توققۇزىنچى باپ
مارس تىلىنى ئۆگۈنۈش

مەن تۇيۇقسىز يېنىمدا سولانىڭ بارلىقىنى ئويلىدىم، ئۇ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ قىلچە ئىپادىسىز چىرايىدا بىرخىل غەلىتە ئىپادىنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى بايقىدىم. ئونىڭ نىمىلەرنى خىيال قىلۋاتقانلىقىدىن مەن قىلچىلىك خەۋەرسىز، چۈنكى تا ھازىرغىچە پەقەت ئىنتايىن ئازبىر قىسىم تۇرمۇشتىلا ئىشلىتىلدىغان مارس تىلىنىلا ئۆگەنگەنتىم.
مەن بىز تۇرۋاتقان بىنانىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر غەيرى ئىشنى كۆردۈم. بىر رىتسار زىننەت بۇيۇملىرى، قورال - ياراق كۆتۈرگىنىچە مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ماڭا تاپشۇرغاندىن كىيىن مەن بىلمەيدىغان تىلدا بىرنىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن تەھدىت سالغاندەك پۇزۇتسىيە بىلدۈردى. كىيىن سولا باشقا ئاياللارنىڭ ياردىمىدە ماڭا ماس كىلىدىغان زىبۇ - زىننەت نۇيۇملىرىنى قايتىدىن ياساپ چىقتى. بۇ خىزمەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن جەڭ قىلىشقا ماس كىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ ھەممىلا يەردە مېڭىپ يۈرۈدۈم. كىيىن سولا يەنە ماڭا تۈرلۈك قورال -ياراقلارنىڭ سىرىنى بىلدۈردى. مەن ھەر كۈنى نەچچە سائەتلەپ ياش مارسلىقلار بىلەن مەيداندا مەشق قوبۇل قىلدىم. گەرچە ھەممە قورالنى پىششىق بىلمىسەممۇ ئەمما ئىشلىتىلىشى ئۆگۈنۋالدىم. يەر شارىدىكى قوراللار بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان قوراللارنى ئۆگۈنۈشۈم ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. مەن ۋە مارسلىق ياشلارغا ئاياللار يىتەكچىلىك قىلۋاتاتتى. ئۇلار ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قىلىش تىخنىكىسىنى ئەستايدىل ئۆگەتكەندىن سىرت يەنە ماھىر ئۇستىلاردىن ئىدى. ئۇلار پارتىلاتقۇچ دورا، ئوق ۋە كۆيدۈرگۈچ بومبىلارنى ياسايتتى. ئەمىلىيەتتە قىممىتى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئاياللار ياسايتتى. ئۇرۇش بولۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار زاپاس قىسىمنىڭ بىر بۆلىكى قاتارىدا تەرتىپكە سېلىنىپ، جەڭگە ئىھتىياجلىق بولغاندا ئەرلەردىنمۇ ماھىر، چەبدەسلىك بىلەن جەڭگە كىرەلەيتتى.
ئەرلەر بولسا جەڭ ماھارىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى دەرىجىسى بۇيىچە مەشقلەنگەن بولۇپ، ئىستىراتىگىيە ۋە قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىدى. ئۇلار قانونغا ئېھتىياجلىق بولغاندا قانون تۈزەتتى، ھەر بىر قىتىم جىددى ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندە بىر يېڭى قانون تۈزۈپ چىقاتتى. ئۇلار قانون تۈزىگەندە ئالدىنقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئوچرىمايتتى. بۇ ئادەت ئەۋلاتمۇ - ئەۋلات قايتىلىنىپ داۋاملىق كىيىنكىلەرگە يەتكۈزىلىدىكەن. گەرچە قانون بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم بىر خىل ئادەتكە خىلاپلىق قىلىشنىڭ جازاسى، جىنايەتچى بىلەن ئوخشاش ئادەملەردىن تەشكىللەنگەن زاسېداتىل ئۆمىكى ئارقىلىق ئايرىم ئىجرا قىلىنىدىكەن. مارسلىقلارنىڭ سوتنى ئادىل دىيىشكە بولاتتى، ئۇلار ھۆكۈم چىقىرىشتا ئاساسەن قانونغا تايانمايدىكەن. ئاز دىگەندىمۇ بىر نۇقتىدىن قارىغاندا مارسلىقلار ناھايىتى تەلەيلىك مىللەت بولۇپ ئۇلاردا ئەزەلدىن ئادۋۇكات بولمايدىكەن.
