ئۇلار نىمە ئۈچۈن ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ ئىنىق بولدى. مۇجىمەل قىياسىمغا ئاساسلانغاندا مەن ئۆزەمنى داڭدار شەخس دىيەلمىسەممۇ، ئەمما، بىر غالبىيەتچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن شەرەپكە ئېرىشكەن، شۇنداقلا مەن ئۆلتۈرۋەتكەن رەقىبنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىگە ۋە ئۇنىڭ مەنسىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدىم. كېسىپ ئېيتقاندا، مەن ئاللىقاچان مارسلىقلارنىڭ بىر سەركەردىسىگە ئايلانغان ئىكەنمەن. شۇنداق بولغاچقىلا ناھايىتى چوڭ ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنمەن. كىيىن بىلسەم، كۆرۈش زالىدا دېكا تۇررېسنى ئۇرغان ھىلقى خۇمپەرنى جايلىۋەتكىنىمگە ھەممىسى چىداپ ئولتۇرۇپتۇ.
مەن بۇرۇلۇپ ئۆلگەن مارسلىقنىڭ جەڭ غەنىمەتلىرىنى قوبۇل قىلغىنىمدا،تارس تاركاس ۋە بىرقانچە رىتسارنىڭ ماڭا يېقىنلاپ كىلۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئالدىدىكى بىرى ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ :
- قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىز سېنى ھەم گاس ھەم گاچا دەپ قاراپتىمىز، ھازىر سەن بارسۇم تىلىنى شۇنداق راۋان سۆزلەۋاتىسەن. جون كارتېر، سەن بۇ تىلنى قەيەردە ئۈگەنگەن؟- دىدى.
- تارس تاركاس، بۇ سېنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىڭ، - دىدىم مەن جاۋاپ بېرىپ، - چۈنكى سەن ماڭا ئادەتتىن تاشقىرى قابىليەتلىك بىر ئايال ئۇستازنى ھەمراھ قىلغان ئىكەنسەن، مەن سولاغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.
- ئۇ ياخشى ئۈگۈتۈپتۇ، - دىدى تارس تاركاس، - ئەمما سەن يەنە باشقا جەھەتلەردىن ئىلگىرلىشىڭ كېرەك. ئەگەر سەن ئىككى ئاقساقالنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرىنى ئۆلتۈرمىگەن بولساڭ(ئۇلارنىڭ نەرسىلىرى سېنىڭ ئۇچاڭدا تۇرۇپتۇ) قاراملىق قىلغىنىڭنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
- مىنىڭچە، ئۇنى ئۆلتۈرمىسەم ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ.
- ياق، سەن خاتالاشتىڭ. مارسلىق رىتسارلار پەقەت ئۆزىنى قوغداش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدىلا ئاندىن ئەسرنى ئۆلتۈرىدۇ. بىز باشقا تۈرلۈك مەقسەت ئۈچۈن ئەسىرنى ئاسانلىقچە ئۆلتۈرمەيمىز.
- ئەمما ھازىر پەقەت بىرلا ئىش سېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ، - دىدى ئۇ ئۇلاپلا، - ئەگەر تەل خاجاس سېنىڭ باتۇرلۇقىڭنى، قەيسەر ۋە جەڭگە ماھىرلىقىڭنى كۆرۈپ يىتەلىسە ئۇ چاغدا سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولىسەن. شۇندىلا ئۇ سېنىڭ بۇ جەمىيەتكە قاتنىشىشىڭنى، بىز بىلەن بىللە ياشىشىڭنى قوللايدۇ. سەن ھەقىقى بىر ساكلىققا ئايلىنىسەن. سەن بىزنىڭ تەل خاجاسنىڭ شىتابىغا بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغىن، شۇ چاغدىلا لوركاس پوتمىل سەن قولغا كەلتۈرگەن شان - شەرەپنى ساڭا بېرىشنى خالايدۇ. ئاندىن بىز سېنى ساكلىقلارنىڭ ھەقىقى بىر ئاقساقىلى دەپ تۇنۇيمىز. ئەمما شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، سېنى ئۈستۈرگەن باشلىق سېنى بىزنىڭ قۇدرەتلىك ھەم ۋەھشى ھۆكۈمرانىمىزغا ئامان - ئېسەن تاپشۇرۇپ بېرىش مەسئولىيىتى بار. مېنىڭ سۆزۈم تۈگىدى.
- تارس تاركاس، مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلايمەن، - دىدىم مەن جاۋاپ بېرىپ، - ساڭا ئايان بولغىنىدەك، مەن بارسۇملۇق ئەمەس، سېنىڭ ئادىتىڭ بىلەن مىنىڭ ئوخشىمايدۇ، بۇندىن كىيىنكى ياشاش پىرىنسىپىممۇ ئىلگىركىدەك بولىدۇ. مەن ئۆزەمگە خاس بولغان تىرىكچىلىك قىلىش ئۆلچىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئۆز ئىرادەمگە خىلاپ بولمىغان ئىشنى قىلىۋىرىمەن. ئەگەر سىنىڭ مېنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسا مەن تىنچ تۇرمۇش كەچۈرىمەن. ئەگەر مېنى باشقۇرماقچى بولساڭ ئۇنداقتا بارسۇمدىكى ھەممە ئادەم مېنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ناتۇنۇش مىھمان بولۇش ھوقوقىمغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ياكى بولمىسا يۈز بېرىش ئىھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەسئول بولىشى كېرەك. بىز بىر ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمىز كېرەككى، سەن بۇ بەختسىز قىزغا قانداقلا كۆز قاراشتا بولغىن ۋە ياكى قانداقلا ئادەم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئونىڭغا زىيان يەتكۈزسە، ئۇنى رىيازەت تارتقۇزسا ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ھىساپ بىرىشنى ئويلىشى كېرەك. ماڭا مەلۇم، سىلەر كۈيۈنۈش ۋە مىھىرى - مۇھەببەتكە سەل قارايسىلەر، ئەمما مەن دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. مەن مۇھەببەتكە، كۆيۈنىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمەن. بۇ ئالاھىدىلىكىم جەڭ ماھارىتىم بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.
