- ماڭا ئايان، سىز ئىشەنچىلىك ئادەم. شۇڭا مەن دادامنىڭ ئىسمىنى سىزگە شەرتسىز ئېيتىپ بەرسەم بولىدۇ. بەلكىم بىر كۈنى بۇنىڭ سىزگە ياكى ئۇنىڭغا ۋە ياكى دېكا توررېسقا ھەتتا ماڭا ئاز - تۇلا ياردىمى بولۇپ قالار. ئەگەر راستىنلا شۇ كۈن كېلىپ قالسا پەقەت سىزلا ھەقىقى ئەھۋالنى دىيىشكە ئەڭ مۇۋاپىق. مەن سىزگە ئىشىنىمەن، چۈنكى سىزدە چۇقۇم راست گەپ قىلىش ئادىتى يوق. ماڭا ئايان، بىھۇدە ئازابلىنىش ۋە قىيناشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىز ۋىرگىنىيىلىكلەرگە ئوخشاش يالغان سۆزلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. مېنىڭ دادامنىڭ ئىسمى - تارس تاركاس.
ئون ئالتىنچى باپ
قېچىش پىلانى
ئەمدىكى يولىمىز بىر قەدەر تەكشى ئىدى. بىز يىگىرمە كۈن يول يۈرۈپ ئىككى دېڭىزنى كىسىپ، نۇرغۇن تاشلاندۇق شەھەرلەرنى بىسىپ ئۆتتۇق. بىز يەر شارىدا قانال دەپ ئاتايدىغان ئىككى دەريا يولىدىن ئۆتتۇق. دەريا يولىغا يېقىنلاشقان ۋاقتتا بىر رىتسار ئەترەتتىن يىراق يەرگە ئەۋەتىلىپ ئىككى تۆشۈكلۈك دۇربۇن بىلەن رازۋىتكا قىلىپ قىزىل تەنلىك ئادەم بار يوقلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئەگەر ئۇلانىڭ قارىسى كۆرۈنمىسە بىز توپلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەپ بايقىلىپ قىلىشتىن ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالدۇق. ئاندىن توختاپ قاراڭغۇلۇقنىڭ چۈشۈشىنى ساقلاپ تۈن پەردىسى يىيىلغان ھامان ئاستا - ئاستا دەريا قىرغىقىدىكى تام بىلەن قورشالغان تېرىلغۇ بەلبىقىغا يىقىنلاشتۇق. كۆپ ۋاقتلاردا تەرتىپلىك ھالدا دەريا يولىنىڭ كەڭ جايىدا ئاۋاز چىقارماي يىتىپ ئۈمىلەيتتۇق. بىر قىتىم بىز بەش سائەت، يەنە بىر قىتىم بىر كىچە ۋاقت سەرىپ قىلىپ دەريا يولىدىن ئۆتۈپ بولدۇق. بىز ئىگىز قورشاۋ تاملىق زىمىندىن ئايرىلدىغان چاغدا قوياش نۇرى بىزنى ئوبدانلا يورۇتقان ئىدى.
كېچىسى ئىلگىرلىگەچكە مەن ناھايىتى ئاز نەرسىلەرنى كۆرەلىدىم. پەقەت ئاي نۇرى يەرنى يورۇتقاندىلا قورشاۋ تام ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋە پاكار قۇرلۇشلارنى كۆرەلىدىم. تېرىلغۇ يەرلەر يەر شارىدىكى بىر پارچە يېزائىگىلىك مەيدانىغا ئوخشايتتى. مەن يەنە نۇرغۇن رەت - رەت كەتكەن دەل - دەرەخلەرنى كۆردۈم. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئاسمانغا تاقىشاتتى. قورشاۋ تامنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك ھايۋانلار بېقىلىدىكەن. بۇ ھايۋانلار يات ئادەملەر ۋە ناتۇنۇش ياۋايى ھايۋانلارنىڭ پۇرۇقىنى پۇرىغاندا چىقىراق ئاۋاز چىقىراتتى.
