مۇشتلىرىمنىڭ زەربىسى بوش كەلمىدى. ئىككىنچى مۇشتنى ئاتقىنىمدا ئۇ پىرقىلىغان پىتى يەرگە يېقىلىپ ئاغرىق دەستىدىن تولغۇنۇپ كەتتى. مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئونىڭ ئۈستىدىن ئەپچىللىك بىلەن سەكرەپ ئۆتتۈم - دە، تاش توقماقنى ئېلىپ ئۇ قايتا ئورنىدىن تۇرغىچە ئەجەللىك بىر زەربە بېرىپ جەڭنى ئاخىرلاشتۇردۇم. مەن توقماقنى كۈتۈرۈشۈمگە كەينىمدىن كۈلۈمسىرىگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ بۇرۇلۇپ قارىسام تارس تاركاس، سولا ۋە يەنە بىر نەچچە رىتسار ئىشىكتە تۇرۇپتۇ. بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان ۋاقتتا مەن ئولارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا يەنە بىر قىتىم مۇيەسسەر بولدۇم.
سولا ئويغۇنۇپ مېنىڭ يوقلىقىمنى بايقاپ تارس تاركاسقا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن تارس تاركاس بىر قانچە رىتسارنى باشلاپ مېنى ئىزلەپتۇ. ئۇلار شەھەر ئاتراپىغا كەلگەندە ئاق رەڭلىك ئادەمسىمان مايمۇننىڭ بىنا ئىچىگە ئۇچقاندەك كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشۈپتۇ. ئۇلار مايموننىڭ كەينىدىن كىلىپ مەن بىلەن مايمون ئوتتۇرلۇقىدىكى قىسقا ھەم ھەل قىلغۇچلۇق ئېلىشىشنى كۆرۈپتۇ. بۇ قىتىمقى ئېلىشىش ھەم ئالدىنقى كۈنىدىكى مېنىڭ مارسلىقلار بىلەن بولغام ئېلىشىشىم ۋە سەكرەش ماھارىتىم، ئولارنىڭ ماڭا بولغان ھۆرمىتىنى ئەڭ يوقىرى چەككە يەتكۈزگەن ئىدى. گەرچە بۇ كىشىلەردە دوستلۇق، مىھرى - مۇھەببەت، كۈيۈنۈش روھى ئىنتايىن كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما جىسمانىي قۇدرەتتىن ھاسىل بولغان قابىلىيەت ۋە باتورلۇققا يۈكسەك دەرىجىدە چوقۇنىدىكەن.
سولا مېنى ئىزلەشكە ئۆزلىكىدىن قاتنىشىپتۇ. مەن ئېلىشۋاتقان ۋاقتتا پەقەت مۇشۇ ئاياللا مېنى مەسخىرە قىلمىدى، ئەكسىچە قىياپىتىدىن مەندىن ناھايىتى ئەنسىرىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. چىرايى ناھايىتى كەسكىن تۈس ئالغان ئىدى. جەڭ ئاياقلاشقاندىن كىيىن ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا ئىتىلىپ كىلىپ ئۈستى - بېشىمغا ئىنچىكە سەپسىلىپ، يارلانغان - يارلانمىغانلىقىمغا قاراپ چىقتى . مېنىڭ ساق - سالامەت ئىكەنلىكىمنى كۆرگەندىن كىيىن مەمنونلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى ھەم قولۇمدىن تارتىپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. تارس تاركاس ۋە ئونىڭ ھەمراھلىرى ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ئىتقا قاراپ بىردەم مۇنازىرلەشتى. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ماڭا قاراپ بىرنىمىلەرنى دىدى ھەم مېنىڭ چۈشەنمەيدىغانلىقىم يادىغا يىتىپ تارس تاركاسنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئونىڭغا بىر نەچچە ئېغىز سوزلەپ قول ئىشارىتى قىلدى. ئىنىقكى، ئۇ بىر ئىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۋاتاتتى.
