مەن بۇ يەردە جەڭ ئاتلىرىنى كۆرەلەيتتىم. ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى يېنىدىكى بىنادا تۇراتتى. ئەگەر بىناغا كىرسەم چۇقۇم رىتسارلار بىلەن ئۇچرۇشۇپ قىلىشىم مۇمكىن ئىدى. بەختكە يارىشا دېكا تۇرېسنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىشكە يەنە بىر ئامال تىپىلدى. مەن بۇرۇن ئەزەلدىن بۇ نۇقتىدىن بىنالارنى كۈزەتمىگەن. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇلار تۇرۋاتقان قەۋەتنى مۇقۇملاشتۇرۋالغاندىن كىيىن كۈچ ۋە چاققانلىققا تاينىپ يوقىرىغا بىرلا سەكرەپ ئىككىنچى قەۋەتنىڭ دىرىزە تەكچىسىنى تۇتىۋالدىم. مېنىڭچە بۇ ئۇلارنىڭ ئارقا ئۆيى ئىدى. ئۆيگە ئۈمۈلەپ كىرگەندىن كىيىن ئاۋاز چىقارماي ئالدىنقى ئۆينىڭ ئىشىكىگە يىقىنلاشتىم. ئىشىكنى ئەمدى ئاچاي دىيىشىمگە بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىچىدە ئادەم بارلىقىنى بىلدىم.
مەن يىنىكلىك بىلەن باستۇرۇپ كىرمەي ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ئىچىدە گەپ قىلۋاتقان ئادەمنىڭ تۇررېس ياكى ئەمەسلىكىنى ، كىرسەم بىخەتەر بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئىچىدە بىر ئەر كىشىنىڭ تۈۋەن ئاۋازدا سۆزلىشۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھىلىمۇ ياخشى مەن مۇشۇنداق ئىھتىيات تەدبىرىنى قوللانغان ئىكەنمەن. ئاخىرى ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم. بۇ سۆزلەر شۈبھىسىزكى ماڭا بېرىلگەن سىگىنال بولدى. گەپ قىلۋاتقىنى بىر سەردار بولۇپ تۆت نەپەر رىتسارغا بۇيرۇق قىلۋاتاتتى.
- ئۇ ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان نۇقتىغا كەلمىگەنلىكىنى كۆرسە چۇقۇم قايتىپ كىلىدۇ، - دەيتتى ئۇ، - ئۇ بۇ ئۆيگە كىرگەن ھامان سىلەر دەرھال باستۇرۇپ بېرىپ ئۇنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىڭلار. ئەگەر ئۇلار كىرودتىن ئېلىپ كەلگەن خەۋەر ئىشەنچىلىك بولسا سىلەر نەچچىڭلار ياخشى ماسلىشىڭلار. ئۇنى چىڭ باغلىغاندىن كىيىن خان ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىپ كىشەن بىلەن مەھكەم باغلاڭلار. بۇنداق بولغاندا تەل خاجاس سوراق قىلغاندا ئۇ يەنە قىچىشقا ئۇرۇنالمايدۇ. ئۇنىڭ ھەرقانداق ئادەم بىلەن سۆزلىشىشىگە رۇخسەت يوق. ئۇ قايتىپ كىلىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇ ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت يوق. ئۇ قىز ئەمدى قايتىپ كىلەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تەل خاجاسنىڭ قۇچىقىغا كىرىشكە تەييارلانماقتا. ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇق - تۇققانلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتسۇن. ئەمما تەل خاجاس ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىچ ئاغرىتمايدۇ. ئۇلۇغ ساركوجا بۈگۈن كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان چوڭ ئىشتىن بىرنى قىلدى. مەن كەتتىم، ئەگەر سىلەر ئۇنى تۇتالمىساڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ جەسىدىڭلارنى دەھشەتلىك يىس دەرياسىغا تاشلاشقا بۇيرۇق قىلىمەن.