پەقەت بىر قىتىم بىر ئادەمگە يولۇقتۇق. بۇ كۈنى قوشۇن بىر كىرست شەكىللىك يول ئېغىزىنىڭ تېرىلغۇ رايونىغا تۇتىشىدىغان ئاق رەڭلىك كەڭ يولىدا كىتۋىتىپ يول بۇيىدا ئۇخلاپ قالغان بىرەيلەننى ئۇچراتتۇق. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بارغان چىغىمدا ئۇ بىر قولى بىلەن يەرنى تىرىپ ئىلگىرلەۋاتقان ئەترەتكە قاراپ قويۇپلا تۇيۇقسىز قورقىنىدىن چىرقىرغان پىتى ياندىكى تامدىن چاققانلىق بىلەن سەكرەپ ئۆتۈپ يولنى بويلاپ قىچىپ كەتتى. ساكلىقلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قىتىم ئۇرۇشقىلى چىقمىغان. بۇ ئادەمنى ھەممەيلەن ئىنىق كۆرگەن ئىدى. شۇڭا قوشۇننىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تەبئىلا تېزلەشتى. بىز تېز سۈرئەتتە قوملۇقنىڭ چىگرىسىغا كىلىپ تەل خاجاسنىڭ زىمىنىغا قەدەم باستۇق.
مەن دېكا تۇررېس بىلەن بىر قىتىممۇ سۆزلۈشۈپ باقمىدىم. ئۇ بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشىم توغرۇلۇق سۆز ئېيتىپ بەرمىدى. مېنىڭ ھاكاۋۇرلىقىممۇ مېنى ھەرقانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن چەكلەپ تۇراتتى. مەن ئوغۇل - قىزلار مۇناسىۋىتىدە ئەرنىڭ تەشەببۇسكار بولۇشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىگە قەتئى ئىشىنەتتىم. شۇڭا بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. بىر ئىرادىسىز ھاماقەت ئەر كۆپ ھاللاردا ئاسانلا بىر ئايالنى مەپتۇن قىلالايدۇ. ئەمما مىڭلىغان دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايدىغان شىريۈرەك ئەزىمەت ئاياللارنىڭ ئالدىدا تارتىنچاق بالىغا ئوخشاش مۈكۈنىۋالىدۇ.
مەن بارسۇمغا كەلگىنىمگە بىر ئاي بولغان كۈنى بىز ساك خانلىقى تۇرۇشلۇق قەدىمىي شەھەرگە يىتىپ كەلدۇق. بۇ بىر توپ يىشىل تەنلىكلەرنىڭ نامى دەل ساك شەھىرىدىكى ئاشۇ ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن خەلقتىن ئوغۇرلىۋىلىنغان ئىدى. پۈتكۈل ساك خانلىقىدا ئوتتۇزمىڭ ئادەم بار بولۇپ يىگىرمە بەش قەبىلىگە بۆلۈنىدىكەن. ھەربىر قەبىلىنىڭ چوڭ - كىچىك ئاقساقاللىرى ھەم سەردارلىرى بار بولۇپ ھەممىسىگە ساك خانلىقىنىڭ خاقانى تەل خاجاس ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن. بەش قەبىلىنىڭ باش شىتابى ساك شەھىرىدە بولغاندىن سىرت قالغانلىرى تەل خاجاسقا تەۋە ھەرقايسى تاشلاندۇق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان ئىكەن.
چۈشتىن كىيىن بىز كەڭ كەتكەن مەركىزىي مەيدانغا كەلدۇق. يىراققا يۈرۈش قىلغان ئەترەتنىڭ قايتىپ كىلىشى ئانچە قىزغىن قارىشى ئېلىشلارغا ئېرىشەلمىدى. پەقەت بىر نەچچە مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگىلا يولۇقۇپ ئۆتتۇق. لېكىن، ئۇلار ئەترەتنىڭ ئىككى ئەسىرنى بىللە ئالغاچ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن قىزىقىدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپۈيۈشكە باشلىدى. دېكا تۇررېس بىلەن مەن ئۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدۇق.