مەن شۇ كۈنىدىن كىيىن ھىلقى ئەسىرنى نەچچە كۈنگىچە كۆرمىدىم. كىيىن ئاياللار ئۇنى باشلاپ مەن دەسلەپ قەبىلە ئاقساقىلى بىلەن كۆرۈشكەن ھىلقى زالغا ئېلىپ كىرگەندە ئاندىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. مەن ئۇنىڭغا قارايدىغان قاراۋۇلنىڭ ئونىڭغا زىيادە قوپاللىق ۋە ياۋايىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم. بۇ مۇئامىلە بىلەن سولانىڭ ماڭا قىلۋاتقان ئانىلاردەك مىھرىبانلىقىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاسمان - زىمىن پەرق بار ئىدى. مەن بۇ ئەسىرنى بىرىنچى قىتىم كۆرگەن چىغىمدا ئونىڭ قاراۋۇللار بىلەن سۆزلىشۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر خىل تىل ئىشلىتىدىغانلىقىنى ياكى بولمىسا ئاز دىگەندە بىر خىل ئورتاق تىلنى ئىشلىتىپ ئۆزئارا ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. مۇشۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى تەسىرنىڭ تۈرۈتكىسىدە مەن سولا بىلەن توختىماي ھەپىلىشىپ ئونىڭ ماڭا تىل ئۆگۈتۈش سۈرئىتىنى تىزلەتتىم. ئۇزاق ئۆتمەي مارسلىقلارنىڭ تىلىنى ئاساسەن ئىگەللىۋالدىم ھەم مەلۇم دەرىجىدە پاراڭلىشىش سەۋىيىسىگە ھەم ئاڭلىغاننىڭ ھەممىنى چۈشۈنەلەيدىغان دەرىجىگە يەتتىم.
بىز ئۇخلايدىغان يەردە سولا ۋە ئۇ نازارەت قىلىدىغان ياشلار، مەن ھەم ۋۇلا (مەن مۇھاپىزەتچىمنى مارسلىقلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە شۇنداق ئاتاپ ئادەتلەندىم)دىن باشقا يەنە ئۈچ - تۆت ئايال، ۋە بىرنەچچە يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن كىچىك بالىلار تۇراتتى. ئۇلار ئۇيقىغا كەتكەندىن كىيىن مەن ياشلار بىلەن بىردەم سۆزلىشەتتىم. ئىمكان بار ئۆزەمنىڭ پىكرىنى تىلغا ئالمايتىم، ئەمما قولىقىمنى دىڭ تۇتۇپ ئۇلارنىڭ دىيىشكەن سۆزلىرىنى تىڭشايتتىم.
ئەسىرنى زالغا ئېلىپ بارغان كۈنى كەچلىكى ئۇلار بۇ ئىش توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدى. بۇ چاغدا مەن قولىقىمنى تېخىمۇ دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاشقا باشلىدىم. مەن سولادىن ھىلقى ساھىپجامال مەھبۇس توغرىسىدا سوراشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. چۈنكى مەن مەھبۇس بىلەن بىرىنچى قىتىم كۆرۈشكەندە سولانىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈش تېخى ئېسىمدىن چىقىپ كەتمىگەن ئىدى. سولانىڭ بۇنداق ئىپادىسىنى كۈندەشلىك دەپ ئېيتالمىساممۇ، ئەمما مەن ئىنسان تەبئىتىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ سولانىڭ مەن ھىلقى قىزنى كۈزۈتىۋاتقان چاغدىكى ھالىتىمگە بولغان ئىپادىسىنى چۈشۈنۈشتىن ئىلگىرى يەنىلا ھىچنىمە بىلمىگەن قىياپەتكە كىرۋالغىنىم ئەڭ ياخشى، دەپ ئويلىدىم.
