بىچارە ئات، ئۈستىدىن ئىككىمىزنى چۈشۈرۋېتىپمۇ يەنىلا ئورنىدىن تۇرالمايۋاتاتتى. سولا كەچكىچە ساقلاپ ئۇ ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن مىڭىش تەكلىپىنى بەردى. مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىماقچى بولدۇم. چۈنكى بۇنداق تاشلاپ قويساق ئۇ ئاچلىق - ئۇسسۇزلىقتىن ئىچىنىشلىق ئۈلۈپ كېتەتتى. بۇنداقتا تېخىمۇ رەھىمسىزلىك قىلغان بولاتتۇق.
مەن ئاخىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئىگەرنى يىشۋىلىپ يېنىغا تاشلاپ قويدۇم. بىز يەنە بىر ئاتنى يېتىلەپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدۇق ھەم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يولغا چىقتۇق. تۇررېس قوشۇلمىسىمۇ بىز ئونى ئاتقا مىنگۈزۈپ قويۇپ سولا ئىككىمىز پىيادە ماڭدۇق. شۇنداق قىلىپ بىز يەتمەكچى بولغان تاغقىمۇ يېقىنلىشىپ قالدۇق.
تاغ چوققىسىغا بېرىشقا بىر ئېنگىلىز مىلى قالغاندا تۇررېس تۇيۇقسىز توۋلىۋەتتى. ئۇ بىرنەچچە ئېنگىلىز مىلى يىراقتا ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ تاغ باغرىنى بويلاپ كىتۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. سولا ئىككىمىز ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ بىر نەچچە يۈز ئاتلىق ئەسكەرنىڭ ئۇدۇل غەربى جەنوپ تەرەپكە كىتۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەگەر بۇنداق ماڭسا بىز ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالمايتتۇق. شۈبھىسىز، بۇلار بىزنى قوغلاشقا ئىۋەتىلگەن ساكلىق رىتسارلار ئىدى. بىردەمدىن كىيىن ئۇلارنىڭ بىزنىڭ قارىشى يۈلۈنىشىمىز بۇيىچە يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. بىز يىنىك تىنىۋەتكەندىن كىيىن مەن دېكا تۇررېسنى تىزدىن يەرگە چۈشۈرۈپ ئاتنى يىتۋىلىشقا بۇيرۇق قىلدىم.
بىز ئۇلارنىڭ بىر تاغنىڭ كەينىدە يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. مىنىڭچە بۇ تاغنى تەڭرى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئەگەر ئۇلار كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدە سەللا توختاپ دىققەت قىلغان بولسا بىزنى ئاسانلا بايقىۋالغان بولاتتى. چاتاق يېرى ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر رىتسار تاغ چوققىسىدا توختاپ قالدى. ئادەمنى چۈچىتىدىغىنى ئۇ ئەبلەخ دۇربۇننى چىقىرىپ ئەتراپنى كۈزۈتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر سەردار ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. چۈنكى، يىشىل تەنلىكلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشىدە سەردار ئەترەتنىڭ ئەڭ كەينىدە توختاپ ئۆتەتتى. ئۇنىڭ دۇربۇنى بىز تەرەپكە بۇرۇلغاندا بىزنىڭ يۈرۈكىمىز توختاپ قالغاندەك بولۇپ كەتتۇق. مەن بەدىنىمدىكى ھەر بىر تەر تۈشۈكىدىن سۇغۇق تەر چىقۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىدىم.
دۇربۇن بىزگە توغۇرلىنىپ ئايلىنىشتىن توختاپ قالدى. شۇ ۋاقىتتا نېرۋىلىرىمىز جىددىيچىلىكتىن كاردىن چىقايلا دەپ قالدى. ئۇ ئەبلەخ دۇربۇن بىلەن بىزنى كۈزۈتۋاتقان شۇ دەقىقىدە ئارىمىزدا ھىچكىمنىڭمۇ نەپەس ئېلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. كەينىدىنلا بىز ئۇنىڭ دۇربۇننى چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە ئالدىدا يىراقلاپ كەتكەن رىتسارلارغا يوقىرى ئاۋاز بىلەن بۇيرۇق قىلغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇ رىتسارلارنىڭ كىلىشىنى كۈتمەيلا بىز تەرەپكە ئات سالدى.
