بۇ ۋاقتتا رەقىبىم ئېسىنى يىغىپ كەينىگە قايتىپ كىلىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. مەن ئامالسىز دىققىتىمنى دوئىلىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە مەجبور بولدۇم. شۇنداق بولسىمۇ مېنىڭ كۆڭلۈم ئاللىقاچان سولادا قالغان ئىدى.
بىز كەينى - كەينىدىن بىر بىرىمىزگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدۇق. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆتكۈر شەمشىرىنىڭ ئۇچى كۆكرىكىمگە تىرەلدى، ئۇنى تۇسۇشقا ياكى ئۆزەمنى ئېلىپ قىچىشقا ئۆلگۈرولمىدىم. ئۆلۈش توغرا كەلسىمۇ سېنى ھايات قالدۇرماسلىقىم كېرەك. مەنمۇ شەمشىرىمنى كۆتۈرۈپ پۈتۈن ئېغىرلىقىم بىلەن ئۇنىڭغا سانجىدىم. شەمشەر مېنىڭ كۆكرىكىمگە كىرگەندە كۆزۈم قاراڭغۇلۇشىپ، پۇت قوللىرىم جانسىزلىنىپ يەرگە باشچىلاپ يىقىلدىم.
ئون بەشىنچى باپ
سولانىڭ ھىكايىسى

كىيىن بىلسەم، ئەس - ھۇشۇم تولۇق ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ شەمشىرىنىڭ مېنىڭ سول كۆكرۈكۈمدىن تىشىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدىم. ئىككىمىز ئەڭ ئاخىرقى قىتىم بىر - بىرىمىزگە ئېتىلغاندا مەن گەۋدەمنى بۇراپ ئۈلگۈرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ شەمشىرى پەقەت مېنىڭ مۇسكۇلىمنىلا زەخمىلەندۈرگەن ئىدى. گەرچە يارام قاتتىق ئاغرىسىمۇ ھاياتىمغا خەۋپ يەتكۈزەلمەيتتى. مەن يەردە بىردەم ياتقاندىن كىيىن سىزىمىم ئەسلىگە كىلىپ ئەتراپىمدىن تېزلىك بىلەن شەمشىرىمنى ئىزلىدىم ھەم ئۇنى زاتنىڭ يېشىل رەڭلىك گەۋدىسىدىن تاپتىم. شەمشەر دۈشمەننىڭ كۆكرىكىگە چوڭقۇر پاتقان بولۇپ سىرتىدا پەقەت سىپىلا قالغان ئىكەن. زاتنىڭ مۇردىسى قەدىمى دېڭىزنىڭ تىگىدىكى سېرىق رەڭلىك يىپىنچىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى.
مەن شەمشەرنى تىنىمدىن سۇغۇرۇپ ئىلۋەتكەندىن كىيىن زاتنىڭ گەۋدىسىگە سانجىقلىق تۇرغان ئۆزەمگە تەۋە شەمشەرنى تارتىپ چىقىرۋالدىم. ئاندىن ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بۇ جەسەتنىڭ يېنىدىن ئايرىلدىم. يارام ئاچچىق ئاغرىپ ئىچىم ئېلىشىپ توختىمايۋاتاتتى. مەن ھارۋامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم، ئۇ يەردە مېنىڭ ھەمرالىرىم ۋە مال - مۈلۈكىم بار ئىدى. مارسلىقلار مېنى ئالقىشلىغان بولسىمۇ پىسەنت قىلىپ قويمىدىم.
پۈتۈن بەدىنىمدىن قان ئېقىۋاتاتتى. مەن ھالسىرغىنىمچە ھەمراھ ئاياللارنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇلار بۇنداق ئىشلارغا كۈنۈك بولۇپ، ماڭا ياردەملىشىپ يارامنى تاڭدى ۋە ئەجەللىك يارىنىمۇ ساقايتىدىغان سىرلىق دورىلارنى سۈركىدى. ئەگەر پۇرسەت بولسىدى بۇ ئاياللار ئەزرائىلنىمۇ ئۈمۈتسىز قويغان بولاتتى. ئۇلار ناھايىتى تىزلا يارامنى تىڭىپ بولدى. شۇنداق قىلىپ قانسىراشتىن بولغان ھالسىزلىنىش ۋە يارا ئېغىزىنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىشىدىن باشقا خەتەرلىك ئىشمۇ قالمىدى. شۈبھىسىزكى يەر شارىدا بولسام مۇشۇ ھالىمدا نەچچە كۈن ياتقان بولاتتىم.
