ئۇ قورۇنۇپمۇ كەتمىدى ھەم ھىچنىمە دىمىدى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ بىز خارابلىشۋاتقان پىلانتنىڭ تۇپرىقىدا جىمجىت كىتىۋەردۇق. خىيالىمىزدا ھەم قەدىمى ھەم يىپ - يېڭى بىر دۇنيا پەيدا بولدى. ھىچبولمىغاندا مىنىڭدە شۇنداق.
مەن دېكا تۇررېسنى ياخشى كۆرىمەن. بىلىكىم ئۇنىڭ يالىڭاچ مۇرىسىگە تەككەندە خاتا ئويلىمىغانلىقىمنى بىلدىم. ماڭا ئايانكى، بىرىنچى قىتىم كۆرگەن چاغدىلا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.
ئون تۆتىنچى باپ
ھايات - ماماتلىق كۈرەش

مىنىڭ بىرىنچى قىتىم ھاياجانلانغان ۋاقتىم ئۇنىڭغا مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىشنى ئويلاش بولدى. مەن ئۇنىڭ ھىچقانداق يۈلەكسىز ئەھۋالدا تۇرۋاتقانلىقىنى ئويلىساممۇ پەقەت مەنلا ئۇنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتەلەيدىغان بىردىنبىر ئادەم ئىدىم. ساك شەھىرىگە يىتىپ باغاندىن كىيىن تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كۈچۈم بىلەن ئۇنىڭ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان تارىخى ئۈچمەنلىكى بار دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئاللىبۇرۇن ئويلاپ قويدۇم. ھازىر ئۇنىڭغا بولغان ھىسىياتىمنى ئېيتسام بەلكىم ئۇ ئىنكاس قايتۇرماسلىقى مۇمكىن. شۇنىسى مەن تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ ئۇنىڭ ئازابىنى ئېغىرلىتۋىتىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەگەر ئۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۋاتقاندا، يىنىكلىك بىلەن ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ھىسىياتى بىلەن ھىساپلاشماي، ئۇنىڭغا تەلەپ قويسام ئىنىقكى، پەقەتلا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولىمەن. ئەگەر تۇررېس ماڭا قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننەت قىلۋاتىدۇ، پۇرسەتپەرەسلىك قىلۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالسا مەن ناھايىتى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتىم.
- دېكا تۇررېس، سىز نىمىشقا گەپ قىلمايسىز؟ - سورىدىم مەن، - بەلكىم سىز ھازىر تۇرۋاتقان ئورنىڭىزغا ، سولانىڭ يىنىغا قايتىشنى ئويلاۋاتقانسىز؟
- ياق،- دىدى ئۇ ئاستا، - نىمە ئۈچۈنكىن مەن بۇ يەردە ئۆزەمنى بەختلىك ھىس قىلۋاتىمەن. مەن سىز بىلەن، جون كارتېر، سىزدەك يات ئادەم بىلەن بىللە بولسام ئۆزەمنى بەختلىك ھەم رازىمەنلىك ھىس قىلىمەن. بۇنداق چاغدا ئۆزەمنى ئىنتايىن بىخەتەر ھىس قىلىمەن. خۇددى ئۇزاق ئۆتمەيلا سىز بىلەن بىللە ئاتامنىڭ ھۇزورىغا قايتىدىغاندەك، ئۇلار كۈچلۈك بىلەكلىرى بىلەن مېنى قۇچاقلايدىغاندەك، ئاتا - ئانامنىڭ يۈزۈمگە ياش ئاققۇزۇپ قىزغىن سۈيۈشلىرىدىن قايتا ھۇزورلىنىدىغاندەك بىلىنىدۇ.
- ئۇنداقتا بارسۇملۇقلارمۇ سۈيۈشەمدۇ؟
- شۇنداق، ئاتا- ئانا، ئاكا - ئۇكا ۋە ئاچا - سېڭىللار ئۆزئارا سۆيۈشىدۇ، - ئۇ يەنە مەنىلىك قىلىپ قوشۇپ قويدى، - يەنە ئاشىق - مەشۇقلارمۇ شۇنداق.
