رىتسارلارنىڭ تارس تاركاس ۋە ماڭا بولغان ئەڭ ياخشى مۇئامىلىسىنى كۆرگەندىن كىيىن مەن پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ماڭا ياردەم بېرىپ زودانگانى مەغلۇپ قىلىش تەكلىپىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۆزەمنىڭ تەۋەككۈلچىلىك سەرگۈزەشتەمنى تارس تاركاسقا ئېيتىم ھەم بىر نەچچە جۈملە سۆز بىلەن ئۆزەمنىڭ ئويىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم.
- جون كارتېرنىڭ بىر تەكلىپى بار ئىكەن، - دىدى ئۇ كىڭەش ئەزالىرىغا، - مەن بۇ تەكلىپكە قوشۇلدۇم. مەن سىلەرگە ئىخچام قىلىپ سۆزلەپ بېرەي. ئىلگىرى بىزنىڭ ئەسىرىمىز بولغان خىرىئان مەلىكىسى دېكا تۇررېس زودانگا خانى تەرپىدىن تۇتۇپ كىتىلىپتۇ. مەلىكە ئۆز دۆلىتىنى زودانگالىقلارنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن زودانگا خانىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولماقچى بۇلۋىتىپتۇ.
- جون كارتېر بىزنىڭ بېرىپ مەلىكىنى قۇتۇلدۇرۇپ بېرىشىمىزنى ھەم ئۇنى خىرىئانغا يەتكۈزۈپ قويۇشىمىزنى ئۈمۈد قىلىدىكەن. زودانگادا بىز چوقۇم نۇرغۇن ئولجىغا ئېرىشىمىز. مەن ئويلاپ باقتىم، ئەگەر بىز خىرىئان بىلەن ئىتتىپاق تۈزىسەك يىتەرلىك يىمەكلىك تەمىناتىغا ئېرىشەلەيدىكەنمىز. بۇ بىزنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ بىزنى بارسومدىكى ھەرقانداق يىشىل تەنلىكلەر ئىچىدە شەك شۈبھىسىز ئەڭ قۇدرەتلىك مىللەتكە ئايلاندۇرىدۇ. سىلەرچە قانداق؟
بۇ بىر ئۇرۇش قىلىش پۇرسىتى، شۇنداقلا بايلىققا ئېرىشىش پۇرسىتى بولۇپ ساكلىقلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشتى. يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقت ئىچىدە يىگىرمە نەپەر مەلۇماتچى ئاتقا مىنىپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان ساك خانلىقىنىڭ قەبىلىلىرىگە بۇ قىتىمقى يىراق سەپەرگە ئاتلىنىشقا خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
ئۈچ كۈندىن كىيىن بىز زودانگاغا ھەربىي يۈرۈش قىلدۇق. تارس تاركاس ساكقا تەۋە بولمىغان كىچىكەرەك ئۈچ قەبىلىنىڭ ئادىمىنى زودانگادىن ئېلىندىغان ئولجىغا ئېرىشتۇردىغانلىقىغا قايىل قىلىپ جەمئى يۈزمىڭ كىشىلىك قۇشۇن سەپەرۋەر قىلدى. قىسىمنىڭ ئەڭ ئالدىدا، گىگانت ساكلىقنىڭ يېنىدا مەن ۋە مەن ياخشى كۆرىدىغان ۋۇلا يىنىك قەدەملىرى بىلەن ئەگىشىپ كىلۋاتاتتى.