ئادەتتە مەن ئارتۇق قۇرۇق گەپ سېتىشنى ياقتۇرمايتتىم. ئىلگىرىمۇ ئەزەلدىن قورۇق گەپ قىلىشنى خالىمايتتىم. ئەمما شۇنى ھس قىلدىمكى مەن ئاللىقاچان يىشىل تەنلىكلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكەن ئىدىم. پەرىزىم خاتا ئەمەس ئىدى. چۈنكى مېنىڭ ئۇزاق گەپ قىلىشىم ئۇلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شۇندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ھۆرمىتىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى.
تارس تاركاسمۇ جاۋابىمدىن رازى بولغاندەك قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئاخىرقى باھاسىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايتتى. قارىغاندا مەن ساك خانلىقىنىڭ خاقانى تەل خاجاسنى ياخشىراق چۈشەنسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ.
مەن نەزىرىمنى دېكا توررېسقا ئاغدۇرۇپ، ئونىڭ ئورنىدىن تۇرىشىغا ياردەملەشتىم. ئاندىن بىرلىكتە ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ چىقىش ئىشىكىگە قاراپ ماڭدۇق. ئەتراپىمىزدىكى بۇتتەك قىتىپ قاراپ تۇرغان تۇررېسنىڭ بەدنىيەت قاراۋۇللىرى، ئاقساقال ۋە سەردارلارنىڭ سۇئال نەزىرى بىلەن قاراشلىرىغا پىسەنت قىلىپمۇ قويمىدۇق. ھازىر مەنمۇ بىر ئاقساقال، ئەلۋەتتە ئاقساقالىق مەسئولىيىتىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ تارس تاركاس ئېيتقىنىدەك بۇ ئەسىرنى ئۈلۈم خەۋىپىدىن ساقلىشىم كېرەك.
ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى مېنى تۇسمىدى. شۇنداق قىلىپ خىرىئان مەلىكىسى دېكا توررېس بىلەن ۋىرگىنىيىلىك ئەزىمەت جون كارتېر ساك قەبىلىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاقساقىلى لوركاس پوتمىلنىڭ كۆرۈش زالىدىن چىقىپ كەتتى. كەينىدە سادىق ھەمراھ ۋۇلا ئەگىشىپ كىلۋاتاتتى.
ئون بىرىنچى باپ
دېكا توررېس بىلەن بىللە

بىز دەرۋازىدىن چىققان چاغدا دېكا توررېسنى نازارەت قىلىشقا بىكىتىلگەن ئىككى ئايال ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ ئالدىرغىنىچە يىتىپ كىلىشتى. بىچارە توررېس ماڭا چىڭ يىپىشىپ تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدى. مەن ئونىڭ بىر جۇپ كىچىك قوللىرى بىلەن بىلىكىمنى چىڭ تۇتۋالغانلىقىنى سەزدىم. شۇڭا ئۇلارغا قول شىلتىپ نېرى كىتىشىنى ، بۇندىن كىيىن بۇ قىزغا سولانىڭ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويدۇم. ئاندىن ساركوجاغا توررېسقا يەنە قوپاللىق قىلىماسلىقىنى، بولمىسا بىشىغا ئىش تېرىۋالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتتۈم. چاتاق يېرى مېنىڭ ساركوجاغا پوپوزا قىلىشىم توررېسقا ھىچقانداق ياخشىلىق ئېلىپلا كەلمەي ئەكسىچە تېخىمۇ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەپتۇ. مەن بۇلارنى كىيىن ئۇقتۇم. مارستا ئەرلەر ئەزەلدىن ئاياللارنى ياكى ئاياللار ئەرلەرنى ئۆلتۈرمەيدىكەن. ساركوجا ماڭا مەككارلىق بىلەن بىر قاراپ قويۇپ كۆڭلىگە جىن چۈشكەن ھالدا كىتىپ قالدى. مەن دەرھال سولانى تىپىپ ئونىڭدىن دېكا توررېسنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى، ماڭا مۇئامىلە قىلغاندەك كۈتۈشىنى ئۈمۈد قىلدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم ھەم ئۇنىڭدىن ساركوجا دەخلى يەتكۈزەلمەيدىغان تۇرالغۇ تىپىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئاخىرىدا مەن سولاغا ئۆزەمنىڭ ئەرلەر بىلەن بىللە تۇردىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ساركوجا بىر چەتتە تۇرۇپ مېنىڭ ئۈستىمدىكى مەنسەپدارلىق بەلگىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتۈپ چىقتى.
- سىز ھازىر چوڭ ئاقساقال، جون كارتېر، - دىدى ئۇ، - مەن سىزنىڭ تاپشۇرۇقىڭىزنى ئورۇندايمەن. ئەلۋەتتە، قانداقلا بولمىسۇن، مەن سىزنىڭ بۇيرىقىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. ئۈستىڭىزدىكى دوبۇلغا - ساۋۇت ئەسلى ياش بىر ئادەمنىڭ، ئۇ قالتىس بىر رىتسار ئىدى. سىز ئۇنى ئۆلتۈرۈپ يوقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولدىڭىز.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N