دەل شۇ ۋاقتتا، مۇمكىن بولسا مەن ئۇنىڭ قۇلقىغا بىر ئېغىز گەپ قىلساملا ئۇنداقتا تەل خاجاسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى، دىيىشكە بولاتتى.
تەل خاجاس ئورنىدىن تۇردى. مەن ئۇنىڭ نىمە قىلماقچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردۈم ھەم تېزلىك بىلەن ئايلانما پەلەمپەينى بويلاپ تۈۋەنگە چۈشتۈم. ھىچكىم ماڭا تۇسقۇنلۇق قىلمىدى. مەن يۇشۇرۇنچە ئاساسلىق ئۆيگە كەلدىم ھەم تارس تاركاس بايا كەتكەن تاش تۈۋرۈكنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇندۇم. تەل خاجاس سۆزلەۋاتاتتى.
- خىرىئان مەلىكىسى، مەن ساڭا قىلچىلىك زىيان يەتكۈزمەي ئادەملىرىڭگە قايتۇرۇپ بەرسەم جىق پۇلغا ۋە مال - دۇنياغا ئېرىشىمەن. ئەمما، سېنىڭ چىرايلىق يۈزلىرىڭنىڭ ئازاپتىن ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈشنى ھەممىدىن بەك خالايمەن. ساڭا ئېيتسام، بۇنداق قىيناش ناھايىتى ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. ئون كۈنلۈك شاد - خۇراملىق مېنىڭ سىلەرنىڭ ئىرقىڭلارغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەشكە يەتمەيدۇ. مەن سېنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى قورقۇنۇچلۇق ھالىتىڭنى سىلەر قىزىل تەنلىكلەرنىڭ ئەۋلاتمۇ - ئەۋلات ئېسىدىن چىقمايدىغان قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلاندۇرۋىتىمەن. سىلەرنىڭ ئاناڭلار قاپقاراڭغۇ كېچىدە يېشىل تەنلىكلەرنىڭ دەھشەتلىك ئۆچ ئېلىش جەريانىنى بالىلىرىغا سۆزلەپ بەرگەن چاغدا، تەل خاجاسنىڭ كۈچ قودرىتىنى، ئۆچمەنلىكىنى ۋە دەھشەتلىكلىكىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەرگەن چاغدا بالىلېرىڭلار قورقىنىدىن ئېلىشىپ قالىدۇ. ئەمما، سېنى قىيناشىتن ئاۋال، سەن ماڭا بىر سائەت مەنسۇپ. بۇ خەۋەرمۇ خىرىئاننىڭ پادىشاھىغا، سېنىڭ داداڭ تاردوس مورسنىڭ قولقىغا يىتىپ بارسا ئۇلار ئازاپلانغىنىدىن يەردە يۇمۇلاپ كىتىدۇ. سېنى قىيناشنى ئەتىگە قالدۇرىمەن، بۈگۈن كېچە سەن تەل خاجاسنىڭ، بۇياققا كەل.
ئۇ مۇنبەردىن سەكرەپ چۈشۈپ قوپاللىق بىلەن تۇررېسنىڭ بىلىكىنى تۇتتى. ئەمما ئۇ ئەمدىلا تۇررېسقا تىگىشىگە مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىغا سەكرەپ باردىم. ئوڭ قولۇمدا ئۆتكۈر خەنجەر پارقىراپ تۇراتتى. ئەسلى ئۇ ئىنىق كۆرۈپ ئۈلگۈرگىچە خەنجەرنى كۆكرىكىگە تىقىۋىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بىراق خەنجەرنى كۆتۈرگەن چىغىمدا تارس تاركاس يادىمغا يەتتى. غەزەپ - نەپرىتىم تىشىپ تۇرسىمۇ مەن بۇ ئىنتىقام ئېلىش پۇرسىتىنى تارس تاركاستىن تارتىۋالسام بولمايتتى. شۇنچە يىللاردىن بېرى تارس تاركاس شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈمۈد بىلەن ياشاپ كەلدى ئەمەسمۇ. مەن مۇشۇلارنى كاللامدىن چاقماقتەك ئۆتكۈزدۈم ۋە كۈچلۈك ھەم قاۋۇل بىلىكىمنى كۆتۈرۈپ خەنجەرنى ئۇنىڭ ئىڭىكىگە سانجىدىم. ئۇ ئاۋاز چىقارماي ئۈلۈكتەك سۇلاشقىنىچە پولغا گۈپپىدە يىقىلدى.
