تەل خاجاس ماڭا بۈگۈن كەچتە سېنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشىمنى بۇيرۇق قىلدى.
- مېنىڭ ئون ئېتىم بار، سەن خالىغاننى تاللاپ مىنگىن. مەن سېنى خىرىئانغا بارىدىغان ئەڭ يېقىن يولغا چىقىرىپ قوياي. بەلكىم تارس تاركاس شەپقەتسىز ئادەمدۇر. ئەمما ئۇ دوستمۇ بولالايدۇ. بۇياققا كەل، بىز ماڭايلى.
- ئۇنداقتا، مېنى يولغا سىلۋىتىپ قايتىپ كەلگىنىڭدە قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىدۇ ؟ تارس تاركاس، - سورىدىم مەن.
- بەلكىم تىل - ئاھانەتكە ئۇچرۇشۇم مۇمكىن. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چاتاق بولۇشى مۇمكىن، - دىدى ئۇ جاۋاپ بېرىپ، - ۋە ياكى مەن ئۇزۇندىن بۇيان ساقلاۋاتقان پۇرسەت يىتىپ كىلىپ تەل خاجاس بىلەن بىر مەيدان ئېلىشارمەن.
- بىز قىپقالايلى، تارس تاركاس. بۈگۈن كەچتە تەل خاجاسنى زىيارەت قىلغىلى بارايلى. سەن ئۆزەڭنى قۇربان قىلساڭ بولمايدۇ. بەلكىم سەن بۈگۈن كەچ شۇ پۇرسەتكە ئېرىشىشىڭ مۇمكىن.
تارس تاركاس مېنىڭ تەكلىپىمگە قاتتىق قارىشى تۇردى ھەم تەل خاجاسنىڭ ھەر قىتىم مەندىن ئەدەپ يىگەن ئىشنى ئويلىغىنىدا غەزەپتىن قۇيقا چاچلىرىنىڭ تىك تۇرۇپ كىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مېنى تۇتىۋالىدىغان بولسا ئەڭ ۋەھشى جازاغا تارتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
تاماق ۋاقتىدا مەن يەنە بىز تۇخۇم بېسىش ئۆيىدىن ساك شەھىرىگە يىتىپ كەلگەن ئاخشىمى سولانىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئانىسى توغرىسىدىكى ۋەقەنى تارس تاركاسقا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ھىچقانداق گەپ قىلمىدى. ئەمما ئىچىنىشلىق تىراگىدىيىنى، قورقۇنۇچلۇق ھەم ئۆچمەنلىككە تولغان ھاياتىدا ئۇ بىردىنبىر سۆيىدىغان ئادىمىنىڭ تۈرلۈك ئازاپلارغا دۇچار بولغىنىنى ئەسلىگىنىدە ھاياجانلىنىش ۋە ئازاپتىن ئۇنىڭ يۈزىدىكى يوغان مۇسكىللىرى تىترەپ كەتتى.
مەن تەل خاجاسنىڭ ھۇزورىغا بېرىشتىن ئاۋال ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن ساركوجانىڭ قىشىغا بېرىپ سۆزلىشىپ بىقىشنى تەكلىپ قىلدىم، ئۇ قارىشى تۇرمىدى. تارس تاركاسنىڭ ئۆتىنىشىگە ئاساسەن مەنمۇ ئەگىشىپ ساركوجانىڭ تۇرالغۇسىغا كەلدىم. ساركوجانىڭ ئۆچمەنلىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىكى سۇغۇق نۇر مېنىڭ ساك شەھىرىگە تاسادىپىي قايتىپ كىلىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن بۇندىن كىيىن ئۇچرايدىغان بەخىتسىزلىكتىن دېرەك بېرىپ تۇرغاندەك قىلاتتى.
