ئاخىرىدا ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى ھەم ماڭا قاراپ:
- بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەنمىسەممۇ سىزگە ئىشىنىمەن، مەن بىر قاراپلا سىزنىڭ بارسۇملۇق ئەمەسلىكىڭىزنى ھىس قىلغان ئىدىم. سىز بىزگە ھەم شۇنداق ئوخشايسىز ھەم ئوخشىمايسىز. مەن نىمىشكە بۇ ئىشلارنى ئويلاپ باش قاتۇرىمەن. مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىم مېنىڭ سىزگە ئىشىنىشىمنى ئېيتماقتا، چۈنكى مەن سىزگە ئىشىنىشنى خالايمەن.
بۇ ناھايىتى ئاقىلانە تەپەككۈر، دانا پىكىر. بۇ دەل يەر شارى ئادەملىرى ۋە ئاياللاردا بولۇشقا تىگىشلىك قانونىيەت. ئەگەر ئۇ مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنسە مەن ھەرگىز يوق ئىشلارنى سۆزلەپ ئۇنى ئالدىمايمەن. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ پىكرىم مەنتىقىگە ئۇيغۇن.
شۇندىن كىيىن بىز ئادەتتىكى پاراڭلارنى قىلىشتۇق. بىز نۇرغۇن مەسلىلەر ئۈستىدە پىكىرلەشتۇق. ئۇ بىز يەرشارىلىقلارنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتىنى چۈشۈنۈشنى بەك خالايدىكەن. تۇررېس يەرشارىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىدىكەن، يەر شارىغا ناھايىتى پىششىق ئىكەن. مەن بۇ توغرۇلۇق ئۇنىڭدىن سورىغىنىمدا ئۇ چوڭ ئاۋازدا:
- بارسۇمدا ھەر بىر مەكتەپ بالىسى سىلەرنىڭ پىلانتنىڭ جوغراپىيىسىنى، ئۈسۈملۈك ۋە تارىخىنى بەش قولدەك پىششىق بىلىدۇ. ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىز قانداقسىگە بىلمەيمىز؟ ئۇ ئالەمدە روشەن ئېسىلىپ تۇرمامدۇ، - دىدى.
شۇنى ئېتراپ قىلماي بولمايدىكى، خۇددى ئۇ مېنى چۈشەنمىگىنىدەك مەنمۇ ئونىڭ گەپلىرىنىڭ تىگىگە يىتەلمىدىم. ئۇمۇ مېنىڭ مەقسىدىمنى چۈشەندى بولغاي ماڭا ئۆزلىرى كەشىپ قىلىپ ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ئەسۋاپ توغرۇسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بەردى. نۇرغۇن يىللاردىن بىرى ئۇلار بۇ ئەسۋاپنى ئۆزلىكسىز ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپتۇ. بۇ ئەسۋاپنىڭ ئۈستىدە بىر كۆرسەتكۈچ ئېكران بولۇپ ھەرقانداق پىلانت ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىكى يۈز بېرۋاتقان ئىشلارنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدىكەن. ئۇ ھاسىل قىلغان رەسىملەر ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ چوڭايتقاندىن كىيىن يۇپۇرماقتىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى پەرىقلەندۈرگىلى بولىدىكەن. كىيىن مەن خىرىئاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن رەسىملەرنى ۋە بۇ رەسىملەرنى تارتقان ئەسۋاپنى كۆردۈم.
- سىلەر يەر شارىدىكى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ، - دەپ سورىدىم مەن ، - نىمە ئۈچۈن مېنىڭ يەرشارى ئادىمى ئىكەنلىكىمنى تۇنىيالمىدىڭىز؟
ئۇ يەنە بىر كۈلۈمسىرەپ قويۇپ جاۋاپ بەردى:
- چۈنكى جون كارتېر، - دىدى ئۇ ، - بارسۇمغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئاتمۇسفورا شارائىتى بار ھەرقانداق پىلانىتا ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزدا سىرىتقى قىياپىتى ئىككىمىزگە ئوخشاپ كىتىدىغان جانلىقلار ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارىدا ھەممە ئادەم ئۈستىگە شەكىلى غەلىتە كىيىم كىيۋالىدۇ. بىشىغا نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان نەرسە قادىۋالىدۇ. ئەمما سىز ساكلىق رىتسارلار تەرپىدىن بايقالغاندا ئۇچىڭىزغا بىر تال يىپمۇ ئارتمىغان ئىكەنسىز. ئۈستىڭىزدە زىننەت بۇيىمى يوقكەن. بۇ سىزنىڭ بارسۇملۇق ئەمەسلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما سىزنى يەرشارى ئادىمى دەپ ئويلىماسلىقىمنىڭ سەۋەبى كىيىم كىيمىگەنلىكىڭىزدە.
مەن ئونىڭغا يەر شارىدىن ئايرىلىش جەريانىمنى سۆزلەپ بەردىم. مەن چۈشەندۈرۈپ، ئۆزەمنىڭ ئۇيەردە قالغان جىسمىمنىڭ ئۈستىدىكىسىنىڭ پۈتۈنلەي يەرشارىلىقلارنىڭ كىيىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم. دەل شۇ چاغدا سولا قايتىپ كەلدى. ئۇ مېنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق مال - مۈلۈكىمنى ۋە ئۆزى ھامىيلىق قىلۋاتقان مارسلىق بالىنى بىللە ئېلىپ كەپتۇ. تەبىئىكى بۇ مارسلىق بالا ئۇلار بىلەن بىللە تۇراتتى. سولا بىزدىن ئۇ كەتكەندىن كىيىن باشقا ئادەملەرنىڭ كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى سورىدى. بىز باشقا ئادەم كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ قاتتىق ھەيران قالدى. چۈنكى سولا يوقىرىغا چىقۋاتقاندا ساركوجانىڭ ئۈستىدىن چۈشۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىكەن. بىز ساركوجانىڭ سۆزىمىزنى ئوغۇرلىقچە ئاڭلىۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۇردۇق. ئەمما سۆزلىشىش جەريانىدا مۇھىم ئىشلارنى دىيىشمىگىنىمىزنى ئەسكە ئېلىپ كۆڭلىمىز ئارامىغا چۈشتى ھەم بۇندىن كىيىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىنى ئويلاشتۇق.
