ئۇ مېنىڭ دەرھال بېرىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشىمگە بۇيرۇق قىلغان ئىكەن. تۇررېس ۋە سولا بىلەن خوشلۇشۇپ ۋۇلاغا ئۇلارنى ياخشى قوغداشنى تاپشۇرۇپ ئالدىراپ كۆرۈش زالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا لوركاس پوتمىل بىلەن تارس تاركاسنىڭ مۇنبەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

ئون ئىككىنچى باپ
ھوقۇقدار مەھبۇس

مەن ئۆيگە كىرىپ ھۆرمەت بىلدۈردۈم. لوركاس پوتمىل ماڭا ئىشارەت قىلىپ ئالدىغا بىرىشىمنى بىلدۈردى. ئۇ يوغان سىرلىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلدى:
- سېنىڭ بىز بىللە بولغىنىڭغا خېلى ۋاقت بولدى. بۇ كۈنلەردە سەن كۈچ - قۇدرىتىڭگە تاينىپ بىر قەدەر يوقىرى مەرتىۋىنى قولغا كەلتۈردۈڭ. ئەمما سەن بىزنىڭ بىر ئەزايىمىز ئەمەس، بىزگە سادىق بولۇشۇڭ ھاجەتسىز.
- سېنىڭ ئورنىڭ ناھايىتى ئالاھىدە،- دىدى ئۇ گىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - سەن بىر مەھبۇس، ئەمما بۇيرۇق چۈشۈرەلەيسەن. سەن بىر يات ئادەم، ئەمما ساكلىقلارنىڭ ئاقساقىلى. سېنىڭ بويۇڭ پاكار، ئەمما بەستلىك ئادەمنى يىقىتالايسەن. ھازىر بەزىلەر سېنىڭ بىر ئەسىر بىلەن بىرلىكتە قىچىپ كىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىڭنى مەلۇم قىلدى. ھىلقى ئەسىرنىڭ ئۆزىمۇ سېنىڭ تور جىلغىسىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىڭدىن گۇمانلىندىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدىكەن. ئەگەر يوقۇرىدىكى قايسىلا بىر ئەيىپلەش پۇت تىرەپ تۇرالىسا سېنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇشقا يىتەرلىك پاكت بولالايدۇ. لېكىن بىز ناھايىتى ئادىل ئىش قىلىمىز. ئەگەر تەل خاجاس بۇيرۇق قىلسىلا سەن ساكقا قايتىپ بېرىشىڭغىلا سوتقا تارتىلىسەن.
- ئەمما، - ئۇ ئېغىر تىنىقلىرى بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى، - ئەگەر سەن ھىلقى قىز بىلەن قىچىپ كەتسەڭ ئۇنداقتا مەن تەل خاجاسقا چۈشەندۈرىمەن، شۇنداقلا تارس تاركاس ماڭا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئۇچاغدا ياكى مەن ئۆز ئورنۇمنى ساقلاپ قالىمەن ياكى ئۆلتۈرۈلىمەن. تېخىمۇ مۇۋاپىق بىرى چىقىپ ئۇچامدىكى دوبۇلغا - ساۋۇتنى يىشىپ ئېلىپ كىتىدۇ. بۇ ساكلارنىڭ ئەنئەنىسى. تارس تاركاس بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق ئادەۋەت يوق، بىز بىرلىكتە بۇ ئەڭ چوڭ يىشىل تەنلىكلەر قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتىمىز. ئارىمىزدا بىر مەيدان جەڭ بولىشىنىمۇ ئۈمۈد قىلمايمىز. شۇڭا جون كارتېر، سەن ئۆلسەڭ مەن ئىنتايىن خۇشال بولىمەن. بىراق، تەل خاجاسنىڭ بۇيرىقى بولمىسا پەقەت ئىككىلا خىل ئەھۋالدا سېنىڭ جىنىڭنى ئالىمىز. بىرى سەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مەلۇم بىرىگە ھوجۇم قىلساڭ ئۇ ئادەم ئۆزىنى قوغداش جەريانىدا سېنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ . يەنە بىرى سەن قىچىشقا ئۇرۇنغان دەپ گۇمانلىنىسەن. ئادىل بولۇشى ئۈچۈن بىز سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قۇيايلى، سەن بۇ كۆلپەتتىن قۇتۇلىشىڭ ئۈچۈن بىز ئىككى خىل ئەيىپلەشنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرىنىڭ راستىلىقىنى ئىسپاتلىنىشىنى كۈتىمىز. قىزىل تەنلىك قىزنى تەل خاجاسقا بىخەتەر تاپشۇرۇپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. مىڭ يىلغا يىقىن ۋاقت ئىچىدە بىز ئونىڭغا ئوخشاش ئەسىرنى تۇتۇپ باقمىدۇق. ئونىڭ ئاتا - ئانىسى قىزىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ پادىشاھى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز. مېنىڭ سۆزۈم تۈگىدى. ئۇ قىز سىلەردە ئىنسانپەرۋەرلىك يوق دىگەن ئىدى. ئەمما بىز سەمىمى ھەم ئادىل. ئەمدى سەن كەتسەڭ بولىدۇ.
مەن بۇرۇلۇپ كۆرۈش زالىدىن چىقتىم. قارىغاندا ساركوجا ھەركىتىنى باشلاپتۇ. ئىنىقكى خەۋەرنىڭ بۇنداق تېز لوركاس پوتمىلنىڭ قولىقىغا يىتىپ كىلىشى چۇقۇم ساركوجا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن توررېس بىلەن بولغان سۆھبىتمىزدىكى قىچىپ كىتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمونلارنى ئەسلەپ ئۆتتۈم.