- ساركوجا، - دىدى تارس تاركاس، - قىرىق يىل ئىلگىرى گوزاۋا ئىسىملىك بىر ئايال سېنىڭ كاساپىتىڭدىن جازاغا تارتىلىپ ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتتى. ئاڭلىسام ئۇ ئايالنى سۆيىدىغان رىتسار ئاخىرى سېنىڭ شۇ قىتىمقى ۋەقەدە ئوينىغان رولۇڭنى بىلىپتۇ. ساركوجا، بەلكىم ئۇ رىتسار سېنى ئۆلتۈرمەس، بۇ بىزنىڭ ئادىتىمىزگە خىلاپ. ئەمما ئۇنىڭ ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى بوينىڭغا سىلىپ يەنە بىر ئۇچىنى بىر ياۋا ئاتقا باغلاپ سېنىڭ ھايات قىلىش قالالماسلىقىڭنى سىناپ باقماقچى بولسا بىز بۇنى توسۇپ قالالمايمىز. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئەتە شۇنداق قىلماقچىكەن. مەن ساڭا ئادىل بولسۇن دەپ سېنى ئاگاھلاندۇرۋاتىمەن. ساركوجا، يىس دەرياسى بۇ يەردىن ئانچە يىراقتا ئەمەس. جون كارتېر، بىز ماڭايلى.
ئىككىنچى كۈنى ساركوجا كەتتى، شۇندىن كىيىن ئۇنى ھىچكىم كۆرمىدى.
بىز خان ئوردىسىغا كەلگەندىن كىيىن تەل خاجاسنىڭ ھۇزورىغا كىرىش دەرھال تەستىقلاندى. ئەمىلىيەتتە ئۇ مۇنبەردە تىك تۇرۇپ مېنىڭ كىلىشىمنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرۋاتقان ئىكەن. مەن كىرىشىمگە ئۇنىڭ غەزەپلىك نەزىرى ماڭا نەشتەردەك تىكىلدى.
- ئۇنى تۈۋرۈككە باغلاڭلار، - چىقىراق ئاۋازى بىلەن ھۆكىرىدى تەل خاجاس، - قېنى كۆرۈپ باقايلى، كىم تەل خاجاسقا قاپ يۈرەكلىك بىلەن چىقىلالايدىكىن. داغمالنى قىزىتىڭلار، مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئۇنىڭ بىشىدىكى ئىككى كۆزىنى ئۇيۋالىمەن. ئۇنىڭ ئىپلاس كۆزى بىلەن ئادەملىرىمىزگە قارىيالماس قىلۋىتىمەن.
- ساكلىق سەركەردىلەر، - دىدىم يوقىرى ئاۋازدا ئولتۇرغان يىغىن ئەھلىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، - مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇھىم بىر ئەزايىڭلار. بۈگۈن مەن ساك شەھىرىدىكى ئەڭ قالتىس رىتسار بىلەن بىللە مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدىم. سىلەر ھىچ بولمىغاندا مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاپ بىقىشىڭلار كېرەك. بۈگۈن مەن مۇشۇنداق ھوقۇقنى تەلەپ قىلىشقا مۇناسىپ. سىلەر ئادالەتنى ياقىلايدىغان خەلق.
- ئاغزىڭنى يۇم، گەپ قىلىشىڭغا روخسەت يوق. ئۇنى باغلاڭلار، - دىدى تەل خاجاس گۈكىرەپ.
- بىزگە ئادالەت كېرەك، تەل خاجاس، - دىدى لوركاس پۇتمىل ۋارقىراپ، - سەن قانداق ئادەم، ئەجەبا ساكلىقلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئۆرۈپ - ئادىتىنى كۆزگە ئېلمامسەن.
- توغرا، بىزگە ئادالەت كېرەك، - ئون نەچچە سەركەردە لوركاس پۇتمىلغا تەڭلا ئەگەشتى. شۇڭا مەن تەل خاجاسنىڭ غەزەپ - نەپرىتى چىكىگە يەتكەن پەيتتە سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم.
