بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل ۋارخۇن مەملىكىتىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.
ماڭا تاماق تۇشۇغۇچىنىڭ ناھايىتى ئاجىز يانىدىغان بىر مەشئەلنى كۆتۈرۈپ كىلىپ قولۇم يىتىدىغان يەرگە يىمەكلىكنى قويۇپ قويىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئۇ گەۋدىسىنى ئىگىپ يىمەكلىكنى يەرگە قويغاندا ئۇنىڭ بىشى مېنىڭ كۆكرىكىمچىلىك ئىگىزلىككە چۈشەتتى. مەن ئۇنىڭ قولۇمدىكى كىشەنلەرنى بۇشۇتۇپ تاماق يىيىشىم ئۈچۈن زىنداننىڭ بىر بۇجىكىگە ئىتەرگەن پەيتىدە ھەم يېنىمغا كىلىشىنى ساقلاپ تۇرۇپ يىمەكلىكنى يەرگە قويۇش ئۈچۈن ئېڭىشكەندە، مەن كىشەننى بىشىمدىن ئارتۇلدۇرۇپ ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىگە بارلىق كۈچۈم بىلەن ئۇردۇم. ئۇ ئۈن - تىنسىز يەرگە يىقىلىپ ئۆلدى. مەن ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىدە يىتۋىلىپ قولۇمنى سوزۇپ نەپىسى ئۈزۈلگەن بوينىنى سىيلىدىم. قولۇمغا بىر تال زەنجىر ئۇرۇندى. زەنجىرنىڭ يەنە بىر بىشىغا بىر باغلام ئاچقۇچ ئېسىقلىق تۇراتتى. ئىنىقكى بۇ مەن سۇلانغان زىندان ۋە كىشەنلەرنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. بارماقلىرىم مىتال ئاچقۇچلارغا تىگىشى بىلەن بىردىنلا ئەس - ھۇشۇمنى تاپتىم. مەن ئەمدى يەنە ئەخمەق ئەمەس، بەلكى قولىدا ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە ئەركەك، ھوش - كاللىسى جايىدا، ئەقلى بار ئەر.
مەن سىيلاشتۇرۇپ زەنجىرنى چىقىرىشقا تىرىشۋاتقاندا تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇقتا پارقىراپ تۇرغان كۆزلەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ كۆزلەر چىمچىقلاپمۇ قويماي ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. ئاندىن ئاستا مەن تەرەپكە يېقىنلاپ كىلىشكە باشلىدى. كۆڭلۈم ئېغىپ بۇلۇڭغا بېرىپ تۈگۈلۋالدىم ھەم قولۇمنى چىقىرىپ ئۇلارنى توسىماقچى بولدۇم. كۆزلەر ئاستا پۈتۈمنىڭ ئاستىدىكى جەسەتكە يۈتكۈلۈپ يەنە كەينىگە يىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە چىشنى قىيىشتۇرىدىغان ئاۋاز چىقاردى. ئاخىرى ئۇلار قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچكىرسىدە غايىپ بولدى.
ئون توققۇزىنچى باپ
مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئېلىشىش

مەن يەنە بىر قىتىم جەسەتنىڭ ئۈستىدىن ئاچقۇچنى ئېلىشقا ئۇرۇندۇم. ئەپسۇس، قولۇمنى ئۇزاتقان يەردە جەسەت يوق ئىدى. بىردىنلا ھەممىنى چۈشەندىم. بايقى كۆزى يىنىپ تۇرغان مەخلۇق مېنىڭ ئولجامنى ئېلىپ يىقىن ئەتراپتىكى ئۇۋۇسىغا ئەكىركەتكەن ئىدى. ئەسلى ئۇلار نەچچە كۈن، نەچچە ھەپتە ، نەچچە ئايدىن بۇيان مېنىڭ ئۈلۈمىمنى كۈتۋاتقان، جەسىدىمنى سۆرەپ ئاپىرىپ يىيىشنى ساقلاۋاتقانلار ئىكەن.
