كىيىن بىلسەم بۇ ئاقساقالنىڭ ئىسمى لوركاس پۇتومىل بولۇپ ئاقساقال دەپ ئاتاش بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئادىتى ئىكەن.
ئۇزاق ئۆتمەيلا مەن ئۇلارنىڭ نىمە دىيىشكەنلىكى چۈشەندىم. چۈنكى تارس تاركاس سولانى چاقىرىپ مېنى ئۇنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىشكە ئىشارەت قىلدى. مەن ئاللىقاچان مارستا يول مىڭىشنىڭ مۇرەككەپ تىخنىكىلىرىنى ئۆگىنۋالغان ئىدىم. شۇڭا ئونىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە ئۇلار تۇرغان يەرگە، تۇخۇم بېسىش ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر قاراپلا خېلى كۆپ تۇخۇمنىڭ بېسىلىپ چىققانلىقىنى، ئۆيدە شۇ بىر نەچچە قورقۇنۇچلۇق مەخلۇق بولغاچقىلا ھاياتلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇم. ئۇلارنىڭ ئىگىزلىكى ئۈچ - تۆت فوت بولۇپ، يىمەكلىك ئىزلەۋاتقان بولسا كېرەك تامنىڭ ئىچىدە توختىماستىن مېڭىپ يۈرەتتى. تارس تاركاس ئۆينىڭ ئۈستىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ماڭا «سەكرە» دەپ بۇيرۇق قىلدى. مەن ئونىڭ مېنىڭ سەكرەش ھۆنۈرۈمنى كۆرسۈتۈپ ئاقساقالنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويۇشنى ئويلىغانلىقىنى چۈشەندىم. مەن بۇ ماھارىتىمدىن ناھايىتى رازى ئىدىم. شۇڭا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ بىرلا سەكرەپ تۇخۇم بىسىش ئۆيىدىن خېلى يىراقتا تۇرغان جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشتۈم. مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن لوركاس پۇتومىل ماڭا غۇدۇرىغىنچە بىرنىمىلەرنى سۆزلىدى. ئاندىن ئۆرۈلۈپ يېنىدىكى رىتسارلارغا تۇخۇم بىسىش ئۆيىنى كۆرسۈتۈپ بىرنىمىلەرنى دىدى. مارسلىقلار مېنىڭ تۇخۇم بىسىش ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھەركەتلىرىنى تاماشا قىلىشىمغا رۇخسەت قىلدى. ئۇلار تۇخۇم بىسىش ئۆيىنىڭ تېمىدىن بىر تۆشۈك ئاچتى. بۇ تۆشۈكتىن ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان مارس بالىلىرى مىڭىپ چىقالايتتى. تۆشۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاياللار ۋە يېشى كىچىكەرەپ ئوغۇل - قىز مارسلىقلار ئىككى رەت بولۇپ تېزىلىدى. ئارقىدىنلا تۆشۈكتىن مارسلىق بۇۋاق بالىلار خۇشال - خورام سەكرەشكىنىچە چىقىپ كىلىشتى. ئۇلار رەتنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۆتۈپ يەنە بىر بىشىغا يىتىپ بارغاندا رەت ئاخىرىدىكى مارسلىق بۇۋاق بالىنى ئېلىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ مارسلىق بۇۋاق بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ياش ئاياللار يىتىلىگىنىچە ئۆزلىرىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا ئېلىپ كېتىشتى. بۇ يېشىل تەنلىكلەرنىڭ يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان مارس بالىلىرىنى كۈتىۋىلىش مۇراسىمى ئىكەن. مەن بۇ مۇراسىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئادەملەر توپى ئىچىدىن سولانى تاپتىم. ئۇمۇ قولىدا قورقۇنۇچلۇق بىر جانلىقنى كۆتۈرگىنىچە جەڭ ھارۋىسىدا تۇراتتى.
مارسلىقلارنىڭ كىيىنكى ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتىكى خىزمىتى پەقەتلا ئۇلارغا سۆزلەشنى، جەڭ قوراللىرىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگۈتۈش بولۇپ، بۇۋاق بالىلار توغۇلغان بىرىنچى يىلىلا ئۇلارغا قورال تارقىتىلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇلار تۇخۇم ئىچىدە بەش يىل تۇرغانلىقىدىن تۇخۇمدىن چىققاندا چوڭ - كىچىكلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەممىسى يىتىلىپ پىشقان بولىدىكەن. بۇۋاق بالىلار ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەن ھەم ئانىلىرىمۇ بالىلىرنىڭ، دادىسىنىڭ كىملىكىنى دەپ بېرەلمەيدىكەن. يېشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇ خىل ھالەت قىلچە ئېتبارغا ئېلىنمايدىكەن. چۈنكى ئۇلاردا ئۇرۇقداشلىق، تۇققانچىلىق مۇناسىۋەت، مىھرىبانلىق مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بالىلارنىڭ ھەممىسى جەمىيەتكە ئورتاق تەۋە بولۇپ، تۇخۇم بىسىش ئۆيىدىن چىققاندا كىم قوبۇل قىلغان بولسا تەربىيلەش ئىشىغىمۇ شۇ ئادەم مەسئول بولىدىكەن. ئۇلارنى بىقىۋالغان ئانىلىرىنىڭ بەزىسى تېخى تۇخۇم تۇغۇپ باقمىغان بولۇپ سولا شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ تۇخۇم تۇغۇشنى باشلىمىغان بولۇپ، تېخى بىر يىل ئالدىدا باشقا بىر ئايالنىڭ بالىسىنى بېقىپ تەربىيلەپ چىقىپتۇ.
