ئىككى تەرەپكە نۇرغۇن قەپەز ياسالغان بولۇپ، ئەسىرلەر قورقۇنۇچلۇق ئۆلۈم يىتىپ كىلىش ئالدىدا مۇشۇ يەرگە سولىنىدىكەن. كانتوس كان بىلەن ئىككىمىز بىر قەپەزگە سولاندۇق. باشقا قەپەزلەردە ياۋا ئىت، ياۋايى ئات، غالجىر سىتېر، باشقا قەبىلىلەردىن ئەسىر ئېلىنغان يىشىل تەنلىك رىتسارلار، ئاياللار ھەم مەن بۇرۇن بارسومدا كۆرۈپمۇ باقمىغان بەتبەشىرە قورقۇنۇچلۇق مەخلۇقلار سولانغان ئىدى. ئۇلاردىن چىقىۋاتقان ھەرخىل سەت ئاۋازلار قولاقنى ياراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر قورقۇنۇچلۇق مەخلۇقنى كۆرگەن خېلى قاپ يۈرەك باتۇرلارنىڭمۇ پۇت - قولى تىتىرەپ بەدىنىدىن سوغۇق تەر قويۇلاتتى.
كانتوس كان چۈشەندۈرۈپ مۇسابىقە جەريانىدا، ھەر كۈنى مۇسابىقە توختىتىلغاندا پەقەت بىرلا ئەسىرنىڭ ھايات قالىدىغانلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جەڭدە ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پۈتۈن بىر كۈندە غەلبە قىلغۇچى قايتىدىن داۋاملىق باشقىلار بىلەن ئېلىشىدىكەن. شۇ تەرىقىدە تاكى ئەڭ ئاخىرى بىرىلا يىڭىپ چىققۇچە داۋاملىشىدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا قالغىنى مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئازات قىلىنىدىكەن. ئىككىنچى كۈنى بۇ جەريان يەنە قايتىلىنىپ يېڭى ئەسىرلەر ئېلىپ كىلىنىدىكەن ھەم ئۇلاردىنمۇ ئەڭ ئاخىرقى ھايات قالغۇچى ھۆرلۈككە ئېرىشىدىكەن. مۇسابىقە شۇ تەرىقىدە ئون كۈن داۋام قىلىدىكەن.
بىز قەپەزگە سولۇنۇپ ئۇزاق ئۆتمەي مەيدان قىزىپ كەتتى. بىر سائەتكە يەتمەيلا پۈتۈن ئورۇن توشۇپ بولدى. داك كوۋا بىر توپ سەردارىنى باشلاپ مەيدان مەركىزىدىكى كۆرۈش سۇپىسىدا پەيدا بولدى.
داك كوۋانىڭ بۇيرىقى بىلەن ئىككى قەپەز ئېچىلىپ ئون ئىككى نەپەر يېشىل تەنلىك مارسلىق ئايال مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا ئېلىپ كېلىندى ھەم ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن خەنجەر تارقىتىلىپ بېرىلدى. ئارقىدىن مەيداننىڭ يەنە بىر بىشىدا ئون ئىككى دانە ياۋا ئىت پەيدا بولدى. بۇ ئىتلار ئاچكۆزلۈك بىلەن قولىدا تۈزۈك قورالمۇ يوق ئاياللارغا ئېتىلىپ كەلگەندە ئىچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن مەن بىشىمنى بىر ياققا بۇرىۋالدىم. مارسلىق ئاياللارنىڭ چىرقىرىشى ۋە يىغا ئاۋازى بۇ قېتىمقى ئىلىشىشنىڭ ئىنتايىن دەھشەتلىك بولۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. مەن نەزىرىمنى مەيدانغا ئاغدۇرغىنىمدا كانتوس كان ئېلىشىشنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ئېيتتى. مەيداندا ئۈچ ياۋا ئىت قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا قاۋاپ تۇراتتى. مارسلىق ئاياللار ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمدى بىر توپ غالجىر سىتېر مەيدانغا قويۋىتىلدى. سىتېرلار ئىتلارغا ئوقتەك ئېتىلىپ ئۇلارنى بىردەمدىلا دەسسەپ چەيلىۋەتتى. ئىچىنىشلىق بىر كۈن مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.
