- ئاقساقال، ئۇ ھايات ئىكەن.
- ناھايىتى ياخشى، - دىدى بىرى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ كارۋىتىمغا يىقىنلاشتى.
- ئۇ بىزنىڭ مۇسابىقىمىزگە زور خۇشاللىق ئېلىپ كىلدۇ.
نەزىرىم ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلغاندا ئۇنىڭ ساكلىق ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. ئۇچىسىدىكى نەرسىلەر ۋە ساۋۇت - دوبۇلغىلىرى ساكلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ گەۋدىسى يوغان، يۈز - كۆزى ۋە كۆكرىكى يارا ئىزى بىلەن تولۇپ كەتكەن، بىر ھىڭگاي چىشى ئۈزۈلگەن، بىر قۇلقى يوق ئىدى. كۆكرىكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى تاسمىدا ئادەمنىڭ باش سۆڭىكى ئېسىقلىق، باش سۆڭىكىنىڭ ئاستى تەرپىدە قورۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن قول بىلەكلىرى ساڭگىلاپ تۇراتتى.
مەن چوڭ مۇسابىقە توغرۇلۇق ساكلاردىن كۆپ ئاڭلىغانتىم. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ئۆزەمنىڭ بۆرە ئۇۋۇسىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاس ئاغزىغا چۈشكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. ئۇلار بىردەم سۆزلەشكەندىن كىيىن ئايال ئۇنىڭغا مېنىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىكىمنى، يولغا چىقساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاقساقال ئاتقا مىنىپ چوڭ ئەترەتكە يىتىشۋىلىشىمىز توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى.
مەن بىر ئاتنىڭ ئۈستىگە مەھكەم باغلاندىم. ئەزەلدىن بۇنداق ياۋايى ، كونترول قىلىش تەس ئاتنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئىككى تەرىپىمدە بىردىن رىتسار بولۇپ مەن ئولتۇرغان ئاتنىڭ قىچىپ كىتىشىدىن ئىھتىيات قىلىپ كىتۋاتاتتى. بىز چوڭ ئەترەتكە يىتۋېلىش ئۈچۈن ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتۇق. مېنىڭ يارام ئانچە ئېغىر ئەمەسكەن. ھىلقى ئايالنىڭ ماڭا ئىشلەتكەن دورا ۋە ئوكۇلى دەرھال داۋالاش تەسىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ يارام مەلھەم سۈرۈلمەيلا پۇختا تېڭىلغانتى.
كۈن ئولتۇرغىچە ئەمدىلا بەرگاھ تىكىشكە تەمشەلگەن ئەترەتكە يىتىشىپ باردۇق. مەن ھايال بولمايلا ۋارخۇن خانىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلدىم. مېنى يالاپ ئېلىپ بارغان ئاقساقالغا ئوخشاش ئۇنىڭمۇ بەدىنىدە يول - يول يارا ئىزلىرى بولۇپ كۆكرىكى ئالدىغا باش سۈڭىكى ۋە قۇرۇپ كەتكەن ئادەم سۆڭەكلىرى ئېسىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋارخۇن خانىنىڭ ئوبرازى بولۇپ، ساكلىقلاردىنمۇ ۋەھشى ۋە رەھىمسىز خاراكتىرىنى يەنىمۇ ئېچىپ تاشلىغان ئىدى.
