ساك شەھىرىگە كىلىش يولىدا بىز بۇيەردىن ئۆتكەن.
- ئۇلار بىزنىڭ بۇ يولنى تاللىغىنىمىزنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. مېنىڭچە بىز مۇشۇ دەريا يولىدىن ماڭايلى.
سولا مىنىڭ پىكرىمگە قوشۇلدى. بىز بۈگۈن كەچتىلا بۇ يەردىن كىتىشكە كىلىشتۇق. ئەمەلىيەتتە مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ ئېتىنى تاپالىساملا ئىگەرنى ئارتىپ يولغا چىقالايتتۇق. سولا بىر ئاتنى، مەن تۇررېس بىلەن بىر ئاتنى مىنسەك بولاتتى. ئاتلار ئىككى كۈندە پۈتكۈل مۇساپىنى بېسىپ بولالمىغاچقا بىز يەنە يىتەرلىك يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك ئېلۋىلىشىمىز كېرەك ئىدى.
مەن سولاغا دېكا تۇررېسنى بېشلاپ ئادەم ئاز كوچا بىلەن مىڭىپ شەھەرنىڭ جەنوبىدا مېنى ساقلىشىنى، ئۆزەمنىڭ ئاتلارنى ئېلىپ دەرھال كەينىدىن يىتىپ بارىدىغانلىقىمنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇلار نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ تەييارلىق قىلۋاتقان چاغدا مەن بىنادىن چۈشۈپ ئارقا ھويلىغا كەلدىم.
ئاتلار بۇرۇنقىدەك ئۇخلاشتىن ئاۋال ئارامسىزلىنىپ ئۇياق - بۇياققا ماڭماقتا ئىدى. بىر توپ ئات ۋە سىتېر بىنانىڭ كۈلەڭگىسىدە تۇراتتى. سىتېر تۇرۇپ - تۇرۇپ غەلىتە پۇشقۇرۇپ قۇياتتى. ئاتلارمۇ ماسلىشىپ چىقىراق ئاۋاز چىقىراتتى. بۇ ھايۋانلار مانا مۇشۇنداق ئارام تاپالماي ئۈمۈرىنى ئۆتكۈزەتتى. مەيداندا ئادەم ئازلىغاندا ئۇلار ئاستا جىمىپ قالدى. ئەمما مېنىڭ ھىدىمنى پۇرىغاندا يەنە ئارامسىزلىنىپ، قورقۇنۇچلۇق ئاۋاز تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. كەچلىكى يالغۇز بۇلارنىڭ يېنىغا كىرىش ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، بىر تەرەپتىن بارغانسىرى يوقىرلاۋاتقان ئاۋاز يىقىن ئەتراپتىكى رىتسارلارنى چۈچۈتۈپ قويۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن بەزى شاش ئاتلار كىچىككىنە سەۋەپ ياكى ھىچقانداق سەۋەپسىزلا ماڭا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
مەخپى ۋە تېز ھەركەت قىلىش تەلەپ قىلىندىغان بۇنداق كېچىدە بۇ ھايۋانلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشنى خالىمىدىم. مەن بىنا تېمىغا چىڭ چاپلىشىپ بىنانىڭ كۈلەڭگىسىدە ئەتراپىمدىكى تامنىڭ تۆشۈكى ياكى دىرىزىدىن سىرتقا سەكرەشكە ھەر ۋاقت تەييار تۇردۇم. شۇنداق قىلىپ تىمسىقلاپ يۈرۈپ ئارقا ھويلىنىڭ چوڭ كوچىغا تۇتىشىدىغان ئىشىكىگە قاراپ يۈتكەلدىم. ھەر بىر قەدىمىمدە ئېھتىيات قىلىپ سىتېرلارنى ئۆركۈتۋىتىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىدىم. مەن باشتا ئۆزەمنىڭ ئىككى ئېتىنى ئاستا چاقىردىم. شەپقەتلىك تەڭرىم، ساڭا كۆپ تەشەككۈر. سەن مېنىڭ ھەم گاس ھەم گاچا ھايۋانلارنى ماڭا سادىقلىق بىلەن خىزمەت ئىشلىشىگە مايىل قىلىشىمغا يار يۈلەكتە بولدۇڭ. شۇ چاغدا مەن ھويلىنىڭ يەنە بىر بىشىدا ئىككى كېلەڭسىز مەخلۇقنىڭ تەكشى بولمىغان گۆشلۈك گەۋدىسىنى سۆرەپ مەن تەرەپكە كىلۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.
