بىز ئەزەلدىن باشقىلار مىڭىپ باقمىغان بىر قۇيۇق يىپىنچا ئۆسۈملۈكتىن ئۆتتۇق. يېپىنچا ئۈسۈملۈك ھارۋىنىڭ كىلەڭسىز چاقى ۋە ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى ئاستىدا بېسىلسىمۇ ئەمما ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن قايتا كۆتۈرلۈپ ئەسلى ھالىتىگە قايتاتتى. شۇڭا يەردە ھىچقاندەك ئىز قالدۇرمايتتى. بىز ئىز قالدۇرماي ئىلگىرلىگەچكە پۈتكۈل سەپەر جەريانىدىن قارىغاندا بىز ھالاكەتكە يۈزلۈنۋاتقان پىلانتنىڭ دىڭىز تىگىدە كىتۋاتقان ئەرۋاھقا ئوخشاپ قالغاندەك قىلاتتۇق. مەن بۇنداق چوڭ قوشۇننىڭ توپا - چاڭ كۈتۈرمىگەنلىكىنى، ھىچقانداق ئىز قالدۇرمىغانلىقىنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى. مارستا قىش پەسلىدە، تېرىلغۇ رايوندىن باشقا يەردە چاڭ - تۇزان كۆرگىلى بولمايتتى. بوران چىقمىغاچقا چاڭ - توزانمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى.
شۇ كۈنى كەچلىكى بىز ئىككى كۈن مېڭىپ ئاران يىتىپ كەلگەن تاغ باغرىدا بەرگاھ تىكتۇق. بۇ تاغ دېڭىزنىڭ جەنوب قىرغىقىغا يىتىپ كەلگەنلىكىمىزدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. بىزنىڭ ئات - ئۇلاقلىرىمىز ئىككى كۈن سۇسىز قالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ساكتىن ئايرىلغان ئىككى ئاي جەريانىدا بۇ مەخلۇقلار بىر تىمىم سۇمۇ ئىستىمال قىلمىغان ئىكەن. تارس تاركاسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ئۇلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى ئاز بولۇپ ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكۈل بارسۇمنى قاپلىغان يىپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئۇزۇق قىلىپ جان ساقلايدىكەن. ئۇ ماڭا بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدىكى سۇنىڭ ئاتلارنىڭ سوغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن قىتىق شەكىلدىكى كەچلىك تامىقىمنى يەپ بولغاندىن كىيىن تەخىرسىزلىك بىلەن سولانىڭ قىشىغا كەلدىم. ئۇ ئوت يورىقىدا تارس تاركاسنىڭ كىيىمىنى ئوڭشاۋاتقان ئىكەن. بېشىنى كۆتۈرۈپ مېنى كۆرۈپ چىرايىدا ئىللىق تەبەسسۇم جىلۋىلەندى ھەم مېنى قارىشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
- كەلگەنلىكىڭىزدىن ناھايىتى خوشال بولدۇم، - دىدى ئۇ، - دېكا تۇررېس ئۇخلاپ قالدى. مەن يالغۇزلۇق ھىس قىلىپ تۇراتتىم. باشقىلار ماڭا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، جون كارتېر. مەن ئۇلار بىلەن ئانچە ئوخشىمايمەن. مېنىڭ تەقدىرىم ناھايىتى ئىچىنىشلىق، ئامالسىز بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرمەن. مەن دائىم ئۆزەمنىڭ ھەقىقى بىر يېشىل تەنلىك ئايالغا، مۇھەببىتى، ئارزۇ - ئارمانلىرى بولمىغان ئايالغا ئايلىنىپ قىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما بۇ ئىنتايىن تەس، چۈنكى مىھرى - مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئورناپ كەتكەن. شۇڭا مەن تۈگەشتىم.
- مەن سىزگە ئۆزەمنىڭ ھىكايىسىنى ، ئىنىقىنى ئېيتقاندا ئاتا - ئانامنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بىرىشكە ماقۇل بولغان ئىدىم. سىزگە ۋە سىزنىڭ خەلقىڭىزگە بولغان چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا مېنىڭ ھىكايەم سىزنى ھەيران قالدۇرالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما يىشىل تەنلىك مارسلىقلارغا نىسبەتەن، ھەتتا يېشى ئەڭ چوڭ مارسلىقمۇ ئەزەلدىن بۇنداق ھىكايىنى ئاڭلاپ باقمىغان. بىزنىڭ رىۋايەتلىرىمىزدىمۇ بۇنداق ئىش يوق.
- ئانامنىڭ بەدەن قۇرلىشى كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ ئانا بولۇش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان ئىكەن. چۈنكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى سەردان مارسلىقلارنىلا يىتىشتۈرۈشنى ئويلايدىكەن. ئانام باشقا مارسلىقلاردەك ھىسىياتسىز ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللاردىن ئايرىلىپ دائىم ئۆزى يالغۇز ساك شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈيدىكەن ياكى تاغ باغرىدىكى بۈككىدە ئېچىلغان ياۋا گۈللەر ئىچىدە ئولتۇرۇپ تەگسىز خىياللارغا چۆكىدىكەن. ئىشىنىمەنكى، ھازىرقى ساك قەبىلىسى ئىچىدىكى بارلىق ئاياللار ئىچىدە پەقەت مەنلا ئۇنىڭ نىمە ئويلايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى چۈشىنىمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ قىزى.
