سىلەرنىڭ بىزگە ئوخشاش ياشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، مىھرى - مۇھەببەتكە تولغان ئىللىق دۇنياغا قايتىپ كىلىڭلار. قىزىل تەنلىكلەر سىلەرگە دوستلۇق قولىنى سۇنىدۇ، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ، بۇ يولدا ھەممەيلەن بىللە ئىلگىرلەيلى.
- بىز بىرلىكتە تىرىشىپ ھالاكەتكە يۈزلىنۋاتقان پىلانتىمىزنى قايتىدىن يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەيلى. ئەڭ ئۇلۇق ئەڭ قۇدرەتلىك خىرىئان پادىشاھلىقىنىڭ ئەۋرىسى سىلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ. سىلەر شۇنداق قىلالامسىلەر؟
قىز سۆزلەشتىن توختىغاندىن كىيىن لوركاس پوتمىل ۋە رىتسارلار كۆزلىرىنىمۇ چىمچىقلاتماستىن قىزغا بىر ھازا تىكىلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. ئەمما، مېنىڭچە ئۇلار چۇقۇم تەسىرلەندى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نام ئابرويى يوقىرى بىرى چىقىپ كونا ئەنئەنىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ھازىرقى ياۋايىلارچە تۇرمۇش ئادىتىنى بۇزۇپ تاشلىيالسىلا، ئۇنداقتا شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مارستا بۈيۈك بىر يىڭى دەۋرنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىدىن دىرەك بېرەتتى. مەن تارس تاركاسنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ گەپ قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئونىڭ چىرايىدىكى ھازىرقى ئىپادىسىنى يىشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ چىرايىدىن كۆرمىگەن ئىدىم. بۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئەنئەنىۋى كونا ئادەت بىلەن كۈرەش قىلۋاتقانلىقىنى بىلدۈرەتتى. ئۇ سوزلىگەن ۋاقتتتا ياۋۇز، بەتبەشىرە چىرايىدا بىردىنلا مىھرىبانلىق جىلۋىلەندى. ئۇ ئەسلى ئەزەلدىن دەپ باقمىغان سۆزلەرنى دىمەكچى بولغان ئىدى. دەل شۇ ۋاقتتا پىشقەدەم رىتسارلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئۆزگىرىشنى سەزگەن بىر رىتسار مۇنبەردىن سەكرەپ چۈشۈپ بىچارە قىزنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىرنى ئۇرۇپ ئۇنى پولغا يىقىتىپ تاشلىدى، ئارقىدىنلا بىر پۇتى بىلەن قىزنى دەسسەپ تۇرۇپ مەجلىسكە قاتنىشۋاتقان ئەزالارغا قاراپ قورقۇنۇچلۇق ھىجايدى.
مەن بۇ ۋاقتتا تارس تاركاس چۇقۇم ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. چۈنكى بۇ ياۋۇزلارچە ھەركەتگە روكاس پۇتمىرمۇ ھىچقانداق قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىدى. ئەمما بۇنداق ھالەت ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇلارنىڭ كونا ئىدىيىسى ناھايىتى تىزلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ ھەممىسىنىڭ چىرايىدا كۈلۈمسىرەش جىلۋىلەندى. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئۇلار سەت ئاۋازدا كۈلۈشمىدى. چۈنكى يىشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ يۇمۇرىستىك ئەخلاق ئۆلچىمى بۇيىچە ئېيتقاندا بايقى ياۋۇزلارچە ھەركەت ئەسلىدە ئادەم قۇرسىقىنى تۇتۇپ قاتتىق كۈلدۈرىدىغان قىزىقارلىق پائالىيەت ھىساپلىناتتى.
