ۋۇلا يۈگرەپ كىلىپ مېنى قىزغىن قارىشى ئالدى. ئۇ پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلەن ماڭا ئېتىلىپ كەلگەچكە مېنى ئۆرىۋەتكىلى تاس قالدى. بىچارا ئىت، خۇشاللىقىدىن بىرلا يالماپ مېنى پۈتۈنلا يۇتۋەتكۈسى كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۈچ تال ھىڭگان چىشىنى كۆرسۈتۈپ قورقۇنۇچلۇق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئۇنى بىردەم ئەركىلىتىپ تىنچلاندۇردۇم. ئالدىمدىكى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ دېكا تۇررېسنىڭ سايىسىنى ئىزلىدىم ھەم ئونى چاقىردىم. ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىن تۈۋەن بىر ئاۋاز ماڭا جاۋاپ قايتۇردى. مەن ئالدىراشچىلىقتا يوغان چامىداپلا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئو يىپەك رەختكە ئورىنىپ ياغاچتىن ئۇيۇلغان قەدىمى بىر ئورۇندۇقتا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى. مېنى كۆرگەندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ:
- ساكلىق داۋتىر ساگات، ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلماقچىكىن،- دىدى.
- دېكا تۇررېس، مەن سىزگە قانداق ئازار بەرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، ئەمما مېنىڭ ھەرگىز سىزگە زىيان يەتكۈزۈش نىيىتىم يوق، - دىدىم مەن چۈشەندۈرۈپ.
- مەن سىزنى مۇھاپىزەت قىلىشنىلا ئۈمۈد قىلىپ كىلۋاتىمەن. ئەگەر مېنى كۆرۈشنى خالىمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ئەمما سىزنى قاچۇرۋېتىشىمگە ياردەم قىلىڭ. بۇ ئۈتۈنۈش ئەمەس، بۇيرۇق. سىز بىخەتەر دادىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كىتەلىسىڭىزلا ماڭا قانداقلا مۇئامىلە قىلىشىڭىز بەرىبىر. ئەمما ھازىر مەن سىزنىڭ ئىگىڭىز، سىز چۇقۇم مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمغا بوي سۇنۇپ ماڭا ياردەم قىلىشىڭىز لازىم.
ئۇ ماڭائەستايدىللىق بىلەن ئۇزاققىچە تىكىلىپ تۇرۇپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ مۇئامىلىسىدە ئاستا - ئاستا ئۆزگۈرۈش بولۋاتقانلىقىنى سەزدىم.
- مەن سىزنىڭ مەقسىدىڭىزنى چۈشەندىم، داۋتىر ساگات ، - دىدى ئۇ جاۋاپ بېرىپ، - ئەمما مەن سىزنى چۈشۈنەلمىدىم. سىز كىچىك بالا بىلەن ئەزىمەتنىڭ ئارلاشمىسىدىن تۈزۈلگەن ئىكەنسىز. قوپال ھەم ئالىيجاناپ. مەن پەقەت سىزنىڭ قەلبىڭىزنى چۈشۈنىشنىلا ئۈمۈد قىلىمەن.
- ئايىقىڭىزنىڭ ئاستىغا قاراپ بىقىڭ، دېكا تۇررېس. شۇ كەچلىكىدىن باشلاپ مېنىڭ يۈرۈكۈم شۇ يەردە قىپ قالدى. ئۇ مەڭگۈ شۇ يەردە سوقىدۇ، تاكى مەن ئۆلگىچە.
ئۇ ماڭا بىر قەدەم تاشلاپ چىرايلىق قوللىرىنى چىقاردى.
