كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ مەخلۇق مارستىكى يۈگرەش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھايۋاندەك قىلاتتى. كىيىن مەن ئۇنىڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى بىلەن ئەقىللىق، سادىق ھەم باتۇرلىقىنى چۈشەندىم. شۇڭا يېشىل تەنلىكلەر تەرىپىدىن كۆندۈرۈلگەندىن كىيىن ئوۋ ئوۋلاش، جەڭ قىلىش ۋە قوغداش قاتارلىق ئىشلارغا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن ئىكەن.
ئەگەر داۋاملىق تۈز سىزىق بۇيىچە يۈگرىۋەرسەم ئونىڭ ئۈتكۈر چىشلىرىدىن قىچىپ قۇتۇلۇشنىڭ تەسلىكى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن سۇنۇق سىزىق شەكىلىدە يۈگۈرەپ ئۇنىڭ ئىتىلىپ كىلىشىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدۇم. ئۇ نەچچە قىتىم ماڭا يىتىشۋالغاندا مەن ئونىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ كەتتىم. بۇ ئىستىراتىگىيە ماڭا ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن شەھەرگە يىتىپ بارالايتىم. ئۇ مىنى ئۇچقاندەك قوغلاپ كەلگەندە مەن سەكرەپلا يەر يۈزىدىن ئوتتۇز فوت ئىگىزلىكتىكى بىر دىرىزىگە چىقىۋالدىم. بۇ تاغ جىلغىسىغا يانداشتۇرۇپ سىلىنغان بىر بىنانىڭ دىرىزىسى ئىدى. مەن ئالدى بىلەن دىرىزىنىڭ تەكچىسىنى تۇتىۋىلىپ ئاندىن بىرلا تارتىپ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۋالدىم. بىنا ئىچىدە نىمە بارلىقىغا دىققەت قىلماي پەستىكى قوغلاپ كىلۋاتقان مەخلۇققا تىكىلىپ تۇردۇم. مېنىڭ خۇشاللىقىم ئۇزاققا بارمىدى. مەن ئۆزۈمنى دىرىزىگە ئەمدىلا جايلاپ تۇرۇشىمغا ئىچىدىن يوغان بىر قول چىقىپ گىلىمدىن تۇتۇپ ئۆي ئىچىگە غەزەپ بىلەن تارتىپ ئەكىرىپ پولغا تاشلىۋەتتى. ئالدىمدا تۇرغىنى غايەت زور ئادەمسىمان مايمۇنغا ئوخشاش بىر ھايۋان بولۇپ بىشىدىكى بىر تۇتام قىسقا تۈكنى ھىساپقا ئالمىغاندا پۈتۈن بەدىنى قار رەڭگىدە ئاق ئىدى.
ئالتىنچى باپ
جەڭدە ئۇتۇق قازىنىش

ئادەمسىمان مايمۇنغا ئوخشاش بۇ مەخلۇق مارس ئادەملىرىگە قارىغاندا يەر شارى ئادەملىرىگە بەكەرەك ئوخشايتتى. ئۇ يوغان پۇتى بىلەن مېنى پولغا دەسسەپ تۇرۇپ كەينىدىكى بىر نەرسىگە «جىز-چا» قىلىپ چىقىرايتتى ۋە قولىنى ئورۇپ ئىشرەت قىلاتتى. بىردەمدىلا قارىماققا بۇ مەخلۇقنىڭ جۆرىسىدەك يەنە بىر ھايۋان قولىدا تاش توقماق تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ كەلدى. ئۇ مېنىڭ بېشىمنى يەنجىمەكچى بولىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ئىگىزلىكى تەخمىنەن ئون - ئون بەش فوت بار بولۇپ گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى. باشقا يېشىل تېرىلىكلەرگە ئوخشاش بۇلارنىڭمۇ پۇت - قولىدىن ئىككىسى ئارتۇق ئىكەن. ئارتۇق ئىككى قولى ئۈستىدىكى قولى بىلەن ئاستىدىكى پۇتىنىڭ ئوتتۇرلىقىغا جايلاشقان ئىكەن. ئىككى پۇتىنىڭ ئارلىقى يېقىن ھەم تۈز بولۇپ، قۇلىقىنىڭ ئورنى ناھايىتى ئىگىز ئىكەن. ئېغىز- بۇرنلىرى ئادەم ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئافىرىقا ئادەمسىمان مايمۇنلىرىغا ئوخشايتتى. يىغىنچاقلىغاندا ئۇلار مارس ئادەملىرى بىلەن ھەرگىز بىر ئۇرۇقتىن ئەمەستەك قىلاتتى.
