- ئۇلار ھازىر تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ ئىككىمىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولۋاتىدۇ،- دىدى ئۇ، - سىز ئىشتىن چۈشكەن ھامان تارس تاركاسنىڭ يېنىدىكى كونا ئاياللار تۈرلۈك سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ سولا ئىككىمىزنى باشقىلار بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىككە ئۇرىنىدۇ. مېنى بىنانىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارغا ياردەملىشىپ رادىي پاراشوكىنى ئارلاشتۇرۇپ ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدىغان زەمبىرەك ئوقى ياساشقا بۇيرىدۇ. بىلىشىڭىز مۇمكىن، ئۇ نەرسىنى پەقەت چىراق يورىقىدىلا ياسىغىلى بولىدۇ، قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشسىلا پارتىلاپ كىتىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل زەمبىرەك ئوقى بىلەن نىشانغا ئاتقانلىقىغا، ئوقنىڭ پارتىلىغانلىقىغا دىققەت قىلغانمۇ؟ ئوقنىڭ بىر قەۋەت ئانچە سۈزۈك بولمىغان تاشقى قىپى بار بولۇپ ئۇرۇلغاندىن كىيىن يېرىلىپ ئۇيۇل ئەينەكتىن ياسالغان سىلىندىر شەكىللىك جىسىم سىرتقا چىقىدۇ. ئەينەكنىڭ ئۇچ تەرپىدىكى رادىي پاراشوكىدىن ياسالغان كومىلاچ قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشقان ھامان ۋەياكى ئاجىز قوياش نۇرى شۇنداقلا يورۇتۇپ ئۆتسە شۇ ھامانلا پارتىلايدۇ، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ھىچنىمە توسۋالالمايدۇ. ئەگەر سىز كېچىسى بولغان جەڭنى كۆرگەن بولسىڭىز بۇنداق پاتىلاشنى كۆرەلمەيسىز. ئەمما ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن قوياش چىققاندا ئالدىنقى كۈنى كەچلىكى ئاتقان ئوقلارنىڭ شىددەت بىلەن پاتىلىغان ئاۋازى پۈتكۈل جەڭ مەيدانىنى قاپلاپ كىتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا كېچىسىدىكى جەڭدە بۇ خىل ئوق ئىشلىتىلمەيدۇ.
گەرچە مەن دېكا تۇررېسنىڭ مارسلىقلارنىڭ بۇخىل ھەيران قالارلىق قورالى توغرىسىدىكى گەپلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلەتتىم. ئۇلار بىزنى ئايرىۋىتىشكە ئۇرۇنسىمۇ ئۇنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. ئەمما تۇررېسنى خەتەرلىك ھەم جاپالىق ئەمگەككە مەجبورلىشى مېنىڭ كۈچلۈك غەزىپىمنى قوزغىدى.
- ئۇلار سىزنى قىيناپ، سىزگە ھاقارەت قىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدىم مەن. ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۋاتقىنىمدا تۇمۇرىمدىكى ئەجدادلىرىمنىڭكىدەك ئۇرۇش خۇمار ئىسسىق قىنىم ۋاراقشىپ قايناشقا باشلىدى.
- ئانچىمۇ ئەمەس، جون كارتېر، - دىدى ئۇ، - ئۇلار نىمىلا قىلمىسۇن مېنىڭ غۇرورۇمغا، ئىرادەمگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ. ئۇلار مىنىڭ پادىشاھنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. مېنىڭ ئەجداتلىرىمنىڭ بىرىنچى سۈنئى قانالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىچىلەر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ ئىنىق بىلمەيدۇ، شۇڭا مېنىڭدىن قىزغىنىدۇ. ئىچىدە بولسا ئۆزىلىرىنىڭ مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق تەقدىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئاچچىقىنى مەندىن چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلاردا بولمىغان ھەممە نەرسىگە، ئۇلار ئارزۇ قىلغان ئەمما ئېرىشەلمىگەن بارلىق نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىمەن. بىز ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتايلى، مېنىڭ سەردارىم. گەرچە بىز ئۇلارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتسەكمۇ يەنىلا ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىمىز ۋە ئىچ ئاغرىتىمىز. چۈنكى بىز ئۇلاردىن مەدەنىيەتلىك ھەم بۈيۈك، ئۇلار بۇنى ئىنىق بىلىدۇ.
ئەگەر مەن قىزىل تەنلىك ئايالنىڭ ئەرلەرنى «مىنىڭ سەردارىم» دەپ ئاتىشىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولسام ئۈمرۈمدە تۇنجى قىتىم قاتتىق ھەيران قالغان بولاتتىم. ئەمما مەن دەسلىپىدە ۋە كىيىنكى نەچچە ئاي ۋاقت ئىچىدە بۇنى چۈشەنمەي يۈرۈپتىمەن. ھەقىقەتەن بارسۇمدا ئۈگۈنۈشگە تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىكەن. بارسۇمدا ئاياللار ئەرلەرنى «سەردارىم» دەپ ئاتىغانلىقى ئۇنى ئۆزىنىڭ توي قىلىش ئۈچۈن پۈتۈشكەن يىگىتىم دەپ قارىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەمما مەن بۇنى تولىمۇ كېچىكىپ چۈشەندىم.
- بىز باتۇرلۇق بىلەن تەقدىرگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك، دېكا تۇررېس. ئەمما كىيىنكى قىتىم قانداق رەڭلىك مارسلىق، يېشىل بولامدۇ، قىزىل بولامدۇ، قىزغۇچ بولامدۇ ياكى بىنەپشە بولامدۇ كىملا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھاياتلا بولسام ھىچكىمنىڭ سىزگە كۆزىنى چەكچەيتىپ قارىشىغىمۇ يول قويمايمەن.
