مەن ئۆلتۈرۋەتكەن رىتسارنىڭ يېنىدىن بۇنداق ھايۋاننىڭ ئىككىسىگە ئېرىشتىم. قىسقىلا ۋاقت ئىچىدە مەن مۇشۇ يەردە ئۈسۈپ يىتىلگەن رىتسارلاردەك ئۇلارنى خالىغانچە كونترول قىلىشنى بىلۋالدىم. ئۇلارنى كۆندۈرۈشمۇ مۇرەككەپ ئەمەس ئىكەن. ئەگەر جەڭ ئېتى ئۈستىدىكى ئادەمنىڭ ھىسسىي ئالاقە بۇيرىقىغا تېزلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرالمىسا مىنگۈچى ئۇنىڭ ئىككى قولقىنىڭ ئوتتۇرسىغا مىلتىق پاينىكى بىلەن كۈچەپ ئۇرىدىكەن. ئەگەر ھايۋان قارىشلىق قىلسا داۋاملىق تاياق يەيدىكەن. نەتىجىدە ياكى بويسۇنىدىكەن ياكى ئۇ رىتسانى ئۈستىدىن دوملىتۋىتىدىكەن. كىيىنكى ئەھۋال كۆرۈلسە ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھايات - ماماتلىق جەڭ باشلىنىپ كىتىدىكەن. ئەگەر رىتسار تىزلىك بىلەن ئوق چىقىرىپ مەخلۇقنى ئېتىپ تاشلىيالىسا ھاياتىنى ساقلاپ قىلىپ قايتىدىن باشقا مەخلۇقنى مىنىدىكەن. بولمىسا ئۇنىڭ مىجىقى چىقىپ كەتكەن جەسىدى ھەمراھ ئاياللىرى تەرپىدىن يىغىپ ئېلىپ كىتىلدىكەن ھەم ساكلىقلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە كۆيدۈرۋېتىلىدىكەن.
مەن ۋۇلاغا قوللانغان ئۇسولۇم بۇيىچە بۇ مەخلۇقلاردا ھىسىياتنىڭ بار - يوقلىقىنى سىناپ باقماقچى بولدۇم. ئالدى بىلەن مەن ئۇلارنىڭ مېنى يىقىتۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. بەزىدە قولقىنىڭ ئوتتۇرسىغا كۈچەپ ئۇردۇم. بۇنداق قىلىشىم ئۇلارنى مېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمنى قوبۇل قىلىشىقا مەجبورلاش ئۈچۈن بولدى. ئاندىن كىيىن مەن يەرشارىدىكى ھايۋانلارنى كۆندۈرگەندەك ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ بارا - بارا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردۈم. مېنىڭ ھايۋانلارنى كۆندۈرۈشتە مول تەجرىبەم بار بولۇپ، مۇشۇ قابىليىتىمگە تايىنىپ كىشىنى قايىل قىلارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. مەن ھەر ۋاقت تۈۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلاتتىم. زۆرۈر بولسا مەن ئادەم ئۆلتۈرسەم ئۆلتۈرىمەنكى، ئەكسىچە گۇناھسىز، ھىچنىمىدىن بىخەۋەر بىر ھايۋاننى ئۆلتۈرىدىغان ئىشقا ھەرگىز قولۇم بارمايتتى.
بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مېنىڭ ئاتلىرىم پۈتكۈل قەبىلىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئۇلار ئىتقا ئوخشاش مىنى ئەگىشەتتى، يوغان بۇرنىنى ماڭا توختىماي سۈركەيتتى، قۇيرۇقىنى يوقىرى - تۈۋەن پولاڭشىتاتتى. ئىشقىلىپ مۇشۇنداق كېلەڭسىز ھەركەتلىرى بىلەن ماڭا بولغان ئامراقلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇلار مېنىڭ بۇيرۇقىمغا ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇراتتى. مارسلىق رىتسارلار ھايۋانلارنى بۇنداق ئەپچىللىك بىلەن كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى پەقەت مېنىڭدەك يەر شارى ئادىمىدىلا مەۋجۈت بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قىلىشتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن مېنىڭ ئېتىم ھويلىدا يىپىنچا ئۈسۈملۈكنى ئوتلاۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ چىشىغا بىر پارچە تاش كىرىپ قاپتۇ. مەن بىلىكىمنى ئۇلارنىڭ يوغان ئېغىزىغا تىقىپ تاشنى ئېلۋاتقىنىمدا تارس تاركاس ئىختىيارسىز:
- سەن ئۇلارغا قانداق سىھرىي كۈچ ئىشلەتتىڭ؟ - دەپ سوراپ قالدى.
- كۈيۈنۈش،- دىدىم مەن جاۋاپ بېرىپ، - قارا، تارس تاركاس، كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئۆزىگە لايىق قىممىتى بار، رىتسارلارغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق. جەڭنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە ياكى ھەربىي يۈرۈشتە مەن ئېتىمنىڭ ھەربىر بۇيرۇقىمغا شەرتسىز بوي سۇنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇڭا مېنىڭ جەڭگىۋارلىقىممۇ ماس ھالدا يوقىرى بولىدۇ. مىھرىبانلىق مېنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك رىتسارغا ئايلاندۇرىدۇ. مېنىڭچە، بۇ چارىنى سىناپ باقساڭلار باشقا رىتسارلارمۇ شۇئانلا بىلىپ قالىدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن بۇ مەخلۇقلارنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ بەزىدە تۇراقسىز بولىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە غەلبىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرۋىتىدىغانلىقىنى، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە ئۈستىدىكى رىتسارنى يەرگە يېقىتىپ دەسسەپ چەيلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدىڭ.
