مەن خۇددى چوڭ چىكەتكىدەك يېزىق ئۈستىلى ۋە ئورۇندۇق ئارلىقىدا ئىگىز - پەس سەكرەپ قاڭقىپ يۈردۈم. بەدىنىمنىڭ ساق يېرى قالمىغاندىن كىيىنلا (مارسلىقلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ئىدى ) مەن ئۈمۈلەپ مىڭىشقا باشلىدىم . ئەمما بۇ ھەركىتىم ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۇزۇنتورا ناھايىتى قوپاللىق بىلەن مېنى تارتىپ تۇرغۇزدى، قارىماققا ئۇ ئەبلەخ مېنىڭ بەختسىزلىكىمدىن باشقىچىلا خوشال بولغان ئىدى. ئۇ مېنى تۇرغۇزۇپ بەتبەشىرە چىرايىنى ماڭا يىقىنلاشتۇرغان چاغدا مەن جىگەرلىك ئادەم قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىشنى قىلدىم. ئۇنىڭ ئىڭىكىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى سىلۋىدىم ئۇ بۇقىدەك يەرگە گۈپپىدە چۈشتى. ئۇ يەرگە يىقىلغاندا كەينىمگە بۇرۇلۇشىمغىلا يەنە بىر مارسلىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئوچرىدۇم. مەن ئۇلار بىلەن تۇتۇشقان ئىكەنمەن قۇربان بولۇشتىن بۇرۇن بىر قىتىملىق ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىشنى قارار قىلدىم.
ئەمما مېنىڭ ئەنسىرىشىمنىڭ ئاساسى يوق بولۇپ چىقتى. چۈنكى مارسلىقلار باشتا ئاغزىنى ئېچىپ ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغان بولسىمۇ كىيىن ئەسەبىيلەرچە چاۋاك چىلىشىپ كىتىشتى. چاۋاك چىلىشنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. كىيىن ئۇلارنىڭ ئادىتىنى چۈشەنگەندىن كىيىن ئاندىن بۇ چاۋاكنىڭ ماڭا بولغان رازىمەنلىكنىڭ ئالامەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىكەنمەن.
مەن ئەدەپلىگەن ھىلقى ئەبلەخ يەردە ياتاتتى، ھىچكىمنىڭمۇ ئونىڭ بىلەن كارى بولمىدى. تارس تاركاس مەن تەرەپكە كىلىپ ماڭا بىر قولىنى ئوزاتتى، بىز مۇشۇنداق قىلىپ چوڭ مەيدان تەرەپكە مىڭىپ كەتتۇق، ھىچكىم بىزگە دەخلى قىلمىدى. مەن نىمە ئۈچۈن مەيدانغا بارىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيتتىم، ئەلۋەتتە. ئۇزاق ئۆتمەيلا مىنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىم ئايان بولدى. تارس تاركاس باشتا قايتا - قايتا بىر نەچچە قىتىم سەكرەش ھەركىتىنى ئىشلىدى ھەم سەكرەۋىتىپ بىر ئېغىز سۆزنى تەكرارلىدى. مەن ئۇنىڭ ئىشارىسىدىن داۋاتقان سۆزىنىڭ «سەكرە» دىگەن مەنىنى بىلدۈردىغانلىقىنى تېزلا چۈشەندىم. ئاندىن ئۇ ماڭا قاراپ بايقى سۆزنى تەكرارلىدى ھەم ھەر قىتىم سەكرەشتىن ئاۋال بۇ سۆزنى تەكرارلاپ تۇردى. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا نىمە قىلدۇرماقچى بولغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. ئۇلار مېنى سەكرىتىپ كۆڭلىنى ئاچماقچى بۇلۇشقان ئىكەن. مەن دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇلارنى تاڭ قالدۇرۇپ بىر قىتىم سەكرىدىم. بۇ قىتىم سەكرىشىمدە بىر يۈز ئەللىك فوت ئىگىزلىككە سەكرەپ تەڭپۇڭلىقىمنى يوقاتمىغان ھالدا يەرگە مۇقۇم قايتىپ چۈشتۈم، يىقىلىپ كەتمىدىم. كەينىدىن يەنە ھىچقانچە قىينالمايلا يىگىرمە بەش - ئوتتۇز فوت ئىگىزلىكتە سەكرەپ ئەتراپىمدىكى رىتسارلارنىڭ يېنىغا باردىم. مېنىڭ ماھارىتىمنى نەچچە يۈز مارسلىق كۆردى، ئۇلار مەندىن قايتا ماھارەت كۆرسىتىشىمنى تەلەپ قىلسا، ئاقساقال مېنىڭ قايتا سەكرىشىمگە بۇيرۇق قىلاتتى. ئەمما مەن ئۇسساپ كەتكەن ھەم ئاچ قۇرساق بولۇپ، بىردىن - بىر ئامال ئۇلاردىن ياردەم سوراش بولدى. چۈنكى ئۇلار مەن ئېھتىياجلىق نەرسىنى ئۆزلىكىدىن ئالدىمغا ئېلىپ كىلىدىغاندەك قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن قايتا سەكرەش بۇيرىقىنى ئىجرا قىلماي ھەر قىتىم بۇيرۇق قىلىپ ۋارقىرىغاندا ئاغزىمنى كۆرسىتىپ قۇرسىقىمنى سىيلاپ تۇرۋالدىم. تارس تاركاس بىلەن ئاقساقال بىردەم كولدۇرلاشقاندىن كىيىن بىر توپ ئاياللار ئىچىدىن ياش بىرىنى چاقىرىپ ئونىڭغا بىرنىمىلەرنى تاپىلاپ مېنى ئۇنىڭ بىلەن مىڭىشقا ئىشارەت قىلدى. مەن ھىلقى ئايالنىڭ ماڭا ئۇزاتقان بىلىكىنى تۇتۇپ مەيداندىن ئۆتۈپ بىزدىن يىراقتا تۇرغان بىنا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق.
بۇ ساھىپجامال ئايال ھەمراھىمنىڭ بوي ئىگىزلىكى سەككىز فوت ئەتراپىدا بولۇپ، ئەمدىلا بويىغا يەتكەن بولسىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا پاكار، تېرىسى سۇس يېشىل ، سىيلىق ھەم پارقىراق ئىدى. كىيىن بىلسەم ئونىڭ ئىسمى سولا بولۇپ تارس تاركاسنىڭ يېنىدىكى مۇلازىملارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ مېنى باشلاپ مەيدانغا قاراپ سېلىنغان بىنالار ئىچىدىكى بىر ئىمارەتنىڭ كەڭ، ئازادە ئۆيىگە ئىلىپ كىردى. ئۆينىڭ پولىغا يىيىتىلغان يىپەك رەخت ۋە مۇيلۇق تىرىدىن بۇ ئۆينىڭ يەرلىك كىشىنىڭ ھوجرىسى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ئۆينىڭ بىر نەچچە چوڭ دىرىزىسى بولۇپ يورۇقلۇق يىتەرلىك چۈشۈپ تۇراتتى. تاملىرى رەسىم ۋە نەقىش بىلەن كۆركەم بىزەلگەن بولۇپ كۆزنى چاقنىتاتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىپادىلەش قىيىن بولغان قەدىمىي قول ھۆنەرۋەنچىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، بۇنداق مۈجىزىلەرنى ياراتقان مىمارچىلار ۋە قۇرلۇش ئىشچىلىرى بىلەن ھازىرقى ياۋايى سۈپەت مارسلىقلار ئوتتۇرىسىدا قىلچىلىك ئورتاقلىقنى بايقىغىلى بولمايتتى.
