پەقەت بىزلا ھىچكىم بىلەن چىقىشالمايمىز. بىز مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆزىمىز بىلەن ئۇرۇشىمىز، قىزىل تەنلىكلەر بىلەن ئۇرۇشىمىز، ھەتتا بۇ جەمىيەت ئىچىدىمۇ شەخسلەر بىلەن شەخسلەر دوئىلىغا چىقىپ ئۇرۇشىدۇ. ھەي، بۇ ئاخىرى چىقمايدىغان دەھشەتلىك قان تۆكۈلۈشلەر بىز تۇخۇمنى يېرىپ چىققان كۈندىن باشلاپ تاكى سىرلىق دەريا ئېقىنىغا بارغۇچە، قارا رەڭلىك قەدىمى يىس دەرياسى بىزنى ئېقىتىپ بىز بىلمەيدىغان، ئەمما قورقۇنۇچلۇق قىسمەت مەۋجۇت بولمىغان يەرگە ئېلىپ كەتكۈچە ئاخىرى چىقمايدۇ. بالدۇر ئۆلگەنلەر نىمە دىگەن بەختلىك! سەن ئۆزەڭ خالىغىنىڭنى تارس تاركاسقا ئېيتقىن. بىز كىشلىك ھاياتتا مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرمىسا بولمايدىغان ۋەھىمىلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتىمىز، ئۇ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يامان قىسمەتكە دۇچار قىلالمايدۇ.
سولانىڭ ئېيتقان ئاچچىق سۆزلىرى باشقا ئاياللارنى تاڭ قالدۇرۋەتتى. ئۇلار سولانى بىردەم ئەيىپلەشكەندىن كىيىن ئۇخلاپ قىلىشتى. بۇ سۆزلەردىن مەن سولانىڭ ھىلقى ئايال مەھبۇسقا دوستانە نەزەر بىلەن قارايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم. شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا ئەمەس دەل سولانىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغانلىقىمدىن ئىنتايىن بەختلىك ھىس قىلدىم. مەن ئونىڭ ماڭا ئامراقلىقىنى بىلىمەن، ئونىڭ شەپقەتسىزلىك بىلەن ۋەھشىلىكتىن نەپرەتلىندىغانلىقىنى بايقاپ يەتتىم. قىچىش مۇمكىنچىلىكى بولۇپ قالسا ئىشىنمەنكى ئۇنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ھىلقى ئايال مەھبۇس بىلەن بىللە قىچىپ كىتىمەن.
مەن تېخى قىچىپ تېخىمۇ ياخشى بىر جايغا بېرىشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتىم. مىجەز - خاراكتىرى ۋە سىرتقى قىياپىتى ماڭا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ ئارسىدا تەۋەككۈلچىلىك بىلەن بىللە تۇرۇشقا رازىمەنكى، بۇنداق قانخور، بەتبەشىرە يىشىل تەنلىكلەرنىڭ ئارسىدا يۇرىۋەرگىم يوق. ئەمما قەيەرگە بارىمەن، قانداق بارىمەن ، بۇ مەسىلە مېنىڭ بىشىمنى قاتتۇراتتى. خۇددى يەر شارىدا ئىنسانلار ئۆز ئەسلىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرۈش بۇلىقىنى تىپىش ئۈچۈن باش قاتتۇرغاندەك. مەن ئاخىرى سولاغا ئىشىنىپ تۇرۇپ ئونىڭدىن ماڭا ياردەم بېرىشىنى ئۇچۇق تەلەپ قىلىشنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مەن بىر قارارغا كىلىپ بولغاندىن كىيىن يىپەك رەخت ۋە مۇيلۇق تېرە دۈۋىسىگە ئورۇنۇپ تاتلىق ئويقىغا كەتتىم. بۇ مېنىڭ مارسقا كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ تاتلىق ئۇخلىغان بىر كۈنۈم ئىدى.