ئارلىقنى توغرا مۆلچەرلەش ھەم دۈشمەنگە ئالدىن بىلدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بىز ئاساسەن كېچىسى ئىلگىرلىدۇق. كۈندىزى تاشلاندۇق شەھەرلەردە بەرگاھ قۇرۇپ ئارام ئالدۇق. كۈندۈزى ھەتتا ياۋايى ھايۋانلارمۇ بىزنى بايقىمىدى. ھەربىي يۈرۈش جەريانىدا تارس تاركاس ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قابىليىتى ۋە سىياسىيونغا مۇناسىپ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ ساكقا تەۋە بولمىغان ھەرقايسى قەبىلەردىن يەنە ئەللىك مىڭ ئەسكەرنى قوشۋالدى. شۇنداق قىلىپ يولغا چىقىپ ئون كۈندىن كىيىن بىزنىڭ بىر يۈز ئەللىك مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنىمىز يېرىم كېچىدە ئىگىز تاملار بىلەن قورشالغان زودانگا شەھىرىنىڭ يېنىدا قەدىمىنى توختاتتى.
بۇ ياۋايى يىشىل تەنلىكلەر قەبىلىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە جەڭ ئۈنۈمىدارلىقى ئوخشاش ساندىكى قىزىل تەنلىكلەرنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەر كىلەتتى. تارس تاركاسنىڭ ئېيتىشىچە بارسوم تارىخىدا ئەزەلدىن بۇنداق زور يىشىل تەنلىكلەر قوشۇنى بىرلىشىپ جەڭگە قاتنىشىپ باقمىغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا يۈكسەك ماسلىشىش ئىقتىدارىغىمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ماڭا ھەممىدىن سىرلىق تۇيۇلغىنى تارس تاركاس ئۇلارنى بۇ شەھەرگە تىپتىنچ ئېلىپ كىلەلىدى، ئوتتۇرلىقتا ئۆزئارا جەڭ بولمىدى. بىز زودانگاغا يىقىنلاشقان ۋاقىتتا ئۇلار ئوتتۇرىدىكى ئۆز ئارا تالاش - تارتىشلارنىڭ قىزىل تەنلىكلەر، بولۇپمۇ قىزىل تەنلىك زودانگالىقلارغا بولغان ئۈچمەنلىك ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۆزلىكىدىن پەسكويغا چۈشتى. چۈنكى زودانگالىقلار ئۇزۇندىن بۇيان يىشىل تەنلىك مارسلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي يوقۇتۇش خاراكتىردىكى شىددەتلىك ھوجۇمنى توختىتىپ قويمىغان بولۇپ، يىشىل تەنلىكلەرنىڭ تۇخۇم بېسىش ئۆيىنى ۋەيران قىلىشنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلگەن ئىكەن.
بىز ھازىر زودانگاغا يىتىپ كەلدۇق. شەھەرگە كىرىدىغان يولنى ئېچىش ۋەزىپىسى مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى. مەن تارس تاركاسقا ئىككى دىۋىزىيە ھەربىي قىسمىنى شەھەر ئاھالىسى كۆرەلمىگۈدەك يىراقلىققا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردىم. ھەر بىر دىۋىزىيە بىردىن چوڭ شەھەر دەرۋازىسىغا يۈزلۈنۈپ تۇراتتى. مەن يىگىرمە نەپەر پىيادە رىتسارنى باشلاپ سىپىل تۈۋىدىكى ھەرۋاقت ئېچىلىپ تۇرىدىغان كىچىك دەرۋازىغا يىقىنلاشتىم. شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يىنىدا مۇقۇم قويۇلغان مۇھاپىزەتچى ئەسكەر يوق بولۇپ پەقەت قاراۋۇللا بار ئىدى. ئۇلار شەھەر سىپىلى ئىچىدە شەھەر يوللىرىنى ئايلىنىپ چارلاش ئېلىپ باراتتى. خۇددى بىزنىڭ چوڭ شەھەرلەردە ساقچىلار شەھەرنى چارلاپ يۈرگىنىدەك.