بۇ بىر كۈندە مەن باشتا ئەرلەر بىلەن ئېلىشتىم. ئاندىن ياۋايى ھايۋانلار بىلەن تۇتۇشتۇم. مەن ئۇزۇن شەمشىرىمگە، چاققانلىقىمغا ۋە رەقىبىمدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشۈدىغان كۈچ - قۇدرىتىمگە تايىنىپ بۇ كۈننى قىينالمايلا ئۆتكۈزدۈم. كەينى - كەينىدىن مەيداندا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرغان قان ئىچەر خۇمپەرلەرنىڭ نەپسىنى قاندۇردۇم. ئېلىشىش ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا مەيداندىكىلەر توختىماي ۋارقىراپ مېنى مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ ۋارخۇن قەبىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى قىلۋىلىشنى بىلدۈرۈشتى.
ئەڭ ئاخىرى ئۈچ ئادەم، شىمالدىكى مەلۇم قەبىلىدىن كەلگەن بىر گىگانت يىشىل تەنلىك رىتسار، كانتوس كان ۋە مەنلا قالدۇق. ئۇلار ئىككىسى ئالدى بىلەن ئېلىشتى. ئاندىن مەن ئۇلار ئىچىدىكى غەلبە قىلغۇچى بىلەن تۇتۇشىشقا تەييار تۇردۇم.
كانتوس كان بىركۈندە نەچچە قىتىم ئېلىشىپ ھەر قىتىم مېنىڭدەك غەلبە قىلۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بەزىدە يېڭىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ يىشىل تەنلىك بىلەن ئېلىشۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ يېڭىۋېلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى كىچىكتەك قىلاتتى. بىركۈندىن بۇيان بارلىق رەقىبلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان بۇ خۇمپەرنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئون ئالتە فوت بولۇپ كانتوس كاننىڭ ئىگىزلىكى ئالتتە فوتقىمۇ يەتمەيتتى. ئۇلار ئۆزئارا ئېلىشۋاتقاندا مەن بىرىنچى قىتىم مارسلىقلارنىڭ بىر خىل قىلىچ ئىشلىتىش ماھارىتىنى كۆرۋالدىم. كانتوس كاننىڭ غەلبە قىلىشى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشى دەل مۇشۇ قىلىچ ماھارىتىدىن بولدى. يىشىل تەنلىك كانتوس كانغا باستۇرۇپ كىلىپ يىگىرمە فوت ئارلىق قالغاندا كانتوس كان قىلىچ تۇتقان قولىنى كۈچەپ كەينىگە سوزۇپ بىرلا ئېتىپ قىلىچنى رىتسارنىڭ يۈزىگە سانجىدى. قىلىچ ئوقيا ئوقىدەك بوشلۇقنى كىسىپ ئۆتۈپ يىشىل تەنلىكنىڭ مىڭىسىنى تىشىپ ئۆلگۈردى. يىشىل تەنلىك يەرگە يىقىلىپ جان تەسلىم قىلدى.
