كەينىمدىن قوغلاپ كىلۋاتقانلار بارغانسىرى يىراقتا قىلۋاتاتتى. مەن ئەمدىلا قۇتۇلغانلىقىمنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا چارلىغۇچى ئايرۇپىلاندىن ناھايىتى توغرا قارىغا ئېلىپ ئېتىلغان بىر پاي زەمبىرەك ئوقى ئايرۇپىلانىمنىڭ بىشىدىلا پارتىلىدى. بۇ پارتىلاشتىن ئايرۇپىلان نەچچە قىتىم مۇللاق ئېتىپ تېز سۈرئەت بىلەن تۈۋەنلەشكە باشلىدى.
مەن قانچىلىك ۋاقت تۆۋەنلىگەندە ئايرۇپىلاننى كونترول قىلغىنىمغا بىرنەرسە دىيەلمەيمەن. ئەمما قايتا يوقىرىغا كۆتۈرلىگەن چاغدا يەر يۈزىگە ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكىمنى بايقىدىم. چۈنكى ئەتراپتىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سەت، چىقىراق ئاۋازى ئىنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن يوقىرىغا ئۆرلەۋىتىپ كەينىمدىن قوغلاپ كەلگەن ئايرۇپىلانلارنىڭ ناھايىتى يىراق بىر يەرگە قونۇپ مېنى ئىزلاۋاتقانلىقىنى پەرق قىلدىم. ئۇلارنى كۆرگىلى بولمىغىدەك بولغاندىلا ئاندىن ئايرۇپىلانغا ئورنىتىلغان كومپاسنىڭ چىرىقىنى ئاچتىم. بۇ چاغدا كومپاس ۋە سۈرئەت كۆرسەتكۈچنىڭ ئوق پارچىسى تىگىپ پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىكىنى بايقاپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. بۇ توغرا يۈلۈنۈشتە ئۇچۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئەسۋاپلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ياردىمىگە تايانمىغاندا ئاسانلا ئۇچۇش يولدىن چەتنەپ كىتىش خەۋىپى بار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن يۇلتۇزلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن خىرىئانغا قاراپ ئۇچتۇم. ئەمما بۇ شەھەرنىڭ مۇتلەق ئورنى ۋە ئۇچۇش سۈرئىتىنى مۆلچەرلەشكە ئامالسىز قالغاچقا ئۇنى تېپىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى كىچىك ئىدى.
خىرىئان زودانگانىڭ غەربى جەنوپ تەرەپىدە بۇلۇپ، زودانگاغا مىڭ ئېنگىلىز مىلى كىلەتتى. ئەگەر كاشىلا كۆرۈلمىسە ھەم كومپاس ساق بولغان بولسا مەن تۆت - بەش سائەت ئىچىدە ئۇ يەرگە يىتىپ بارالايتتىم. نەتىجىدە ئۇدا ئالتە سائەت تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپمۇ چۈشتىن ئىلگىرى ئۆزەمنىڭ كەڭ كەتكەن بىر قۇرۇق دېڭىزنىڭ ھاۋا بوشلىقىدا كىتۋاتقانلىقىمنى بايقىدىم. دەل شۇ چاغدا چوڭ بىر شەھەر كۆزۈمگە چىلىقتى. ئەمما ئۇ خىرىئانغا ئوخشىمايتتى. چۈنكى پۈتكۈل بارسومدىكى بارلىق پايتەختلەر ئىچىدە پەقەت خىرىئانلا ئايلانمىسى يەتمىش بەش ئېنگىلىز مىلى كىلىدىغان سىپىل بىلەن ئورالغان غايەت زور ئىككى قوشماق شەھەردىن تۈزۈلگەن پايتەخت بولۇپ بىر قاراشتىنلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن.