- سىز نىمە داۋاتىسىز جون كارتېر، - دىدى ئۇ ئاستا، - سىز نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭىز؟
-مەن ئىلگىرى قەسەم قىلغان، سىزنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىڭىز بۇيىچە يىشىل تەنلىكلەرنىڭ ئەسىرى بولۇپ تۇرغان ۋاقتتا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بۇ گەپلەرنى قىلىپ يۈرمەيمەن. سىزنىڭ يىگىرمە كۈندىن بۇيانقى ماڭا بولغان مۇئامىلىڭىز مېنىڭ ئۇ گەپلەرنى قايتا تىلغا ئالماسلىققا قەسەم ئىچكۈزدى. مېنىڭ مەقسىدىم دېكا تۇررېس، مېنىڭ بارلىقىم، تىنىم ۋە روھىيىتىمنىڭ ھەممىسى سىزگە مەنسۈپ. مەن سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، سىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، سىز ئۈچۈن ئۈلۈشكە تەييارمەن. مەن پەقەتلا سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتۈنىمەن، سىز ئۆز ئادەملىرىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ بىرىشتىن ئاۋال، مەيلى ماختاش ياكى ئەيىپلەش بولىشىدىن قەتئىنەزەر، مېنىڭ سۆزلىرىمگە ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرماڭ. مەيلى سىز ماڭا نىسبەتەن قانداق ھىسىياتتا بولۇڭ، ھاياجانلىنىشتىن تەسىرگە ئۇچرىمىسۇن ياكى ئۆزگەرمىسۇن. مەن سىز ئۈچۈن نىمىلا قىلماي، ھەممىسى ئۆزەمنىڭ شەخسى ئىشى، مۇشۇنداق قىلساملا مەن ئۆزەمنى چەكسىز خۇشال ھىس قىلىمەن.
- جون كارتېر، مەن سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن. چۈنكى مەن سىزنىڭ مەقسىتىڭىزنى چۈشۈنىمەن. مەن خۇشاللىق بىلەن سىزنىڭ مۇلازىمىتىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن، بۇيرۇقىڭىزنى ئاڭلايمەن. ھازىردىن باشلاپ سىزنىڭ سۆزىڭىز مەن ئۈچۈن قانون. مەن سىزدىن ئىككى قىتىم ئورۇنسىز ئاغرىندىم. سىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
سولانىڭ كىلىشى بىلەن بىز داۋاملىق سۆزلىشىشكە ئامالسىز قالدۇق. سولانىڭ تۇرقىدىن ناھايىتى ئارامسىزلىنۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇرۇنقى ئېغىر بىسىق ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
- ئۆلگۈر ساركوجا تەل خاجاسنىڭ ھوزورىغا بېرىپتۇ، - دىدى ئۇ، - مەيداندىكىلەردىن ئاڭلىشىمچە ئىككىڭلارنىڭ ھايات قىلىشىدىن ئۈمۈد قالمىغاندەك قىلىدۇ.
- ئۇلار نىمە دەيدۇ؟- سورىدى دېكا تۇررېس.
- ئۇلارنىڭ دىيىشىچە يىلدا پەقەت بىر قىتىم ئۆتكۈزۈلدىغان مۇسابىقىدە ھەممە ئادەم يىغىلغان بەيگە مەيدانىدا سىلەرنى يېكاروغا تاشلاپ بەرگۈدەك( ئىنتايىن ۋەھشى ئىت).
- سولا، - دىدىم مەن، - سىز گەرچە ساكلىق بولسىڭىزمۇ بىزگە ئوخشاشلا بۇنداق رەھىمسىزلىكتىن نەپرەتلىنىسىز. سىز بىز بىلەن بىللە قىچىپ كىتىشكە ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالامسىز؟ مەن ئىشىنىمەن، دېكا تۇررېسنىڭ خەلقى چۇقۇم سىزنى قارىشى ئالىدۇ. سىزگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ، سىزنى سۈيىدۇ. تەقدىرىڭىز بۇيەردىكىدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ.