پەقەت بىرلا كىچىكىنە پۇرسەت بار بولۇپ ئۇنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا قەتئى بولمايتتى. مەن غەلىتە مارس مىلتىقىنى چىقىرىپ قارىغا ئېلىپلا تەپكىنى قايرىدىم. ئوق نىشانغا تەككەندە پارتىلاش ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالدى. ئوق تەككەن سەردار ئاتتىن يەرگە دۇمۇلاپ چۈشتى.
مەن ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئاتنىڭ تۇرىشىغا بۇيرۇق قىلدىم. سولاغا تۇررېسسنى ئېلىپ ئاتقا مىنىشنى، باشقا رىتسارلار يىتىپ كىلىشتىن ئاۋال تاغدىن ئۆتۈپ بولۇشىنى بۇيرۇق قىلدىم. ئەگىرى - بۈگۈرى ھەم چوڭقۇر تاغ قاپتاللىرىدا ئۇلارنىڭ يۇشۇرنىۋالغۇدەك جاي بارلىقىغا ئىشەنچەم كامىل ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۈلۈپ كىتىش ساكلىقلارنىڭ قولىغا قايتا چۈشۈپ قىلىشتىن كۆپ ئەۋزەل. مەن تاپانچامنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا مەلىكىنى قوغدايدىغان ھەم ۋاقتى كەلگەندە يەنە بىر قىتىم قولغا چۈشۈپ قورقۇنۇچلۇق تەقدىرنىڭ ئازاپلىشىدىن ئازات قىلالايدىغان قورالىمنى قولۇمغا ئالدىم. سولا بۇيرۇقۇم بۇيىچە ئاتقا مىنىپ بولدى. مەن تۇررېسنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ سولانىڭ كەينىگە ئولتۇرغۇزدۇم.
- خەير - خوش مەلىكەم، بەلكىم بىز خىرىئاندا قايتا ئۇچرىشارمىز. مەن ئىلگىرى بۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانمەن، - دىدىم مەن بىر ياقتىن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ بىر ياقتىن كۈلۈمسىرەپ.
- نىمە؟ - دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى تۇررېس، - سىز بىز بىلەن بىللە ماڭمامسىز؟
- ياق تۇررېس، ھامان بىرەيلەن بۇ ئەبلەخلەرنى تۇسۇپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداقلا يالغۇز قىچىش ئۈچ ئادەم بىللە ماڭغاندىن كۆپ ئاسان.
ئۇ ئاتتىن سەكرەپ چۈشتى ھەم ئۇماق بىلەكلىرى بىلەن بوينۇمغا گىرە سالدى. ئاندىن بۇرۇلۇپ سولاغا كەسكىن قىلىپ:
- سولا تېز مىڭىڭ، دېكا تۇررېس ئۆزى سۈيىدىغان ئادەم بىلەن بىللە ئۆلۈشنى چىن قەلبىدىن خالايدۇ، - دىدى.
ئۇنىڭ بۇ يۈرەك سۆزلىرى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قىتىغا سىڭىپ كىردى. بۇ گەپلەرنى مەن يەنە بىر قىتىم ئاڭلىيالىغىنىمدا مىڭ رەت ئۆلسەممۇ ھىچقانداق ئارمىنىم قالمىغان بولاتتى. ئەمما بۇنداق چاغدا مەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولۋاتاتتىم. بىرىنچى قىتىم لىۋىمنى ئۇنىڭ يۈزىگە چىڭ باستىم(بۇ رۇماننى تورداشلار ئوقۋاتامدۇ يوق، ھىچ بىلەلمىدىما.). ئاندىن مەن ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ يەنە بىر قىتىم سولانىڭ كەينىگە ئولتۇرغۇزدۇم ھەم قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن سولانىڭ تۇررېسنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرىشىنى بۇيرىدىم. مەن ئاتنىڭ بىقىنىغا كۈچەپ بىر مۇشت سالدىم. ئات ئۇلارنى ئېلىپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. تۇررېس بولسا بىر ئامال قىلىپ سولانىڭ قولىدىن چىقىپ كىتىشكە ئۇرۇناتتى.