تاش توقماق كۆتۈرۋالغان مەخلۇق ماڭا يىقىنلىشىپ كەلگەندە تۇيۇقسىز نازارەتچى ئىت دېرىزىدىن چاقماقتەك ئېتىلىپ كىرىپ مېنى ئۇرۇشقا تەمشەلگەن مەخلۇقنىڭ مەيدىسىگە ئۆزىنى ئاتتى. مېنى دەسسەپ تۇرغان ئەبلەخ قورقىنىدىن جىنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ ئوچۇق تۇرغان دىرىزىدىن سەكرەپ قىچىپ كەتتى. بۇ چاغدا مېنىڭ قوغدۇغۇچۇم بىلەن قىچىپ كەتكەن مەخلۇقنىڭ جۆرىسى ئۆزئارا تىركىشۋاتاتتى. مېنىڭ سادىق مۇھاپىزەتچىمنى ئىت دەپ ئاتىغانلىقىمدىن ئەمدى خىجىللىق ھىس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ دۈشمەنگە دۈچ كەلگەن ئىدى. مەن تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ تامغا يۈلىنىپ باشقىلار كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بۇ ئىككى مەخلۇقنىڭ دەھشەتلىك ئېلىشىشىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرۋاتاتتىم. ئۇلارنىڭ چاققانلىقى ۋە بىر - بىرىگە بولغان قەھرى - غەزىپىنى يەر شارىدىكىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. مېنىڭ مەخلۇقۇم بىرىنچى قىتىملىق ھۇجۇمدىلا ئۈستۈنلىكنى ئىگەنلىگەن بولۇپ، ئونىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى مايمۇننىڭ مەيدىسىگە چوڭقۇر سانجىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەمسىمان مايمۇننىڭ كۈچلۈك مۇسكۇللىرى كىلەڭسىز قوللىرىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ مۇھاپىزەتچىمنىڭ بوينىدىن ئامبۇردەك قىسقان ئىدى. قارىماققا ئۇنى ئاستا - ئاستا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولۋاتاتتى. ئۇ يەنە كۈچلۈك قوللىرى بىلەن مۇھاپىزەتچىمنىڭ بوينىنى قايرىپ كەينىگە تولغايتتى. مەن مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئۇنىڭغا خىيىم - خەتەر يىتىپ قىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدىم. مايمۇننىڭ كۆكرىكى ئېغىر زەخمە يىگەن بولۇپ كۈچەۋەرگەنلىكتىن ئاخىرى پۈتۈن مەيدىسى يىرتىلىپ كەتتى. ئۇلار ئىككىسى يەردە ئۇياقتىن بۇياققا دومۇلايتتى، بىر - بىرىنى چىشلىشەتتى، ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى بىر بىرىگە سانجىيتتى، ئەمما ھىچقايسىسى ئاغرىق ئازابىدىن ئاۋاز چىقارمايتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مۇھاپىزەتچى ئىتنىڭ كۆز ئالمىسىنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن بۆرتۈپ چىققانلىقىنى، بۇرنىدىنمۇ قان ئېقىۋاتقانلىقىنى، ھالسىرغانلىقىنى كۆردۈم. مايمۇنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ياخشى دىگىلى بولمايتى، ئۇمۇ سەكرات ئۈستىدە جان تالىشۋاتاتتى.
مەن بىردىنلا سەگەكلىشىپ ئۆزەمنىڭ شۇ چاغدا نىمە قىلىش كېرەكلىكىمنى دەرھال ھىس قىلىدىم. قولۇمغا ياندا تاشلىنىپ تۇرغان تاش توقماقنى ئېلىپ يەرشارىلىقنىڭ بىلىكىدىكى كۈچنى يىغىپ كۆكتە پىقىرتىپ تۇرۇپ مايموننىڭ بىشىغا كۈچ بىلەن ئۇرۇپ ئونىڭ پىشانىسىنى تۇخۇم چاققاندەك يەنجىپ تاشلىدىم. مەن بىر تۇقماق ئۇرۇپ بولۇپلا يېڭى بىر خەتەرگە دۈچ كەلگەنلىكىمنى تۇنۇپ يەتتىم. مايموننىڭ جۆرىسى بايقى قورقۇنۇچتىن ئۆز ئەسلىگە كېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنتتى. ئىشىك ئالدىغا كىلىشىگىلا ئۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى . ئۇ جۆرىسىنىڭ يەردە ياتقان جەسىدىنى كۆرۈپ قورقۇنۇچلۇق ھۆركىرەپ ئىنتايىن ياۋۇز قىياپەتكە كىردى. مەن بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن دەھشەتلىك بىر قىسمەتنىڭ ماڭا قاراپ كىلۋاتقانلىقىنى سەزدىم. چۈنكى بۇ رەقىبنى سەل چاغلاشقا بولمايتتى. كۈچ سىلىشتۇرمىسى ماڭا ئىنتايىن پايدىسىز بولسىمۇ نىمىلا بولسام بىر قىتىم تۇتۇشۇپ كۆرمەكچىمۇ بولدۇم. ئەمما بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى كۆزۈمگە ئىنىق كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. مەن دىرىزىنىڭ يېنىدا تۇراتتىم. كوچىغا چىقىپلا كەتسەم ئۇ مەخلۇق مېنى قوغلاپ يىتىشتىن بۇرۇن مەيدانغا يۈگۈرەپ بېرىپ ئامان قالغىلى بولاتتى. شۇڭا بىخەتەر قىچىپ كىتىش پۇرسىتى يىتەرلىك ئىدى.
قولۇمدىكى توقماق بىلەن بىرىنچى بولۇپ ئونىڭغا زەربە بېرىپ بىر قولىنى ئۈزۈپ تاشلىيالىدىم دىسەممۇ، ئەمما توقماقنى قايتۇرۋېلىش جەريانىدا ئۇ قالغان قوللىرىنى ئىشقا سېلىپ مېنى تامامەن يوقىتالايتتى. ئەگەر ئۇ توقماقتىن ئۆزىنى قاچۇرىشنى بىلسە مەن ئونىڭغا ھىچقانچە زەربە بېرەلمەيلا ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولاتتىم. بۇلارنى ئويلاۋىتىپ ئۆرۈلۈپلا دىرىزە تەرەپكە ماڭدىم. ئەمما مۇھاپىزەتچىمنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ قىچىش خىيالىمدىن بىراقلا ۋاز كەچتىم. ئونىڭ كۆزلىرى ماڭا تىكىلگەن ھالدا يەردە ئېغىر نەپەس ئېلىپ ياتاتتى. ئىنىقكى ئۇ مەندىن ياردەم تەلەپ قىلۋاتاتتى. مەن ئونىڭغا قاراپ تۇرىۋىرىشكە تاقەت قىلالماي دەرھال بىر قارارغا كەلدىم. دەرۋەقە ئۇ جان تىكىپ مېنى بىر قىتىم قۇتۇلدۇرغان ئىكەن، ئونى مۇنداقلا تاشلاپ قويۇپ كارىم بولمىسا بولمايدۇ.
مەن ئۆرۈلۈپلا مايمۇنغا قاراپ قەھرىم بىلەن ئېتىلدىم. ئۇ ماڭا يىقىن كېلىپ قالغاچقا توقماقنىڭ ئانچە كېرىكى يوق ئىدى. شۇڭا توقماقنى ئونىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسىگە قارىتىپ ئاتتىم. تاش توقماق دەل ئونىڭ ئىككى تېزىنىڭ ئاستىغا تەگدى. مايمۇن سەت ئاۋاز چىقىرىپ تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان ھالدا قوللىرىنى سوزۇپ ماڭا قاراپ ئۆزىنى ئاتتى. مەن ئالدىنقى كۈندىكىگە ئوخشاش يەر شارى ئىستىراتىگىيىسىنى قوللىنىپ ئوڭ مۇشتۇمنى كۈچەپ ئونىڭ ئېڭىگە شىلتىدىم ، ئارقىدىنلا سول مۇشتۇمنى تۈگۈپ يۈرەك قەپىزىگە كۈچەپ ئۇردۇم.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N