ئۇلارنىڭ ئىتقا تۇتقان پوزۇتسىيىسىدىن كۆڭلۈم بىر خىل شۇملۇقنى سەزگەن ئىدى. شۇڭا ئۆيدىن چىقىپ كىتىشكە ئالدىرمىدىم. مېنىڭ پەرىزىم توغرا چىقتى، ھىلقى رىتسار يان قورالنىڭ غىلىپىدىن تاپانچىسىنى چىقىرىپ ئىتنى ئېتۋىتىشكە تەمشەلدى. دەل مۇشۇنداق ھايات - ماماتلىق پەيتىدە مەن تېزلىك بىلەن سەكرەپ بېرىپ رىتسارنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدىم. ئېتىلغان ئوق دىرىزىدىن بىر تۈشۈك ئېچىپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى. ئاندىن قورقۇمسىراپ تۇرغان ئىتنىڭ يېنىغا تىزلىنىپ ئۇنى يۈلەپ تۇرغۇزدۇم ھەم ئونىڭ كەينىمدىن مىڭىشىغا ئىشارەت قىلدىم. مېنىڭ ھەركىتىم مارسلىقلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرۋەتتى. ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى نېمە قىلىشنى بىلەلمەي بۇتتەك قىتىپ تۇرغان ھالىتى ناھايىتى كۈلكىلىك ئىدى. شۇنداق، ئۇلار مىننەتدارلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش ھەم دوستلۇقنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. مەن قۇرالىنى چۈشۈرۋەتكەن ھىلقى رىتسار تارس تاركاسقا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. بىز مەيدانغا يىتىپ كەلدۇق. مېنىڭ مۇھاپىزەتچىم كەينىمدىن كۈلەڭگىدەك ئەگىشىپ كىلۋاتاتتى. سولا بىلىكىمدىن چىڭ تۇتۋالغان ئىدى.
ھازىر مېنىڭ مارستا ئاز دىگەندە ئىككى دوستۇم بار بولدى. بىرى ماڭا ئۆز ئانامدەك كۈيۈنۈپ كىلۋاتقان ياش ئايال سولا، يەنى بىرى مۇھاپىزەتچى ئىت. مەن كىيىنچە ئونىڭ ۋۇجۇدىغا مارستىكى باشقا بەش مىليون مارسلىقنىڭكىدىنمۇ كۆپ مىھرى - مۇھەببەت، سادىقلىق ۋە مىننەتدارلىقنىڭ يۇشۇرنغانلىقىنى بىلدىم.
يەتتىنچى باپ
مارستىكى بۇۋاقلار خىزمىتى

ئەتىگەنلىك تاماق ئالدىنقى كۈنىدىكىگە ئوپمۇ - ئوخشاش بولۇپ، مەن مارسلىقلار بىلەن بىللە بولغان كۈنلەردە ھەر قىتىملىق تاماقىم شۇ بولدى. تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن سولانىڭ ھەمراھلىقىدا مەيدانغا باردۇق. بۇ يەردە ھەممە ئادەم ئۈچ چاقلىق جەڭ ھارۋىسىنى گەۋدىسى ناھايىتى زور بىر ھايۋاننىڭ ئۈستىگە ئارتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. مەيداندا ئالاھىزەل 250 دانە جەڭ ھارۋىسى بولۇپ ھەر بىر جەڭ ھارۋىسىغا بىر ھايۋان سەپلەپ بېرىلگەن ئىكەن. بۇنچە زور ھايۋاننىڭ لىق يۈك بېسىلغان جەڭ ھارۋىسىنى سۆرەپ مىڭىشىغا گەپ كەتمەيتتى. جەڭ ھارۋىلىرى چوڭ ھەم كەڭ بولۇپ چىرايلىق زىننەتلەنگەن ئىدى. ھەر بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىچىدە بىر ئايال مارسلىق ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىتالدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغان، ئۈنچە - مەرۋايىت ئارتقان، يىپەك ۋە يوڭ تېرە بىلەن كىيىنگەن ئىدى. جەڭ ھارۋىسىنى سورەيدىغان ھەر بىر ھايۋاننىڭ دۈمبىسىدە بىردىن ياش مارسلىق ئولتۇراتتى. باشقا رىتسارلار مىنگەن ھايۋانلارغا ئوخشاش بۇ مەخلۇقنىڭمۇ كىشەن - چولۋۇرلىرى