- سېنىڭ قانداق قىلغانلىقىڭنى بىر بىلىپ باقاي.
بۇ تارس تاركاسنىڭ ئاخىرقى قارارى ئىدى. مەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇنىڭغا جەڭ ئېتىنى مەشق قىلدۇرۇشنى تەپسىلى تۇنۇشتۇردۇم. كىيىنچە ئۇ لوركاس پوتمىل ۋە كۆپلىگەن رىتسارلارنىڭ ئالدىدا بۇ ئۇسولنى ماڭا قايتا دىگۈزدى. بىچارە مەخلۇقلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇلارنىڭ يېڭىچە ياشاش ئۇسولىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. كىيىن بۇ قەبىلىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، مەن خۇشال ھالدا بىر توپ مۇلايىم، ئىتائەتچان جەڭ ئاتلىرىنى كۆردۈم. بۇ ئاتلار شۆبھىسىزكى، ئۇرۇش، جەڭگى - جىدەلنى ئوزلىرىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلغان يىشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ تېز، توغرا بولغان ھەربى ھەركىتى ئۈچۈن ئاجايىپ زور رول ئوينايتتى. دەل مۇشۇنداق چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىمدىن لوركاس پوتمىل مىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۇتىدىكى يوغان ئالتۇن ھالقىنى ماڭا ھەدىيە قىلدى.
ئۇچار كىمىلەر بىلەن بولغان جەڭدىن كىيىنكى يەتتىنچى كۈنى، لوركاس پوتمىل كېمىلەرنىڭ قايتىپ كىلىپ ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىق ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بىكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ساكقا قاراپ داۋاملىق يولغا چىقتۇق. يولغا چىقىشتىن نەچچە كۈن ئالدىدىكى كۈنلەردە مەن تارس تاركاستىن مارسلىقلارنىڭ جەڭ ماھارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئات مەشقلەندۈرۈش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىمدىن دېكا تۇررېس بىلەن كۆرۈشۈشكە پۇرسەت ناھايىتى ئاز بولدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە قىتىملا ئۇچرىشالىدىم. ھەر قىتىم تۇررېس بىلەن سولا سىرتقان چىققان ۋاقتتا ياكى مەيداننىڭ يېنىدىكى بىنالارنى كۆرگىلى چىققاندا كۆرۈشۈپ قالاتتۇق. مەن ئادەمسىمان مايمۇننىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۇلارنىڭ يىراققا بارماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردۇم. چۈنكى بۇ يىرتقۇچ مايمۇنلارنىڭ قانداقلىقى ماڭا ئايان ئىدى. ئەمما ۋۇلانىڭ بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ئەگىشىپ بىرىشى ھەم سولانىڭ تولۇق قوراللانغانلىقىنى كۆرگىنىمدە كۆڭلۈمدىكى تەشۋىشلەرمۇ قاياقلارغىدۇ غايىپ بولاتتى.
ئەتىسى يولغا چىقىدىغان كۈنى كەچتە، سولا بىلەن تۇررېس ئىككىسىنىڭ شەرق تەرەپتىن مەيدانغا تۇتىشىدىغان بىر كوچىدا كىتۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم. سولاغا دېكا تۇررېسقا مەسئول بولىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئونى تۇرالغۇغا قايتۇرۋەتتىم. مەن ئۇنىڭغا ئامراق ئىدىم ھەم ئىشىنەتتىم، لېكىن دېكا تۇررېس بىلەن يالغۇز قىلىشنى تېخىمۇ خالايتتىم. چۈنكى تۇررېسلا ماڭا يىراقتىكى يەرشارىدىلا مەۋجۈت بولىدىغان، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ۋە ئارزۇ - ھەۋەسلىرى ئوخشاش دوستلۇق ئاتا قىلالايتتى. بىز خۇددى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئارلىقى 48 مىليون ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى ئىككى پىلانتتا ئەمەس، بەلكى بىر ئۆيدە توغۇلۇپ ئۈسكەندەك ئارىمىزدا بىر خىل رىشتە مەۋجۇت بولۇپ بىزنى مەھكەم باغلاپ تۇراتتى. مەن شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى، ئومۇ ماڭا ئوخشاش تۇيغىدا. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا يىقىنلاشقان ۋاقتتا ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۈمۈتسىزلىكتىن پەيدا بولغان ئادەمنىڭ ئىچىنى سېيرىلدۇرىدىغان ھالەت دەرھال تارقاپ چىرايلىق يۈزلىرىدە تەبەسسۇم جىلۋە قىلاتتى. ئۇ كىچىك قوللىرىنى مۇرەمگە قويۇپ قىزىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ تىپىك ئادىتى بۇيىچە مىنى قارىشى ئالدى.
- ساركوجانىڭ سولاغا دىيىشىچە سىز ھازىر ھەقىقى بىر ساكلىققا ئايلىنىپسىز، - دىدى ئۇ، - ئۇ يەنە مىنىڭ سىز بىلەن ئەمدى كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپتۇ.
- ساكلىقلار ئۆزلىرىنى بىز سەمىمى دەپ ماختىغىنى بىلەن بىلەن ساركوجا ئۇچىغا چىققان ئالدامچى، - دىدىم مەن.
دېكا تۇررېس كۈلۈپ كەتتى.
- گەرچە مەن بۇلارنىڭ بىر ئەزاسى بولغان بولساممۇ بارسۇملۇقلارنىڭ تىلى بىلەن «رىتسار ئۆزىنىڭ ساۋۇت - دوبۇلغىلىرىنى ئۆزگەرتسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى مەڭگۈ ئۆزگەرتمەيدۇ» دەپ ئېيتقىندەك سىز يەنىلا مېنىڭ يېقىن دوستۇم، - دىدىم مەن.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N