سولا مېنى ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر دۆۋە يىپەك رەختنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشىمغا ئىشارەت قىلغاندىن كىيىن بۇرۇلۇپ «سى- سى» قىلىپ بىرخىل غەيرى ئاۋاز چىقاردى. قارىغاندا خوشنا ئۆيدىكى بىرەيلەنگە بېرىلگەن سىگنال بولسا كېرەك. ئۇنىڭ سىگنالى ئاخىرلىشىشىغىلا مەن مارستا يەنە بىر يېڭى جانلىقنى كۆردۈم. ئۇ مەخلۇق ئون تال پۇتىنى سۆرەپ ئېغاڭلاپ مىڭىپ كىلىپ گەپ ئاڭلايدىغان ئىتقا ئوخشاش ئايالنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى سېتلاند تاقىم ئارىلىدا ياشايدىغان ئىتتىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. ئەمما بىشى سەل- پەل پاقىنىڭ بىشىغا ئوخشاش بولۇپ يوقىرى - تۈۋەن تاڭلىيىغا ئۈچ رەت ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر ھىڭگاڭ چىش ئۆسكەن ئىكەن.
بەشىنچى باپ
نازارەتچى ئىتتىن قۇتۇلۇش
سولا مەخلۇقنىڭ كۆزىگە تىكىلىگىنىچە مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ نەچچە ئېغىز بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كىيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . مەن ئەجەپلەنمەي تۇرالمىدىم، بۇنداق بەتبەشىرە، ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدىغان مەخلۇق بىلەن يالغۇز قالغاندا قانداق قورقۇنۇچلۇق ئىش يۈز بېرەر دەپ تەشۋىشكە چۈشتۈم. ئەمما ئەنسىرىشىمنىڭ ئاساسى يوق بولۇپ چىقتى. بۇ مەخلۇق ماڭا بىردەم تىكىلىپ قارىغاندىن كىيىن ئۆينىڭ بىردىن بىر چىقىش ئېغىزىغا بېرىپ سوزۇلۇپ يىتۋالدى. بۇ مېنىڭ مارسقا كەلگەندىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئىتنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىم ئىدى. بەلكىم بۇ ئەڭ ئاخىرقىسى بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى يېشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ ئەسىرى بولغان چاغلىرىمدا بۇ ئەبلەخ مېنى باشتىن - ئاخىر ئىنچىكە نازارەت قىلىپ كەلدى. ئىككى قىتىم ھاياتىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، ئەمما مەندىن بىرەر قېتىممۇ ئۆز مەيلىچە ئايرىلىپ باقمىدى.
سولا كەتكەندىن كىيىن مەن تۇرۋاتقان ئۆينى تەپسىلى كۈزۈتۈپ چىقتىم. تامدىكى رەسىمگە ئادەمنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرە، تاغلار، دەريا، دېڭىز- ئوكيان، ئوتلاق، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ، ئەگىرى - بۈگىرى يوللار ھەم قوياش نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان گۈللۈك چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش دەل يەر شارى ئادەملىرىنىنىڭ ئوي - پىكرى ۋە تەسەۋۋۇرى بۇيىچە سىزىلغان ئىدى. پەقەت ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەڭگى يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن زور پەرق قىلاتتى. بۇ رەسىمنى شەك - شۈبھىسىز داڭلىق بىر رەسسام ئىجات قىلغان بولۇپ ئىچىدىكى ئوبرازلار ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ناھايىتى يوقىرى ماھارەت بىلەن مۇكەممەل قىلىپ سىزىلغان ئىدى. شۇنىسى ھەممىلا رەسىمگە بىرمۇ ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلمىگەن ئىدى. بۇ نۇقتا ئادەمنى ئەجەپلەندۈرەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ رەسىملەردىن مارسنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىكى ئاللىقاچان غايىپ بولغان، ئۇنتۇلغان يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنى كۆرۋىلىش تەس ئەمەس ئىدى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N