بۇ پادىشاھنىڭ نامى بار كوماس بولۇپ يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن. ئۇ مېنى تۇتىۋالغان رىتسارنىڭ ئىسمى داك كوۋا بولۇپ، خاننىڭ ياردەمچىسى ئىكەن. داك كوۋا بىلەن خان ئوتتۇرسىدا كۈچلۈك ئۈچمەنلىك مەۋجۈت ئىكەن. ئۇ بار كوماس بىلەن كۆرۈشكەندە زىيادە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى. ئۇنىڭ ھەتتا ئۆز خانىنى كۆزگە ئېلىپمۇ قويمىغانلىقىدىن ئۇلا ئوتتۇرسىدىكى ئۈچمەنلىكنىڭ چىكىگە يەتكەنلىكىنى، كىچىككىنە سۈركۈلۈش بولسىلا ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن جەڭنىڭ ھازىرلا پارتىلايدىغانلىقىنى بايقاش تەسكە توختىمايتتى. بىز خاننىڭ ئالدىغا كەلگەندە داك كوۋا ھىچقانداق سالام قىلمىدى. ئۇ مېنى قوپاللىق بىلەن خاننىڭ ئالدىغا ئىشتەردى ۋە پوپوزا قىلغان ھالدا:
- مەن ساكلارنىڭ بەلگىسىنى تاقىغان بىر غەلىتە مەخلۇقنى تۇتۇپ كەلدىم. بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە مەن خۇشال ھالدا ئۇنىڭ بىر ياۋا ئات بىلەن ئېلىشىشىنى بۇيرىمەن،- دىدى.
بار كوماس ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
- مەن ئۇنىڭ ئۈلۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، بار كوماس. سېنىڭ يۇمشاق قوللۇق قىلىشىڭ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. ھە، يەنە بىر ئىش، ۋارخۇن ھەقىقى بىر خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا مۇھتاج، تولۇق قوراللانغان تۇرۇقلۇقمۇ مىنىڭدىنمۇ قېرى، قۇرۇق قول بىرى تەرپىدىن يىڭىلىپ قالىدىغان ئۈلۈمتۈك خاقانغا مۇھتاج ئەمەس.
بار كوماس غەزەپ بىلەن ئالدىدىكى رەقىبىگە چەكچەيدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ سەۋرى قاچىسى ئالىقاچان چېقىلغان ئىدى. ئۇ گەپ - سۆز قىلماستىن قۇرۇق قول ھالدا رەقىبىگە قەھرى بىلەن ئىتىلدى.
بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم ئىككى يىشىل تەنلىك مارسلىقنىڭ ھايات - ماماتلىق كۆرىشىنى كۆرۈشۈم ئىدى. دەھشەتلىك ئېلىشىش ئادەمنى ۋەھىمىگە سالاتتى. ئۇلار قوللىرى بىلەن قارىشى تەرەپنىڭ كۆزىنى، قۇلقىنى تۇتۋېلىپ «يالت - يۇلت» قىلىپ پارقىراپ تۇرغان ھىڭگاي چىشلىرىنى بىر - بىرىگە سانجىيتتى. بار كوماس ياش ھەم چاققانلىقى بىلەن ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ تۇراتتى. شۇڭا بۇ قىتىمقى ئېلىشىش خاننىڭ ئەجەللىك بىر مۇشت بىلەن ئاياغلاشتۇرىشىنى ساقلاپ قالغاندەك قىلاتتى. تۇيۇقسىز كۈتمىگەن يەردىن بار كوماسنىڭ پۇتى تىيىلىپ كەتتى. داك كوۋاغا نىسبەتەن مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يىتەرلىك پۇرسەت ئىدى. داك كوۋا رەقىبىگە تاشلىنىپ ئۆتكۈر چىشلىرىنى بار كوماسنىڭ قارنىغا سانجىپ كىرگۈزدى. ئاندىن يوقىرىغا بىرلا كۈچۈنۈپ ياش خاننىڭ قۇرسىقىنى يېرىپ تاشلىدى. ئاخىرىدا غالبىيەتچى بىلەن مەغلۇبىيەتچىنىڭ ھەر ئىككىسى يەرگە يىقىلدى.
بار كوماس ئۆلدى. داك كوۋانىڭ ھەمراھ ئاياللىرى ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولىشتىن ساقلاپ قالدى. ئۈچ كۈندىن كىيىن ئۇ ھىچكىمنىڭ ياردىمىسىز بار كوماسنىڭ جەسىدىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئادەت بۇيىچە بار كوماسنىڭ جەسىدىگە ھىچكىم تەگمىگەن ئىدى. ئۇ سابىق ھۆكۈمراننىڭ بوينىغا دەسسەپ تۇرۇپ خانلىق مەنسىپىنى قولىغا ئالدى. ئۆلگەن خاننىڭ بىشى ۋە قولىنى كېسۋىلىپ بوينىغا ئاستى. جەسەتنىڭ قالغان قىسمى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇرىدىغان تېتىقسىز كۈلكە ساداسى ئىچىدە كۆيدۈرۈپ تاشلاندى.