ئون يەتتىنچى باپ
بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلۇش
سۆزلەۋاتقان ئاقساقال سۆزىنى تۈگۈتۈپ بۇرۇلۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى. مەن دەل ئۇ ئۆتىدىغان ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇراتتىم. يەنە ساقلاپ تۇرىۋېرىشنىڭ ئورنى قالمىغان ئىدى. مەن قورقۇنۇچ ئىچىدە ئەسلىدىكى يولۇم بىلەن ئۈن - تىنسىز ھويلىغا قايتىپ كەلدىم ھەم دەرھال ھەركەت قوللىنىش قارارىغا كەلدىم. ھويلىدىن ۋە چوڭ كوچىدىن ئۆتۈپ ناھايىتى تېزلا تەل خاجاسنىڭ ئارقا قوروسىغا يىتىپ كەلدىم.
پەس قەۋەتلەردىكى چىراق ئوتى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۆيلەر ماڭا قايسى تەرەپتىن مىڭىشنى ئېيتىپ بېرۋاتاتتى. مەن دىرىزە ئالدىغا كىلىپ ئىچىگە قاراپلا بۇ يەرگە ئويلىغىنىمدەك ئۇنداق ئاسان كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى پەملىدىم. چۈنكى ھويلا بىلەن تۇتاش ئارقا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى رىتسار ۋە ئاياللار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىكەن. مەن يوقىرىغا قاراپ ئۈچۈنچى قەۋەتتە چىراق يورىقى يوقلىقىنى بايقىدىم ھەم شۇ يەردىن بىناغا كىرىشنى قارار قىلدىم. مەن ئۈچۈن يوقىرىدىكى دىرىزىگە چىقىش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچىلىكلا ئىش ئىدى. شۇڭا ناھايىتى تېزلا ئۈچۈنچى قەۋەتنىڭ دىرىزىسىدىن ئۈمۈلەپ بىر ئۆيگە كىردىم. بەختكە يارىشا بۇ يەردە ئادەم يوق ئىكەن. تىمسىقلاپ يۈرۈپ كارىدورغا چىقتىم ھەم ئالدىمدا چىراق يورۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
مەن بىر يۇمۇلاق تۈشۈككە يىقىنلاشقان ۋاقتىمدا بۇنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر زالنىڭ كىرىش ئېغىزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. زال تۇسالغۇسىز ئىگىزلەپ تاكى بىنانىڭ يۇمۇلاق ئۈگزىسىگىچە تۇتىشىدىكەن. زالنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن رىتسارلار، ئاقساقاللار ۋە ئاياللار قىستىلىشىپ تۇراتتى. ئۆينىڭ بىر تەرپىدە غايەت زور كۆتۈرلۈپ تۇرغان مۇنبەر بولۇپ ئۈستىدە مەن ئۈمرۈمدە كۆرگەن ئەڭ ۋەھشى، ئەڭ سەت بىر ئەبلەخ زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى. ئۇ ئەبلەخنىڭ ھازىرلا چاچىراپ چىقىپ كىتىدىغاندەك كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاچرايتتى، ياۋايى يىرتقۇچنىڭكىدەك ھىڭگان چىشلىرىدىن تارتىپ ھەر بىرتال تىرنىقىغىچە ياۋۇزلۇق، ئۈچمەنلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. قىسقىسى، يىشىل تەنلىك مارسلىقلاردا بار بولغان ۋەھشىلىك، شەپقەتسىزلىك ۋە قەبىھلىك بۇ خۇمپەرنىڭ جىسمىدا تولۇپ - تىشىپ تۇراتتى. كۆپ يىلدىن بىرى ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلگەنلىكىدىن پۈتكۈل جىسمى خۇنىكلىشىپ يوقۇرقى ئالاھىدىلىكلەر ئۇنىڭ جىسمىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، ئۇنى تېخىمۇ شەرمەندىلەرچە كۆرسۈتەتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا ئالىيجاناپلىق ۋە ئىززەت - ئابروي دىگەنلەردىن قىلچىلىكمۇ ئەسەر يوق ئىدى. مۇنبەرنى قاپلاپ تۇرغان يوغان گەۋدىسى كېلەڭسىز سەككىز ئاياققا ئوخشايتتى. ئالتە قولى ئادەمنى قورقۇنۇچ ھەم ۋەھىمىگە سالاتتى.
