھايىتى قاتتىق قىلىپ تاۋلاشنى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ قاتتىقلىقى بىز بىلىدىغان پولاتنىڭ قاتتىقلىقىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىكەن. بۇ خىل مىلتىق يىنىك، كالبىرى كىچىك، سىتىۋولى ئۇزۇن، پارتلايدىغان رادىيلىق ئوق بىشى سەپلەنگەن بولۇپ ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆلتىرەلەيتتى. نەزەرىيە جەھەتتىكى ئېتىش ئارلىقى ئۈچ يۈز ئېنگىلىز مىلى بولۇپ، يەرشارىلىقلار بۇنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايتى. ئەمما، سىمسىز ئارلىق ئۆلچەش ئۈسكىنىسى ۋە قارىغا ئېلىش قورۇلمىسى ئورنىتىلسا ئەمىلىي ئىشلىتىشتە ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ ئىككى يۈز ئېنگېلىز مىلىدىن ئازاراق ئاشاتتى. بۇنداق يېراققا ئېتىش ئارلىقى مېنىڭ مارسلىقلارغا بولغان ھۆرمەت ھىسياتىمنى قوزغىدى. بىر خىل ھىسسىي تۇيغۇ مېنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇقچىلىقتا ماڭا بەتلىنىپ تۇرغان يىگىرمە تال مىلتىقنىڭ ئالدىدا قىچىشنىڭ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتتى . مارسلىقلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن بىرسى قىلىپ قالغانلىرى ئۆرۈلۈپلا ئەسلىدىكى كەلگەن يۈلۈنىشكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى . ئۇلار تەخمىنەن ئىككى يۈز يارد ماڭغاندىن كىيىن توختاپ مىنگەن مەخلۇقلىرىنى مەن تەرەپكە بۇراپ نەزىرىنى مەن تەرەپتە قىپقالغان مارسلىققا تىكىشتى. قىپقالغان مارسلىق ئىلگىرى ماڭا نەيزە تەڭلىگەن، كىچىك ئەترەتنىڭ باشلىقى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھەركىتى دەل بۇ باشلىقىنىڭ كۆرسىتىشى بۇيىچە بولغان ئىدى. مارسلىقلار جايلىرىدا توختىغاندىن كىيىن ئەترەت باشلىقى مىنگەن مەخلۇقىدىن يەرگە چۈشۈپ نەيزە ۋە باشقا قوراللىرىنى تاشلاپ قويۇپ تۇخۇم بىسىش ئۆيىنى ئايلىنىپ مەن تەرەپكە كىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھەممە قورالىنى تاشلىۋەتكەن بولۇپ ئۈستى - بىشى ، مەيدىسىگە ئاسقان زىننەت بۇيۇملىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش يالىڭاچ ئىدى. ئۇ ماڭا تەخمىنەن ئەللىك فوت قالغاندا بىر دانە مىتالدىن ياسالغان يوغان يەڭ بەلگىسىنى يېشىپ قول ئالقانلىرىغا قويغىنىچە مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كىلىپ ئۇچۇق، ياڭراق ئاۋاز بىلەن ماڭا گەپ قىلدى. ئەمما مەن ئونىڭ تىلىنى چۈشۈنەلمىدىم. ئۇ سوزلەشتىن توختىدى، قارىماققا مېنىڭ جاۋاپ قايتۇرۇشۇمنى كۈتۋاتقاندەك قىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا قولقىنى دىڭ تۇتۇپ غەلىتە كۆزىنى ماڭا توغۇرلاپ تۇردى. ئارىمىزدىكى جىمجىتلىق چىكىگە يەتكەندە مەن تەۋەككۈل قىلىپ بىر قانچە جۇملە سۆزلەشنى قارار قىلدىم. چۈنكى ئۇ تەشەببۇسكار ھالدا مەن بىلەن تېنچلىقتا بىللە تۇرماقچى بولغان ئىدى. ماڭا يىقىنلىشىشتىن ئاۋال قورالىنى تاشلىۋېتىش، ئادەملىرىنى چىكىندۈرۈش، مانا بۇلار يەر شارىنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئوموملاشقان تىنچلىق تەكلىپىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، مارستىكى ئىپادىسىمۇ ئوخشاش ئىكەن. بۇنى قوبۇل قىلىشقا ۋە چۈشۈنىشكە بولاتتى. چۈنكى تىنچلىقنى خالايدىغانلار ھەرگىز قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق رەقىبىگە ھۇجۇم قىلمايدۇ.
مەن قولۇمنى مەيدەمگە قويۇپ ئالدىمدىكى مارسلىققا قاراپ چوڭقۇر تازىم قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم. گەرچە مەن ئۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەممۇ ئۇنىڭ ھەركىتى تېنچلىق ۋە دوسلتۇقنى بىلدۈرگەن ، بۇنداق ئىپادىلەش ماڭا ناھايىتى يىقىنچىلىقنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. مېنىڭ دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە جىرا سۇلىرى چىقارغان شىلدىرلىغان ئاۋازغا ئوخشاش بولۇپ سۆزۈم تۈگىگەندىن كىيىن دەرھال قولۇم بىلەن بىر ھەركەت قىلدىم. مېنىڭچە ئۇ بۇ ھەركەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەتتى.
مەن بىر تەرەپتىن ئونىڭغا قولۇمنى سوزۇپ بىر تەرەپتىن ئونىڭغا يىقىنلاشتىم. ئونىڭ ئېچىلغان ئالقانلىرىدىن يەڭ بەلگىسىنى ئېلىپ جەينىكىمنىڭ ئۈستىگە باغلىدىم ھەم ئونىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. ئونىڭ ئېچىلغان ئېغىزىمۇ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ماڭا جاۋاپ قايتۇرغاندەك كۈلۈمسىرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئونىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر قولى مېنىڭ بىلىكىمگە ئۆتكۈزۈلۈپ بۇرۇلۇپ ئونىڭ مەخلۇقىغا قاراپ مىڭىپ كەتتۈق. شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ئۇ ھەمراھلىرىغا ئىشارەت قىلدى. ئۇلار ماڭا قاراپ يۈگرۈشۈپ كىلىشتى. ئەمما ئۇ سىگىنال بىرىپ ئۇلارنىڭ يۈگرەپ كىلىشىنى چەكلىدى. چۈنكى ئۇ مېنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەردىن قورقۇپ قىچىپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدى.
ئۇ ئادەملىرى بىلەن بىر قانچە ئېغىز سوزلەشكەندىن كىيىن مېنىڭ مەخلۇققا مىنىشىمگە ئىشارەت قىلدى. مەن بىر رىتسارنىڭ كەينىدە ئولتۇردۇم. ئارقىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھايۋىنىغا مىندى. ئۇ كۆرسەتكەن رىتسار ئۈچ قولىنى سوزۇپ مېنى كۆتۈرۈپ كەينىگە ، مەخلۇقنىڭ پارقىراق دۈمبىسىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. مەن پەقەتلا ئۇنىڭ قۇرال باغلىغان تاسمىسى ۋە باشقا زىننەت ئۈچۈن ئاسقان نەرسىلىرىنى تۇتۇپ ئولتۇردۇم. ئۇلار بۇرۇلۇپلا يىراقتىكى تاغ تىزمىسىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

