بىرىنچى تاغنىڭ چوققىسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن مەن يەنە بىر نەچچە تاغنىڭ شىمالغا قاراپ سوزۇلغانلىقىنى كۆردۈم. كەينىدىكى تاغلار ئالدىدىكىدىن تېخىمۇ ئىگىز بولۇپ مۇشۇنداق سوزۇلۇپ چوڭ تاغقا تۇتىشىدىكەن. چوڭ تاغ كۆپ يىراقتا بولۇپ ۋۇلا بىلەن ئۇ يەرگە پىيادە يىتىپ بېرىشىم ئۈچۈن نەچچە كۈن ۋاقىت كىتەتتى. چوڭ تاغ خېلى ئىگىزدەك كۆرۈنەتتى. كىيىن مەن مارستا پەقەت بىر نەچچىلا تاغ چوققىسىنىڭ تۆت مىڭ فوتتىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئەممە بۇ يەردە دېڭىز مەۋجۇت بولمىغاچقا تاغلارنىڭ ئىگىزلىكى پەقەت نىسبىي ئېيتىلاتتى. مۇقۇم ئۆلچەم قىلىنىدىغان تۇراقلىق نۇقتا يوق ئىدى.
بۇ قىتىمقى ئىكىسپىدىسىيە مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. چۈنكى بۇ جەرياندا مەن ۋۇلانى تۇلۇق چۈشەندىم . تارس تاركاس ۋۇلاغا تاينىپ مېنى نازارەت قىلاتتى. ئەمدى بىلدىمكى گەرچە مەن نەزىرىيە جەھەتتىن ئەسىر بولساممۇ ئەمىلىيەتتە ئەركىن ئىدىم. شۇڭا ۋۇلادىكى ئۆزگۈرۈشنى بۇرۇنقى ئىگىلىرى سىزىپ قىلىشتىن بۇرۇن شەھەر چىگرىسىغا تىز قايتتىم. چۈنكى، بىزنىڭ چىگرىدىن ئۆتكەنلىكىمىزنى باشقىلار تاسادىپى بايقاپ قالسا ئاقىۋەتتە مېنىڭ ئەركىنلىكىم ئېلىپ تاشلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋۇلامۇ ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى.
مەيدانغا قايتىپ كەلگەن چىغىمدا مەن ھىلقى ئايال مەھبۇسنى ئۈچۈنچى قىتىم كۆردۈم. ئۇ ۋە ئۇنىڭ قاراۋۇللىرى كۆرۈش زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا تۇراتتى. مەن ئونىڭغا يىقىنلاشقاندا ئۇ ماڭا ئاستا قاراپ قويدى. ئارقىدىنلا بۇرۇلۇپ كەينىنى قىلۋالدى. بۇ ئاياللارنىڭ ، بولۇپمۇ يەرشارى ئاياللىرىنىڭ تىپىك مىجەزى بولۇپ، ماڭا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتەك بىلىنگىنى بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە دوستلارنىڭ قەلبىگە ئوخشاش دىلىمنى ئىللىتتى. دىمەك مارستا مەندىن باشقا يەنە بىر ئادەم ئۆز جىسمىدا ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ تەبىئىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئىنسان بۇ تەبىئى خۇسوسىيەتكە تايىنىپ ئازاپلىنىش، قىيداش ۋە ئۆزىنى تۇتۋىلىشنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. مانا بۇنى ھىس قىلىش ماڭا ئالەمچە خۇشاللىق بېغىشلىغان ئىدى.
