ئۇلارنىڭ باش شىتابى بۇ رايوننىڭ تۆت بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ ئاتالمىش مارس قانىلى كىسىشكەن جايغا يىقىن ئىكەن. تۇخۇم بىسىش ئۆيى ئۇلار تۇرۋاتقان زىمىننىڭ ئادەمسىز يېرىگە ھەم باشقىلار ئاسانلىقچە يېقىن يوللىمايدىغان ھەم بارالمايدىغان جايغا سېلىنغان ئىكەن. سۇلانىڭ دىيىشىچە ئالدىمىزدىكى مەنزىل ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، سەپەر جەريانىدا نىمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى، مېنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىدىن قىلچىلىك خەۋەرسىز ئىدىم.
بىز ئۈلۈك شەھەرگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن مەن بىر نەچچە كۈننى بوش ئۆتكۈزدۈم. بىز قايتىپ كىلىپ ئىككىنچى كۈنى بارلىق رىتسارلار ئاتلىرىغا مىنىشىپ كەتكىنىچە تاكى كۈن قارايغاندا ئاندىن يىتىپ كىلىشتى. كىيىن بىلسەم ئۇلار تۇخۇم يۇشۇرۇنغان يەر ئاستى ئۆيىگە بېرىپ تاللانغان تۇخۇملارنى تۇخۇم بېسىش ئۆيىگە يۈتكەپ بولغاندىن كىيىن ئۆينى پىچەتلەپ بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن. بەش يىلغىچە بۇ يەرگە ھىچكىم قەدەم باسمايدىكەن. يۈتكەشتىن ئىلگىرى تۇخۇملارنىڭ ھەممىسى تۇخۇم بېسىش ئۆيىنىڭ جەنوب تەرپىدىكى ناھايىتى يىراق بىر جايغا سېلىنغان مەخپى يەر ئاستى ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويۇلىدىكەن. ھەر يىلى يىگىرمە نەپەر ئەزادىن تەشكىللەنگەن كوممېتىت بۇ يەرگە كىلىدىكەن. تۇخۇملارنى نىمە ئۈچۈن تۇخۇم باسىدىغان ئۆيگە يېقىن ئورۇنغا يۇشۇرمايدىغىنى ماڭا ناھايىتى سىرلىق تۇيۇلدى. بۇ ئىشنى يەر شارى ئادەملىرىنىڭ ئاددىي خۇلاسىسى ياكى تەپەككۈرى بىلەن چۈشەنگىلى بولمايتتى.
ھازىر سولانىڭ ئىككى ۋەزىپىسى بار بولدى. بىرى ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن مارسلىق بالىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش، يەنە بىرى مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش. ئەمما بىز ئونىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئالمايتتۇق. مەن ۋە مارسلىق بالا مارسلىقلارنىڭ تەربىيلەش ئۆلچىمى بۇيىچە ھەممىنى نولدىن باشلايدىغان بولغاچقا سولا بىزنى بىللە تەربىيلەشكە باشلىدى. سولاغا تەۋە بولغان مارسلىق بالا بىر ئوغۇل بالا بولۇپ ، ئىگىزلىكى تۆت فوت ، قەددى - قامەتلىك ھەم نۇقسانسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئىلگىرلىشى ناھايىتى تېز بولدى. مەن ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكەندەك مارسلىقلارنىڭ تىلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ بىر ھەپتىدىن كىيىن مەن ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى ۋە مەقسىدىمنى باشقىلارغا ئۇقتۇرالايدىغان بولدۇم شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقىلارنىڭ ماڭا دىگەنلىرىنى ئاساسەن چۈشۈنەلەيدىغان دەرىجىگە يەتتىم. ئوخشاشلا سولانىڭ يىتەكچىلىكىدە مەن ھىسسىي ئالاقە قابىليىتىنى يىتىلدۈردۈم ھەم ناھايىتى تېزلا بەلگىلىك دەرىجىگە كۆتۈردۈم. شۇڭا ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەتراپىمدا يۈز بېرۋاتقان ئىشلارنى سىزالايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتىم.
