مەن ئۇلارنىڭ ياش بەلگىسى يوقلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار پىشىپ يىتىلگەن(تەخمىنەن قىرىق ياش) چاغدىكى سىرىتقى كۆرىنىشى بىلەن مىڭ ياش ۋاقىتتىكى كۆرىنىشى روشەن پەرقلەنمەيتى. تەخمىنەن مىڭ ياشقا كىرگەندە بەزىلىرى خالىسا يىراققا سەپەر قىلىپ تاكى يىس دەرياسىغىچە بارىدىكەن. ھايات مارسلىقلارنىڭ ھىچقايسىسى بۇ دەريانىڭ ئېقىپ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. شۇنداقلا بىرمۇ مارسلىق بۇ دەريادىن قايتىپ كىلەلمەيدىكەن. سوغۇق، قاراڭغۇ دەريا سۈيىدە يۈرگەندە قايتىپ كەلگەن تەغدىردىمۇ ھايات قالمايدىكەن. مىڭ مارسلىق ئىچىدە تەخمىنەن بىرى كىسەل بىلەن ئۆلىدىكەن. يىگىرمە مارسلىق ئۆزلىكىدىن خالاپ يىراققا، يىس دەرياسىغا سەپەر قىلىدىكەن. قالغان توققۇزيۇز يەتمىش توققۇز مارسلىق دوئىلىغا چىقىش، ئوۋ ئوۋلاش ۋە ئۇرۇش قاتارلىق زوراۋانلىق ۋاستىلىرى بىلەن ئۆلۈپ تۈگەيدىكەن. ئەڭ چوڭ ئۈلۈم خەۋىپى بالىلىق مەزگىلىدە بولۇپ، كۆپلىگەن مارسلىق بالىلار ئاق ئادەمسىمان مايمۇننىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىدىكەن.
قورامىغا يەتكەندىن كىيىن مارسلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى تەخمىنەن ئۈچ يۈز ياش بولۇپ تۈرلۈك ئۈلۈم خەۋىپىگە دۈچ كەلمىسە مىڭ ياشقىچە ياشىيالايدىكەن. مارسلىقلارنىڭ خەتەرلىك پائالىيەتلەرگە ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئاخىرى چىقمايدىغان ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ تۇرۇشىدىن ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمرىنىڭ ئانچە ئېتبارغا ئېلىنمايدىغانلىقىنى چۈشىنۋىلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ۋاستىسى ئادەتتىن تاشقىرى داۋالاش ۋە تاشقى كېسەللىكلەر تېخنىكىسى ئىكەن. نوپۇسنى ئازايتىدىغان يەنە باشقا تەبئى سەۋەپلەرمۇ بار بولۇپ، ئاساسلىقى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەزەلدىن ئۆزلىكىدىن قورال تاشلىمايدىكەن. بىر بىرىگە دۈشمەنلىك، ئۈچمەنلىك بىلەن قارىشىدىكەن.
بىز مەيدانغا يىقىنلىشىپ باشقا مارسلىقلار مېنى بايقىغان چاغدا نەچچە يۈز مارسلىق بىزنى ئورىۋىلىشتى. ئۇلار مارسلىقنىڭ كەينىگە ئولتۇرۇپ كىتۋاتقان مېنىڭدەك بىر يەر شارى ئادىمىنى تۇتۇپ بېقىشقا ئالدىرايتتى. ئەترەت باشلىقى بىر قانچە ئېغىز سوزلىگەندىن كىيىن ئۇلار تىچلىنىپ قالدى.