- ئۇنداقتا تۇررېس، سىزنىڭ ئاكا - ئۇكا ۋە ئاچا - سىڭىلىڭىز بارمۇ؟
- شۇنداق.
- يەنە سۆيگىنىڭىز بارمۇ؟
ئۇ جاۋاپ بەرمىدى. مەنمۇ داۋاملىق سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئاخىرىدا ئۇ غەيرەتكە كىلىپ:
- بارسۇمدا ئەرلەرنىڭ ئانىسى ياكى ئۆزى جەڭ قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن قىزدىن باشقا، ئوغۇللار ئەزەلدىن قىزلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇش ئىشىنى سورىمايدۇ، - دىدى.
- ئەمما مەن كۈرەش قىلدىم... - مەن شۇنداق دەپ بولۇپ ئارقىدىنلا ئۆزەمنىڭ تىلىنى كېسۋەتكۈم كىلىپ كەتتى. مەن ئېغىزىمنى قولۇم بىلەن ئېتۋالغان ۋاقتتا ئۇ ئۆرۈلۈپ مۇرۈسىدىن يىپەك رەختنى ئېلىپ ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئاندىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن بىشىنى ئىگىز كۆتۈرگىنىچە ئايال پادىشاھلاردەك قىياپەتتە مەيدانغا قاراپ مىڭىپ ئۆزى تۇرۋاتقان بىناغا بۇرۇلدى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشمىدىم، پەقەت ئۇنى كۈزۈتۈپ تۇردۇم. ئۇنىڭ بىخەتەر ھالدا تۇرالغۇسىغا كىرىپ كىتىشىگە دىققەت قىلدىم. ئاندىن ۋۇلانى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا بۇيرۇدۇم. مەن روھىم چۈشكەن ھالدا بۇرۇلۇپ ئۆزەمنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ كەتتىم. بىر نەرسە خۇشياقمىغاندەك يىپەك رەخت ئۈستىدە نەچچە سائەت ئولتۇردۇم. كۆڭلۈم ئىنتايىن غەش بولۇپ، تەقدىرنىڭ بىزدەك بىچارىلەرنىڭ بېشىغا ئېلىپ كەلگەن ئازاپ - ئوقىبەتلىرى ئۈستىدە ئويلاندىم.
ئۇنداقتا مۇشۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت! شۇنچە يىللاردىن بىرى مەن جاھان كىزىپ يۈرۈپ ساھىپجامال ئاياللارغا يولۇقتۇم، نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەر بولدى. مۇھەببەتكە بولغان ئارزۇ - ئارمانلىرىم ۋە غايەم بولغان بولسىمۇ ئەمما مەن ھەر قىتىم مۇھەببەتتىن ئۆزەمنى قاچۇراتتىم. مەن مۇھەببەتنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يۇشۇرغىنىم بىلەن ئاقىۋەتتە يەنە يات بىر دۇنيادىكى باشقا روھنى، ماڭا ئوخشاپ كىتىدىغان ھەم پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان روھنى، تۇخۇم قىپىنى يېرىپ چىققان ئايالنى قوغلىشىدىغان ئەسەبىيگە ئايلىنىپ قالدىم. بەلكىم ئۇنىڭ ئۆمرى مىڭ يىلدىن ئىشىپ كىتەر. بەلكىم ئۇ ياشايدىغان يەردىكى خەلقىنىڭ ئۆرۈپ ئادەت ۋە تۇرمۇش ئۇقۇمى مېنىڭكى بىلەن پەرىقلىنەر. ئەمما، ئۇنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى، خۇشاللىقى، ئەخلاق قارىشى ۋە بەزى ھەق - نەھەق ئۆلچەملىرىنىڭ ھەممىسى مىنىڭكى بىلەن ئوخشاپ كىتىدىكەن.
شۇنداق، مەن ئۇچىغا چىققان ئەخمەق، سۆيگۈ تورىغا ئىلىندىم. گەرچە ھازىر تۇغۇلغىنىمدىن بۇيانقى ئەڭ زور ئازاپقا دۇچار بۇلۋاتقان بولساممۇ ئەمما، بارسۇمدىكى ھەممە نەرسىدىن كىچىپ بۇ سۆيگىنى قولغا كەلتۈرۈشكە رازىمەن. مانا بۇ مۇھەببەت. مۇھەببەت مەۋجۇت بولغانلىكى يەردە ماڭا ئوخشاش ئەخمەق بار.