كىيىنكى ئىككى كۈندە ھىچكىم يىمەكلىك ئېلىپ كەلمىدى. ئۈچۈنچى كۈنى يېڭىدىن بىر قاراۋۇل كەلدى. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تۇرمۇشۇم بۇرۇنقىدەك ئەھۋالغا قايتتىپ كەتتى. ئەمما مەن قايتا ئەقلىمنى يوقۇتۇپ قۇيۇش دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالمىدىم.
بۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر مەھبۇس ئېلىپ كىرىلدى. غۇۋا ئوت يورىقىدا مەن ئۇنىڭ بىر قىزىل تەنلىك مارسلىق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇنى يالاپ كەلگەن ئادەم چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەن يەنە ساقلاپ تۇرالماي ئۇنىڭغا يىقىنلاشتىم. سىرتتىكىلەرنىڭ ئاياق تاۋۇشى يىراقلاپ كەتكەندىن كىيىن مەن مارسلىقلارنىڭ چاقىرىش ئادىتى بۇيىچە ئۇنى چاقىردىم:
- كائول
- گەپ قىلۋاتقان كىم؟ - دىدى ئۇ.
- جون كارتېر، خىرىئانلىقلارنىڭ بىر دوستى.
- مەن خىرىئانلىق، - دىدى ئۇ، - ئەمما ئىسمىڭنى ئەسلىيەلمىدىم.
مەن پۈتۈن ۋەقەنىڭ جەريانىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم. ئەمما، دېكا تۇررېسقا بولغان مۇھەببىتىم توغرۇلۇق ھىچنىمە دىمىدىم. خىرىئان مەلىكىسىنىڭ خەۋىرى ئۇنى باشقىچە ھاياجانغا سىلۋەتتى. ئۇ سولا بىلەن تۇررېسنىڭ بىز ئاخىرقى قىتىم ئايرىلغان نۇقتىدىن بىخەتەر يەرگە يىتىپ بارالايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ شۇ يەرنىڭ يەر تۈزۈلىشىگە پىششىق ئىكەن. ۋارخۇنلۇق رىتسارلار بىزنى بايقاپ قالغان چاغدىكى تاغ جىلغىسى تۇررېسلارنىڭ جەنوپقا بارىدىغان بىردىن بىر يولى ئىكەن.
- دېكا تۇررېس بىلەن سولا كىرىپ كەتكەن تاغ بىر چوڭ دەريا يولىدىن بەش ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتا، ئۇلار ھازىر چوقۇم بىخەتەر يەرگە بېرىپ بولدى، - دىدى ئۇ كاپالەت بېرىپ.
مېنىڭ بىلەن بىر كامىرىغا سۇلانغان مەھبۇسنىڭ ئىسمى كانتوس كان ئىكەن. ئۇ خىرىئاندىكى بىر دېڭىز ئارمىيە كاپىتانى بولۇپ ساكلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان يىراققا يۈرۈش قىلىش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەن. تۇررېس دەل مۇشۇ قىتىمقى سەپەردە بەختكە قارىشى قولغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ ماڭا شۇ چاغدىكى كېمىلەر ئۇچرىغان تالاپەتنى قىسقا سۆزلەپ بەردى:
ئۆتمە تۈشۈك بولۇپ كەتكەن كىمىلەر ھايات قالغانلارنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن ئاستا خىرىئانغا قاراپ ئۇچۇپتۇ. ئەمما ئۇلار ئۇچۇپ قىزىل تەنلىكلەرنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئەشەددى دۈشمىنى تۇرۇشلۇق زودانگا شەھىرىگە يىقىنلاشقاندا چوڭ بىر توپ كېمە ئەترىتىنىڭ يەنە بىر قىتىم ھۇجۇمىغا ئۇچراپتۇ. كانتوس كاننىڭ كېمىسىدىن باشقا كېمىلەر ۋەيران بوپتۇ، ۋەيران بولمىغانلىرى ئەسىرگە چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ كېمىسى ئىككى دانە زودانگا كېمىسىنىڭ بىرنەچچە كۈن قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ئەمما بىر كېچىسى ئۇلارنى تاشلىۋىتىپتۇ.