ئونىنچى باپ
چېمپىئون بىلەن ئاقساقال
ئىككىنچى كۈنى تاڭ يورىشىغىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. سولا ماڭا شەھەردىن ئايرىلمىساملا مېنىڭ ئەركىن يۈرسەم بولدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ يەنە تاشلاندۇق شەھەردە خەتەرلىك ئادەمسىمان مايمۇننىڭ بارلىقىنى، شۇڭا قۇرالسىز سىرتقا چىقماسلىقىمنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ھەم ماڭا شەھەر چىگرىسىنىڭ سىرتىغا چىقماسلىقىم توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىغاندە چۈشەندۈرۈپ، مۇبادا مەن چىگرا سىزىقىدىن ئۆتسەم ۋۇلانىڭ قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن مېنى تۇسۇيدىغانلىقى دىگەن ئىدى. ئۇ يەنە مېنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر مەن ۋۇلانىڭ تۇسۇشىغا قارىماي چەكلەنگەن رايونغا يىقىنلىشىپ بارسام ئونىڭ تەبىئىتىنىڭ بىردىنلا ياۋۇزلىشىپ كىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلىسام ئۇ مېنىڭ ئۈلۈك - تىرىك بولۇشۇمدىن قەتئى نەزەر مېنى شەھەرگە ئېلىپ قايتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دىگەن ئىدى:
- ئۇ سىزنىڭ جەسىتىڭىزنى بولسىمۇ قايتۇرۇپ كىلىدۇ.
مەن ئۆزەم يالغۇز سىرتقا چىقتىم. كوچىدا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. مەن ناتۇنۇش بىر كوچىدا كېتۋىتىپ تۇيۇقسىز ئۆزەمنىڭ شەھەر چىگرىسىغا كىلىپ قالغانلىقىمنى بايقىدىم. ئالدىمدا كىچك تاغ تېزمىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تار ھەم ئادەمنى جەلپ قىلارلىق چوڭقۇر بىر تاغ جىلغىسى تاغ تىزمىسىنىڭ ئارلىقىدىن ئۆتەتتى. بىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىز خۇددى يەر شارىنى كىزىپ ئىكىسپىدىسىيە ئېلىپ بارغىنىدەك مېنىڭمۇ ئالدىمدىكى رايوننى تەكشۈرۈپ باققۇم كەلدى. مېنىڭ كۆرۈش دائىرەمنى تۇسۇپ تۇرغان كىچىك تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ بۇ يەرنى ئوراپ تۇرغان تاغنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلغۇم كەلدى. مەن ۋۇلانى يەنە بىر سىناپ باقماقچى بولدۇم. بۇ ئىتنىڭ ماڭا ئامراقلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەن ئونىڭ ۋۇجۇدىدىن باشقا ھەرقانداق مارس ئادىمى ياكى ھايۋاندا بولمايدىغان كۈيۈنۈشنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئىدىم. ئىلگىرى ئونىڭ ھاياتىنى ئىككى قىتىم قۇتۇلدۇرغان ھەركىتىمنىڭ ئونىڭدا ماڭا بولغان مىنەتتدارلىق تۇيغۇسى قوزغايدىغانلىقىغا، بۇ خىل مىنەتتدارلىقنىڭ ۋەزىنى ياۋۇز ئىگىسىنىڭ ئونىڭ زىمىسىگە يۈكلىگەن مەجبورىيەتكە بولغان سادىقلىقتىن كۆپ ئىشىپ چۈشىدىغانلىقىغا ئىشەنچەم بار ئىدى.
مەن چىگرا سىزىقىغا يىقىنلاشقاندا دەرۋەقە ۋۇلا ئالدىمغا جىددى يۈگرەپ كىلىپ بەدىنى بىلەن پۇتۇمنى توسىدى. ئونىڭ بۇ قىتىمقى ئىپادىسى ئۈتۈنۈش مەنىسىدە بولۇپ ياۋۇزلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇ بۇ قىتىم قورقۇنۇچلۇق چىشلىرىنى كۆرسەتمىدى ياكى ئاگاھلاندۇرۇپ قاۋىمىدى. مەنمۇ ئونى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشنى خالمىدىم. مەن ئەزەلدىن ئۇنى ئامراقلىق قىلىپ بىرەر قىتىممۇ ئەركىلىتىپ باقمىغان ئىدى. ئەمما ھازىر مەن يەردە ئولتۇرۇپ ئىككى بىلىكىم بىلەن ئونىڭ سىمىز بوينىنى قۇچاقلاپ قولۇم بىلەن پەپىلەپ ياخشى سۆزلەرنى قىلدىم، يېڭى ئۈگەنگەن مارس تىلى بىلەن ئونىڭغا تەسەللىي بەردىم. ئۇ مېنىڭ كۈيۈنىشلىرىمگە ئىنتايىن ئاكىتىپ ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۈستىدىكى ھىڭگان چىشلىرىنى كۆرسىتىپ، ئاغزى - بۇرۇنلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۆزىنى قىستى. ئەگەر سىز پادا باققان بولسىڭىز پادىغا قارايدىغان ئىتنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىز ۋۇلانىڭ ھازىرقى قىلىقلىرىنى چۈشۈنەلەيسىز. ئۇ يەردە، پۇتۇمنىڭ يېنىدا ئوڭدىسىغا ياتتى. بەزىدە يەنە ئۈستۈمگە سەكرەپ چىقىۋالاتتى، تۇرۇپلا مېنى يەرگە بېسۋىلىپ ئەتراپىمدا پىقىراپ كىتەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىنى كۆرۈپ تۇنجى قىتىم ئۆزەمنى بېسۋالالماي قۇرسۇقۇمنى تۇتۇپ قاتتىق كۈلۈپ كەتتىم. بۇ خۇشاللىق تاكى نەچچە كۈنگىچە چىرايىمدىن كەتمىدى. پوۋېل مېنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ ماڭغان شۇ كەچتىن كىيىن مەن بۇنداق خۇشال بولۇپ باقمىغان ئىدىم. شۇ كۈنى پوۋېل مىنىپ باقمىغىنىغا خېلى كۈنلەر بولغان ئېتىغا ئەمدىلا مىنىشىگە ئات ئۇنى ئۈستىدىن يەرگە دۇملىتىۋەتتى. مەن پوۋىلنىڭ يەردىكى ھالىتىنى كۆرۈپ قاتتىق كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم. شۇندىن كىيىن مانا تا ھازىرغىچە قىنىپ كۈلۈپ باقماپتىمەن.
مېنىڭ قاتتىق كۈلكەم ئىتنى قورقىتىۋەتتى. ئۇ ھەييارلىق قىلىشتىن توختاپ ماڭا قاراپ بىچارىلەرچە ئۈمۈلەپ كۆرۈمسىز بىشىنى تىزىمنىڭ ئاستىغا تىقىپ جىمىپ قالدى. مەن شۇ چاغدىلا مارسلىقلارغا نىسبەتەن كۈلكىنىڭ ئازابلىنىش، رىيازەت ۋە ئۆلۈمدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكە ئالدىم. مەن ئۆزۈمنى تۇتۋىلىپ بىچارە ئىتنىڭ بىشىنى سىيلاپ ئۇنىڭغا يەنە بىر نەچچە مىنۇت تەسەللىي بەردىم. ئاندىن ئاغزىمنى ئىسقىرتىپ ماڭا ئەگىشىش توغرۇلۇق بۇيرۇق قىلغاندىن كىيىن تاغ تىزمىسى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئەمدى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھوقۇق» مەسىلىسى مەۋجۈت ئەمەس ئىدى. شۇندىن كىيىن ۋۇلا مېنىڭ سادىق چاكىرىمغا ، مەن ئونىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىردىنبىر ئىگىسىگە ئايلانغان ئىدىم. تاغ باغرىغا بېرىشقا بىر نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت كەتتى. ھىچقانداق باشقىچە ئەھۋال ياكى بىرەر نەرسىنى بايقىمىدۇق. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەرخىل غەيرى شەكىلدىكى ياۋا گۈللەر تاغ جىلغىسىغا تولۇپ تۇراتتى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N