تۆتۈنچى باپ
ئەسىر

بىز تەخمىنەن قىرىق ئىنگىلىز مىلى يول يۈرگەندىن كىيىن يەر شەكىلى يوقىرى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى. كىيىنەرەك بىلسەم، بىز ھازىر مارستىكى ئۇزۇن كەتكەن بىر ئۈلۈك دىڭىزنىڭ قىرغىقىغا يىقىنلىشۋاتقان ئىكەنمىز. مەن دەل ئاشۇ ئۈلۈك دېڭىزنىڭ تىگىدە مارسلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن ئىكەنمەن. ئۇزاق ئۆتمەي بىز تاغ تىزمىسىنىڭ باغرىغا يىتىپ باردۇق. ئاندىن بىر تار تاغ قاپتىلىدىن ئۆتۈپ كەڭ كەتكەن تاغ جىلغىسىغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ تاغ جىلغىسىنىڭ بىشىدا سەل كۆتۈرلۈپ تۇرغان يەر بار ئىكەن. مەن ئۇ يەردە چوڭ بىر شەھەرنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. بىز بۇ شەھەرگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتۇق. تامامەن ۋەيران بولغان بىر يول شەھەرگە بىۋاستە تۇتۇشىدىكەن. بۇ يولدىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىدۇق. بىز كۆتۈرلۈپ تۇرغان يەرنىڭ گىرۋىكىگە كىلىشىمىزگىلا ئۇ يەردە تۇيۇقسىز كەڭ بىر پەلەمپەي كۆرۈندى. ئىنچىكە كۆزۈتۈپ ئەتراپىمدا كۆرگەن قۇرلۇشلاردا ئادەم ئولتۇراقلاشمىغانلىقىنى، تاشلىۋىتىلگىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ يەنىلا خېلى مۇكەممەل ساقلانغانلىقىنى بايقىدىم. شەھەر مەركىزىگە يىقىن يەردە بىر مەيدان بار بولۇپ، مەيداننى چۆردەپ سىلىنغان قۇرلۇشلاردا تەخمىنەن توققۇز يۈزدىن مىڭغىچە مارس ئادىمى تۇراتتى. ئۇلار سىرتقى قىياپەت جەھەتتە مېنى تۇتقۇن قىلغانلار بىلەن ئوخشاش تۈردىن بولۇپ زىننەت بۇيۇمىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەممىسىلا قىپيالىڭاچ ئىدى. ئەر- ئاياللىرىنىڭ پەرقى شۇكى، ئاياللارنىڭ چىشى بىلەن بوي ئىگىزلىك نىسبىتى چوڭ، بەزىلىرىنىڭ چىشى ناھايىتى قىسقا، بەدىنى كىچىكەرەك، تىرىسىنىڭ رەڭگى سۇس ئىكەن. قول - پۇتىدا تىرناق ئىزى بار بولۇپ بۇنداق ئالاھىدىلىك ئەرلەردە يوق ئىدى. قورامىغا يەتكەن ئاياللىرىنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئوندىن - ئون ئىككى فوت كېلىدىكەن. بالىلېرىنىڭ رەڭگى ئاياللارنىڭكىدىنمۇ سۇس ئىدى. يېشى چوڭ بەزى بالىلارنىڭ بويى باشقا بالىلاردىن ئىگىزەرەك ئىكەن.

Prev | Next
Pg.: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N