سولانى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنىم شۇكى مەن ئاسانلا يېنىمدىكى ئادەمنىڭ ھىسسىي ئالاقە ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلالايتىم. شۇنداقلا دائىم مارسلىقلار ماڭا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان چاغلاردا شۇنداق بولاتتى. ئەمما ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ھىچكىم مېنىڭ ھىسسىي ئۇچۇر ئالاقەمنى خالىغانچە قوبۇل قىلالمايتتى ھەم بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيتتى. مەن باشتا بۇنىڭدىن زېرىككەن بولساممۇ ئەمما كىيىن بۇخىل ئالاھىدىلىكىمدىن خۇشال بولدۇم. چۈنكى ئۇ شەك - شۈبھىسىز مېنىڭ مارسلىقلاردىن يوقىرى تۇرۇشىمغا، تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈشۈمگە پايدىلىق ئىدى.

سەككىزىنچى باپ
بوشلۇقتىن تۇتۇپ كىلىنگەن ساھىپجامال ئەسىر

تۇخۇم بېسىش مۇراسىمى ئاخىرلىشىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن بىز ئۆيگە قايتىشقا تەرەددۇتلەندۇق. لېكىن ئەترەت ئەمدىلا شەھەرنىڭ ئالدىدىكى ئوچۇقچىلىققا كەلگەندە دەرھال تارقىلىش بۇيرىقى چۈشۈرۈلدى. مارسلىقلار دەرھال تۇمانغا ئوخشاش تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىشقا باشلىدى ھەم ئەتراپتىكى ئەڭ يېقىن بىنالارنىڭ دەرۋازىسىغا ئۆزىنى ئېتىشتى. ئۈچ مىنوتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا بارلىق جەڭ ھارۋىسى ، گىگانت مەخلۇق ۋە ئاتلىق رىتسارلارنىڭ ھەممىسى كۆزدىن غايىپ بولدى. مەن سولا بىلەن ئودۇلمىزدىكى بىر ئىمارەتنىڭ ئىچىگە، يەنى مەن ئادەمسىمان مايمۇنغا يولۇققان ئىمارەتنىڭ ئىچىگە كىرۋالدۇق. نىمە سەۋەپتىن بۇنداق جىددىي چىكىنگەنلىكىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە ئالدىراپ بىنانىڭ ئىچىدىن مىڭىپ دىرىزىگە كىلىپ سىرىتقا قاراپلا تۇيۇقسىز يۇشۇرنىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.
بىر دانە ئۇزۇن ھەم تار كۆكۈچ ئۇچار كىمە بىزگە ئەڭ يېقىن تاغ چوقققىسىدىن ئىغاڭلىغىنىچە ئاستا ئۇچۇپ ئۆتۈپ كىتۋاتاتتى. ئارقىدىنلا ئىككىنچىسى، ئۈچۈنچىسى، تۆتىنچىسى بولۇپ جەمئى يىگىرمە دانە ئۇچار كىمە ئىغاڭلىغىنىچە يەر يۈزىنى بويلاپ پەس ئۇچۇپ بىزگە يىقىنلاشقا باشلىدى. ھەر بىر ئۇچار كىمىدە غەلىتە بىر بايراقنىڭ شەكىلى چۈشۈرۈلگەن ، باش تەرىپىگە يەنى بىرخىل غەيرى بەلگە سېزىلغان بولۇپ، قوياش نۇرىدا يالت - يولت قىلىپ پارقىرايتتى. ئارلىقىمىز شۇنچە يىراق بولسىمۇ بۇلارنى ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئۇچار كېمىدە نۇرغۇن ئادەم بارلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بىزنى بايقىغان - بايقىمىغانلىقىغا بىر نەرسە دىمەك تەس ئىدى. بەلكىم ئۇلار مۇشۇ جايدىن ئۆتۈپ كىتۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئۇچار كېمىدىكىلەر بىزنىڭ قوپاللىق بىلەن قارىشى ئېلىشىمىزغا ئۇچرىدى. چۈنكى يېشىل تەنلىك مارسلىقلار ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيلا ئۇچار كىمىلەرگە قارىتىپ تۇيۇقسىز شىددەت بىلەن ئوت ئېچىشقا باشلىدى. ئۇچار كىمە چوڭ ئەترىتى تاغ جىلغىسىنى توغرىسىغا كىسىپ ھىچقانداق تەييارلىقسىز كىتۋاتقاچقا ئوقنىڭ ئۆزىلىرىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
ئەڭ ئالدىدىكى كېمە دەرھال يان تەرىپىنى بىزگە توغۇرلاپ ئوت كۈچى بىلەن بىزگە جاۋاپ قايتۇردى. ئارقىدىنلا 180 گىرادوس بۇرۇلۇپ يەنە بىر تەرىپىنى توغۇرلاپ ئوت ئاچتى. باشقا كېمىلەرمۇ كەينىدىن ئەگىشىپ كىلىپ ئېتىشقا مۇۋاپىق جايغا كەلگەندە بىزگە ئوت ئېچىشقا باشلىدى. بىز تەرەپنىڭ ئوت كۈچى ئاجىزلاپ قالمىدى. مەن ئەزەلدىن نىشانغا بۇنداق توغرا تەككۈزۈشنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، ھەر بىر پاي ئوق ئېتىلغاندا كېمىدىكى بىر ئادەم يەر چىشلەيتتى. كېمىنىڭ ئوت كۈچى ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمىدى، چۈنكى بىز تۇيۇقسىز زەربە بەرگەندە كېمىدىكىلەر تەييارلىقسىز ئەھۋالدا تۇرغاچقا بىزنىڭ نىشانغا توغرا تەككۈزۈشىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايتتى. بىرىنچى قىتىملىق ھۇجۇم يىگىرمە مىنۇت داۋاملاشقاندىن كىيىن كېلەڭسىز كېمە ئەترىتى ئىغاڭلىغىنىچە كەلگەن يۈلۈنىشىگە قاراپ ئۇچۇپ يىراقلاپ كەتتى. زەخمىلەنگەن بىر نەچچە كېمىنىڭ ئېتىشى پۈتۈنلەي توختىغان بولۇپ جىنىنىڭ بېرىچە قىچىشقا تىرىشاتتى. رىتسارلار بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ چىكىنۋاتقان كېمە توپىغا داۋاملىق شىددەت بىلەن ئېتىشقا باشلىدى. كېمىلەر ئاخىرى بىر- بىرلەپ يىراقتىكى تاغنىڭ چوققىسىدا تۇيۇقسىز غايىپ بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇچالمايدىغان بىرلا كىمە قالدى. بۇ كېمە ئوت كۈچىنىڭ مەركىزىي نىشانى بولغاچقا بىرمۇ جانلىق ھايات قالمىغان، كېمە پالوبىسىدا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئاستا - ئاستا ئۇچۇش يولىدىن يىراقلىشىپ پولاڭلىغىنىچە بىچارە قىياپىتىنى چىقىرىپ بىز تەرەپكە كىلىشكە باشلىدى. بىز تەرەپ ئېتىشنى دەرھال توختاتتى. كېمە كونتروللىقىنى يوقاتقان بولۇپ ھىچقانداق ھۇجۇم ئىقتىدارى قالمىغان، قىچىپ كىتىشكە ماغدۇرى يەتمەيتى.
كېمە ئۇچۇپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا رىتسارلار مەيدانغا يۈگرەپ چىقىپ ئونى كۈتىۋالدى. كېمە تەخمىنەن ئەللىك فوت ئېگىزلىكتە لەيلەپ كىلۋاتاتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەردە تەخمىنەن يۈزدەك يىشىل تەنلىك رىتسار ئەگىشىپ كەلمەكتە.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N