- سولا، ئاچقۇچ قېنى؟ ئۇنى ماڭا بېرىڭ.
- جون كارتېر، ئاچقۇچ ساركوجادا.
مەن ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى بىلىپ بۇرۇلۇپلا تارس تاركاسنىڭ يېنىغا باردىم ھەم دېكا تۇررېسقا بۇنداق چىداپ تۇرغۇسىز رەھىمسىزلەرچە ۋاستە ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن نارازىلىقىمنى بىلدۈردۈم. مېنىڭچە بۇنداق ۋاستە قوللۇنىشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق ئىدى.
- جون كارتېر، - دىدى ئۇ جاۋاپ بېرىپ، - سەن دېكا تۇررېس بىلەن بىللە قاچماقچى بولساڭ ئۇنداقتا دەل مۇشۇ قىتىمقى سەپىرىمىزدە بولغان بولىدۇ. بىز بىلىمىز، سەن ھەرگىز ئۇنى تاشلاپ قويمايسەن. سەن ئۆزەڭنىڭ ئۇلۇغ رېتسار ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلىدىڭ، بىزمۇ سېنى كىشەن بىلەن باغلاپ قويۇشنى خالىمايمىز. شۇڭا بىز مۇشۇنداق ھەم بىخەتەر ھەم تىجەشلىك ئۇسولنى قوللىنىپ سىلەرنى باشقۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. مېنىڭ سۆزۈم تۈگىدى.
مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى دەرھال چۈشەندىم. ئۇنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىمەن دىيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكى ماڭا مەلۇم. لېكىن، مەن ئۇنى ساركوجادىن ئاچقۇچنى ئىلۋىلىشىقا ھەم ئۇنىڭغا مەھبۇسقا يەنە يىقىن يوللىماسلىققا بۇيرۇق قىلىشىنى دەۋەت قىلدىم.
- ئېتراپ قىلىشىڭ كېرەك، مەن ساڭا ناھايىتى ياخشى تەسىر بەردىم. ياخشىلىققا جاۋاپ قايتۇرۇش يۈزسىدىن تارس تاركاس، مەن ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىپ بەرگىن.
- ياخشى تەسىر، - دىدى ئۇ، - جون كارتېر، بۇ خىل ئىش مەۋجۇت ئەمەس. بوپتۇ، سېنىڭ دىگىنىڭدەك قىلايلى. مەن ساركوجاغا ئۇ قىزغا يىقىنلاشماسلىقى تۇغرۇلۇق بۇيرۇق بېرەي، ئەمما ئاچقۇچنى ئۆزەم ساقلايمەن.
- سەن بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرساڭ... - دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ۋە سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتىم.
ئۇ ماڭا ئەستايدىللىق بىلەن بىردەم تىكىلىپ تۇرغاندىن كىيىن:
- ئەگەر سەن تەل خاجاسنىڭ ھۇزورىغا بېرىشتىن ئاۋۋال دېكا تۇررېس ئىككىڭلارنىڭ قىچىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىساڭ ئاچقۇچنى ئېلىپ بېرىپ كىشەننى يىس دەرياسىغا تاشلىۋەتسەڭ بولىدۇ.
- يەنىلا ئۆزەڭ ساقلىغىن، - دىدىم مەن ئوڭايسىزلىنىپ.
ئۇ كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئەمما شۇ كۈنى كەچلىكى بىز قارارگاھ تىككەن چاغدا مەن ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن دېكا تۇررېسنىڭ پۇتىدىكى كىشەننى ئېچۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم.
تارس تاركاس ۋەھشى، رەھىمسىز بولغىنى بىلەن يۈرۈكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن مەجبورى بىسىپ تۇرغان ھىسىيات يۇشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. ئەجابا، بۇ ئۇنىڭ ئاتا - بۇۋىسىنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قايتا تىرىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىمۇ؟
مەن دېكا تۇررېسنىڭ ھارۋىسىغا يىقىنلاشقان ۋاقتتا ساركوجانى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭ نەپرەتلىك ھالىتى ماڭا نىسبەتەن شەك - شۈبھىسىز نەچچە سائەتتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەسەللى بولدى. تەڭرىم، ئۇ ماڭا ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ ئۈچمەنلىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى قاراشتىنلا ئادەمنىڭ جىنىنى ئالاتتى. بىردەمدىن كىيىن مەن ئۇنىڭ زات دەپ ئاتىلدىغان بىر رىتسار بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. زاتنىڭ گەۋدىسى ھەم يوغان ھەم قاۋۇل بولۇپ بىرمۇ ئاقساقالنى ئۆلتۈرمىگەچكە ھازىرغىچە بىرلا ئىسمى بار ئىدى. مارسلىقلاردا مۇشۇنداق ئادەت بولغاچقىلا مەن ئىلگىرى ئۆلتۈرۋەتكەن ئىككى ئاقساقالنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مېنى داۋتىر ساگات دەپ ئاتايتتى. بۇ مەن ئۆلتۈرۋەتكەن ئىككى ئاقساقالنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىرلەشمىسى ئىدى.
ساركوجا بىلەن زات سوزلىشۋاتقاندا زات ماڭا تاسادىپىي بىرنەچچە قىتىم كۆز تاشلاپ قويدى. ساركوجا ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن بىر ھەركەت قولىنىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇترۇتۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ۋاقتتا مەن ئانچە ئىرەن قىلمىغان ئىكەنمەن. ئەمما ئىككىنچى كۈنى ئالدىنقى كۈندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا ئويلاپ بىقىشقا يىتەلىك سەۋەپ تاپتىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە دەسلەپكى قەدەمدە ساركوجانىڭ ماڭا قانچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۈلگۈردۈم: ئۇنىڭ غالجىرلاشقانلىقىنى، ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە زات بىلەن قانداق سۈيقەست ئىشلىتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.