ئەسلىدە بۇلار تۇخۇم بىسىش ئۆيىنىڭ پاجىئەسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش نىيىتىدە ساكلىقلارنىڭ بىر كىچىك قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، داك كوۋانىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا يۈرۈش كۆپ كىچىكتى. ئۇلار بۇ قىتىمقى قىساس ئېلىش ئىشىنى مۇسابىقىدىن كەينىگە قويۇشنى قارار قىلدى. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ئەترەت ۋارخۇننىڭ باش شىتابىغا قايتىپ كەتتى.
بۇنداق ۋەھشىلىكتە ئۇچىغا چىققان، قان ئىچەر ئەبلەخلەرگە نىسبەتەن مېنىڭ بىرىنچى قىتىم كۆرگەن خان بىلەن داك كوۋانىڭ ئېلىشىشى، بۇلار بىلەن بىللە بولغان كىيىنكى نەچچە كۈن ئىچىدە كۆرگەن تېخىمۇ ئىچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ مۇقەددىمىسى ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۈلۈمى ساكلاردىن كىچىك بولغىنى بىلەن ساكلاردىنمۇ ئۆتەر ياۋۇز ، ۋەھشى ئىدى. ۋارخۇننىڭ ھەرقايسى جەمىيەتلىرىدە ھەر كۈنى بۇنداق ھايات - ماماتلىق ئېلىشىش بولۇپ تۇرىدىكەن. بىر قىتىم بىر كۈن ئىچىدە سەككىز قىتىملىق قانلىق ئېلىشىشنى كۆردۈم.
ئۈچ كۈنلۈك سەپەردىن كىيىن بىز ۋارخۇن شەھىرىگە يىتىپ كەلدۇق. مەن دەرھال زىندانغا تاشلاندىم ھەم تام ۋە پولغا كىشەن بىلەن پۇختا باغلىۋىتىلدىم. يىمەكلىك قەرەللىك يەتكۈزۈپ بېرىلەتتى. بۇ يەرگە سولۇنۇپ تۇرۇپ زادى قانچە كۈن، قانچە ھەپتە ھەتتا قانچە ئاي ئۆتكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. چۈنكى زىندان قاراڭغۇ بولۇپ ھىچنىمىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ تەشۋىشلىك مىنۇتلار بولۇپ قالدى. بۇ يەردىكى زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا قولنى چىقارسا كۆرگىلى بولمايتتى، مۇشۇنداق تۇرۇپ ئېلىشىپ قالمىغانلىقىمغا ھەيران قالدىم. ھەممىلا يەر يۇمشاق تەنلىك ئۈملىگۈچى قۇرتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ يەردە ياتسام ئۇلار سوغۇق تەنلىرىنى سۆرەپ ئۈستۈمدە قىمىرلاپ يۈرۈشەتتى. بەزىدە قاراڭغۇلۇقتا چوغدەك قىپقىزىل يىنىپ تۇرغان كۆزلەرنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم. بۇنداق چاغدا پۈتۈن بەدىنىم شۈركۈنۈپ كېتەتتى. مەن سىرتتىكى ھىچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالمايتىم. ماڭا تاماق ئېلىپ كەلگەن كىشىدىن سۇئال سورىسام جاۋاپسىز قالاتتىم. ئاخىرى مېنى بۇنداق ئازاپقا دۇچار قىلىپ زىندانغا تاشلىغان يىرتقۇچ ھايۋانلارغا بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىك، بىزار بولۇش قان - قىنىمغا ئۆتۈپ ئەقىلىمدىن ئازغىلى ئاز قالدىم.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 34 35 36 37 38 39 40 41 42 43 44 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N