ئەگەر بىر يىشىل تەنلىك مارسلىق ئايال ئۆزىنىڭ نەپرىتى ۋە پەرۋاسىزلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا يېرىمدىن كۆپەرەك ئەھۋالدا قىلىچىنى شىلتىيدۇ ياكى تەپكە قايرىيدىغان بارمىقىنى مىدىرلىتىپ قويىدۇ. ئەمما ئولارنىڭ ھىسىياتى كۆپۈنچە ھاللاردا بىكىنمە ھالەتتە بولغاچقا بۇنداق قىزغىنلىقنى قوزغاشقا توغرا كەلسە دىلىنى ئېغىر پاراكەندە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۆرىتى كەلگەندە قىستۇرۇپ قوياي، سولا يوقىرقىلارنىڭ سىرتىدا، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ۋەھشىلەشكەنلىكىنى ياكى قوپاللىق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىم ھەم ئۆزگەرمەس مىھرىبانلىقىنىڭ ۋە ئاقكۆڭۈللۈكىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى سەزمىدىم. ئونىڭ ھەقىقى ئوبرازى دەل ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئېيتقاندەك ئەجداتلىرىنىڭ ئىرادىسىگە قارىشى تۇرالايدىغان ئوبراز، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشكە ئېرىشەلەيدىغان قىممەتلىك روھ.
ئايال ئەسىر ھەممەيلەننىڭ دىققەت مەركىزى بولغاچقا مەن ئۆرە تۈرۈپ شىكايەت قىلىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. ئۇزاق ئۆتمەيلا لوركاس پوتمىل ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچى ئاقساقاللار بىناغا كىردى. ئارقىدىن قاراۋۇل بىلەن ئايال مەھبۇسنىڭ كۆرۈش زالىغا كىرىشى توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. مەن ئۆزەمنىڭ ئازاراق بولسىمۇ ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشكەن ئەرباپ ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. چۈنكى ئۇلار ماڭا ھەرنىمە بولسىمۇ قوپاللىق قىلمىدى، سولاپ قويمىدى.
يېشىل تەنلىك رىتسارلارنىڭ، مېنىڭ ئۇلارنىڭ تىلىنى پىششىق چۈشىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچەم بار ئىدى. چۈنكى مەن ئىلگىرى سۇلادىن بۇنى مەخپى تۇتىشىنى ئۈتۈنگەن بولۇپ، مەن مارسلىقلارنىڭ تىلىنى پىششىق بىلىشتىن ئىلگىرى مارسلىقلار بىلەن سۆزلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىمنى مەخپى تۇتۇشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدىم.
سوت كوللىگىيىسىنىڭ ئەزالىرى مۇنبەرنىڭ پەلەمپىيىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشقان بولۇپ مەھبۇس بىلەن ئۇنىڭ قاراۋۇللىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىك تۇراتتى. مەن قاراۋۇللارنىڭ بىرىنىڭ ساركوجا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئونىڭ ئايال مەھبۇسقا تۇتقان پۇزۇتسىيىسى ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ۋەھشى ئىدى. ئۇ ئايال مەھبۇسنى تۇتقاندا تىرناقلىرىنى بىچارە قىزىنىڭ بىلىكىگە سانجىيتتى ياكى بىلىكىنى ئازاپلىق قايرىيتتى. ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا قوپاللىق بىلەن تارتاتتى ياكى ئىتىرەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ توققۇز يۈز يىلدىن بۇيان يىغىلىپ قالغان ئۈچمەنلىك، ۋەھشىلىك، ياۋۇزلۇقىنى ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى يوق بۇ بىچارە قىزنىڭ جىسمىدىن قاندۇراتتى. بۇنداق ياۋۇزلۇقنىڭ ئۇنىڭ نەچچىنچى ئەۋلات ۋەھشى، ياۋايى ئەجدادىن قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. يەنە بىر قاراۋۇل ئايال سوغۇققان بولۇپ ئانچە ياۋۇز ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇ گۇندىپاي ئايال مەھبۇس بىلەن بىللە يالغۇز قالسا ياكى كېچىسى بىللە ئۇخلىسا ئايال مەھبۇسقا ھىچقانداق زىيان - زەخمەت يەتمىگەن بولاتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئونىڭ بىلەن كارى بولمىغانمۇ بولاتتى.
