يەنە بىر تۈركۈم رىتسار بۇيرۇق بۇيىچە بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ قايتىپ كىلىش ئېھتىماللىقى بولغان كىمە ئەترىتىگە زەربە بېرىشكە تاييارلىق كۆردى. زەخمە يىگەن ئۇچار كېمە ئىستىھكامىمىزنىڭ جەنوب تەرپىدىكى بىر ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى بىرنەچچە بىنا تەرەپكە قاراپ كىتىپ باراتتى. ئۇنىڭ بىنالارغا سوقۇلۇپ كىتىش ئېھتىمالى زور ئىدى. بىر نەچچە رىتسار ئاتلىرىنى جىنىنىڭ بېرىچە چاپتۇرۇپ كېلىپ كېمە سوقۇلماقچى بولغان بىنانىڭ ئالدىدا ئاتلىرىدىن چۈشۈپ دەرۋازىدىن ئۇچقاندەك كىرىپ كەتتى. كېمە بىناغا سوقۇلۇشتىن بۇرۇن مارس رىتسارلىرى بىنانىڭ دىرىزىلىرىدىن گەۋدىلىرىنى چىقىرىپ ئۇزۇن نەيزىسى بىلەن سوقۇلۇش زەربىسىنى ئاجىزلىتىشقا ئورۇندى. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە كېمىنى ئىلىدىغان ئىلمەكلىرىنى تاشلىشىپ كېمىنى يەر يۈزىگە تارتىپ چۈشۈردى. كېمە موقۇملاشقاندىن كىيىن ئۇلار قىستىلاشقىنىچە كېمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ باشتىن - ئاخىر تىنتىپ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ كېمىدە كېمە خادىملىرىنىڭ ئۆلگەن -ئۆلمىگەنلىكىنى، ھايات قالغانلىرى بار- يوقلىقىنى تەكشۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار يەنە كېمىدىن ھايات قالغان بىر ئادەمنى سۆرەپ چۈشتى. بۇ ئادەمنىڭ ئېگىزلىكى مارسلىقلارنىڭ يېرىمىغا كەلمەيتى. مەن بالكوندا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىغا تاينىپ تىك تۇرغانلىقىنى ھەم ماڭغانلىقىنى كۆردۈم. يىراقتىن قارىغاندا ئۇنىڭ سىرىتقى قىياپىتى يىشىل تەنلىكلەردىن كۆپ پەرق قىلاتتى. ئونىڭ مارستىكى مەن بىلمەيدىغان يەنى بىر يېڭى جانلىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.
ئارقىدىن مەن رىتسارلارنىڭ ئەسىرنى يەر يۈزىگە چۈشۈرگەندىن كىيىن كېمىدىكى نەرسىلەرنى تەشكىللىك تالان - تاراج قىلۋاتقانلىقىنى، بىر قانچە جەڭ ھارۋىسىنى ئىشقا سىلىپ جەڭ غەنىمەتلىرىنى تۇشۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. جەڭ غەنىمەتلىرى قورال - ياراق، ئوق - دورا، تاۋار- دۇردۇن، يوڭلۇق تېرە، ئۈنچە - مەرۋايىت، نەپىس ئويۇلغان تاش قورال، يەنە قاتتىق ھالەتتىكى يىمەكلىك ۋە سويۇقلۇق، نۇرغۇن باك سۇ قاتارلىقلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن مارسقا كىلىپ بىرىنچى قىتىم كۆرۋاتاتتىم. ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭ ھارۋىسىدىكى غەنىمەتلەر تۇشۇلۇپ بولغاندىن كىيىن رىتسارلار كىمىگە چاپلىشىپ نەچچە رەت تىزىلىپ ئۇنى غەربى جەنوپ تەرەپكە ئىتىرىپ ماڭدى. ئارقىدىن بىر نەچچە رىتسار كىمىگە چىقىپ ئالدىراش - تېنەش شەكىلى ھەر خىل بوتولكىلاردىكى بىرنەرسىنى جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ۋە كىمىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا تۈككىلى تۇردى. بۇ ھەركەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كېمىدىن ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكەن بىر رىتسار يېنىدىن بىر نەرسىنى چىقىرىپ كېمە ئىچىگە تاشلىدى. ئۇ بىردەم ساقلاپ كىمىگە تاشلىغان نەرسە پارتىلاپ قۇيۇق ئوت يالقۇنى كۆتۈرلىگەندىن كىيىنلا كىمىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار كىمىنى مۇقۇملاشتۇرغان ئارقانلارنى يېشىۋەتتى. كىمە بۇرۇنقىدىن كۆپ يىنىكلەپ كەتكەچكە تېزلا بوشلۇققا كۆتۈرلۈپ ۋىژىلداپ كۆيۈۋاتقان بىر توپ ئوت شارىغىلا ئوخشاپ قالدى. كېمە ئاستا - ئاستا غەربى جەنوپ تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى. مەن بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئونى كۈزۈتۈپ تۇردۇم. ئۇ مارسنىڭ تەنھا ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ نىشانسىز، ئادەمسىز لەيلەپ ئاخىرى يوقاپ كەتتى. بۇ مەنزىرە كىشىگە ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. ھالاكەتكە يولۇققان ۋە يوقۇتۇلۇش قىسمىتىگە دۇچار بولغان بۇ تاشلاندۇق كېمە ئەسلى بىر تىرىك ھاياتلىقنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ، تەقدىر ئۇنى رەھىمسىز، ياۋۇز رەقىبنىڭ قولىغا تاشلىغان ئىدى.