مەن شۇ چاغدىكى رىتسارنىڭ ئايال مەھبۇسنى ھايۋانلارچە ئۇرۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئەھۋالنى خاتىرە قالدۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئەمما، بۇ جەرياندا مېنىڭ بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغانلىقىمنى، مەيدانغا چىقىپ ئادالەتنى ياقىلىمىغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مەن يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان ئىشنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. شۇڭا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھىلقى ئەبلەخنىڭ قىزنىڭ يوقىرىغا قاراپ تۇرغان، ئۈتۈنۈش مەنىسىدىكى چىرايلىق يۈزلىرىگە ئۇرۇش ئۈچۈن بوشلۇقتا لەيلەپ ئاندىن تۆۋەنگە چۈشۋاتقان قولىنى سەكرەپ چىقىپ تۇتۋىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئارانلا زالنىڭ يېرىمىغىلا بارالىدىم. قورقۇنۇچلۇق كۈلۈمسىرەش ئاخىرلىشىشىغا مەن يەنە بىر سەكرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم. بۇ ئەبلەخنىڭ ئىگىزلىكى ئون ئىككى فوت بولۇپ تولۇق قۇراللانغان ئىدى. لېكىن، غەزىپىم چىكىگە يىتىپ، قېنىپ قايناپ تاشقاندا زالدىكى ھەممە يىشىل تەنلىكنى قىرىپ تاشلاشقا قۇربىم يىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەن يوقىرىغا سەكرەپ ھۇجۇم شەپىسى ئونىڭ قۇلىقىغا كىرىشىگە چىرايىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم. ئۇ خەنجىرىنى قىنىدىن سوغۇرۇپ ئېلىپ ماڭا تاشلاندى. مەنمۇ خەنجىرىمنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئالدىم ھەم يەنە بىر سەكرەپ ئونىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، بىر پۇتۇم بىلەن مىلتىقىنىڭ پاينىكىنى دەسسەپ سول قولۇم بىلەن يوغان ھىڭگان چىشىنى تۇتۋىلىپ، ئوڭ قولۇم بىلەن ئونىڭ كېلەڭسىز كۆكرەك قەپىسىگە غەزەپ بىلەن كەينى كەينىدىن نەچچىنى ئۇرۋەتتىم. ئۇنىڭ خەنجىرى ماڭا ھىچقانداق خەتەر ئېلىپ كەلمىدى، قۇرالىنىمۇ چىقىرىشقا ئۈلگۈرۈلمىدى. ئەسلى بۇ خۇمپەر مارسلىقلارنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قۇرال كۆتۈرۈپ چىقماقچى بولغانتى. مارسلىقلارنىڭ بۇ قائىدىسى شۇكى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا دۈشمەن قانداق قۇرال بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولسا، ھۇجۇمغا ئۇچرىغىچىمۇ شۇنداق قورال بىلەن ئۆزىنى قوغدىشى ھەم قايتۇرما زەربە بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ھەر تەرەپكە ئۇرۇنۇپ ئاخىرى مېنى ئۈستىدىن غەزەپ بىلەن تاشلىۋەتتى. رەقىبىم مەندىن يوغان بولغان بىلەن مىنىڭدەك كۈچلۈك ئەمەسكەن. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئەبلەخ قان ئىچىدە پولغا يىقىلدى.
دىكا توررېس بىر قولى بىلەن يەرنى تىرەپ، ھاڭ - تاڭ بولغان ھالدا بۇ بىر مەيدان جەڭنى باشتىن - ئاخىر كۆرۈپ تۇردى.