ماڭا نىسبەتەن دېكا تۇررېس كەم - كۈتسىز ئۈلگە، پاكلىق، گۈزەللىك، ئالىيجاناپلىقنىڭ سىمۇۋۇلى. شۇ كېچىسى مەن يىپەك رەخت ئۈستىدە تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، غەرپتىكى ئاسمان بوشلۇقىدا بارسۇمغا يېقىنراق ئاي ئاستا - ئاستا ئۇپوق سىزىقىغا يىقىنلىشىپ مېنىڭ قەدىمى ئۆيۈمدىكى ئالتۇن، مەرمەر تاش ۋە ياقۇتتىن ياسالغان ھەيكەلنى يورۇتقان چاغدىلا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن، چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشەندىم. تاكى بۈگۈنگە قەدەر مەن خادسۇن دەرياسىنىڭ بۇيىدىكى شۇ كىچىك كۈتۈپخانەمنىڭ يېزىق ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرغان چىغىمدىمۇ مەن مۇشۇنداق ئويلىدىم. يىگىرمە يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەن دېكا تۇررېس ۋە ئۇنىڭ خەلقى بىلەن ئون يىل ياشىدىم ۋە كۈرەش قىلدىم. ئۇنى سېغىنىش ئىچىدە يەنە بىر ئون يىلنى ئۆتكۈزدۈم.
بىز ساكقا قايتىش سەپىرىمىزنى باشلىغان شۇ كۈنى سەھەردە ھاۋا ئۇچۇق ھەم قاتتىق ئىسسىق بولدى. جەنوب - شىمال قۇتۇپتىكى قار مۇز ئېرىيدىغان ئالتە ھەپتە ئىچىدە مارسنىڭ ئەتىگەنلىكى مۇشۇنداق بولاتتى. مەن يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرۋاتقان ئەترەت ئىچىدىن دېكا تۇررېسنى تاپتىم. بىراق ئۇ ماڭا تەتۈر قارىۋالدى. مەن ئۇنىڭ يۈزىدە بىر پارچە قىزىللىقنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۈلگۈردۈم. ئەسلىدە ئۇنىڭغا قانداق ئازار بەرگەنلىكىمنى ياكى قانچىلىك زىيان يەتكۈزگەنلىكىمنى ئېيتىشىنى ئۈتۈنەي، دەپ ئويلىغان، شۇ ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنچە بەرمەكچى بولغانتىم. شۇنىسى مۇھەببەت ئوتى مېنى گالۋاڭ قىلىپ سۆز ۋە ھەركىتىمنىڭ بىردەكلىكىنى قالايمىقان قىلۋەتكەن ئىدى. مەن ھىچنىمە دىمىدىم.
مەندىكى مەسئولىيەت تۇيغۇسى ئۇنى سەپەر جەريانىدا ئازادە ھىس قىلدۇرۇشقا ئۈندىدى. شۇڭا ئۇ تۇرۋاتقان ھارۋىنىڭ ئىچىنى تەكشۈردۈم، ئىچىدىكى يىپەك رەخت ۋە مۇيلۇق تېرىنى قايتىدىن رەتلىدىم ھەم قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقىدىمكى ئۇنىڭ بىر پۇتى ئېغىر كىشەن بىلەن ھارۋىغا سۇلاپ قويۇلۇپتۇ.
- بۇ نىمە ئىش؟ - مەن ئىختىيارسىز ۋارقىراپ سولاغا بۇرۇلدۇم.
- ساركوجا مۇشۇنداق قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايدىكەن، - دىدى ئۇ جاۋاپ بېرىپ. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن مەھبۇسقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ئۆزىنىڭمۇ قوشۇلمايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
مەن تەكشۈرۈپ كىشەننىڭ ناھايىتى يوغان پۇرژىنىلىق قۇلۇپ بىلەن سۇلانغانلىقىنى بايقىدىم.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 22 23 24 25 26 27 28 29 30 31 32 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N