مۇشۇنداق گۈرۈستان جىمجىتلىقىدا مەن بىر قۇلۇم بىلەن دېكا تۇررېسنى تارتىپ سولانى كەينىمدىن ئەگىشىشكە ئىشرەت قىلدىم. بىز ئاۋاز چىقارماي زالدىن يۈگرەپ چىقىپ ئۈستىدىكى قەۋەتكە كەلدۇق. بىزنىڭ ھەركىتىمىزگە ھىچكىم دىققەت قىلمىدى. كەينى دىرىزىدە مەن ئۈستۈمدىكى قۇرال تاسمىسى ۋە بەلباغنى بىر - بىرىگە چىتىپ ئالدى بىلەن سولانى، ئاندىن تۇررېسنى پەسكە چۈشۈردۈم. ئاخىرىدا ئۆزەم يىنىك سەكرەپلا يەر يۈزىگە چۈشتۈم ھەم تىزلىكتە ئۇلارنى ياندىكى بىنانىڭ دالدىسىغا ئېلىپ كىردىم. مۇشۇنداق قىلىپ مەن باياتىن بىسىپ ئۆتكەن يول بىلەن كەينىمىزگە قايتىپ يىراقتىكى شەھەر چىگرىسىغا يىتىپ كەلدۇق.
ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئاتلار ساقلاپ تۇرۋاتقان ھويلىغا كىرىپ ئىگەرنى جابدۇپ بىنادىن ئۇچقاندەك چىقىپ سىرتتىكى كىچىك يولغا يىتىپ كەلدۇق. سولا بىر ئاتنى مىنگەن بولۇپ، مەن مىنگەن ئاتنىڭ كەينىدە دېكا تۇررېس ئولتۇراتتى. بىز ساك شەھىرىدىن ئايرىلىپ تاغ باغرىدىن ئىشىپ جەنوپقا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
بىز بىر ئېغىزمۇ سۆزلەشكىدەك بولمىدۇق. ساك شەھىرىنى كەينىمىزدە، يىراقتا تاشلاپ كېتىۋەردۇق. لېكىن تۇررېسنىڭ بىلىمدىن تۇتۇپ ئۇماق بىشىنى مۈرەمگە قويغان چاغدا مەن ئۇنىڭ ئاستا ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
- سەردارىم، ئەگەر بىزنىڭ قىچىش پىلانىمىز مۇۋاپىقىيەت قازانسا خىرىئان خانلىقى سىزگە غايەت زور قەرزدار بولۇپ قالدۇ ھەم بۇ قەرزدارلىق مەجبورىيىتىنى مەڭگۈ ئادا قىلىپ بولالمايدۇ.
- مۇبادا مەغلۇپ بولۇپ، - دىدى ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ، - خىرىئان پادىشاھلىقى بۇنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ بۇ قەرزدارلىق بۇرچى قىلچىلىك كېمەيمەيدۇ. سىز بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى بىر ياشنى ئۈلۈمدىنمۇ ئىچىنىشلىق تەقدىرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىڭىز.
مەن ھىچقانداق گەپ قىلمىدىم، قولۇمنى سوزۇپ ئۇ مېنى ئاتتىن يېقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىلىمدىن تۇتۇپ تۇرغان كىچىك قوللىرىنىڭ ئۈستىگە چىڭ باستىم. بىز جىمجىت ئاي نۇرى ئاستىدا جىددى ئىلگىرلەۋاتاتتۇق. ھەر بىرىمىزنىڭ كاللىسىدا تۈمەن مىڭ خىيال ھۆكۈم سۈرەتتى. مەن ئۆزەمنى ئازادە ھىس قىلىشقا باشلىدىم. چۈنكى دېكا تۇررېسنىڭ ئوتتەك تىنى دۈمبەمگە چىڭ تىگىپ تۇرغاچقا ھەم ھىچقانداق خەتەرگە يولۇقمىغاچقا كۆڭلۈم شادلىنىشقا باشلىدى. خۇددى بىز خىرىئان شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ قالغاندەكلا.