مەن ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنى ئېيتقىنىمدا دېكا تۇررېس نەپىسىنى توختىتىپ يوغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى، ئۇنىڭ نەپىسى تېزلىشىپ كىيىن چىرايىدا غەلىتە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر جۈپ شوخ زىناق پەيدا بولدى. بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ :
- سىز راستىنلا بىر كىچىك بالا ئىكەنسىز شۇنداقلا بىر ئۇلۇغ رىتسار ھەم ئوقۇغۇچى، - دىدى.
- مەن نىمە بوپتىمەن؟- دەپ سورىدىم چۈشۈنەلمەستىن.
- بىز ھاياتلا بولساق، جون كارتېر ، كىيىنچە بىلىپ قالىسىز. ئەمما سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن. مەن تاردوس مورسنىڭ ئوغلى مورس كاجاكنىڭ قىزى، سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ چىچىلغىنىم يوق.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە سۆزىنى توختاتتى. ئاندىن ئۇنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا خۇشاللىق ھالىتىگە ئايلىنىپ مېنىڭدەك جەسۇر ھەم ئاجىز ساكلىقنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى.
- مېنىڭ سىزگە بولغان چۈشەنچەم بويىچە ئېيتسام، سىز كۈتمىگەندە بىرەرسىنى، مەيلى ئۇ دۈشمەن بولسۇن، يارلاندۇرۇپ قويسىڭىز، پەرىزىمچە سىز ئۇنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كىتىپ سالامەتلىگى ئەسلىگە كەلگۈچە ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەكسىز، - دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
- يەر شارىدا بىز مۇشۇنداق قىلىمىز، - دىدىم مەن، - ھىچ بولمىغاندا تەربىيە كۆرگەن ئەر شۇنداق قىلىدۇ.
بۇ گېپىم ئۇنى تېخىمۇ كۈلدۈرۋەتتى. ئۇ سۆزۈمنى چۈشەنمىگەن ئىدى. گەرچە ئۇنىڭدا ئاياللارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى، مىھرىبانلىقى ۋە ئاجىزلىقلىرى بولسىمۇ ئەمما ئۇ نىمىلا دىگەن بىلەن بىر مارسلىق ئىدى. بىر مارس ئادىمىگە نىسبەتەن ئېتقاندا دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشلا «توغرا» ئىش ھىساپلىناتتى. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ھايات قالغانلار بۆلۈشىدىغان نۇرغۇن مال - مۈلۈك بولاتتى.
مىنىڭ بايامقى قايسى سۆزۈم ياكى قانداق ھەركىتىم ئۇنىڭ كەيپىياتىنى بۇنداق زور ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى شۇنداق بىلگۈم بار ئىدى. مەن توختىماي ئۇنىڭدىن سورىدىم.
- ئەمدى سورىماڭ، - دىدى ئۇ، - سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىزنى يىتەرلىك ئاڭلىدىم، سىز سەۋەبىنى بىلگەن ۋاقتتا جون كارتېر، ئەگەر مەن ئۇ چاغدا ئاللىقاچان ئۈلۈپ كەتكەن بولسام بارسۇمدىكى يىراقىراق ئاي 12 قىتىم ئايلانغىچە بولغان ئارلىقتا يۈز بېرىش ئىھتىمالى زور. سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغانلىقىم ھەم كۈلۈپ كەتكەنلىكىم ئېسىڭىزدە بولسۇن.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ھىچنىمىسىنى چۈشۈنەلمىدىم، بۇ توغرۇلۇق ئۇنىڭدىن ئۈتۈنگەنسىرى ئۇ قەتئى رەت قىلىپ تۇرۋالدى. مەن ئىنتايىن ئۈمۈتسىزلەندىم، ئامالسىز ئاخىرى بولدى قىلدىم.
قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىز بارسۇمنىڭ ئىككى ئاي نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان كەڭ يوللىرىدا داۋاملىق كىتىۋاتاتتۇق. يەر شارى تۇررېسنىڭ تىنىق، كۆك كۆزلىرىدەك بىزگە يىراقتىن نەزەر تاشلاپ تۇراتتى. پۈتكۈل ئالەمدە بىزلا باردەك بىلىنمەكتە. ئۆزەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مەن بۇ ئىككى كىشىلىك دۇنيادىن ئىنتايىن مەمنون ئىدىم.
مارسنىڭ كېچىسىدىكى سوغۇق بىزگە كەينى - كەينىدىن ھۇجۇم قىلدى. مەن ئۇچامدىكى يىپەك رەختنى ئىلىپ تۇررېسنىڭ مۈرىسىگە يىپىقچاقلاپ قويدۇم. بىلىكىم ئۇنىڭ جىسمى بىلەن ئۇچراشقان شۇ پەيتتە بىرخىل سىزىم پۈتۈن جىسمىمنى لەرزىگە كەلتۈرۋەتتى. بۇ خىل سىزىم مەن باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئۇ ماڭا سەل - پەل يىقىنلاشقاندەك تۇيۇلدى. ئەمما مەن بۇ نۇقتىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمەن. مەن پەقەت بىلىكىمنى ئۇنىڭ مۇرىسىگە قويغان ۋاقتنىڭ يىپەك رەختنى يىپىنچاقلاپ قويغان ۋاقتتىن ئۇزۇن ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N