ئۇلار تىڭىپ بولۇشىغىلا مەن دەرھال دېكا تۇررېسنىڭ يېنىغا باردىم. بىچارە سولانىڭ مەيدىسى بىنت داكىلار بىلەن توشۇپ كىتىپتۇ. بەختكە يارىشا، ساركوجانىڭ قول سىلىشى ئۇنىڭغا ئانچە چوڭ خەۋەپ ئېلىپ كەلمىگەن ئىكەن. پىچاق دەل سولانىڭ مىتالدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمىنىڭ ئۈستىگە سانجىلغاچقا پىچاق ئىگىلىپ كەتكەن، شۇڭا سولانىڭ تېرىسىلا يارلانغان ئىدى.
مەن كەلگەندە دېكا تۇررېسنىڭ نازۇك تىنى يىپەك رەختنىڭ ئۈستىدە تۈگۈلۈپ ياتاتتى. گەرچە سولا بىلەن ئىككىسىنىڭ ھارۋىسى ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ ئۇ مېنىڭ كەلگەنلىكىمگە دىققەت قىلمىدى، سولا بىلەن ئىككىمىزنىڭ سۆزلەشكىنىمىزنىمۇ ئاڭلىمىدى.
- ئۇ يارلاندىمۇ؟ - دەپ سورىدىم مەن سولادىن بىشىم بىلەن تۇررېسنى ئىشارەت قىلىپ.
- ياق، - دىدى سولا، - ئۇ سىزنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ قاپتۇ.
- ئۇنداقتا ئۇنىڭ مۇمىسىنىڭ ئايىقىنى سۈرتىدىغان ئادەم قالماپتۇ - دە، - دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
- مېنىڭچە سىز ئۇنىڭدىن ئورۇنسىز ئاغرىنىپسىز، جون كارتېر، - دىدى سولا، - مەن سىلەرنى چۈشۈنەلمىدىم. ئەمما جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى، بىر پادىشاھنىڭ نەۋرىسى ھەرگىز ئۆزى پەس دەپ قارايدىغان ئادەمدىن بۇنچىلىك قاتتىق رەنجىمەيدۇ، پەقەت ئۆزى سۆيىدىغان ئادىمىلا ئۇنىڭ دىلىنى شۇنچىلىك ئازاپلىيالايدۇ. ئۇلار ئالىيجاناپ مىللەت، شۇنداقلا باشقا بارسۇملۇقلارغا ئوخشاش ئادىل خەلق. سىز چۇقۇم ئۇنىڭ دىلىغا قاتتىق ئازار يەتكۈزۈپسىز، شۇڭا ئۇ سىزنى ھايات كۆرۈشنى خالىمىغان. لېكىن سىز ئۆلۈپ كەتسىڭىز ئۇ چەكسىز ئازاپلىنىدۇ.
- بارسۇمدا كۆز يېشى قىلىش ئىنتايىن ئاز،- دىدى سولا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - شۇڭا ماڭا نىسبەتەن كۆز يېشى قىلىشنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىش ئىنتايىن تەس. دېكا تۇررېستىن باشقا ئۈمرۈمدە ئىككى ئادەمنىڭ كۆز يېشىنى كۆرگەن. بىرى ئازاپلىق ، يەنى بىرى نەپرەتلىك كۆز يېشى. ئالدىنقىسى مېنىڭ كۆپ يىللار ئىلگىرى ئۆلتۈرۋىتىلگەن ئانامنىڭ كۆز يېشى، كىيىنكىسى مېنىڭ يېنىمدىن ئېلىپ كېتىلگەن ساركوجانىڭ.
- سىزنىڭ ئانىڭىز؟ - مەن ھەيران بولغىنىمدىن ۋارقىراپ تاشلىدىم، - ئەمما سولا، قوزام، سىزنىڭ ئانىڭىزنى تۇنىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.