- دەل شۇ تاغ باغرىدا ئۇ بىر ياش رىتسار بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ. بۇ رىتسارنىڭ ۋەزىپىسى ئوتلاۋاتقان سىتېر ۋە جەڭ ئاتلىرىنىڭ قىچىپ كەتمەسلىكىگە قاراش ئىكەن . دەسلىپىدە ئۇلار پەقەت ساك قەبىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلىشىپتۇ. ئەمما كۆرۈشۈش قىتىم سانىنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ تەبئى ھالدا ئۆزلىرى ئۈستىدە، ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى، ئۈمۈد - ئىستەكلىرى ئۈستىدە پىكىرلىشىدىغان بوپتۇ. ئانام بۇ رىتسارغا ئىشىنىپ يۈرەكلىك ھالدا ئۇنىڭغا ئۆز قەبىلىسىنىڭ شەپقەتسىزلىكىنى، بىشىدىن مۇقەررەر ئۆتكۈزىدىغان قورقۇنۇچلۇق، مۇھەببەتسىز تۇرمۇشنى ئويلىغىنىدا ئىنتايىن ئازاپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئانام بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغان تىل - ئاھانەتنىڭ قار - يامغۇردەك تۆكۈلىشىنى كۈتۈپتۇ. ئەمما رىتسار ئويلىمىغان يەردىن ئانامنى چىڭ قۇچاقلاپ قىزغىن سۈيۈپ كىتىپتۇ.
- شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئىنتايىن مەخپى ھالدا ئالتە يىل داۋاملىشىپتۇ. ئانام پادىشاھ تەل خاجاسنىڭ يېنىدىكى ئاياللاردىن ئىكەن. ئۇنىڭ سۆيگىنى ئادەتتىكى رىتسار بولۇپ ئۆزىنىڭلا دوبۇلغا - ساۋۇتىنى كىيىدىكەن. ھىچقانداق مەرتىۋىسى يوق ئىكەن . ئەگەر ئۇلارنىڭ ساك قەبىلىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقى بايقىلىپلا قالسا ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا قاتتىق جازاغا تارتىلىدىكەن.
- مەن ئاپىرىدە بولغان تۇخۇم بىر ئەينەك قاچىنىڭ ئىچىگە سىلىنىپ ساك شەھىرىدىكى تاشلىۋىتىلگەن بىر بىنانىڭ ئەڭ ئىگىز قەۋىتىگە قويۇلۇپتۇ. بەش يىللىق ئۈسۈش جەريانىدا ئانام ھەر يىلى مېنى كۆرگىلى كەپتۇ. ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىلىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىر ھەركىتىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن نازارەت قىلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بۇ جەرياندا ئاتام نۇرغۇن شانلىق جەڭ نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. بىرنەچچە رىتسارنىڭ ئۇچىسىدىن دوبۇلغا - ساۋۇتقا ئېرىشىپتۇ. نام - ئەمىلىمۇ كۈندىن كۈنگە كۆتۈرلۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئانامغا بولغان مۇھەببىتى كۈنسىرى ئېشىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدى داۋاملىق يوقىرىلاپ تەل خاجاسقا جەڭ ئېلان قىلىپ ئونى ئۆلتۈرۈپ تاشلاش ئىكەن. شۇنداق بولغاندىلا ئۇ ساكلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئانامغا بولغان مەڭگۈلۈك ئىگىدارچىلىق ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىكەن ھەم غايەت زور ھوقوقىغا تايىنىپ بالىسىنى مۇھاپىزەت قىلالايدىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا ھەقىقى قىياپىتى ئاشكارلىنىپ قىلىپ بالىسى دەرھال ئۆلتۈرۈلدىكەن.
- قىسقىغىنە بەش يىل ۋاقت ئىچىدە تەل خاجاسنىڭ دوبۇلغا - ساۋۇتلىرىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن يۈرەكلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار. شۇڭا ئۇنىڭ ئىلگىرلىشى ئادەتتىن تاشقىرى تېز بولۇپ قىسقىلا ۋاقت ئىچىدە ساك قەبىلىسىدىكى ئاقساقاللار ئىچىدە يوقىرى ئورۇننى ئىگەللەپتۇ. لېكىن بىر كۈنى ئۇ ئۆزى ئەڭ سۆيگەن ئادىمىنى قوغداش ھوقوقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قاپتۇ. شۇ كۈنى تەل خاجاس ئۇنى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان يىراق جەنوبى قۇتۇپقا سەپەر قىلىپ ئۇ يەردىكى يەرلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى ھايۋان تېرىسىنى تارتىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ. بۇ يېشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ ئادىتى، ئۇلار ئەمگەك قىلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ، تەييارغا ھەييار بولىدۇ. جەڭ ئارقىلىق ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرگە ئىگە بولىدۇ.
- شۇ كەتكىنىچە تۆت يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغدا ھەممە ئىش ئۈچ يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان ئىكەن. ئاتام كىتىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن يىراقتىكى تۇخۇم بىسىش ئۆيىگە بالىلارنى ئالغىلى كەتكەن قوشۇن يىتىپ كىلىشتىن سەل بۇرۇن مەن تۇخۇمدىن چىقتىم. شۇندىن كىيىن ئانام مېنى ھىلقى كونا مۇناردا يۇشۇرۇپ تۇردى. كەچلىكى مېنى كۆرگىلى كېلەتتى، مېنى ئەركىلىتەتتى.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 26 27 28 29 30 31 32 33 34 35 36 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N