بىز بىلەن بىللە تۇرۋاتقان چوڭ ياشلىق ئاياللار ئىچىدە ساركوجا ئىسىملىك بىرى بار بولۇپ، ھىلقى مەھبۇسقا قارايدىغان قاراۋۇللارنىڭ بىرى ئىدى. نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇ ئوتتۇرىغا قويۋاتاتتى.
ئاياللارنىڭ ئىچىدىن بىرى سورىدى:
- بىز قاچان بۇ قىزىل تەنلىك ئايالنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئازابىدىن ھۇزۇرلىنىمىز؟ ياكى ئاقساقال ئونى تۇتقۇن قىلىپ پۇل ئۈندۈرۋالماقچىمۇ؟
- ئۇلار ئەسىرنى بىللە ساك شەھىرىگە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپتۇ. تەل خاجاسنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان چوڭ مۇسابىقىدە كىشىلەرگە ئونىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئازابىنى كۆرسىتىدىكەن - دىدى ساركوجا جاۋاپ بېرىپ.
- ئونىڭ قىينىلىپ ئۆلگەندىكى ھالىتى قانداق بولار ؟- دەپ سورىدى سولا، - ئۇ ناھايىتى كىچىك ھەم چىرايلىقكەن، مەن ئۇلارنىڭ ئونى تۇتقۇن قىلىپ قايتۇرۋېلىش پۇلى ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ساركوجا ۋە باشقا ئاياللار سولانىڭ يۇمشاق قول ئىپادىسىدىن تېرىككەن بولسا كېرەك غۇدۇرۇشۇپ قويدى.
- سولا، ئەپسۇسلىنارلىقى سەن بىر مىليون يىل بۇرۇن توغۇلمىغان، -دىدى ساركوجا ئاۋازىنى سەل قاتتىق چىقىرىپ، - ئۇ چاغدا بارلىق ئويمانلىقلارغا سۇ يىغىلغان، ھەممە قەبىلە ئادەملىرى سۇغا ئوخشاش مۇلايىم ئىدى. بىزنىڭ بۇ دەۋردە بولسا بىز ئاللىقاچان ئىلگىرلەپ بىر باسقۇچقا باردۇق، بۇ خىل ھىسىيات ئاجىزلىق ۋە كەينىگە چىكىنىش دەپ قارىلىدۇ. سەن تارس تاركاسقا مۇشۇنداق چۈشكۈنلەشكەن ھىسىياتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرسەڭ ئىشىنمەنكى ئۇ مۇشۇ بالىلارغا ئانا بولۇشتەك شۇنداق ئېغىر مەسئولىيەتنى ساڭا تاپشۇرغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. بۇنداق قىلىشىڭ ئەخمەقلىق.
-مەن بۇ قىزىل تەنلىك ئايالغا غەمخورلۇق قىلىمەن، بۇنىڭ نەرى خاتا،- دېدى سولا رەدىيە بېرىپ،- ئۇ ھىچقاچان بىزگە زىيان يەتكۈزۈپ باقمىغان، مۇبادا بىز ئونىڭ قولىغا چۈشۈپ قالساق ئۇمۇ بىزگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بىزنىڭ ئۇرۇشۋاتقىنىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئەرلىرى. ئونىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بىزگە تۇتقان دۈشمەنلىك پۇزۇتسىيىسىنى بىز كەلتۈرۈپ چىقاردۇق. ئۇلار پەقەت ئامالسىزلىقتىن ئۇرۇش قىلمىسىلا ھەممىسى ناھايىتى تېنچ ياشايدىكەن.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N