مەن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشكەن ھالدا ئاستا قايتىپ چۈشتۈم. مېنىڭ بۇنداق جىمغۇر بولۇپ قىلىشىمنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايتتى. قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ھىلىقى مەن بىلمەيدىغان دۈشمەنگە نىسبەتەن غەيرى بىر خىل ھىسىداشلىق تۇيغۇسى بارلىقىنى تۇيدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىچىمدىن شۇنداق بىر ئىستەك توغۇلدىكى ، مەن ئۇچار كېمە ئەترىتىنىڭ قايتىپ كىلىپ بۇ يېشىل تەنلىكلەرنىڭ ئۇلارغا ۋەھشىلەرچە زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھىساب ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلدىم. كەينىمدىن بىر قەدەممۇ قالماي كىلۋاتقىنى پەقەت ھىلقى ئىت بولۇپ ئۇ ماڭا ئەگىشىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئىدى. مەن كوچىغا چىققاندا سولا ئالدىمغا يۈگرەپ كەلدى، قارىغاندا ئونىڭ ئىزدەش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان بولسام كېرەك. بۇ چاغدا ئەترەت مەيدانغا قايتىۋاتاتتى. ھەممىلا رىتسارنىڭ چىرايىدىن بۇ قىتىمقى غەلبىسىدىن چەكسىز ھۇزۇرلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ بۇ كۈنى ئۆيگە قايتىش يۈرۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
لوركاس پۇتومىل ناھايىتى زېرەك پىشقەدەم رىتسار بولۇپ، ئۇ باشلاپ كىتۋاتقان ئەترەتنىڭ ئوچۇقچىلىقتا دۈشمەنلەر تەرپىدىن بايقىلىپ قىلىشىغا روخسەت قىلمايتتى. شۇڭا بىز تاشلاندۇق شەھەردە ساقلاپ تۇرۇپ خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئاندىن يولغا چىقماقچى بولدۇق.
مەن سولا بىلەن مەيدانغا كىرگەندە كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئۈمۈد، تەشۋىش، زىيادە خۇشال بولۇش ۋە ئۈمۈدسىزلىكتىن ئىبارەت گادىرماش ھىسىياتلارغا باشلاپ كىردى. ئەمما ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىر خىل نازۇك بولغان كۆڭۈل ئارامى ۋە بەخت تۇيغىسى بولدى. چۈنكى بىز مارسلىقلارنىڭ توپى ئىچىگە كىرگەندە ئۇچار كېمىدىن تۇتىۋىلىنغان ھىلقى ئەسىرنى كۆردۈم. ئۇ بىر نەچچە مارسلىق ئايالنىڭ قوپال سىلكىشلىرى بىلەن ئەتراپتىكى چوڭ بىر بىنانىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىلدى.
مېنىڭ كۆرگىنىم بىر كىلىشكەن زىلۋا قىزنىڭ ئوبرازى بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى جەھەتلەردىن مەن ئۆتمۈشتە كۆرگەن يەرشارى ئادەملىرىگە ئوخشايتتى. باشتا ئۇ ماڭا دىققەت قىلمىدى، ئەمما بىنانىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگىچە ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان كامىرغا كىرگۈچە بولغان پەيتتە بۇرۇلىشىغا ئونىڭ كۆزلىرى مېنىڭ كۆزۈم بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدى. ئونىڭ يۈزى غاز تۇخۇمى شەكىلىدە بولۇپ ناھايىتى ساھىپجامال ئىدى. بەش ئەزاسى خۇددىي ئۇستا ھەيكەلتاراشنىڭ تىپىك ئەسىرى بولۇپ ناھايىتى نەپىس ، كۆزلىرى چوڭ ھەم نۇرلۇق، چېچى قارا رەڭدە بۇدۈرە بولۇپ ئەركىن قويۋىتىلگەن ، ئۆزگىچە چاچ پاسونىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. تېرىسى قىزغۇچ مىس رەڭگىدە بولۇپ قىزىل نۇر ئۇرغۇپ تۇرغان جۈپ مەڭزى بىلەن چىرايلىق لەۋلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ لىۋىدىن كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان قىزىل مەرۋايىتتەك يارقىن نۇر چىقىپ تۇراتتى. ئومۇ مارس ئاياللىرىغا ئوخشاش نەپىس ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىدىن باشقا ھىچ نەرسە ئارتمىغان، قىپيالىڭاچ ئىدى. ھىچقانداق بىر كىيىممۇ ئونىڭ كىلىشكەن فىگورىسىنىڭ گۈزەللىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرالمايتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ مۇكەممەل بىر گۈزەل سەنئەت ئەسىرى ئىدى.
ئۇ مېنى كۆرگەن ۋاقىتتا ھەيرانلىقىدىن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ باغلانمىغان قولى بىلەن ماڭا ئىشارەت قىلدى. ئەلۋەتتە ، مەن بۇ قول ئىشارىسىنى چۈشەنمەيتىم. بىز ئۆزئارا بىردەم تىكىلىپ تۇردۇق. ئونىڭ چىرايىدا ئەكس ئەتكەن ئۈمۈد ۋە باتۇرلۇق بىردەمدىلا ئۈمۈدسىزلىك، نەپرەت ۋە بىپەرۋالىق قىياپىتىگە ئايلاندى. مەن، بۇنى مېنىڭ ئونىڭ ئىشارىسىگە جاۋاپ قايتۇرمىغانلىقىمدىن بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم. مەن مارسلىقلارنىڭ ئادىتىنى چۈشەنمىسەممۇ ئەمما بىۋاستە سەزگۈمگە تايىنىپ ئونىڭ ئىشارىسىنىڭ مېنىڭدىن ياردەم ۋە قوغداشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدىم. بەختكە قارىشى مەن قول ئىشارىسىنى چۈشەنمىگەچكە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم. كىيىن ئۇ كامىرا ئۆيگە سولاپ قويۇلدى، مەنمۇ ئۇنى قايتا كۆرەلمىدىم.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N