تۇررېس ئەسىر بولۇپ 30 كۈندىن كىيىن، يەنى بىز ساك شەھىرىگە يىتىپ بارغان چاغلاردا ئۇنىڭ كېمىسى ئون نەپەر ھايات قالغۇچىنى ئېلىپ خىرىئانغا قايتىپ كەپتۇ. ئەسلى بۇ كېمىدە يەتتە يۈز نەپەر ئادەم بار ئىكەنتۇق. خىرىئان پادىشاھى شۇ ھامان قايتىدىن يەتتە چوڭ كىمە ئەترىتىنى دېكا تۇررېسنى ئىزلەشكە ئەۋەتىپتۇ. ھەربىر كېمە چوڭ ئەترىتى يۈز دانە خىللانغان ئۇچار كىمىدىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. بۇ كېمىلەر يەنە ئۆز ئىچىدىن ئىككى مىڭ دانە كىچىك تىپتىكى ئۇچار كىمىنى ئىشقا سېلىپ كېچە - كۈندۈز سۈيۈملۈك مەلىكىنى ئىزلەپتۇ. ئەمما بارلىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىز بولۇپ چىقىپتۇ. قىساسكار كېمە ئەترىتى يېشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ كىچىك ئىككى قەبىلىسىنى بارسومدىن مەڭگۈلۈك يوق قىلۋىتىپتۇ. ئەمما دېكا تۇررېسنىڭ ھىچقانداق خەۋىرى بولماپتۇ. ئۇلار باشتىن - ئاخىر شىمال تەرەپتىكى قەبىلىلەردىن ئىزلەپتۇ. پەقەت يىقىنقى بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا ئاندىن جەنوپقا بۇرۇلۇپتۇ. كانتوس كان يەككە كىشىلىك ئۇچار كېمىنى ھەيدەپ يالغۇز ئىزلەشكە چىققان ئىكەن. بەختكە قارىشى ۋارخۇن قەبىلىسىگە تۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ باتۇر ۋە قەيسەرلىكى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى قوزغىدى. ئۇ كېمىسىنى شەھەر سىرتىدا توختۇتۇپ قويۇپ ئۆزى يالغۇز شەھەردىكى بىنالارنى ئاختۇرۇپتۇ. ئىككى كېچە - كۈندۈز توختىماي تۇرالغۇ ۋە زىندانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاختۇرۇپ مەلىكىنى ئىزلەپتۇ. ئاخىرى تۇررېسنىڭ بۇيەردە يوقلىقىغا جەزىم قىلىپ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغاندا بىر توپ ۋارخۇنلۇقلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قاپتۇ.
زىنداندا تۇرۋاتقان ۋاقتىمىزدا كانتوس كان بىلەن چىقىشىپ كەتتۇق ھەم چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق. ئەمما نەچچە كۈن ئۈتۈپلا ھەر ئىككىلىمىز مۇسابىقە مەيدانىغا سۆرەپ چىقىلدۇق. بىر كۈنى تاڭ سەھەر بىز يۇمۇلاق ياسالغان ئېلىشىش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلدۇق. ئېلىشىش مەيدانى يەر يۈزىدىن پەس ئورۇنغا ياسالغان بولۇپ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىرنىمە دىمەك تەس ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بىر قىسمى تاش پارچىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىكەن. مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا يەنە يىگىرمە مىڭ ۋارخۇنلىق رىتسار كەڭ - كۇشادە سىغىدىكەن. مەيدان ناھايىتى كەڭ بولغىنى بىلەن ئانچە تەكشى ئەمەس ئىدى. مەيداننىڭ ئەتراپى تاشلاندۇق شەھەرلەردىن ئېلىپ كىلىنگە تاشلار بىلەن قورىشالغان بولۇپ يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە مەھبۇسلارنىڭ سەكرەپ چىقىپ تاماشىبىنلار ئارسىغا كىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 35 36 37 38 39 40 41 42 43 44 45 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N