سەپەر جەريانىدا ئىككى ئىش يۈرۈشنى توختۇتۇپ قويدى. چۈشكە يىقىن يولنىڭ ئوڭ تەرەپ ئالدى يۈلۈنىشتە تۇخۇم بىسىش ئۈيىدەك بىر جاينى ئۇچراتتۇق. لوركاس پوتمىل تارس تاركاسقا بېرىپ تەكشۈرۈپ بىقىشقا بۇيرۇق قىلدى. تارس تاركاس مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە رىتسارنى باشلاپ مەخمەلدەك يۇمشاق يىپىنچا ئۈسۈملۈكنى دەسسەپ كىچىك قۇرلۇشنىڭ يېنىغا كەلدۇق. پەرەز قىلغىنىمىزدەك بۇ دەل بىر تۇخۇم بىسىش ئۆيى ئىكەن. ئەمما بۇ يەردىكى تۇخۇملار مەن ئەڭ دەسلەپ مارسقا كەلگەندە كۆرگەن تۇخۇملاردىن كۆپ كىچىك ئىدى.
تارس تاركاس ئاتتىن چۈشۈپ ئۆينى ئىنچىكە كۈزەتكەندىن كىيىن بۇ ئۆينىڭ يىشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ ۋارخۇن پادىشاھلىقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، تامدىكى سۇۋالغۇنىڭ تېخى قۇرىمىغانلىقىنى جاكارلىدى.
- ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن كەتكىنىگە كۆپ بولسا بىر كۈن بوپتۇ، - دەپ ۋاقىراشتى ئۇلار. شۇڭا ئۇلار بىلەن ناھايىتى تېزلا ئۇچرۇشۇپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى زور ئىدى. يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر مەيدان جەڭ ئۇلارنىڭ بەتبەشىرە يۈزىدە چىراق نۇرىدەك چاقناپ ئۆتتى.
تۇخۇم بىسىش ئۆيىدە قىسقىلا تۇردۇق. رىتسارلار ئىشىكنى بۇزغاندىن كىيىن ئىككى - ئۈچىسى ئىچىگە ئۈمۈلەپ كىرىپ خەنجەرلىرى بىلەن تۇخۇملارنى ناھايىتى تېزلا ۋەيران قىلۋەتتى. ئاندىن ئاتلىرىمىزغا مىنىشىپ ئەترەتكە قايتتۇق. يولدا مەن پۇرسەت تىپىپ تارس تاركاستىن:
- ۋارخۇن قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى ساكلاردىن كىچىكمۇ؟- دەپ سورىدۇم ، - مەن قارىسام ئۇلارنىڭ تۇخۇمى سىلەرنىكىدىن جىق كىچىككەن.
تارس تاركاس ماڭا چۈشەندۈرۈپ بۇ تۇخۇملارنىڭ ئەمدىلا قويۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ باشقا مارسلىقلارنىڭ تۇخۇمىغا ئوخشاش بەش يىل جەريانىدا چوڭلاپ مەن مارسقا كەلگەندە كۆرگەن تۇخۇمدەك ھالەتكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپ ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇراتتى. مەن ئەسلى مارسلىق ئاياللارنىڭ گەۋدىسى چوڭ بولغىنىغا قارىماي ئىچىدىن تۆت فوت ئىگىزلىكتىكى بۇۋاق چىقىدىغان تۇخۇم توغالايدىكەن، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن. ئەمەلىيەتتە تۇققان تۇخۇملىرى غاز تۇخۇمىدىن ئانچە چوڭ پەرق قىلمايدىكەن. شۇنداقلا تۇخۇملارنىڭ كىيىنكى يىتىلىش جەريانى پۈتۈنلەي قۇياش نۇرىغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاقساقاللارنىڭ تۇخۇم ساقلايدىغان ئۆيدىن نەچچە يۈز تۇخۇمنى تۇخۇم بىسىش ئۆيىگە ئاپىرىش خىزمىتىمۇ ئاسانلا ئورۇنلىغىلى بولىدىغان ئىش ئىكەن.
ۋۇرخۇن تۇخۇمى ۋەقەسى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا جەڭ ئاتلىرىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرلەشنى توختاتتۇق. دەل مۇشۇ ۋاقتتا ئىككىنچى بىر قىزىقارلىق ئىش يۈز بەردى. مەن ئىتىمنىڭ ئۈستىدىكى يۈك - تاقلارنى ئالدىراش تۈزەشتۈرۋاتقان ۋاقتىمدا زات يېنىمغا كەلدى. ئاندىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي شەمشىرىنى چىقىرىپ مېنىڭ جەڭ ئېتىمغا غەزەپ بىلەن شىلتىدى.
ئاچىقىمدا يان قۇرالىمنى چىقىرىپ بۇ ھارەمزادىنى ئېتىپ تاشلىغىلى قىل قاپتىمەن. بۇنداق قىلسام مارسلىقلارنىڭ ئادىتىگە خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىم دەرھال يادىمغا يەتتى - دە، قۇرالغا ئۇزاتقان قولۇمنى تېزلىكتە تارتىۋالدىم. ئۇ شەمشىرىنى كۆتۈرۈپ مېنى ساقلاپ تۇراتتى. ھازىر مېنىڭ بىردىن بىر قىلدىغان ئىشىم ئۇنىڭ ماڭا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشاش ئۇسول بۇيىچە شەمشەر ياكى خەنجىرىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئادىل بىر مەيدان جەڭ قىلىش ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا قوراللارنى، خالىسام خەنجەر، پىچاق، پالتىنى چىقارساممۇ، ھەتتا قولۇمغا ھىچنىمە ئالماي ئۇنىڭ بىلەن جەڭگە چۈشسەممۇ بولىۋېرەتتى. يوقۇرقىلاردىن قانداق قورالنى تاللاش مېنىڭ ھوقوقۇم بولۇپ مىلتىق تۈرۈدىكى قوراللارنى ياكى ئۇزۇن نەيزە بىلەن ئۇنىڭ شەمشىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا بولمايتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش قورالنى تاللىدىم. زات بۇرۇن لاپ ئېتىپ ئۆزىنىڭ بۇ قۇرالنى ئىشلىتىشكە ناھايىتى ماھىرلىقىنى ئېيتىپ ئۈتكەن ئىدى. شۇڭا ، مەن يەڭمەكچى بولسام چۇقۇم شەمشەر بىلەن ئونى مەغلۇپ قىلىشىم كېرەك.