زودانگا شەھەر سىپىلىنىڭ ئىگىزلىكى يەتمىش بەش فوت، كەڭلىكى ئەللىك فوت بولۇپ غايەت زور پىرىسلانغان ئالماس پارچىلىرىدىن قوپۇرۇلغان ئىدى. ماڭا ئەگىشىپ كەلگەن رىتسارلارنىڭ شەھەرگە كىرىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. بۇلار باشقا قەبىلىدىن كەلگەن بولۇپ مېنى تۇنىمايتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىسىنىڭ يۈزىنى تامغا قاراتقۇزۇپ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇشقا بۇيرۇدۇم. ئاندىن يەنە ئىككى رىتسارنى ئۇلارنىڭ مۈرىسىگە چىقاردىم. ئاخىرىدا يەنە بىر رىتسارنى ئۈستىدىكى ئىككى رىتسارنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا بۇيرىدىم. ئەمدى ئەڭ ئۈستىدىكى رىتسارنىڭ بىشىدىن يەر يۈزىگىچە بولغان ئارلىق قىرىق نەچچە فوتقا يەتتى. مۇشۇنداق قىلىپ مەن ئون نەپەر رىتسارنى تەشكىللەپ يەر يۈزىدىن ئەڭ ئۈستىدىكى رىتسارنىڭ مۈرىسىگە چىققىلى بولىدىغان ئۈچ پەلەمپەيلىك شۇتا ھاسىل قىلدىم. ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىربىرلەپ ئۈمۈلەپ ئەڭ ئۈستىدىكى رىتسارنىڭ كەڭ مۈرىسىگە چىقتىم. ئاندىن بۇ يەردىن كۈچەپ بىرلا سەكرەپ سىپىل تامنىڭ گىرۋىكىنى تۇتىۋالدىم ھەم يىنىك كۈچەپلا تامنىڭ ئۈستىگە چىقتىم. مەن ئېلىپ چىققان ئالتە تال تاسمىنى ئۆزئارا چىتىپ بىر بىشىنى ئەڭ ئىگىزدىكى رىتسارغا تۇتقۇزدۇم، يەنە بىر بىشىنى شەھەر سىپىلىدىن ئارتىلدۇرۇپ شەھەر ئىچىدىكى يولغا تاشلىدىم. ئەتراپتا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتى. مەن ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن سېيرىلىپ شەھەر ئىچىگە چۈشتۈم.
مەن كانتوس كاندىن شەھەر دەرۋازىسىنى قانداق ئېچىشنى ئۆگىنۋالغان بولۇپ ئىشىك ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مېنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يىگىرمە نەپەر رىتسار ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش تەس بولغان شەھەر سىپىلىدىن ئۆتۈپ زودانگا شەھەرگە كىردى.
مەن خۇشاللىق ئىچىدە شۇنى بايقىدىمكى، مەن غايەت زور خانلىق مەيدانىنىڭ سىرتقى چىتىگە يىتىپ كەلگەن ئىكەنمەن. يىراقتىن خان ئوردىسىنىڭ پىلدىرلاپ چاقناپ تۇرغان چىراقلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. شۇڭا ئاساسىي قوشۇن ئەسكەرلەر گازارمىسىغا ھۈجۈم باشلىغاندا بىر بۈلۈك رىتسارنى باشلاپ خان ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى قارا قىلدىم.
بۇ پىلانىمنى تارس تاركاسقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر ئادەمنى ماڭدۇرۇپ ئۇنىڭ يەنە ئەللىك نەپەر ساكلىق رىتسار ئەۋەتىشىنى ئېيتىم. مەن يەنە ئون نەپەر رىتسارغا چوڭ دەرۋازىنى ئىشغال قىلىپ ئۇنى ئېچىشقا بۇيرىدىم. ئۆزۈم قالغان رىتسارلارنى باشلاپ يەنە بىر چوڭ دەرۋازىنى كونترول قىلدىم. بىز يول بۇيى ئۇچرىغان دۈشمەننى تۇيدۇرماي جايلاپ ئەللىك نەپەر رىتسارنى باشلاپ خان ئوردىسىغا يىتىپ بارغۇچە بىر پايمۇ ئوق چىقارماسلىقىمىز ھەم كەڭ كۈلەمدە ھۈجۈمغا ئۆتمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N