لوركاس پوتمىل ئىككى كۆزىنى تىكىپ ئايال مەھبۇسقا قارىۋەتكەندىن كىيىن ماڭا نەزەر تاشلىدى. ئاندىن ئۆرۈلۈپ تارس تاركاسقا بىر ئېغىز گەپ قىلدى ھەم ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قول ئىشارىسى قىلدى. تارس تاركاس جاۋاپ قايتۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى ئىنىق ئاڭلىيالمىدىم. ئەمما تارس تاركاسنىڭ جاۋابىدىن ئاقساقال كۈلۈمسىرەپ قويدى. شۇندىن كىيىن ئۇلار ماڭا دىققەت قىلىپ كەتمىدى.
- ئىسمىڭ نىمە؟ - لوركاس پوتمىل مەھبۇستىن سورىدى.
- دېكا توررېس، خېرىئانلىق مورس كاجاكنىڭ قىزى.
- ئۇنداقتا سىلەرنىڭ بۇ قىتىمقى ئىكىسپىدىتىسىيە ئېلىپ بېرىشىڭلارنىڭ مەقسىدى نىمە؟
- بۇ قىتىمقى ئىكىسپىدىتىسىيە پەقەت ئىلىمىي تەتقىقات ئۈچۈن بولۇپ، تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى دادام خىرىئان پادىشاھى ئېۋەتكەن. مەقسىدى ئاتمۇسفىرا ئىقىم گىرافىكىنى قايتا سىزىش ۋە ئاتمۇسفىرا تەجرىبىسى ئىشلەش، - دەپ جاۋاپ بەردى ساھىپجامال قىز رىتىملىق تۈۋەن ئاۋازدا، - بىز تېنچلىق بۇرۇچىمىزنى ئادا قىلۋاتىمىز، خۇددى بىزنىڭ بايرىقىمىز ۋە ئۇچار كېمىمىزنىڭ رەڭگىدە كۆرسىتىلگەندەك،- دىدى قىز داۋاملىق، - شۇڭا بىزنىڭ جەڭگە قىلچە تەييارلىقىمىز يوق، بىز سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار شۇنداقلا بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشۋاتىمىز. شۇ سىلەرگە ناھايىتى ئايانكى، بىزنىڭ ئەمگىكىمىز، ئىلىم - پەن تەتقىقات نەتىجىمىز بولمىغان بولمىسا مارستا ھاياتلىقنى ساقلاپ قالىدىغان يىتەرلىك ھاۋا ۋە سۇ بولمىغان بولاتتى. نۇرغۇن يىلدىن بىرى بىز سۇ بىلەن ھاۋانىڭ نورمال تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ تۈۋەنلىتىۋەتمەي كەلدۇق. سىلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان بۇزغۇنچىلىقىڭلارغا ئۇچرىغان بولساقمۇ خىزمىتىمىزنى توختىتىپ قويمىدۇق.
- ھەي، سىلەر نىمە ئۈچۈن ئۈچۈن باشقىلار بىلەن تېنچ ئۆتۈشنى ئۈگىنەلمەيسىلەر؟ ئەجىبا قەدىمكى ئەجدادىڭلاردىن باشلاپ تاكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر يىشىل تەنلىك قالغۇچە مۇشۇنداق ھايۋاندىن پەرقلەنمەيدىغان كۈن ئۆتكۈزەمسىلەر؟ مۇشۇ گەپ قىلالمايدىغان ھايۋانلاردەك ياشىماقچىمۇ؟ سىلەرنىڭ يېزىقىلار، سەنئىتىڭلار يوق. ئائىلە، مىھرى - مۇھەببەت دىگەنلەر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. سىلەر قورقۇنۇچلۇق ئىجتىمائى ئاڭنىڭ قۇربانلىقلىرى. ھەرقانداق نەرسە كۆپچىلىككە مەنسۇپ، ھەتتا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار ۋە بالىلېرىڭلارمۇ ئورتاق كۆپچىلىككە تەۋە. ئاقىۋەتتە سىلەر ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەيسىلەر. ئۆزئارا ئۆچلۈك قىلىشىسىلەر، ئۆزەڭلاردىن باشقا ھەممىسىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايسىلەر.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N