- سىلەر قەيسەر مىللەت، قىنىڭلاردا باتۇرلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى جەڭدە سىلەر ئەزىزلەيدىغان خان نەگە كەتتى؟ كەسكىن جەڭ بولۋاتقاندا ئۇ بىزنى تاشلاپ قويۇپ تىكىۋەتتى. ئۇ بۇ يەردە، ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا قولىدا تۈمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق ئاياللار، بالىلارنى ئۆلتۈردى، زىيانكەشلىك قىلدى. ئاراڭلاردا قايسىڭلار يىقىندا ئۇنىڭ بىرەر ئەركەك بىلەن ئېلىشقانلىقىنى كۆردۈڭلار؟ مەن، ئۇنىڭدىن كۆپ پاكار ھەم ئاجىز تۇرۇقلۇقمۇ ئونى بىر مۇشت بىلەنلا يەرگە يىقىتىپ تاشلىيالىدىم. ساكلىقلار مۇشۇنداق ئادەمنى ئۆزلىرىگە خان قىلىپ سايلامدۇ؟
- يېنىمدا ئۇلۇغ بىر ساكلىق رىتسار، قۇدرەتلىك ۋە ئالىيجاناپ خىسلەتكە ئىگە ئەزىمەت تۇرۇپتۇ. سەردارلار، تارس تاركاس ساكنىڭ خاقانى بولسا نىمىشكە بولمايدىكەن؟
بۇ تەكلىپىم ئەتراپتىكىلەرنىڭ پەس ئاۋاز بىلەن تولۇق تەستىقلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
- بۇ ئىشنى مۇشۇ يىغىن ئارقىلىق بەلگىلەيلى. تەل خاجاس ئالدىمىزدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ بىر ئەزىمەت بولسا تارس تاركاسنى جەڭگە چاقىرىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ تارس تاركاسقا ئۆچ. ئەمما تەل خاجاسنىڭ ئۇنچىلىك جىگىرى يوق. سىلەرنىڭ خانىڭلار توخو يۈرەك، ئۇچىغا چىققان ئالدامچى. مەن قورۇق قولۇم بىلەنمۇ ئۇنى جايلىۋىتەلەيمەن. تەل خاجاس بۇنى ئوبدان بىلىدۇ.
مەن سۆزىمنى توختاتتىم. ھەممەيلەن ئۈن - تىنسىز تەل خاجاسقا تىكىلدى. تەل خاجاس گەپمۇ قىلمىدى، مىدىرلاپمۇ قويمىدى. ئەمما ئۇنىڭ كىلەڭسىز يۈزى يىشىل رەڭدىن كۆك قارا رەڭگە ئۆزگەردى. ئېغىزىنىڭ گىرۋىكىدىكى كۈپۈكچىلەرمۇ قىتىپ قالدى.
- تەل خاجاس، - دىدى لوركاس پوتمىل بىردىنلا ئاۋازىنى كەسكىن قىلىپ، - مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئەزەلدىن ساك خانىنىڭ مۇنچىلىك ھاقارەتكە ئۇچرىغىنىنى كۆرمىگەن. بۇنداق زەربىگە پەقەت بىرلا جاۋاپ بار. بىز بۇ جاۋاپنى كۈتىۋاتىمىز.
ئەمما تەل خاجاس جايىدا قىتىپ قالغاندەك تۇراتتى.
- سەركەردىلەر، - دىدى لوركاس پۇتمىل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - خان تەل خاجاس ئۆزىنىڭ تارس تاركاسقا رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىسۇنمۇ؟
مۇنبەرنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان يىگىرمە ئاقساقال ۋە سەركەردە يىگىرمە تال شەمشىرىنى قىنىدىن سوغۇرۋېلىپ يالت - يۇلت قىلىپ ئىگىز كۆتۈرىشتى.
تەل خاجاسقا باشقا تاللاش قالمىغان ئىدى. بۇ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭ، شۇڭا تەل خاجاس شەمشىرىنى چىقىرىپ ئالدىغا قەدەم تاشلاپ تارس تاركاس بىلەن بولىدىغان جەڭگە تەييارلاندى.
بۇ قىتىمقى جەڭ ناھايىتى قىسقىلا داۋاملاشتى. تارس تاركاس ئالىقاچان جىنى چىقىپ كەتكەن موردىنىڭ بوينىغا دەسسەپ تۇرۇپ ساك خانلىقىنىڭ خاقانىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى مېنى تولۇق ئىمتىيازلىق سەردار قىلىپ تەيىنلەش بولۇپ ئۇلار تەرپىدىن ئەسىر بولغان ئەڭ دەسلەپكى سەككىز ھەپتە ئىچىدە مەن جەڭدە قولغا كەلتۈرگەن ھەربىي ئۇنۋانغا رەسمى ئېرىشتىم.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N