ئۇلار ماڭا يىقىنلىشىپ بۇرنىنى سوزۇپ مەن دائىم يېنىمدا ئېلىپ يۈرىيدىغان نەرسە - كېرەكلەرنى پۇراشقا باشلىدى. مەن ئېھتىيات بىلەن دەرۋازىنى ئېچىپ بۇ ئىككى گىگانت مەخلۇقنى سىرىتقا چىقاردىم. كەينىدىنلا ئۆزەممۇ سۇغۇرلۇپ چىقىپ دەرۋازىنى تاقىدىم.
مەن ئاتنى ئىگەرلىمەيلا بىنالارنىڭ كۆلەڭگىسىنى بويلاپ ئادەم ناھايىتى ئاز ئۆتىدىغان بىر كىچىك يولغا چىقىپ تۇررېسلار بىلەن كۆرىشىدىغان نوقتىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتىم. يولدا خۇددى ئەرۋاھتەك ئۈن - تۈنسىز ئوغۇرلۇقچە مېڭىپ شەھەر سىرتىدىكى تەكشىلىكنى كۆرگەندىلا يىنىك تىندىم. مەن دېكا تۇررېس بىلەن سولانىڭ نازارەت دائىرىسىدىن ئاسانلا ئايرىلىپ كىلىشكەن جايغا تېزلا يىتىپ بارالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئىككى گىگانت ئاتنى يىتلىۋالغانلىقىم ئۈچۈن نۇقتىغا بېرىپ بولۇشۇم ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمىدى. رىتسارلار كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىن ئادەتتە شەھەر سىرتىغا چىقمايتتى. ئاتلىق خېلى ئۇزاق ماڭغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا شەھەر ئەتراپىدا بارغۇدەك يەرمۇ يوق ئىدى.
مەن ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا بىخەتەر يىتىپ باردىم. ئەپسۇس، دېكا تۇررېس بىلەن سولا بۇ يەردە يوق ئىدى. مەن ئاتنى يىتىلەپ بىر بىنانىڭ دەرۋازىسىغا كەلدىم. «بەلكىم ماڭاي دەپ تۇرغاندا ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۋاتقان ئاياللار كېلىپ قىلىپ سولانى گەپكە تۇتقان بولسا مېڭىش ۋاقتى كىچىككەن بولسا كېرەك» دەپ پەرەز قىلىپ ئۇلارنىڭ كىچىكىشىدىن ئانچە ئەندىشە قىلمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ بىر سائەت، كەينىدىن يەنە يېرىم سائەت ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. مەن ئازاراق ئارامسىزلىنىشقا باشلىدىم. تۇيۇقسىز جىمجىتلىقنى بىر توپ ئادەمنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى بۇزۇپ تاشلىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن قىچىپ چىقىۋاتقان ئادەملەر ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردۈم. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار يىقىنلىشىپ كەلدى. مەن دەرۋازىنىڭ كۈلەڭگىسىدىن سىرتقا قاراپ ئون نەچچە ئاتلىق رىتسارنىڭ چاپتۇرۇپ كىلۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ھەم ئۇلارنىڭ بىرنەچچە ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاپلا پۈتۈن بەدىنىم تىتىرەپ ئىسسىق قان مىڭەمگە تەپتى.
- ئۇلار چوقۇم شەھەر سىرتىدا ئۇچراشماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ...
