چۈنكى بۇ نەرسىلەر مېنىڭ ئۇرۇش غەنىمەتلىرىم ئىدى. ئو ماقۇللۇق بىلدۈرگەندىن كىيىن كىتىپ قالدى. مەن يالغۇز بىنانىڭ ئەگىرى پەلەمپىيىنى بويلاپ ئۈستىگە چىقىپ مۇۋاپىق جاي ئىزلىدىم. بۇ شەھەردىكى باشقا بىنالارغا ئوخشاش بۇ يەرمۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىدى. مەن يەنە بىر قىتىم ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆزەمنى ئۇنتىغان ھالدا بىنانىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندىم. ئاخىرىدا بىنانىڭ ئۈچۈنچى قەۋىتىدىكى مەيدانغا يۈزلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئۆينى تاللىۋالدىم. بۇ يەر دېكا تۇررېسقا يىقىنراق ئىدى. ئونىڭ ئۆيى يېنىمدىكى بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە بولۇپ كاللامدا بىر ئامال قىلىپ چۇقۇم ئالاقىلىشىش ئۇسولىنى ئويلاپ تىپىش كېرەك، دىگەن بىرلا ئوي - پىكىر ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇنداق بولغاندا تۇررېس تاسادىبى ئەھۋالدا مېنىڭ ياردىمىمگە ياكى قوغدىشىمغا ئىھتىياجلىق بولغاندا خەۋەر بېرەلەيتتى.
بىنانىڭ مەن تۇرۋاتقان قەۋىتىدە جەمئى ئون نەچچە ئېغىز ئۆي بولۇپ مېنىڭ ھۇجرامدىن باشقا يەنە مۇنچا، گىرىم ئۆيى ۋە باشقا بىرنەچچە ھۇجرا بار ئىكەن. ھۇجرامنىڭ ئودۇلىدىكى ئۆينىڭ دىرىزىسى ئەتراپى بىنالار بىلەن قورشالغان كەڭ بىر ھويلىغا ئېچىلىدىكەن. كۆز ئالدىمدىكى بۇ ھويلا تۈرلۈك ئات - ئۇلاغلارنىڭ تۇرار جايىغا ئايلانغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى ياندىكى بىنادا تۇراتتى.
پۈتكۈل مارس يۈزىگە ئوخشاش بۇ ھويلىغىمۇ يىپىنچا ئۈسۈملۈككە ئوخشاش ھەممىلا يەردە سېرىق ئۈسۈملۈك ئۈسۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سانى ئېنىق بولمىغان فونتان، ھەيكەل، ئورۇندۇق ۋە پىشايۋانلار ئەينى يىللىرى بۇ ھويلىنىڭ ئاۋاتلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەتتى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەردە ئالتۇن چاچلىق خۇشچىراي ئادەملەر ياشىغان. ئەمما رەھىمسىز ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئالەم قانونىيىتى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقاردى ھەم ئۇلارنىڭ مارستىكى ئىزىنى ئۈن - تىنسىز، پۈتۈنلەي غايىپ قىلۋەتتى. قىپ قالغىنى پەقەت كىيىنكى ئەۋلاتلار ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرلا، خالاس.
تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسكى بۇ يەر ئىلگىرى ھاياتلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، ئۈمۈتكە تولغان ماكان بولغان. ئاشۇ باراقسان مارس ئۈسۈملۈكلىرى، ساھىپجامال ئاياللارنىڭ لاتاپەتلىك قىياپىتى، جىسمىدىن كۈچ - قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئوغلانلار، ئۇيۇنغا ئامراق بالىلار... ھەممىلا يەر نۇرغا تولغان، خۇشاللىق ۋە ئاسايىشلىق كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن. بۇلارنىڭ ئۈتمۈشكە ئايلانغانلىقىغا ئىشىنىش ھەقىقەتەن قىيىن. نەچچە يۈز مىڭ يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىھرى - شەپقىتىنىڭ پاكىتلىرى، مارستا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۋاتقان ئارلاشما ئىرىقنىڭ ۋۇجودىدا يەنە بىر قىتىم ئەكس ئەتمەكتە ئىدى.
بىر نەچچە ياش ئايالنىڭ كېلىشى بىلەن خىياللىرىم ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئۇلار كۆپلىگەن قورال - ياراق، كىيىم - كېچەك، ئۈنچە - مەرۋايىت، ئاشخانا بۇيۇملىرى ۋە بىر نەچچە توڭ يىمەكلىك ھەم سۇ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم نەرسىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغان ئۇچار كېمىدىن ئېلىپ كىلىنگەنلىكىگە گەپ كەتمەيتتى. قارغاندا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەن ئۆلتۈرۋەتكەن ھىلقى ئىككى ئاقساقالغا تەۋە بولسا كېرەك. ئەمدىلىكتە ساكلىقلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا مەنسۇپ بولۋاتاتتى. مېنىڭ كۆرسەتمەم بۇيىچە بۇ نەرسىلەر ئودۇلدىكى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاندىن ئۇلار بېرىپ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدى ھەم بۇ نەرسىلەرنى تىزىملىۋىلىشىمغا تەكلىپ بەردى. ئىككىنچى قىتىمدا ئۇلار يەنە ئون نەچچە ئايال ۋە بالىنى باشلاپ كەلدى، بۇلار ھىلقى ئاقساقاللارنىڭ ھەمراھلىرى ئىدى.