بىز شۇ مىڭىشىمىزدا پۈتۈن بىر كېچە ۋە ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن بىر كۈن توختىماي سەپەر قىلىپ ئارلىقتا بىرنەچچە قىتىم قىسقىلا دەمىلىش قىلدۇق. ئىككىنچى كۈنى كەچ بولغاندا ئاتلىرىمىز ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. شۇڭا يەردە يىتىپ 5- 6 سائەت ئۇخلىدۇق. سەھەردىن بۇرۇن بىز يەنە يولغا چىقىپ پۈتۈن بىر كۈن يول يۈردۇق. كەچ كىرەي دىگەندە بىز تۆت ئەتراپقا ئىنچىكە قاراپمۇ بارسومدىكى چوڭ دەريا يولىنى بىلدۈردىغان دەل - دەرەخ قاتارلىقلارنى كۆرەلمىدۇق. شۇنداقلا باشقا ھىچقانداق بەلگىنىمۇ بايقىغىلى بولمايتتى. شۇڭا بىز يولدىن ئادىشىپ قالغانلىقىمىزنى ھىس قىلدۇق.
ناھايىتى ئىنىقكى، بىز ئايلىنىپ مىڭىۋەرگەن. كۈندۈزى قوياشقا، كەچلىكى ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا قاراپ يول يۈرگەچكە خاتالاشقان ئىدۇق. شۇڭا قانالنى تاپالمىغانلىقتىن پۈتكۈل سەپەردىكىلەرنىڭ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە چارچاشتىن يىقىلىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. بىزنىڭ ئوڭ تەرىپىمىزدە پاكار تاغ تىزمىلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى. شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ تاققا چىقىشنى قارار قىلدۇق. بەلكىم تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ بىز ئىزدەۋاتقان دەريا يولىنى كۆرگىلى بۇلۇپ قالار.
بىز تاققا يىتىپ بارغۇچە گۇگۇم پەردىسى يىيىلدى. ھىرىپ - چارچاشتىن ئايلىنىپ كىتىشكە ئازلا قالدۇق. شۇڭا يىتىپلا ئويقىغا كەتتۇق.
ئەتىگەندە مەن بىر نەرسىنىڭ تۈرتىشى بىلەن ئۇيغۇنۇپ كەتتىم. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن مەن تەرەپكە قىستىلاتتى. كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ قاراپلا قاتتىق ھەيران قالدىم. بۇ مېنىڭ كونا دوستۇم، سادىق ھەمراھىم ۋۇلا بولۇپ ماڭا چىڭ چاپلىشىپ تۇراتتى. بىچارە ئىت يولنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان چۆل - جەزىرىدە بىزگە ئەگىشىپ كەلگەن ھەم سەپەر جەريانىدىكى جاپا - مۇشاقەتنى بىز بىلەن بىللە بىشىدىن كەچۈرۈشكە رازى بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ يۈزۈمنى يۈزىگە ياقتىم. كۆزۈمدىن ياش مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى. بۇ ھەركىتىم ئىناۋىتىمنى تۈكىدۇ، دەپ ئويلاپمۇ ئولتۇرمىدىم. بۇ چاغدا دېكا تۇررېس بىلەن سولا ئويغاندى.
تاققا چىقىش ئۈچۈن بىز دەرھال يولغا چىقىشنى بىكىتتۇق. گەرچە تۈنۈگۈندىن باشلاپ بىز ئاتلارنى قاتتىق چاپتۇرمىغان بولساقمۇ ئەمدىلا بىر ئېنگىلىز مىلى مىڭىپلا ئېتىمنىڭ قەدىمىنىڭ ئاستىلاپ مۈدۈرلىۋاتقانلىقىنى، بىئارام بولۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. تۇيۇقسىز ئۇ كونتىروللىقىنى يوقۇتۇپ بىر ياققا قىيسىيىپ يەرگە گۈپپىدە يىقىلدى. تۇررېس ئىككىمىز ھىچنىمىدىن خەۋەرسىزلا يىراققا قاڭقىتىلىپ يۇمشاق يىپىنچا ئۈسۈملۈكنىڭ ئۈستىگە چۈشتۇق.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N