بىز يېڭى تۇرالغۇلارغا تەقسىملەندۇق. سەپەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قالغان ۋاقتتا بىز يېڭى ئۆيلەرگە كۈچۈش بىلەن بولدۇق. مېنىڭ تۇرالغۇم جەنوبتىن مەيدانغا تۇتىشىدىغان مۇھىم يول ئېغىزىغا، يەنى مەيداننىڭ بىشىغا ئورۇنلاشقان ئىدى. پۈتۈن بىنادا مەن ئۆزەم يالغۇز تۇراتتىم. بۇ يەردىن بىز ئىلگىرى تۇرغان شەھەرگە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرنى، چىرايلىق بىنالارنى كۆرگىلى بولاتتى. بەزى بىنالارنىڭ كۈلۈمى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىكەن. مېنىڭ تۇرالغۇم شۇ دەۋىردىكى يەر شارىدا بار بولغان ئەڭ ھەشەمەتلىك بىناغا ئوخشايتتى.
بىراق، بۇ غەلىتە مەخلۇقلارغا نىسبەتەن بىنالارنىڭ كۈلۈمىدىن باشقا نەرسىنىڭ ھىچقانچە قىممىتى يوق ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا تەل خاجاس كۈلۈمى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى بىنادا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ تۇرۋاتقىنى شەھەردىكى ئەڭ چوڭ قۇرلۇش بولۇپ تۇرالغۇ قىلىشقا قەتئى ماس كەلمەيدىكەن. كۆلۈمى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ بىنا لوكاس پۇتمىرنىڭ، قالغانلىرى تەرتىپ بۇيىچە تۈۋەن دەرىجىلىك ئاقساقاللارنىڭ ئىدى. قۇرلۇشلار مانا مۇشۇنداق رىتسارلارنىڭ دەرىجىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بۇيىچە بۆلۈنگەن ئىكەن. ھەمراھ رىتسارلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى بىللە بىر بىنادا تۇرىدىكەن. ھەر بىر قەبىلە بەلگىلەنگەن يەرگە قارارگاھ قۇرىدىكەن. ئەگەر خالىسا ئۆزىلىرىنىڭ دائىرىسىدىكى زىمىننىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىنانى تاللىسىمۇ بولىدىكەن. يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا قاراپ تۇرىدىغان بىنالاردا تۇرىدىكەن.
مەن ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا ماڭا ھەمراھ ئايال - بالىلار ئورۇنلۇشۇپ بولغاندا تۈن يىيىلغان ئىدى.
مەن ئالدىراش - تېنەش تۇرالغۇمدىن ئايرىلىپ سولالارنى ئىزلەپ ماڭدىم. مەن دېكا تۇررېس بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ بىقىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. ئۇنىڭ قىچىپ كىتىشىگە ياردەم قىلالىغۇدەك بىرەر چارە تاپقۇچە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى بۇنداق قاتىماللىق ۋاقتىنچە توختىتىلمىسا بولمايتتى. تەرەپ - تەرەپكە قاتىراپ قوياش ئۇپۇق سىزىقىغا پاتقاندىلا ئاندىن ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ دىرىزىسىدىن بىشىنى چىقىرىپ يىراققا قاراپ تۇرغان ۋۇلانى بايقىدىم. بۇ بىنا مەن تۇرۋاتقان بىنانىڭ ئودۇلىدا بولۇپ مەيدانغا تېخىمۇ يېقىن ئىدى.
مەن تەكلىپ قىلىشنى كۈتمەيلا ئۈچ قەدەمنى بىر قىتىمدا دەسسەپ ئىككىنچى قەۋەتكە تۇتىشىدىغان ئەگىرى پەلەمپەينى بويلاپ يوقىرىغا ئېتىلىپ يوغان بىر ئۆيگە كىردىم.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N