پىلانىمىز ئوڭۇشلۇق بولدى. بىز يولۇققان ئىككى قاراۋۇلنى كروس ئۈلۈك دېڭىزىنىڭ بويىدىكى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا يولغا سىلۋەتتۇق. چوڭ دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى قاراۋۇللارمۇ ھىچنىمە تۇيمايلا ئالدىنقى قاراۋۇللارنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالدى.
يىگىرمە بەشىنچى باپ
زودانگادىكى بالايى - قازا
مەن يوغان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتىم. دەرۋازا ئېچىلغاندىن كىيىن ئەللىك نەپەر ساكلىق رىتسار تارس تاركاسنىڭ باشچىلىقىدا ئاتلىرىغا مىنىشىپ ئىتىلىپ كىرىپ كەلدى. مەن ئۇلارنى باشلاپ خان ئوردىسى قورشاۋ تىمىنىڭ يېنىغا كەلدىم ۋە ھىچكىمنىڭ ياردىمىسىزلا بىرلا سەكرەپ ئىچىگە كىردىم. ئەمما ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئازاراق ئاۋارىيەگە يولۇقتۇم. دەرۋازا چاتقۇچ بىلەن ئېتۋىتىلگەن بولۇپ ئېچىش خېلى قىيىنغا توختىدى، شۇنداقتىمۇ بىر ئامال قىلىپ دەرۋازىنىڭ يوغان چاتقۇچىنى ئاچتىم. ئۇزاق ئۆتمەي مېنىڭ ياۋۇز ھەمراھلىرىم زودانگا خانىنىڭ گۈللىكىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى. خان سارىيىغا يىقىنلاشقان ۋاقتىمدا مەن بىرىنچى قەۋەتنىڭ چوڭ دىرىزىسىدىن سەيىن كوسىسنىڭ چىراق بىلەن يورۇپ تۇرغان قوبۇلخانىسىنى كۆردۈم.
زال ئاقسۈڭەكلەر ۋە ئاقسۈڭەك ئاياللار بىلەن تولغان بولۇپ چوڭ بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۋاتقاندەك قىلاتتى. ئوردا سىرتىدا بىرمۇ قاراۋۇل كۆرۈنمەيتتى. قارىغاندا ئۇلار شەھەر سىپىلى ۋە ئوردا تېمىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالغىلى بولمايدىغان مۇستەھكەم قورغان دەپ ئويلاپ بىخىرامان ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن ئالدىغا ئازاراق مېڭىپ ئەتراپنى ئەستايدىللىق بىلەن كۈزەتتىم. قوبۇلخانىنىڭ بىر بىشىدىكى بىرلىيانت ئولتۇرغۇزۇپ نەپىس ياسالغان كاتتا ئالتۇن تەخت ئۈستىدە سەيىن كوسىس بىلەن ئۇنىڭ خانىشى ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئىسىلزادىلەر تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرەپىدە بىر رەتتىن ئەسكەر تۇرغۇزۇلغان مەخمەل يول سوزۇلۇپ ياتاتتى. يەنە بىر تەرەپتە، زالنىڭ يىراق ئۇچىدا بىر رەت ئادەم تەختكە قاراپ كېلۋىتىپتۇ. ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭغان كىشى تەخت ئالدىدىكى يولغا كىلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن كىلۋاتقىنى يوغان بىر تەخسە كۆتۈرگەن خان مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ تۆت نەپەر ئوفىتسىرى بولۇپ تەخسىنىڭ ئىچىدىكى قىپقىزىل يىپەك تەگلىك ئۈستىگە ئىككى ئۇچىدا بىردىن ھالقا ۋە قولۇپ ئېسىلغان ئالتۇندىن ياسالغان بىلەيزۈك قويۇلغان ئىكەن. بۇ ئوفىتسىرلارنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپلا يەنە تۆت نەپەر ئوفىتسىر كىلۋاتقان بولۇپ قولىدا ئوخشاش تەخسە كۆتۈرگەن، تەخسە ئىچىگە زودانگا خان جەمەتىنىڭ شاھزادىسى بىلەن مەلىكىسىگە ئاتالغان نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى قويۇلغان ئىدى.
بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئادەم تەخت ئالدىدا ئايرىلغاندىن كىيىن توختاپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆزئارا روبىرو تۇردى. كەينىدىنلا يەنە خان سارىيى ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەرتىۋىلىكلىرى ۋە ئوفىتسىرلىرى يىتىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئىككى ئادەمنىڭ باش قىسىمى ئوتقاشتەك قىزىل يىپەك رەخت بىلەن ئورالغان بولۇپ ھىچكىم قىياپىتىنى تەسەۋۇر قىلالمايتتى. بۇ ئىككىسى تەختنىڭ ئالدىدا يۈزىنى سەيىن كوسىسقا قىلىپ ئۆرە تۇردى.
زالغا كىرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كىلىپ تىگىشلىك جايلىرىدىن ئورۇن ئالغاندىن كىيىن سەيىن كوسىس بۇ بىر جۈپ ئادەمنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم. ئىككى نەپەر ئوفىتسىر دەرھال ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بىشىدىكى يىپەك رەختنى ئېلىۋەتتى. كانتوس كاننىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقىنى شۇ ھامانلا چۈشەندىم. چۈنكى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى دەل زودانگا شاھزادىسى سابو سەيىن ئىدى.
بۇ چاغدا سەيىن كوسىس تەخسىدىن بىر يۈرۈش زىننەت بۇيۇمى ئىچىدىن بىر دانە بۈلەيزۈكنى ئېلىپ ئوغلىنىڭ بوينىغا ئېسىپ چاتقۇچىنى مەھكەم چىتىپ قويدى ھەم ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ يەنە بىر ئادەمگە يۈزلەندى. ئوفىتسىر بۇ ئادەمنىڭ بىشىدىكى يۇپۇقنىمۇ ئېلىپ تاشلىدى. ئەمدى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى دېكا تۇررېس - خىرىئان مەلىكىسى ئىدى.