- توغرا، - دىدى دېكا تۇررېس، - سولا ، بىز بىلەن بىللە كېتىڭ. خىرىئاندا سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز بۇيەردىن كۆپ ياخشى بولىدۇ. مەن سىزگە ۋەدە بېرىمەن، سىز بىز بىلەن بىللە ياشايسىز، كۈتكەن مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز. سىزنىڭ خەلقىڭىز بۇنداق بولۇشقا ھەرگىز يول قويمايدۇ. سولا، بىللە كىتىڭ. بىز سىزنى ئېلىپ كىتىمىز. ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ بىزنىڭ قىچىشىمىزغا ياردەم قىلغانلىقىڭىزنى بىلىپ قالىدىغان بولسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. بىزگە ئايان، سىز بىزنىڭ قىچىشىمىزنى تۇسىمايسىز. بىز سىزنى باشلاپ قۇياش نۇرىغا، شادلىققا، ئىللىقلىققا تولغان دۇنيا ئېلىپ كىتىمىز. ئۇ يەردە سىز مۇھەببەتنىڭ، ھىسداشلىقنىڭ، مىنەتدارلىقنىڭ نىمىلىكىنى چۈشۈنىسىز. ماقۇل دەڭ. سولا.
- جەنوپتىن خىرىئانغا تۇتىشىدىغان دەريا يولىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك ئېنگىلىز مىلى كېلىدۇ، - دىدى سولا ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك، - تېز چاپىدىغان بىر ئات بۇ يەردىن ئۈچ سائەتتە ئۆتۈپ بولىدۇ. ئۇ يەردىن خىرىئانغا بېرىش ئۈچۈن يەنە بەش يۈز ئېنگىلىز مىلى ئارلىق بار. يول ئۈستىدە ئادەم ئىنتايىن شالاڭ. ئۇلار بايقاپلا قالسا قوغلاپ كىلىشىدۇ. ۋاقتىنچە دەرەخلەرنىڭ ئارسىغا يۇشۇرنىۋالساق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ قىچىپ كىتىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى كىچىك. چۈنكى ئۇلار خىرىئاننىڭ دەرۋازىسىغىچە قوغلاپ كىلىشىدۇ. ھەرگىز رەھىم قىلمايدۇ. سىلەر ئۇلارنى تېخى تولۇق چۈشەنمەيسىلەر.
- خىرىئانغا بارىدىغان باشقا يول يوقمۇ؟ - دەپ سورىدىم مەن، - دېكا تۇررېس، سىز بىز ماڭىدىغان يولنىڭ بىر پارچە خەرىتىسىنى سىزىپ بېرەلەمسىز؟
- بولىدۇ،- دىدى تۇررېس.
ئاندىن چېچىدىن ناھايىتى چوڭ بىر پارچە ئالماسنى ئېلىپ مەر - مەر تاشتىن ياسالغان پولغا مەن بىرىنچى قىتىم كۆرۋاتقان بارسومنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى. خەرىتە ئوڭ - سولغا، تىك - توغرا سىزىلغان سىزىقچىلار بىلەن تولغان بولۇپ، بەزىلىرى ئۆزئارا پاراللىل، بەزىلىرى بىرلىشىپ يوغان چەمبەرلەرگە تۇتۇشاتتى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە سىزىقچىلار دەريا يولىغا، چەمبەرلەر شەھەرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. خەرىتىدىكى غەرپ - جەنوپ تەرەپتىكى يىراقتا تۇرغان شەھەر دەل خىرىئان ئىكەن. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن شەھەر بار بولۇپ تۇررېس ئۇ يەرگە بېرىشنىڭ ئانچە مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. چۈنكى ھەممىلا شەھەر خىرىئاننىڭ دوستلىرى ئەمەسكەن.
ئاي نۇرى ئۆي ئىچىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. مەن خەرىتىنى ئىنچىكە كۈزەتكەندىن كىيىن يىراق شىمال تەرەپتىكى بىر دەريا يولىنى تاپتىم. ئومۇ ئوخشاشلا خىرىئانغا تۇتىشاتتى.
- ئەجىبا، بۇ دەريا يولى خىرىئانغا تۇتاشمامدۇ؟ - سورىدىم مەن.
- شۇنداق، تۇتىشىدۇ، - دىدى تۇررېس جاۋاپ بېرىپ، - ئەمما ئۇ بىزدىن ئىككى يۈز ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتا.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N