بىز مەيداندىن ئۆتۈپ ئادەتتىكى ئادەم ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان چىرايلىق بىر ئىمارەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدۇق. بۇ ئىمارەت پاكار بولغىنى بىلەن ئىگەنلىكەن كۈلىمى كەڭ، ئاق رەڭلىك مەرمەر تاشتىن سېلىنغان ئىكەن. تاش ئۈستىگە ئالتۇن نەقىش چىقىرىلىپ ئېسىل گۈھەر ئورنىتىلغان بولۇپ قوياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. دەرۋازا ئالدىدىكى يول يۈز فوت كەڭلىكتە بولۇپ ئىمارەتنىڭ ئودۇلىدىن چىقىپ كىرىش زالىنىڭ ئالدىدا كەڭ بىر مەيدان ھاسىل قىلاتتى. پەلەمپەي يوق بولۇپ بىنانىڭ ئىچىگە تۇتىشىدىغان يانتولۇقلا بار ئىكەن. بىنانىڭ ئىچى چوڭ بىر زال بولۇپ تۆت ئەتراپى ئۇزۇن كارىدور بىلەن ئورىلىپ تۇراتتى. زالنىڭ پولىغا نەپىس ئويۇلغان يېزىق ئۈستىلى ۋە ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ تەخمىنەن قىرىق - ئەللىكتەك مارس ئادىمى ئوتتۇرىدىكى مۇنبەر پەلەمپىيىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. مۇنبەردە غايەت زور بىر رىتسار تۇراتتى. ئۇ مىتالدىن ياسالغان زىننەت بۇيىمى، كۈل رەڭ قۇش پىيى ۋە پۇختا ئىشلەنگەن تاسما تاقىغان بولۇپ، تاسمىغا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن گۈھەر ئورنىتىلغان ئىدى. مۈرىسىگە ئاق يۇڭدىن توقۇلغان قىسقا سايىۋەن يىپىنچاقلىۋالغان، سايىۋەننىڭ تىگى كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك قىزىل دۈردۈندىن تىكىلگەن ئىدى. مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى زالدىكى يېزىق ئۈستىلى، ئورۇندۇق ۋە باشقا ئائىلە جابدۇقلىرى بولۇپ، ئەتراپىمدىكى مارسلىقلار بىلەن قەتئى سىغىشمايتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ شەكلى ۋە چوڭ كىچىكلىكى ماڭا ئوخشاش يەر شارى ئادەملىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ناھايىتى ماس كىلەتتى. ئەكسىچە مارسلىقلارنىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسى بۇ ئورۇندۇقلارغا ھەرگىز مۇۋاپىق كەلمەيتتى، يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئاستىغىمۇ ئۇلار ئۇزۇن پۇتىنى سىغدۇرالمايتى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ يەردە مېنى تۇتقۇن قىلغان بۇ غەلىتە مەخلۇقلاردىن سىرت يەنە باشقا ئاھالىلەر ياشىغان. ئەتراپىمدىكى تۈرلۈك قەدىمى نەرسىلەر بۇ قۇرلۇشلارنىڭ يىراق قەدىمكى مارس يۈزىدە ياشاپ ئۆتكەن ئالىقاچان يوقالغان ھەم ئۇنتۇلغان مەلۇم بىر يۈكسەك مەدەنىيەتكە تەۋە بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
بىز بىنانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىغاندىن كىيىن ئەترەت باشلىقى بۇيرۇق قىلىۋىدى مېنى ئېلىپ ماڭغان مارس ئادىمى مېنى يەرگە چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇ مېنىڭ بىلىكىمنى تارتقىنىچە ئەدەپ بىلەن زالغا ئېلىپ كىردى. مارس ئاقساقىلىنىڭ ئالدىغا بارغۇچە ھىچقانداق قائىدە - يۇسۇنلۇق ئىش يوقكەن. مېنى تۇتقۇن قىلغان مارسلىق باشقىلارنىڭ يول بېرىشى بىلەن مۇنبەرگە چىقتى. ئاقساقال ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى بىللە ئېلىپ كەلگەن مارسلىقنىڭ نامىنى چاقىردى. ھىلقى مارسلىقمۇ ئاقساقالنىڭ ئىسمى ۋە نامىنى ئاتىدى. مەن ئۆز ۋاقتىدا بۇنداق مۇراسىم ۋە دىيىلۋاتقان گەپلەرنىڭ ھىچقايسىسىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم ، كىيىن بۇنىڭ مارسلىقلارنىڭ ئادەتتىكى ئۆزئارا بىر - بىرىدىن ئەھۋال سورىشىدىغان شەكىل ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەگەر ئۇچراتقان ئادەم ناتۇنۇش بولۇپ قانداق ئاتاشنى بىلمىگەندە ھەم ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇرۇچى تېنچلىق ئۈچۈن بولسا جىمجىتلا ئۇچىسىدىكى زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشىدىكەن. ئەكسىچە بولسا ئۇلار ئۆزئارا ئوت ئېچىشىدىكەن ياكى تۈرلۈك قوراللىرىنى ئىشقا سىلىپ بىر قىتىم كۈچ سىنىشىدىكەن.