دېكا تۇررېس بىلەن ئىككىمىز بىنانىڭ ئىچىدىكى چىرايلىق قۇرلۇشلارنى ۋە بىزەكلەرنى تاماشا قىلىشقا باشلىدۇق. ئۇ ماڭا بۇ بىنانى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ نەچچە يۈزمىڭ يىللار ئىلگىرى ناھايىتى گۈللەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كىيىن ئۇلار مارستىكى يەنە بىر چوڭ ئىرق قارا تەنلىكلەر بىلەن شۇ ۋاقتتا ئوخشاش گۈللەنگەن قىزغۇچ سېرىق تەنلىك ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن ئىكەن. مارستىكى دېڭىزلارنىڭ قۇرۇپ كىتىشىگە ئەگىشىپ بارغانسىرى ئازلاپ كىتۋاتقان مۇنبەت تۇپراق ئىزلەپ شۇ ۋاقتتىكى مارستا يوقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ئىككى ئىرق بىرلەشمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن قۇدرەتلىك بىرلەشمە ئىتپاقداشلىق قۇرۇلۇپ يېڭى مۇھىتتا كۈچمەن يېشىل تەنلىكلەر قەبىلىسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرغان ئىكەن.
كۆپ يىللىق تۇققانچىلىق مۇناسىۋەت ۋە ئىتىپاق ئىچىدە ئۆزئارا توي قىلىش ئارقىلىق قىزىل تەنلىك ئىرىق بارلىققا كەپتۇ. دېكا تۇررېس ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تېرىسى ئاققا مايىل، سىرتقى قىياپىتى ئىنتايىن گۈزەل قىز ئىكەن. ئۇلار ئۆزگۈرىۋاتقان ياشاش مۇھىتىغا ماسلاشقاندىن كىيىن نۇرغۇن يىللىق رىيازەت چىكىش، ئونىڭ ئۈستىگە ھەرقايسى قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ھەم يىشىل تەنلىكلەر بىلەن بولغان ئاخىرى چىقماس سوقۇش تۇپەيلىدىن بۇ ئالتۇن چاچلىق مارسلىقلارنىڭ كۆپلىگەن مەدەنىيەت - سەنئىتى يوقۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. ئەمما، بۈگۈنكى قىزىل تەنلىكلەر تېخىمۇ پارلاق، يەنىمۇ يۈكسەك مەدەنىيەتلىك جەمىيەت بەرپا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. شۇنداقلا يېڭى ئىجادىيەت، بايقاشلىرى ئۇزۇندىن بۇيان قەدىمقى بارسۇملۇقلار بىلەن بىرلىكتە كۈمىۋىتىلگەن، قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋېلىشقا يىتىدىكەن.
قەدىمقى مارسلىقلار ناھايىتى مەدەنىيەتلىك ئىرىق بولۇپ يىڭى ياشا مۇھىتىغا ماسلىشى ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تەرەققىي قىلالمايلا قالماستىن ئەكسىچە ئىشلەپچىقىرىشى پۈتۈنلەي توختاپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئارخىپ، خاتىرە ۋە كىتاپلىرىمۇ ئۈزۈل - كېسىل غايىپ بولغان. دېكا تۇررېس بۇ ئولۇغ ھەم مۇكەممەل، ئەمما قايتا مەۋجۇت بولمايدىغان ئىرىق توغرۇلۇق نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلارنى ۋە رىۋايەتلەرنى سۆزلىدى. ئۇ ماڭا بىز تۇرۋاتقان شەھەرنىڭ كىرود دەپ ئاتىلىدىغان سودا مەركىزى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. بۇ سودا مەركىزى مەنزىرىسى گۈزەل بىر تەبئى پورتقا قورۇلغانلىقىنى، كەينى تەرىپىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق بىر تاغقا تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شەھەرنىڭ غەربىدىكى كىچىك جىلغا دەل شۇ پورتنىڭ بىردىنبىر قالدۇقى ئىكەن. تاغنى كىسىپ ئۆتۈپ دېڭىز تىگىگە تۇتىشىدىغان يول ئىلگىرى شەھەرگە تۇتىشىدىغان دەريا يولى ئىكەن. قەدىمقى دېڭىز قىرغىقىغا بۇنداق شەھەرلەر يۇلتۇزلاردەك ئورۇنلاشقان بولۇپ دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۆزلىكسىز دېڭىز مەركىزىگە سۈرلىشى نەتىجىسىدە شەھەرنىڭ كۈلۈمى بارغانسىرى كىچىكلەپ سانىمۇ ئازىيىپ بارغان. ئاخىرىدا ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى قۇتقۇزۇش ھەركىتى ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ مارستا قانال قازغان ئىكەن.
بىز ئىمارەتلەرنى كۆزۈتۈش جەريانىدا ئېغىر سۈكۈتكە پاتقان ئىدۇق. كەچ كىرگەنلىكىنى تۇيماي قاپتىمىز. لوركاس پوتمىلنىڭ خەۋەرچىسىنىڭ كىلىشى بىلەن بىز رىئالىققا قايتىپ كەلدۇق.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 17 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N