بۇقىتىمقى مۇراسىمنىڭ مەنىسىنى دەرھال چۈشۈنۈپ يەتتىم. دېكا تۇررېس ھازىرلا زودانگا شاھزادىسى بىلەن مەڭگۈ بىر گەۋدە بولۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرۋاتاتتى. بۇ ئۇنتۇلغۇسىز، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇراسىم بولسىمۇ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەن كۆرۋاتقان ئەڭ ئېچىنىشلىق ماتەم مۇراسىمىغا ئوخشايتتى. سەيىن كوسىس بۈلەيزۈكنىڭ قۇلىپىنى ئېچىپ ئۇنى دېكا تۇررېسنىڭ گۈزەل قامىتىگە ئارتماقچى بولۋاتقاندا مەن شەمشىرىمنى بىشىمدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ پۇختا سېپى بىلەن دىرىزە ئەينەكلىرىنى چېقىپ زالغا ئېتىلىپ كىردىم ھەم توپتۇغرا سەيىن كوسىسنىڭ يېنىدىكى پەلەمپەيگە سەكرەپ بېرىپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان خاننىڭ قولىدىكى دېكا تۇررېس بىلەن يەنە بىر ئادەمنى ئۆزئارا مەڭگۈلۈك باغلايدىغان بىلەيزۈككە غەزەپ بىلەن چاپتىم.
ئىشلار بىر دەمدىلا قالايماقانلىشىپ كەتتى. سانسىز شەمشەر تەرەپ تەرەپتىن ماڭا قاراپ يۇپۇرلۇپ كەلدى. سابۇ سەيىن تويلۇق زىننەت بۇيۇملىرى ئىچىدىن بىر دانە ئالماس بىلەن نەقىشلەنگەن خەنجەرنى چىقىرىپ ئالدىمغا سەكرەپ كەلدى. مەن ئۇنى بىر تال چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەك ئاسانلا ئۆلتۈرۈپ تاشلىيالايتتىم. ئەمما بارسۇملۇقلارنىڭ ئادىتى مېنى بۇنداق قىلىشتىن توسۇپ قويدى. ئۇ خەنجەرنى ماڭا قارىتىپ زەرپ بىلەن شىلتىغاندا مەن ئۇنىڭ قول بېغىشىنى ئامبۇردەك قىسۋىلىپ شەمشىرىم بىلەن زالنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ:
- قاراڭلار، زودانگا تۈگەشتى، - دەپ ۋارقىرىدىم.
ھەممەيلەننىڭ نەزىرى مەن كۆرسەتكەن تەرەپكە ئاغدى. تارس تاركاس شۇ ھامان قول ئاستىدىكى ئەللىك نەپەر رىتسارنى باشلاپ يوغان جەڭ ئاتلىرىغا مىنىپ زال ئىشىكىدىن بۈسۈپ كىرىپ كەلدى. كىشىلەر توپى چۈچىگىنىدىن چىقىرىشىپ كەتتى. ئەمما ھىچكىم قورققاندەك قىلمايتتى. زودانگالىق ئەسكەر ۋە ئاقسۈڭەكلەر شەمشەرلىرىنى يالىڭاچلاپ باستۇرۇپ كىرگەن ساكلىقلارغا قاراپ يۇپۇرلۇپ كەتتى.
مەن سابۇ سەيىننى مۇنبەردىن ئىتىرىپ چۈشۈرۋىتىپ دېكا تۇررېسنى يېنىمغا تارتىۋالدىم. تەختنىڭ كەينىدە بىر كىچىك ئىشىك بولۇپ سەيىن كوسىس شەمشىرىنى چىقىرىپ ئىشىك ئىچىدىن ماڭا قاراپ تۇراتتى. بىز دەرھاللا ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتتۇق. رەقىبىم نانقىپىلىردىن ئەمەسكەن. بىز كەڭ مۇنبەر ئۈستىدە ئېلىشۋاتقاندا، سابۇ سەيىننىڭ دادىسىغا ياردەمگە كىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا دېكا تۇررېس ئۇنىڭ ئالدىغا سەكرەپ بېرىپ ئۇنى تۇسىۋالدى. دەل شۇ پەيتتە مېنىڭ شەمشىرىم سابۇ سەيىننى زودانگانىڭ خانلىق ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئۇنىڭ دادىسى ئەجەللىك زەربە يەپ يەردە دومىلاۋاتقاندا يېڭى خان دېكا تۇررېستىن ئاجىراپ چىقىپ بىز روبىرو تۇتۇشۇپ قالدۇق. شۇ ھامان تۆت نەپەر ئوفىتسىر ئۇنىڭغا ھەمدەمگە يىتىپ كەلدى. مەن تەختنى دالدا قىلىپ دېكا تۇررېس ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشتىم ھەم ئۆزەمنى قوغداشقا مەجبور بولدۇم، چۈنكى سابو سەيىننى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرسەم بولمايتتى. مەن سۆيىدىغان ئايالنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت سابۇ سەيىندە ئىدى. شەمشىرىم چاقماقتەك ھەركەت قىلىپ رەقىبىمنىڭ قىلىچىنى كەينىگە قايتۇراتتى. ئوفىتسىرلاردىن ئىككىسى قۇرالسىزلانغان، بىرى يەر چىشلىگەن بولسىمۇ يەنە نەچچىسى يۈگۈرەپ كىلىپ يېڭى خانىغا ھەمدەم بولۇپ كونا خان ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا تىرىشۋاتاتتى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N