مېنى تۇتقۇن قىلغان مارسلىقنىڭ ئىسمى تارس تاركاس بولۇپ قەلەم ۋە ئەلەمگە ماھىر، شۇ رايوننىڭ مۇئاۋىن ئاقساقىلى ئىكەن. ئۇ كىلىش مۇددىئاسى ۋە مېنى ئەسىر قىلىش جەريانىدىكى ئىشلارنى قىسقىغىنە چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ھىلقى ئاقساقال ماڭا قاراپ بىرمۇنچە گەپ قىلدى. مەن ھەقىقى قەدىمىي ئېنگېلىز تىلىدا ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردۇم. ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى مېنىڭ نىمە داۋاتقانلىقىمنى چۈشەنمىدى، ئەمما سۆزۈمنى تۈگىتىپ كۈلۈمسىرىگىنىمدە ئونىڭمۇ كۈلۈمسىرگىنىگە دىققەت قىلدىم. بۇ ھالەت مېنىڭ تارس تاركاس بىلەن بىرىنچى قىتىم سۆزلەشكەن چىغىمدىكى ھالەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ماڭا بىزنىڭ ئارىمىزدا مەلۇم بىر ئورتاقلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەندۈردى: يەنى بىز ئوخشاشلا كۈلۈمسىرەشنى بىلىمىز، بەلكى چوڭ ئاۋازدىمۇ كۈلەلەيمىز، كۈلكە ئارقىلىق يۇمۇرىستىك تۇيغىنى ئىپادىيەلەيمىز. ئەمما مەن شۇنى بىلىشىم كېرەككى، مارسلىقلارنىڭ كۈلۈمسىرىشى ساختا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاتتىق كۈلگەن چاغدىكى ھالىتى خېلى مەنمەن دىگەن پالۋاننىڭمۇ پىشانىسىدىن سۇغۇق تەر چىقىرۋېتەتتى.
يېشىل رەڭلىك مارسلىقنىڭ يۇمۇرىستىك ئۇقۇمى بىلەن بىز يەرشارىلىقلارنىڭ كۈلكە ئارقىلىق خۇشاللىقنى ئىپادىلەش ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان - زىمىن پەرق بار. بۇ غەلىتە جانلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى ئازابى ئۇلارغا چەكسىز خوشاللىق ئېلىپ كىلەتتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇشاللىقتىن بەھىر ئالىدىغان ئەڭ ئاددىي شەكىلى شۇكى، ھەرخىل غەيرى ھەم قورقۇنۇچلۇق ئۇسوللار بىلەن مەھبۇسنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش ئىدى.
مارسلىق ئاقساقال ۋە يىغىلىشقان رىتسارلار مېنىڭ مۇسكۈل - تېرىلىرىمنى سىيلاپ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ چىقتى. ئاقساقال مېنىڭ نومۇر كۆرسىتىشىمنى بىلدۈرۈپ مېنى كەينىگە سىلىپ تارس تاركاس بىلەن ئاسمىنى كەڭ مەيدانغا قاراپ مىڭىپ كەتتى. بىرىنچى قىتىملىق مىڭىش ھەركىتىم مەغلۇپ بولغاچقا تارس تاركاسنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ مىڭىشتىن باشقىنى ئويلىمىدىم.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N