شۇ كۈنى كەچلىكى، دېكا تۇررېس مىنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمىدى. مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرغان بولساممۇ ماڭا جاۋاپ قايتۇرمىدى، ھەتتا قاپىقىنى ئېچىپ قاراپمۇ قويمىدى. بۇ ماڭا تولىمۇ ھار كەلگەن ئىدى. ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە مەنمۇ باشقا ئاشىق - مەشۇقلارغا ئوخشاش ئۇسول قولۇنۇپ باشقىلاردىن ئەھۋال ئىگەنلەپ باقماقچى بولدۇم. چىدىرنىڭ يەنە بىر تەرپىدىن سولانى تاپتىم.
- دېكا تۇررېسقا زادى نىمە بولدى؟ - دەپ تاشلىدىم مەن، - ئۇ نىمىشقا مېنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلىدۇ؟
سولا ئۆزىمۇ گاڭگىراپ قالغان بولۇپ دېكا ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى بۇنداق ھالەتنى ھەرگىز چۈشەنمەيتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىچارا قىز ئۇنى قانداقمۇ چۈشۈنەلىسۇن.
- ئۇ سىزدىن بىزار بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ دىگەن بىر مەلىكە، خاننىڭ ئەرتىۋالىق قىزى. شۇڭا بىر ئادەم ئۆمۈر بۇيى ئۇنىڭ مۇمىسىنىڭ ئايىقىنى سۈرۈتسىمۇ، كۆڭلى خالىمايدىغان كىشىنى ئۆزىگە ھەرگىز مۇۋاپىق كۆرمەيدىكەن.
مەن بىردەم سۈكۈت قىلغاندىن كىيىن سورىدىم:
- بۇ نىمە دىگىنى؟
- بۇ سىزدىن قاتتىق رەنجىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، - دىدى سولا.
ئەمدى بىلدىم، مېنىڭ ھەتتا ئۇنىڭ مۇمىسىنىڭ ئايىقىنى سۈرتۈشكىمۇ سالاھىيىتىم توشمايدىكەن. دېمەك، مەن دېكا تۇررېسنىڭ نەزىرىدە شۇنچىلىك پەس ئىدىم . شۇنداق بولسىمۇ بۇنداق غەلىتە كۆز قاراشتىن ئۆزەمنى تۇتۋالالماي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم. بۇنداق كۆز قاراش شەكسىز يەر شارىدىكى ئاقسۆڭەك جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئويلايدىغىنى بىلەن تۇلىمۇ ئوخشايتتى. دەل مۇشۇنداق ئوخشاشلىقنىڭ بولغىنى مېنى بىئارام قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ خۇشال قىلىۋەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ «ئۇنىڭ ئايىقىنى سۈرتۈشكىمۇ سالاھىتىم يوق» دىگەن بىلەن ئوخشايتتى. مەن ئىختىيارسىز يۇرتۇمنى ئەسكە ئالدىم.
يۇرتۇمدىكىلەرنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ۋىرگىنىيىدە كات دەيدىغان بىر ئادەم بولىدىغان، ئۇلارنىڭ مىنىڭ بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئۇ يەردە ھەممىسى مېنى جېك تاغا دەپ ئاتىشاتتى. كاتنىڭ ئۆيىدە مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىككى بالا بار. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادا ھىچكىم جېك تاغىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالمايتتى. مەن بارسۇمدىكى ئاي شولىسىدا تۇرۋاتقان بولساممۇ خىيالىمدا ئۇلارنىڭ ئوبرازى پەيدا بولدى. ئۇلارنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى ئەزەلدىن بۇنچىلىك ئارزۇ قىلىپ باقمىغان. مەن بىر سەرگەردان، ئائىلە دىگەننىڭ نىمىلىكىنى راستىنلا بىلمەيمەن. ماڭا نىسبەتەن كاتنىڭ ئۆيىدىكى زال بۇ ئاتالغۇنىڭ بارلىق مەنىسىگە ۋەكىللىق قىلاتتى. ھازىر قەلبىم بۇ سوغۇق جانلىقلار دۇنياسىدىن يۇرتۇمغا ئۇچۇپ كەتتى. ھەتتا دېكا تۇررېسمۇ مېنى كۆزىگە ئىلمايدىكەن! مەن شۇنداق پەس، ھەتتا ئۇنىڭ مۇمىسىنىڭ ئايىقىنى سۈرۈتۈش سالاھىيىتىمۇ مەندە ھازىرلانمىغان. مەن بۇلارنى ئويلىغىنىمدا تۇرۇپلا مېنى كۈلكە قىستاپ كەتتى. ئاخىرى يۇمۇرىستىك تۇيغۇ مېنى رىئال دۇنياغا قايتۇرۇپ كەلدى. مەن كۈلگىنىمچە يىپەك رەختنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاي شولىسى چۈشۈپ تۇرغان يەر يۈزىدە خۇددى ھاردۇق يەتكەن رىتسارلاردەك ئاستا - ئاستا ئۇخلاپ قالدىم.
ئىككىنچى كۈنى تاڭ يورىشىغىلا يولغا چىقىپ كۈن قارايغىچە بىرلا قىتىم ئارام ئالدۇق.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 23 24 25 26 27 28 29 30 31 32 33 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N