يوق بولۇپ، پۈتۈنلەي ھىسسىي ئالاقە بىلەن باشقۇرۇلدىكەن. ئەجەپلىنەرلىكى يېرى، پۈتۈن مارسلىق بۇ خىل ئىقتىداردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ تىلى ئاددى، گەپ - سۆزى ئاز، سۈزلۈكلەرمۇ كۆپ ئەمەسكەن. بۇ خىل ھىسسىي ئالاقە مارستىكى ئورتاق تىل بولۇپ، باشقا يەرگە ئوخشىمايدىغان بۇ غەلىتە دۇنيادا ئالىي دەرىجىلىك ھايۋان بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلار مۇشۇ خىل ئىقتىدارغا تايىنىپ ھەم ئۇنى ۋاستە قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. پىكىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسى شۇ ھايۋاننىڭ بىلىم سەۋىيىسى ۋە ئەقىلىي ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بولىدىكەن.
ئەترەت توغرىسىغا بىر قاتار تىزىلغان چاغدا سولا مېنى تارتىپ بىر بوش جەڭ ھارۋىسىغا چىقاردى. بىز ئەترەت بىلەن بىللە ئالدىنقى كۈنى مەن شەھەرگە كىرگەن يۈلۈنۈشكە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئالدىمىزدا ئۆز ئاتلىرىغا مىنگەن ئىككى يۈزدەك رىتسار بەش ئادەم بىر رەتتىن بولۇپ تىزىلىپ كىتۋاتاتتى. كەينىمىزدىمۇ ئوخشاش ساندىكى رىتسار ئەگىشىپ كىلۋاتاتتى. ئىككى تەرپىمىزدە يەنە 250-300گىچە رىتسار بىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ كىتۋاتاتتى. مېنىڭدىن باشقا ھەممە يېشىل تەنلىك مارسلىق تولۇق قوراللانغان بولۇپ ھەر بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ كەينىدە بىردىن مارس ئىتى يۈگرەپ كىلۋاتاتتى. مېنىڭ ئىتىممۇ ئوخشاشلا كەينىمدە كىلۋاتماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇ سادىق ھەمراھ مەن مارستا تۇرغان ئون يىل ئىچىدە بىرەر قىتىممۇ مېنىڭدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىپ باقمىدى. بىزنىڭ ئىلگىرلەش يولىمىز ئالدى بىلەن شەھەرنىڭ ئالدىدىكى كىچىك تاغ جىلغىسىدىن ئۆتۈپ ئاندىن تاغ تېزمىسىنى كېسىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈك دېڭىزنىڭ تىگىگە بېرىش ئىكەن. مەن ئىلگىرى ئۇ يەرگە بارغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا مەن مارسقا كەلگەن تۇنجى كۈنىلا شۇ يەرگە دەسسىگەن ئىدىم. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۇخۇم بېسىش ئۆيى سەپىرىمىزنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى ئىدى. بىز دىڭىزنىڭ تىگىدىكى كەڭلىككە يىتىپ بارغاندا پۈتكۈل سەپ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. مەنزىلگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن جەڭ ھارۋىلىرى ھەربىي قانونىيەت بۇيىچە قورشاۋ تامنىڭ تۆت ئەتراپىدا توختىدى. قەبىلە ئاقساقىلى، تارس تاركاس ۋە باشقا مەنسەپدار كىچىك ئەمەلدارلار بولۇپ ئون رىتسار ئاتلىرىدىن چۈشۈپ تۇخۇم بىسىش ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. مەن تارس تاركاسنىڭ ئاقساقالغا بىرنىمىلەرنى دىگەنلىكىنى كۆردۈم.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N