مەن ئورنىمدىن تۇتۇپ ئۇنى قۇچاقلاپ ئۆينىڭ بىر تەرپىدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدۇم. ماڭا يىشىل تەنلىكلەر دەخلى قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي بۇتتەك قىتىشىپ ئولتۇراتتى. مەن بىر پارچە رەختنى يىرتىۋىلىپ قىزنىڭ بۇرنىدىن ئېقىۋاتقان قاننى توختاتماقچى بولدۇم. بۇ چارەم دەرھال ئۈنۈم بەردى. ئۇنىڭ يارىسى ئېغىر ئەمەس ئىكەن. گەپ قىلالىغىدەك بولغاندىن كىيىن ئۇ بىر قولىنى مۇرەمگە قويۇپ دىدى:
- سىز نىمە ئۈچۈن مېنى قۇتۇلدۇرىسىز؟ مەن سىز بىلەن تۇنجى قىتىم كۆرۈشكەندە ماڭا دوستانا بىلىنگەن ئىدىڭىز. سىز شۇ چاغدا مېنىڭ تەلىپىم بىلەن كارىڭىز بولمىغان ئادەم ئەمەسمۇ؟ سىز مىنىڭ سەۋەبىمدىن ھاياتىڭىزغا تەۋەككۈل قىلىپ ھەمراھىڭىزنى ئۆلتۈردىڭىز. مەن چۈشەنمىدىم، سىزنىڭ ھەركىتىڭىز بەك غەلىتە. گەرچە سىزنىڭ شەكلىڭىز بىزنىڭكى ئادەملەر بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ تېرىڭىز ئادەمسىمان مايمۇنىڭكىدىن قارا ئىكەن. سىز يىشىل تەنلىكلەرنىڭ بىر ئەزاسى ئەمەسمۇ؟ ماڭا ئېيتىڭ، سىز ئادەممۇ؟ ياكى ئادەمدىن يوقىرى دەرىجىلىك جانلىقمۇ؟
- مېنىڭ ئەجەپلىنەرلىك بىر سەرگۈزەشتەم بار، - دىدىم مەن جاۋاپ بېرىپ، - بۇ ھىكايە بەك ئۇزۇن، ھازىر سۆزلىگىم يوق، ئۆزەممۇ ئونىڭ راستلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. ئەمما ، باشقا ئادەملەرنى ئۇنىڭغا ئىشەندۈرۈشكە مەجبور قىلالمايمەن. ھازىر سىز مېنى دوستۇم دەپ بىلسىڭىزلا بولدى. بىزنى ئەسىر قىلغانلار يول قويغان دائىرىدە مەن سىزنىڭ قوغدۇغۇچىڭىز ھەم خىزمەتكارىڭىز بولىمەن.
- سىز ئەسىرمۇ؟ ئۇنداقتا قانداق قىلىپ سىزدە ساك خانلىقىنىڭ قۇرال - ياراقلىرى ۋە بۇلارنىڭ سەردارلىرىلا تاقايدىغان ساۋۇت بار بولىدۇ؟ ئىسمىڭىز نىمە؟ ۋەتىنىڭىز قەيەر؟
- سىز توغرا ئېيتىڭىز، دېكا توررېس، مەنمۇ ئەسىر، مېنىڭ ئىسمىم جون كارتېر، سىزگە ئېيتسام يەر شارىدىكى ئامىرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتى مېنىڭ يۇرتۇم بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن مىنىڭ قورال ئېلىپ يۈرۈشۈمگە روخسەت قىلغانلىقىدىن ئازاراقمۇ خەۋىرىم يوق. شۇنداقلا ئۈستىمدىكىلەرنىڭ سەردارلارغىلا خاس دوبۇلغا - ساۋۇت ئىكەنلىكىدىن تېخىمۇ خەۋىرىم يوق.
بۇ چاغدا بىزنىڭ سۆھبىتىمىز بىر رىتسار تەرپىدىن ئۈزۈپ قويۇلدى. بۇ رىتسار مەن ئۆلتۈرۋەتكەن ئەبلەخنىڭ قۇرال - ياراق ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئېلىپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلگەن ئىدى. شۇ پەيتتە قىز بايا سورىغان مەسىلىنىڭ جاۋابى يىشىلدى، مېنىڭدىكى تىڭىرقاشمۇ قاياقلارغىدۇ غايىپ بولدى. مەن تۇنجى قىتىم شۇنى ھىس قىلدىمكى، مەن مارسقا كىلىپ كۆرۈش زالىدىكى بىرىنچى قىتىملىق دوئىلىدا مېنى بوزەك قىلماقچى بولغان رىتسارغا بەرگەن زەربەم رەقىبىمنىڭ جىنىنى ئالغان ئىدى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N