ئەمدى نۈۋەت ئىككىمىزگە كەلگەن ئىدى. بىز يىقىنلىشىپ ئېلىشىشنى باشلىغان چاغدا مەن ئۇنىڭغا تۆۋەن ئاۋازدا جەڭنى تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە داۋاملاشتۇرۇش توغرىسا مەسلىھەت بەردىم. بۇنداق بولغاندا قاراڭغۇدا بەلكىم بىزگە قىچىشقا پۇرسەت چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ۋارخۇنلۇقلار بىزنىڭ قارىشى تەرەپنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىمىز يوقلىقىنى بىلىپ قالدى بولغاي غەزەپلىنىپ ۋارقىراپ كىتىشتتى. جەڭ باشلىنىپ خېلى ۋاقتقىچە بىز قارىشى تەرەپكە بىرەر قىتىممۇ ئەجەللىك زەربە بەرمىگەچكە ۋورخۇنلۇقلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتۋەتكەن ئىدى. مەن قاراڭغۇلۇقنىڭ يىتىپ كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ كانتوس كانغا قىلىچىنى مېنىڭ بىلىكىم بىلەن گەۋدەمنىڭ ئارلىقىغا سانجىشىنى ئېيتتىم. ئۇ دىيىشكىنىمىز بۇيىچە قىلىچنى ماڭا شىلتىغاندا مەن بىلىكىم بىلەن قىلىچنى چىڭ قىسىۋىلىپ كەينىمگە نەچچە قەدەم سەنتۇرلۈپ يەرگە يىقىلدىم. يىراقتىن قارىغاندا قىلىچ مېنىڭ كۆكرىكىمگە كىرگەندەك كۆرۈنەتتى. كانتوس كان مەقسىتىمنى چۈشەندى بولغاي تېزلىك بىلەن ئالدىغا چىقىپ بىر پۇتى بىلەن بوينۇمنى دەسسەپ تۇرۇپ بەدىنىمدىن قىلىچنى سوغۇرۋېلىپ بوينۇمغا ئەجەللىك قىلىچ ئۇردى. قاراشتا بۇ مېنىڭ بوينىمنى ئۈزۋەتكەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلىچ قۇمغا كىرىپ كەتكەن بولۇپ ماڭا قىلچىلىك زىيان يەتكۈزمەيتتى. قاراڭغۇلۇقتا ھىچكىم نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيتتى، پەقەت ئۇنىڭ مېنى جايلىۋەتكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. مەن پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا بۇ يەردىن ئايرىلىپ تىگىشلىك ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىشىنى، ئاندىن شەھەرنىڭ شەرقىدىكى تاغدا مېنى ساقلىشىنى ئېيتتىم. ئۇ كەتتى.
يۇمۇلاق مەيداندىكى كىشىلەر كەتكەندىن كىيىن مەن ئاستا ئۈمۈلەپ ئۈستىگە چىقىتىم. يەر ئاستىغا ياسالغان بۇ مەيدان شەھەر مەركىزىدىن يىراق بولۇپ ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان رايونغا توغرا كىلىدىكەن. مەن ھىچقانداق ئاۋارچىلىققا ئۇچرىمايلا تاغقا يىتىپ كەلدىم.
يىگىرمىنچى باپ
ئوكسېگېن ياساش زاۋۇتى

مەن بۇ يەردە كانتوس كاننى توپتوغرا ئىككى كۈن ساقلىدىم، ئەمما ئۇ كەلمىدى.شۇڭا ئامالسىز غەربى شىمال يۈلۈنۈشكە قاراپ يولغا چىقتىم. ئۇ ئىلگىرى ماڭا شىمال يۈلۈنۈشنى بويلاپ ماڭغاندا ئەڭ يىقىن يەردىكى دەريا يولىغا بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن يول بۇيى ئۈسۈملۈكتىن ئېلىندىغان سۇيۇقلۇقنى ئۇزۇق قىلىپ سەپەر قىلدىم. ئۈسۈملۈكلەر بۇ خىل بىباھا ئۇزۇقنى ماڭا سىخلىق بىلەن ئاتا قىۋاتاتتى. شۇنداق سەرسان بولۇپ يۈرۈپ ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزدۈم. يۇلتۈزلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تەمتىلەپ كىتىۋاتاتتىم.
كۈندۈزى مەن كۈتۈرلۈپ چىقىپ تۇرغان تاشنىڭ كەينىگە ياكى تاغ چوققىسىنىڭ كەينىگە يۇشۇرنىۋالاتتىم. بىر نەچچە قىتىم ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدىم. كېچىسى بولسا بۇنداق يىرتقۇچ ۋەھشى مەخلۇقلار ئەتراپىمدا ھەدىسىلا تىمسىقلاپ يۈرەتتى.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 36 37 38 39 40 41 42 43 44 45 46 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N