مېنىڭچە يولغا قويۇلغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان بۇنداق قەبىھ تۈزۈم دەل يېڭى دۇنياغا كۆز ئاچقان مارسلىقلارنىڭ گۈزەل ھىسىياتىنى ۋە يوقىرى دەرىجىلىك جانلىقلاردىلا بولىدىغان ئىنسان تەبىئىتىنى يوقۇتۇشقا بىۋاستە سەۋەپ بولۋاتاتتى. ئۇلار توغۇلىشىدىنلا ئاتا - ئانىسىنى بىلمەيدۇ، ئاتا - ئانا مىھرىبالىقىنى كۆرەلمەيدۇ، «ئائىلە» دىگەن ئۇقۇمدىن تېخىمۇ خەۋەرسىز. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەتلا كېلەڭسىز گەۋدىسى ۋە ھەيۋىسىگە تايىنىپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش، يەنە بىرى ئازاپ چىكىشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول. ئەگەر ئولارنىڭ جىسمىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى زەخمىنىلىش ياكى كەمتۈكلۈك مەۋجۇت بولسا دەرھال ئۆلۈمگە مەھكۈم. بۇۋاق ۋاقتىدىن باشلاپ بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇلار ئەزەلدىن بىر تامچە ياش تۈكۈپ باقمايدۇ.
مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم يىتىلگەن مارسلىقلارنىڭ بالا مارسلىقلارغا قىلغان شەپقەتسىزلىكىنىڭ زورۆريىتى يوق ياكى ئۇلارغا ئۈچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىكەن دىگەنلىكىم ئەمەس. ئۇلارنىڭ شەپقەتسىزلىكى ھالاك بولۋاتقان پىلانتتىدا ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى مارستىكى تەبئى مەنبە، تەبئى بايلىق خوراپ شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، دۇنياغا كەلگەن ھەر بىر جانلىقنى بىقىشنىڭ ئۆزى بۇ جانلىق قوشۇلغان جەمىيەتنىڭ يۈكىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىغانلىقىدىن دىرەك بېرەتتى. چۈنكى يېڭى قوشۇلغان ئەزا ئۈچۈن يىمەكلىك، سۇ، ھاۋا بولمىسا بولمايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مارستا ئىنتايىن ئەتىۋارلىق نەرسىلەر بولۇپ ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىكەن.
قورامىغا يەتكەن ھەر بىر مارسلىق ئايال بىر يىلدا ئون ئۈچ دانە تۇخۇم توغىدىكەن. چوڭ - كىچىكلىكى، ماسسىسى، ئىغىرلىق كۈچى ئالاھىدە ئۆلچەمگە يەتكەن تۇخۇملار مەلۇم بىر مەخپى يەر ئاستى ئۆيىدە ساقلىنىدىكەن. بۇ ئۆيلەرنىڭ تىمپىراتورىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ تۇخۇم بىسىلمايدىكەن. بۇ تۇخۇملارنى ھەر يىلى يىگىرمە نەپەر ئاقساقالدىن تەشكىللەنگەن كوممېتىت ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەخمىنەن يۈزدەك تۇخۇمنى تاللىۋالغاندىن كىيىن قالغانلىرىنى چېقىپ تاشلايدىكەن. يەنە بەش يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئەڭ مۇكەممەل دەپ قارالغان بەش يۈز دانە تۇخۇم نەچچە مىڭ دانە تۇخۇم ئىچىدىن تاللاپ چىقىلىدىكەن. تاللاپ چىقىلغان تۇخۇملار شامال ئۆتۈشمەيدىغان ھىم ئۆيلەرگە قويۇلغاندىن كىيىن قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ بېسىلىدىكەن. بۈگۈن ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن جەريان يىتەرلىك دەرىجىدە ۋەكىللىك خاراكتىرغا ئىگە بولۇپ، تاشلىۋىتىلگەن تۇخۇملار ئىچىدىكى تەخمىنەن يۈزدىن بىر پىرسەنت تۇخۇمدىن ئىككى كۈندىن كىيىن بۇۋاق بالا چىقىدىكەن. ئەمما مارسلىقلار ئونىڭغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى كېرىكى قالمىغان ئىدى.
تۇخۇم بېسىش ئۆيى يىراق يەردىكى خىلۋەت ئورۇنغا پۇختا ياسالغان بولۇپ، باشقا قەبىلىلەرنىڭ بايقاپ قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك ئىكەن. ئەگەر باشقا قەبىلىلەر تەرپىدىن بايقاپ قىلىنسا بۇ شۇ جەمىيەتنىڭ بۇندىن كىيىنكى بەش يىل جەريانىدا بالىسىز قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. چۈنكى باشقا يىشىل تەنلىك قەبىلىلەر تۇخۇم بېسىش ئۆيىنى بايقاپلا قالسا بىر ئامال قىلىپ بۇزۇپ كىرىپ تۇخۇملارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا ئۆچمەنلىكىنىڭ چەكسىزلىكىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن ئىكەن.
مېنىڭ تەقدىرىم باغلانغان يېشىل تەنلىك مارسلىقلار بۇ جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ئالاھىزەل ئوتتۇز مىڭدەك مارسلىق بار ئىدى. ئۇلار چوڭ بىر پارچە قۇرغاق ياكى يېرىم قۇرغاق تۇپراقتا ھايات كەچۈرۋاتقان بولۇپ، جەنوبىي كەڭلىك 40 گىرادوستىن 80 گىرادوسقىچە بولغان كەڭ زىمىن ئىكەن. شەرق ۋە غەرپ تەرەپ چىگرىسىدا ئىككى پارچە مۇنبەت تۇپراق بار ئىكەن.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N