كەلگەنلەر ھىلقى ئاقساقالنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ ھەم خوتۇنلىرىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا مالىيىمۇ ئەمەس. بۇنداق مۇناسىۋەت ناھايىتى ئالاھىدە، بىزگە مەلۇم بولغان مۇناسىۋەت بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، تەسۋىرلەپ بېرىشمۇ قىيىن. يىشىل تەنلىك مارسلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا شەخسي قۇرال - ياراق، زىبۇ - زىننەت ۋە ئۇخلاش بۇيۇملىرىدىن باشقا ھەممە نەرسە قەبىلىگە ئورتاق مەنسۈپ. ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ نەرسىلەرگە مۇنازىرىسىز ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقوقى بار. ئۆز ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كىتىدىغان نەرسە يىغۋىلىشىغا، يۇشۇرۇشىغا ھەرگىز روخسەت قىلىنمايدۇ. ئارتۇق بۇيۇملارنى ساقلاپ قويۇپ ئېھتىياجلىق بولغاندا قەبىلىدىكى ياش ئەزالارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ئەرلەرگە ھەمراھ بولۋاتقان ئاياللار ۋە بالىلارنى بىر ھەربىي قىسىمغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ھەر بىر ئەزا بۇ قىسىمدىكى تۈرلۈك ئىشلارغا، يەنى تەربىيلەش، مەشقلەندۈرۈش، تەمىنات قاتارلىقلارغا مەسئول بولۇشى، ئاخىرى چىقمايدىغان كۈچمەنلىك يۇرمۇش جەريانىدا باشقا قەبىلىلەر ۋە قىزىل تەنلىك مارس ئادەملىرى بىلەن بولىدىغان توقۇنىشلارغا ھەم جىددىي ئۆزگۈرۈشلەرگە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللۇنىشى كىرەك. ئاياللار ئۇلارنىڭ خوتۇنى ئەمەس، يىشىل تەنلىك مارسلىقلاردا بۇنداق ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا چىتىشىشى پەقەت قەبىلىنىڭ مەنپەئەتى، ئادەم سانىنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈنلا بولۇپ، تەبئى تاللاش بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ھەربىر قەبىلىنىڭ ئاقساقاللار كوممىتېتى كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ كۆپۈيىشىنى، ئۆسۈپ - يېتىلىشىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. تەبىئى مەنبە، ئۇزۇقلۇق ئەھۋالىغا قارىتا جەمىيەت ئەزالىرىنى خالىسا كۆپەيتەلەيدۇ، خالىسا ئازايتالايدۇ. بۇنىڭغا ھىچكىم قارىشى تۇرمايدۇ ياكى چەكلىمە قويالمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاقساقاللار كوممېتىتىنىڭ ھوقوقى ئەڭ چوڭ.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇۋاپىقتەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەت تەبئى بولمىغان كۆپۈيۈش ۋە قەبىلىنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتى مۇشۇنداق رەھىمسىز، مىھرى - شەپقەت ھەم شادلىق تۇيغىسى بولمىغان جانلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنى ئىتراپ قىلىش كېرەككى، يىشىل تەنلىك مارسلىقلار ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، تەل خاجاستىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇتلەق ئىپپەتلىك دىيىشكە بولاتتى.
مەن بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن بۇ ئادەملەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە مەسئول بولۇش بۇرۇچۇمنى ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدىم. ئۆزەمگە ئۈچۈنچى قەۋەتنى قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرالغۇ تىپىشىنى بۇيرۇدۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشاراق بىر قىزغا مېنىڭ تامىقىمنى تەييارلىشىنى، قالغانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىركى ئىشىنى قىلىۋىرىشىنى ئېيتتىم. شۇندىن كىيىن مەن ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچراشتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ قانداق بولۇشى مەن ئۈچۈن بەرىبىر.
ئون ئۈچۈنچى باپ
مارستىكى مۇھەببەت
ئۇچار كېمىلەر بىلەن بولغان شۇ قىتىملىق جەڭدىن كىيىن كارىۋان شەھەر ئىچىدە بىرنەچچە كۈن توختاپ تاكى ئۇچار كىمىلەرنىڭ قايتا كەلمەيدىغانلىقى مۇقۇملاشقىچە تۇرۇپ قالدى. چۈنكى گەرچە ئۇلار جەڭ قىلىشنى ياخشى كۆرسىمۇ ئەمما ئەترەت ۋە بالىلارنىڭ ئوچۇقچىلىقتا توسۇلۇپ قىلىشىنى ھەرگىز خالىمايتتى. بۇ بىكارچىلىق كۈنلەردە تارس تاركاس ماڭا ساكلارنىڭ نۇرغۇن قائىدە - يۇسۇنلىرىنى ۋە جەڭ سەنئىتىنى ئۆگەتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئات ئورنىدا ئىشلىتىدىغان يوغان مەخلۇقنى قانداق مىنىش تەربىيىسىمۇ بار ئىدى. بۇنداق جەڭ ئېتى قىلىپ ئىشلىتىلدىغان ھايۋان ئىگىلىرىگە ئوخشاشلا ۋەھشى يىرتقۇچ بولسىمۇ كۆندۈرۈلگەندىن كىيىن يوۋاشلىق بىلەن مارسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N