- ئەمما مەن راستىنلا ئۇنى تونۇيمەن، يەنە دادامنىمۇ، - دىدى ئۇ داۋاملىق، - ئەگەر بارسۇمغا يات بولغان بۇ غەلىتە ھىكايىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز كەچتە مېنىڭ يېنىمغا كىلىڭ، جون كارتېر. مەن ئۈمرۈمدە ھىچكىمگە دەپ بەرمىگەن بۇ ۋەقەنى سىزگە سۆزلەپ بېرەي. بولدى، يولغا چىقىش سىگنالى بېرىلدى. مىڭىشىڭىز كېرەك.
- بۈگۈن كەچتە چۇقۇم كىلىمەن، - دىدىم قوشۇلدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ، - دېكا تۇررېسقا مېنىڭ ياخشى تۇرۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ قۇيۇشنى ئۇنتىماڭ. مەن ھەرگىز ئۆزەمنىڭ ئىرادىسىنى ئۇنىڭغا مەجبورلىمايمەن. مېنىڭ ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھەرگىز دىمەڭ. ئەگەر ئۇ مىنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى خالىسا ماڭا خەۋەر قىلسۇن.
سولا ئىغاڭشىغىنىچە توپقا قوشۇلۋاتقان ھارۋىسىغا چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئۆز ئورنىمغا قايتتىم ھەم ئەترەتنى تەرتىپكە سىلۋاتقان تارس تاركاسنىڭ سپىگە قېتىلدىم. ئەترىتىمىز سېرىق يەر يىپىنچىسىنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتۈپ كىشىنى سۈر باسىدىغان ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى. ئالدىمىزدا تەخمىنەن ئىككى يۈزدەك ئادەم بەشتىن توغرىسىغا تېزىلىپ، ئارلىقى يۈز يارد كىلىدىغان رىتسار ۋە سەردارلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئاتلىق قۇشۇن يول ئېچىپ كىتۋاتاتتى. كەينىدىن 250 دانە كۆركەم بىزەلگەن رەڭدار جەڭ ھارۋۇلىرى ئەگىشىپ كىتۋاتاتتى. جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ كەينىدىمۇ سان جەھەتتىن ئالدىدا كىتۋاتقان قۇشۇندىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بىر گۇرۇپپا ئادەملەر ئوخشاش سەپ تۈزۈپ قوغداپ كىلۋاتماقتا ئىدى. ئىككى تەرەپتە يىگىرمە نەچچە ئادەمدىن تۈزۈلگەن يان قانات قوغداش قاراۋۇللىرى بار ئىدى. سىتېر دەپ ئاتالغان 50 دانە ئېغىر يۈك كۆتۈردىغان ھايۋان ۋە بەش - ئالتە يۈز جەڭ ئېتى رىتسارلاردىن تۈزۈلگەن مۇھاپىزەت چەمبىرىنىڭ ئىچىدە ئىرىنچەكلىك بىلەن مىڭىپ باراتتى. ئەر - ئاياللارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن - كۈمۈش ، ئۈنچە - مەرۋايىتلار، جەڭ ئاتلىرى ۋە سىتېرلارنىڭ چىرايلىق بىزەكلىرى، چاقناۋاتقان يىپەك رەخت، مۇيلۇق تېرە، پەيلەردىن خىلمۇ - خىل رەڭلەر جىلۋە قىلىپ ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەترەتكە ئىنتايىن ھەشەمەتلىك تۈس بەرگەن ئىدى.
ھارۋىلارنىڭ چاقى ناھايىتى كەڭ، سورەپ ماڭغان مەخلۇقلارنىڭ مۇسكىللىرى ئىنتايىن توم، قىلىن بولغاچقا دېڭىز تىگىدە كىتۋاتقاندا سىتېر چىقارغان يىقىمسىز پۇشقۇرغان ئاۋاز بىلەن جەڭ ئاتلىرىنىڭ چىقىرىشىدىن چىققان ئاۋازدىن سىرت ئەتراپ جىمجىت ئىدى. يېشىل تەنلىكلەر ناھايىتى ئاز سۆزلەيتتى، سۆزلەش توغرا كەلسىمۇ خۇددى يىراقتىن ئاڭلىنۋاتقان چاقماقنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىدەك تۆۋەن ئاۋازدا قىسقىلا گەپ قىلاتتى.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 25 26 27 28 29 30 31 32 33 34 35 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N