ئۇلار ئالدىراپ ئۆتۈپ كەتتى. پەقەت مۇشۇ سۆزلەرنىلا ئاڭلىيالىغان بولساممۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەك ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. ناھايىتى ئىنقكى، بىزنىڭ قېچىش پىلانىمىز سىزىلىپ قالغان، شۇڭا بۇ بىر توپ رىتسار مېنى قوغلاپ چىققان. دىمەك ھازىردىن باشلاپ بىزنىڭ قېچىش پۇرسىتىمىز تىخىمۇ ئازلاپ كەتتى دىگەن گەپ.
مېنىڭ ئەمدىكى ئىشىم قاراۋۇللارنىڭ ئالدىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈپ دېكا تۇررېسنىڭ يېنىغا بېرىپ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش. ئەمما پۈتۈن شەھەردە بىزنىڭ قاچقانلىقىمىز توغرۇلۇق خەۋەر پۇر كەتتى. شۇڭا ئىككى ئاتنى بىللە ئېلىپ بېرىشىم ئۇنچىلىك ئاسانغا چۈشمەيتتى.
تۇيۇقسىز كاللامدىن بىر ئوي كەچتى. قەدىمى مارسلىقلارنىڭ بىنا قۇرلۇش ئۇسلۇبىغا بولغان چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا ھەربىر ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا پەسەرەك جايلاشتۇرۇلغان يەنە بىر ئىچكى ھويلا بار ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن قاراڭغۇ ئۆيدە تىمسىقلاپ ئالغا ئىلگىرلىسەم يەنە بىر تەرەپتىن ئاتلارنى ماڭا ئەگىشىشكە چاقىراتتىم. ئۇلارغا نىسبەتەن ھەممە ئىشىكتىن قىستىلىپ ئۆتۈش ھەقىقەتەن قىيىنغا توختىدى. ياخشى يېرى قۇرلۇشلارنىڭ كۈلۈمى چوڭ بولغاچقا ئاتلار قىستىشىپ ئۆتسىمۇ قىسىلىپ قالمايتتى. مۇشۇنداق قىلىپ بىز ئىچكى ھويلىغا كەلدۇق. بۇ ھويلىنىڭ تىگىگىمۇ يىپىنچا ئۆسۈملۈككە ئوخشاش ئۈسۈملۈك ئۈسۈپ كىتىپتۇ. مەن ئاتلارنى تۇرالغۇسىغا ئاپىرىپ قۇيۇشتىن ئىلگىرى ئۇلار بۇيەردىكى ئۈسۈملۈكلەرنى ئۇزۇقلۇق قىلىپ بىمالال ياشىيالايتتى. ئۇلار بۇ يەردە باشقا ھەرقانداق يەردىكىگە ئوخشاش تېنچ، خاتىرجەم بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ بايقىلىپ قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى كىچىك. چۈنكى بۇ بىنالاردا پات - پات پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئادەمسىمان مايمۇن يىشىل تەنلىكلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە سىلۋەتكەنلىكتىن ئۇلار شەھەرنىڭ چەت ياقىدىكى بىنالارغا كىرىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتتى.
مەن ئىگەرنى يىشۋېلىپ بايا بىز كىرگەن ھويلىنىڭ ئارقا ئىشىكىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇپ قويدۇم. ئاندىن ئاتلارنىڭ چۇلۋۇرىنى يېشۋەتتىم. ئارقىدىنلا ھويلىنى ئۇچقاندەك كىسىپ ئۆتۈپ، ھويلىنىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى بىنانىڭ كەينىگە ئۆتتۈم. بۇ قۇرلۇشنىمۇ كىسىپ ئۆتۈپ يەنە بىر چوڭ كوچىغا چىقتىم. مەن قۇرلۇشلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆزەمنى دالدىغا ئېلىپ بىرەر ئادەمنىڭ بۇ ياققا كەلمىگەنلىكىگە جەزىم قىلغاندىن كىيىن چوڭ كوچىنى كىسىپ ئۆتۈپ بىرىچى چوڭ دەرۋازىدىن كىرىپ يەنە بىر ھويلىغا كەلدىم. ئاخىرىدا بىخەتەر ھالدا دېكا تۇررېسلارنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ كەينى ھويلىسىغا يىتىپ كەلدىم.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N