ھايات - ماماتلىق جەڭ باشلاندى. پۈتكۈل سەپەردىكى ئادەملەر بىزنى قورشىۋالغان بولۇپ، دوئىلىغا چۈشۈشىمىز ئۈچۈن دىئامېتىرى ئالاھىزەل يۈز فوت كىلىدىغان چەمبەر شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
زات دەسلىپىدە بوقا چىلبۆرىگە تاقابىل تۇرغاندەك ئۇسۇل بىلەن مېنى سوقۇپ يىقىتماقچى بولدى. مەن ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئۆزەمنى چەتكە ئالدىم. ئۇ ھەر قىتىم مەن بىلەن سۈركۈلۈپ دىگەندەك ئۆتۈپ كېتەتتى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەك ۋە دۆمبىسىدە يول - يول يارا ئىزى پەيدا بولدى ھەم ناھايىتى تېزلا بەدىنىدىكى بەش - ئالتە يارا ئېغىزىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىرەر قىتىممۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدىم. بۇ چاغدا ئۇ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ناھايىتى ئېھتىياتچان ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۇستاتلىق قىلىپ ئاسان مەغلوپ بولمايدىغان رەقىبنى يەڭمەكچى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. زاتنى ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر رىتسار دىيىشكە بولىدىكەن. ئەگەر مارسنىڭ ئاجىز تارتىش كۈچى مېنى ئادەتتىن تاشقىرى چاققان ۋە چىدامچانلىققا ئىگە قىلمىغان بولسا بۇ قىتىمقى دوئىلىدا يىڭىپ چىقالىشىمغا كۆزۈم يەتمىگەن بولاتتى.
بىز چەمبىرەكنى بويلاپ مىڭىپ بىر - بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلمىدۇق. شەمشەر قۇياش نۇرى ئاستىدا يالت - يۇلت قىلىپ چاقنايتتى. ئەتراپ تىمتاسلىققا چۆمگەن بولۇپ پەقەت شەمشەرلا ئۇرۇلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاخىرى زات جىسمانىي قۇۋۋىتىنىڭ مېنىڭدىن كۆپ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھۇجۇم بىلەن دوئىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ غەلبە قىلماقچى بولدى. دەل ئۇ ماڭا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلگەن پەيتتە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈچلۈك بىر نۇر دەستىسى كۆزۈمگە چۈشتى، مەن رەقىبىمنىڭ كىلىش يولىنى كۆرەلمەي قالدىم. ئامالسىز ئۆزەمنى چەتكە ئالماقچى بولغىنىمدا شەمشەرنىڭ سانجىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۈلگۈردۈم. سول مۈرەمنىڭ قاتتىق ئاغرىشى بىلەن ئۆزەمنى قاچۇرۇشنىڭ قىسمەن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدىم. مەن رەقىبىمنىڭ ئورنىنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆزۈمنى ئېچىپ تۆت ئەتراپقا قارىغان چىغىمدا كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەنزىرىگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ كۆرۈنۈش ماڭا بىردەمچىلىك خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېغىشلاپ ئۆتتى ھەم قىسقا كۆرەلمەسلىكتىن يارلانغانلىقىمنىڭ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. دېكا تۇررېسنىڭ ھارۋىسىدا ئۈچ ئادەم تۇراتتى. ئۇلار دېكا تۇررېس، سولا ۋە ساركوجا. نەزىرىم ئۇلارغا چۈشكەن ۋاقتتا مەن ئۆلگىچە ئۇنتىمايدىغان بىر ئىش يۈز بەردى:
مەن دېكا تۇررېسنىڭ ساركوجاغا يولۋاستەك تاشلىنىپ ئۇنىڭ قولىدا كۆتۈرۋالغان بىر نەرسىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ نەرسىنىڭ يەرگە دومۇلاپ چۇشكەنلىكىنى، قۇياش نۇرىدا چاقنىغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن بىردىنلا دەل دوئىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە ساركوجانىڭ كۆزۈمگە كۈچلۈك قۇياش نۇرىنى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدىم. ساركوجا مۇشۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ قولى بىلەن مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا كۆرگەن خەتەرلىك ھالەت مېنى ھازىرلا جىنىم چىقىپ كەتكۈدەك قورقۇتىۋەتتى: دېكا تۇررېس ساركوجانىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۋەتكەندىن كىيىن ساركوجا تېخىمۇ غالجىرلىشىپ پىچىقىنى چىقىرىپ غەزەپ بىلەن تۇررېسقا شىلتىدى. مۇشۇ چاغدا بىزنىڭ سۈيۈملۈك، سادىق دوستىمىز سولا بىر سەكرەپ ئۇلارنىڭ ئارسىغا كىرىپ ئۈلگۈردى. پىچاق سولانىڭ كۆتۈرلۈپ تۇرغان كۆكرىكىگە ئۇرۇلدى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N