دېكا تۇررېس بىلەن سولا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. تەل خاجاسنىڭ بۆرتۈپ چىققان يوغان كۆزلىرى دېكا تۇررېسنىڭ كىلىشكەن فىگورىسىغا ئاچكۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن ئىدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قانلىرىم قايناپ كەتتى. تۇررېسنىڭ بىرنەرسە داۋاتقانلىقىنىلا كۆرەلىدىم، ئەمما ئاڭلىيالمىدىم. تەل خاجاسنىڭ نىمە دەپ كولدۇرلاۋاتقانلىقىنىمۇ پەرق ئەتكىلى بولمىدى. تۇررېس ئۇنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ بىشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇراتتى. گەرچە ئۇلاردىن يىراقتا بولساممۇ ئۇنىڭ مەڭسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن تەل خاجاسقا قاراپ تۇرغانلىقىنى ئىنىق كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ قىياپىتىنى قىلچىلىك ئۆزگەرتمىگەن بولۇپ يۈزىدە تەل خاجاسنى كەمسىتىش ۋە مەسخىرە قىلىش ئالامەتلىرى جىلۋە قىلاتتى. ئۇنىڭ بىشىدىن ئايىقىغىچە ھەممە يېرى خىرىئان پادىشاھى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان مەلىكە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ئەتراپتىكى كىلەڭسىز مەخلۇقلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ گەۋدىسى شۇنچە ئاجىز، شۇنچە كىچىك كۆرۈنسىمۇ ئەمما تۇررېسنىڭ ھازىرقى لاتاپىتى ئالدىدا قالغانلارنىڭ ھەممىسى ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتتى. بۇ ئادەملەر ئىچىدە ئۇنىڭ ئوبرازى ھەممىدىن بۈيۈك كۆرىنەتتى. ئىشىنىمەنكى، يېشىل تەنلىكلەر بۇ نۇقتىنى چۇقۇم ھىس قىلىشتى.
بۇ چاغدا تەل خاجاس مەھبۇسلار قىلىپ قالغانلارنىڭ چىقىپ كىتىشىنى ئىشارەت قىلدى. ئۆيدىكى رىتسار، ئاقساقال ۋە ئاياللار ئاستا - ئاستا ئەتراپتىكى ئۆيلىرىگە كىرىپ كىتىشتى. ساك پادىشاھىنىڭ ئالدىدا تۇررېس بىلەن سولالا قىپ قالدى. پەقەت بىر ئاقساقال كىچىكىپەرەك ئايرىلدى. مەن ئۇنىڭ چوڭ تاش تۈۋرۈكنىڭ كەينىدە ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ شەمشىرىنىڭ سىپىنى تۇتۇپ قويۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. سوغۇق كۆزلىرى چوڭقۇر ئۈچمەنلىك بىلەن تەل خاجاسقا تىكىلگەن ئىدى. ئۇ دەل تارس تاركاس بولۇپ ئۇنىڭ چىرايىدىكى بىر قاراشتىنلا ھىس قىلۋىلىشقا بولىدىغان ئەسەبىي ئۈچمەنلىكنىڭ ئالامەتلىرى تەستە ئېچىلىدىغان كىتاپقا ئوخشاش ھەممىنى ئاشكارلاپ تۇراتتى. ئىنىقكى، ئۇ ھازىر قىرىق يىل ئىلگىرى بۇ ئەبلەخنىڭ ئالدىدا تۇرغان يەنە بىر ئايالنى ئويلاۋاتاتتى.
تارس تاركاس ئاخىرى زالدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۆز قىزىنى ئۆزى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان دۈشمىنىنىڭ قولىغا تاشلاپ قويغانلىقىنى ھەرگىز بىلمەيتتى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N