شۇ ۋاقتلاردا ساركوجا تارس تاركاسنىڭ يېنىدىكى ئەڭ كونا ئادىمى بولۇپ، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئايال ئىدى. بارلىق رىتسارلارنىڭ ئىچىدە تارس تاركاسلا روكاس پۇتمېرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ياردەمچىسى بولغاچقا ساركوجانىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى زور دىيىشكە بولاتتى. ئەمما لوركاس پوتمىلنىڭ بىر تالاي گەپلىرى مېنىڭ قىچىپ كىتىشكە بولغان ئارزۇيۇمنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە بارلىق زېھنىمنى يىغىپ بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش قارارىغا كەلتۈردى. دېكا تۇررېسنى ئېلىپ بىللە قىچىپ كىتىشىنىڭ قانچىلىك زورۇرلىكىنى ھىس قىلدىم. شۈبھىسىزكى، تەل خاجاسنىڭ ھوزۇرىدا بىر مەيدان قورقۇنۇچلۇق بالايى - ئاپەت تۇررېسنى ساقلاۋاتماقتا. سولا ماڭا ئىلگىرى تەل خاجاس دىگەن بۇ غەلىتە ئەبلەخنىڭ جاھاندا يەنى بىرى يوق رەھىمسىز، ئەشەددىي يىرتقۇچ ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ شەپقەتسىز ھەم ھىيلىگەرلىكىنى ئېيتقان ئىدى. باشقا نۇرغۇن مارسلىقلارغا ئوخشىمايدىغان ئەڭ قورقۇنۇچلۇق يېرىنىڭ تەل خاجاسنىڭ ھاۋايى ھەۋەسنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى، بۇ نەس باسقان پىلانتتىكى باشقا يىشىل تەنلىكلەردە بۇنداق جىنىسىي تەلەپنىڭ ئاللىقاچان يوقالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدى.
مەن پەرىزاتتەك گۈزەل توررېسنىڭ بۇنداق ئەشەددى ئالۋاستىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا مەن ئۆزەم ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقنى قالدۇرۇپ قويىمەن، خۇددى يۇرتىمىزدىكى ھىلقى قەيسەر بوز يەر ئاچقۇچى قىزلارنىڭ ئىندىئانلارنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قىلىشنى خالىماي ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىنىدەك.
مەن مەيدانغا قاراپ ماڭدىم، كاللامدا تۈرلۈك چىگىش خىياللار ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ چاغدا تارس تاركاس كۆرۈش زالىدىن قايتىپ چىقىپ ماڭا قاراپ كەلدى. ئونىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى قىلچىلىك ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ھەمرەھلاردەك مەندىن قايتا ئەھۋال سورىدى.
- سەن نەدە تۇرۋاتىسەن ، جون كارتېر،- دەپ سورىدى ئۇ.
- مەن تىخى بىر قارارغا كەلمىدىم، - دىدىم جاۋاپ بېرىپ، - قارىغاندا مەن يالغۇز تۇرسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. ياكى باشقا رىتسارلار بىلەن بىللە تۇراي. سېنىڭدىن يول يورۇق سوراي دەپ تۇراتتىم، - دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ، - مەن تېخى سىلەر ساكلىقلارنىڭ قائىدە - يۇسۇنىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن.
- مەن بىلەن ماڭ .
تارس تاركاس مېنى باشلاپ مەيداندىن ئايرىلىپ بىر بىنانىڭ ئالدىغا كەلدى. مەن بۇ بىنانىڭ تۇررېس تۇرۋاتقان بىنا بىلەن خۇشنا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچىمدە ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
- مەن بىرىنچى قەۋەتتە تۇرىمەن،- دىدى ئۇ، - ئىككىنچى قەۋەتتە رىتسارلار تۇرىدۇ. ئۈچۈنچى قەۋەتنىڭ ئۈستى بىكار. خالىغانچە تاللىۋالساڭ بولىدۇ.
- مەن بىلىمەن، - دىدى تارس تاركاس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - سەن سولانى ھىلقى قىزىل تەنلىك مەھبۇسقا ئۈتۈنۈپ بەردىڭ. سەن ئېيتقاندەك سېنىڭ ياشاش ئۇسولىڭ بىلەن بىزنىڭ ئوخشىمايدۇ. ئەمما سەنلا خۇشال بولساڭ نىمىلا قىلساڭ بولىۋېرىدۇ، چۈنكى سەن ئېلىشىشقا ماھىر. سەن يېنىڭدىكى ئايالىنى مەھبۇس ئايالغا ئۈتۈنۈپ بەردىڭ، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزەڭنىڭ ئىشى. ئەمما ئاقساقال ئىكەنسەن بىرى ھالىڭدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدۇ. بىزنىڭ ئادىتىمىز بۇيىچە سەن ئۆلتۈرۋەتكەن ئاقساقالنىڭ يېنىدىكىلەردىن خالىغان ئايالنى ياكى ھەممىنى تاللىساڭ بولىدۇ.
مەن ئونىڭغا رەخمەت ئېيتتىم، يىمەك - ئىچمەك تەييارلاپ بېرىدىغان ئادەمدىن باشقا ئۆزەمنىڭ يالغۇز ياشاپ كىتەلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ ماڭا بىر نەچچە ئايالنى ئەۋەتىپ يىمەك - ئىچمەك، قورال - ياراق ۋە ئوق - دورا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېچىسى ناھايىتى سوغۇق، شۇنداقلا مېنىڭ ھىچنىمەم بولمىغاچقا ئاياللارنىڭ كېلىشىدە يىپەك رەخت ۋە يوڭلۇق مۇي قاتارلىق كارىۋات بۇيۇملىرىنى بىللە ئېلىپ كىلىشىنى ئۆتۈندۈم.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 28 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N