بىشىمنى كۆتۈرۈپ رىتسارلارنىڭ تاغ چوققىسىغا چىقىپ سەردارىنى ئىزلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بىردەمدىلا ئۇلار سەردارىنىڭ جەسىدىنى كۆردى، مېنىمۇ بايقاپ قالدى. مەن ئۇلارنىڭ مېنى تولۇق پەرق ئېتىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا يەردە يىتىپ تۇرۇپ ئېتىشقا باشلىدىم. مېنىڭ قورالىمدا ۋە مۈرەمدىكى ئوق تاسمىسىدا لىپمۇ - لىق يۈز پايدىن ئوق بار ئىدى. شۇڭا تاكى ئۇلارنىڭ ئۆلگىنى ئۈلۈپ، ھايات قالغىنى قىچىپ كەتكىچە توختىماي ئوق ئۈزدۈم.
ئانچە ئۇزاق ۋاقت ئۆتمەيلا يەنە مىڭدىن ئارتۇق رىتسارنىڭ مەن تەرەپكە قاراپ جىنىنىڭ بىرىچە چاپتۇرۇپ كىلۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن دەرھال قورالىمنى بەتلەپ تاكى ئوق تۈگىگىچە ئاتتىم. بۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغىلا كېلىپ قالغانتى. مەن تۇررېسلار كەتكەن تەرەپكە بىر قاراپ قويدۇم. ئۇلار ئاللىقاچان تاغ چوققىلىرى ئىچىدە غايىپ بولغان ئىدى. مەن تاپانچىنى تاشلىۋىتىپ ئورنىمدىن تۇرۇپ توررېسلار كەتكەن يۈلۈنۈشنىڭ قارىشى تەرىپىگە قاراپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم.
ئالدىمغا يۈگرەۋىتىپ يەنە بىر تەرەپتىن يوقىرىغا سەكرىدىم، بۇنداق قىلغاندا ئۇلاردىن خېلى يىراقلاشقىلى بولاتتى. بۇ ماھارىتىم ئۇلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ھەم تۇررېسلاردىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەبلەخلەر مېنى تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى.
ئۇلار غالجىرلارچە ماڭا تاشلىناتتى. مەن تۇيۇقسىز بىر پارچە كۇۋارتىس تاشقا پۇتلىشىپ يەرگە يىقىلدىم. بىشىمنى كۈتۈرسەم ئۇلار ماڭا يىتىشۋاپتۇ. مەن دەرھال شەمشىرىمنى چىقىرىپ يەنە نەچچىنى جايلىۋەتكەن بولساممۇ ئەمما تېزلا تۈگەشتىم. مۇشت - پەشۋالار ئۈستۈمگە يامغۇردەك يىغىشقا باشلىدى. ئاخىرى ھۇشۇمدىن كەتتىم.
ئون سەككىزىنچى باپ
ۋارخۇن تۈرمىسى
مەن ئۇزاققىچە ھۇشسسىز ياتقان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەسلىمگە كەلگەندە ھايات قالغانلىقىمدىن قانچىلىك ھەيران قالغانلىقىم تېخىچە ئېسىمدە. مەن كىچىك بىر ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا ياتاتتىم. ئۈستۈمدە يىپەك رەخت ۋە يۇڭلۇق تېرە يېپىقلىق تۇراتتى. ئۆيدە نۇرغۇن رىتسارلار بولۇپ بىر ياش ئايال ئىگىلىپ ماڭا قاراپ تۇراتتى.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N