ئۆزەمنىڭ خاتا ھالدا غەربىي شىمال تەرەپكە قاراپ ئۇچقانلىقىمغا جەزىم قىلدىم. مەن دەرھال يۈلۈنىشىمنى ئۆزگەرتىپ قارىشى يۈلۈنىش شەرقى جەنوپ تەرەپكە قاراپ ئۇچتۇم. چۈشتىن بۇرۇن باشقا بىرنەچچە شەھەردىن ئۇچۇپ ئۆتتۈم. ئەمما بىرسىمۇ كانتوس كان تەسۋىرلەپ بەرگەن خىرىئان شەھىرىگە ئوخشىمايتتى. خىرىئاننىڭ ئىككى شەھەردىن تۈزۈلگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكىدىن باشقا يەنە بىر كۆرىنەرلىك ئۆزگىچىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا يەنە ئوخشاش بولمىغان رەڭدە بۇيالغان غايەت زور بىر جۈپ قوشماق مۇنار بار ئىكەن. بىرى قىزىل رەڭلىك مۇنار بولۇپ شەھەر مەركىزىدىن بىر ئېنگىلىز مىل ئىگىزلىككە كۆتۈرلۈپ ئاسمانغا تاقىشىپ تۇرىدىكەن. يەنە بىرى سېرىق رەڭلىك بولۇپ ئىگىزلىكى ئوخشاش ئىكەن. بۇ ئىككى قوشماق مۇنار خىرىئان مەملىكىتىدىكى ئاچا - سېڭىل ئىككى شەھەرنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان ئىكەن.
يىگىرمە تۆتىنچى باپ
تارس تاركاس دوستىنى تاپتى
چۈشكە يېقىن مەن پەسلەپ مارسنىڭ قەدىمىي دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان، جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرگەن چوڭ بىر شەھەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتۈم. مەن شەھەردىن ئۆتۈپ ئالدىمدىكى تەكشىلىككە يىقىنلاشقان ۋاقتىمدا كۆز ئالدىمدا ئۆزئارا جەڭ قىلۋاتقان نەچچە مىڭ يىشىل تەنلىككە يولۇقتۇم. مەن ئۇلارنى ئەمدىلا كۆرۈشىمگە بىر توپ زەمبىرەك ئوقى ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. زەمبىرەكلەر ئىنتايىن توغرا قارىغا ئېلىنىپ ئېتىلغاچقا ئايرۇپىلانىم پارە - پارە بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن جەڭ مەيدانىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا، جان ھەلەكچىلىكىدە ماڭا دىققەت قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن رىتسارلارنىڭ ئارسىغا چۈشتۈم. ئۇلار شەمشەرلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ شىددەت بىلەن ئېلىشۋاتاتتى. يىراقتىكى بىرى مۈكتۈرمە مىلتىق ئىشلىتىپ كۆزگە چىلىققىنىنى بىر پاي ئوق بىلەنلا يەر چىشلىتەتتى.
ئايرۇپىلانىم ئولارنىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشكەچكە ھايات قالغان تەقدىردىمۇ جەڭدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. شۇڭا دەرھال شەمشىرىمنى چىقىرىپ ئۆزەمنى قوغداشقا تەييارلاندىم. مەن ئۆزى يالغۇز ئۈچىسى بىلەن ئېلىشۋاتقان بىر گىگانت يېشىل تەنلىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئالدىمدىكى چىرايلارنى كۆزىتۋىتىپ ساكلىق تارس تاركاسنى تۇنۇپ قالدىم. مېنىڭ ئورنۇم دەل ئۇنىڭ كەينىدە بولغاچقا مېنى كۆرمىدى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ كەلگەن ئۈچ يىشىل تەنلىك شەمشەرلىرىنى چىقىرىشتى. پەمىمچە بۇ ئۈچ رىتسار ۋارخۇن قەبىلىسىدىن ئىدى. تارس تاركاس شۇئانلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى جايلاپ تاشلىدى ھەم ئارقىغا چىكىنىپ يەنە بىر شەمشەر ئۇراي دەپ تۇرغاندا كەينىدىكى بىر جەسەتكە پۇتلۇشۇپ يىقىلدى. ۋارخۇنلۇقلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ تارس تاركاسقا تېز سۈرئەتتە يۇپۇرلۇپ كەلدى. دەل مۇشۇنداق جىددى پەيتتە مەن ئۇنىڭ ئالدىغا سەكرەپ ئۈتۈپ ئۇ ئىككى ئەبلەخكە تاقابىل تۇرمىغان بولسام، تارس تاركاس كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن بۇلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى جايلىۋەتكەندىن كىيىن گىگانت ساكلىق ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ قالغان يەنە بىرىنىمۇ چاققانلىق بىلەن جايلىۋەتتى.
ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قويدى. ئارقىدىنلا كەسكىن چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى. ئۇ مۈرەمنى سىيلاپ تۇرۇپ:
- جون كارتېر، سېنى تۇنىيالمىغىلى قىل قاپتىمەن. لېكىن، بارسومدا سېنىڭدىن باشقا ئىككىنچى بىر ئادەم مېنى قۇتقۇزۋالىدىغان ئىشنى قىلالمايدۇ. مېنىڭچە مەن دوستلۇقنىڭ قىممىتىنى تۇنۇپ يەتتىم، دوستۇم، - دىدى.
ئۇ ئارتۇق سۆزلىمىدى، سۆزلەشكە پۇرسەتمۇ يوق ئىدى. چۈنكى ۋارخۇنلۇقلار تۆت تەرەپتىن بىزگە قاراپ باستۇرۇپ كىلۋاتاتتى. چۈشتىن كىيىن قىزىق ئاپتاپتا ئىككىمىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تاكى بەتبەشىرە ۋارخۇنلۇقلارنىڭ ئۆلگىنى ئۈلۈپ، ھايات قالغانلىرى ئاتلىرىغا مىنىشىپ قاراڭغۇلۇقتا غايىپ بولغانغا قەدەر بىللە كۈرەش قىلدۇق. بۇ قىتىمقى قانلىق ئۇرۇشقا ئون مىڭ ئادەم قاتناشقان بولۇپ مەيداندا ئۈچ مىڭ جەسەت ياتاتتى. ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىگە يول بەرمەي دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بولۇپ ئەسىرنىمۇ بوش قويۋەتمىگەن ئىدى.
جەڭ ئاخىرلىشىپ شەھەرگە قايتقاندىن كىيىن بىز بىۋاستە تارس تاركاسنىڭ تۇرالغۇسىغا باردۇق. تارس تاركاس مېنىڭدىن باشقا جەڭگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىگە يىغىن ئاچتى. مەن ئولتۇرۇپ يىشىل تەنلىك رىتسار تارس تاركاسنى ساقلاۋاتقان چاغدا بىر نەرسىنىڭ خوشنا ئۆيدە ھەركەت قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. يوقىرىغا قارىغان چىغىمدا يوغان بىر قورقۇنۇچلۇق مەخلۇقنىڭ ماڭا باستۇرۇپ كىلۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ دۈمبەمگە ئېسىلىپ تاكى مەن يەردىكى يىپەك رەخت ئۈستىگە يىقىلغۇچە قويۋەتمىدى. كىيىن قارىسام بۇ ماڭا سادىقلىق بىلەن ھەمراھ بولۇپ كىلۋاتقان ۋۇلا ئىكەن. ئۇ ئۆزى ساك شەھىرىگە قايتىدىغان يولنى تىپىپ قايتىپ كەلگەن ئىدى. كىيىن تارس تاركاسنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىلگىرى مەن تۇرغان ئۆيگە كىرىپ ئازاپلانغان ھالدا مېنىڭ قايتىپ كىلىشىمنى كۈتۈپ يولۇمغا قاراپ يىتىپتۇ.
- جون كارتېر، تەل خاجاس سېنىڭ كەلگەنلىكىڭنى بىلىپتۇ، - دىدى تارس تاركاس خان ئوردىسىدىن قايتىپ كىلىپ، - بىز قايتىپ كىلۋاتقاندا ساركوجا سېنى تۇنۇپ قاپتۇ.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N