شۇڭا مەن دائىم قولۇمدىن شەمشەرنى چۈشۈرمەي ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ھەرۋاقت تەييار تۇردۇم. ئادەتتىكى ئەھۋالدا مەن يېقىندىلا ئۆگۈنىۋالغان ھىسسىي ئالاقە ئىقتىدارىم ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ماڭا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ ئۈلگىرەتتى. شۇنداق بولسىمۇ بىر قىتىم مەن ئاڭقىرىپ بولغىچىلا يەرگە دۇملىتۋىتىلدىم. تۈكلۈك بىر يۈز ماڭا چىڭ چاپلىشىپ ئۆتكۈر چىشلىرىنى بۇغۇزۇمغا پاتتۇرماقچى بولۋاتاتتى. ئۇنىڭ ماڭا قانداق يىقىنلىشۋالغانلىقىنى بىلمىدىم. مەن ئۇنىڭ يوغان، ئېغىر ھەم كۆپ پۇتلۇق مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئۇ چىشىنى بۇغۇزىمغا سانجىشتىن ئاۋال مەن ئىككى قولۇم بىلەن بوينىنى تۇتۋېلىپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنىڭ يىرتقۇچ ئاغزىنى ئۆزەمدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم. قوللۇرۇم ئۇنىڭ بوينىنى ئامبۇردەك قىسقان ئىدى. بىز ئۈن - تىنسىز تىركىشەتتۇق. ئۇ ئەبلەخ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇلقۇنۇپ چىشىنى ماڭا سانجىشقا ئۇرۇناتتى، مەن ئۆزەمنى ئەپقىچىش بىلەن بىللە بارلىق كۈچۈمنى بارماقلىرىمغا يىغىپ ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكە تىرىشاتتىم. ئاستا - ئاستا بىلەكلىرىم ھالسىزلىنىشقا باشلىدى. رەقىبىم يىنىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ۋە پارقىراق چىشىنى ئاستا - ئاستا يىقىنلاشتۇرماقتا ئىدى. ئۇنىڭ يۈزى مېنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ھەممە نەرسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. تۇيۇقسىز ياندىكى قاراڭغۇلۇقتىن بىر نەرسە ئېتىلىپ كىلىپ ئۈستۈمدىكى مەخلۇققا ئېتىلدى. مەن پەقەت ئۇ ئىككىسىنىڭ يەردە دۇملاۋاتقانلىقىنى ۋە بىر - بىرىنى چىشلىشۋاتقانلىقىنىلا كۆرەلىدىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئېلىشىش ئاخىرلاشتى. مېنىڭ نىجاتكارىم بېشىنى پەس قىلىپ مېنى ئۆزىنىڭ بىر ۋاقلىق ئۇزۇقى قىلۋىتىشكە قىل قالغان جەسەتنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
ئاي تۇيۇقسىز ئۇپۇقتىن كۆتۈرلۈپ يەر يۈزىنى يورۇتتى. مەن مېنى قۇتۇلدۇرغۇچىنىڭ ۋۇلا ئىكەنلىكىنى ئىنىق كۆرەلىدىم. بۇ ھەقىقەتەن بىر مۈجىزە بولۇپ، ئۇنىڭ قەيەرلەردىن كىلىپ مېنى قانداق تاپقانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ كىلىشى مېنى چەكسىز خوش قىلۋەتتى ھەم شۇنداقلا قاتتىق ئارامسىزلاندۇردى. چۈنكى ئۇ نىمە ئۈچۈن تۇررېسلاردىن ئايرىلىپ كىتىدۇ؟ مەن جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى، پەقەت ئۇلار ئۆلگەندىلا ئاندىن ۋۇلا قايتىپ كىتەتتى. ماڭا ئايان، ۋۇلا مەن چۈشۈرگەن بۇيرۇققا ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئىككىنچى ئايمۇ كۆرۈنگەندە مەن ئۇنىڭ ئورۇقلاپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇنى بىردەم ئەركىلەتكەندىن كىيىن ئۇ ئۆرۈلۈپلا جەسەتنى يىيىشكە باشلىدى. قارىماققا ئاچلىقتىن ئۈلەي دەپ قالغاندەك قىلاتتى. گەرچە مېنىڭمۇ قۇرسۇقۇم ئېچىپ چىكىگە يەتكەن بولسىمۇ ئەمما مەن خام گۆشنى يىيەلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت يىقىشقىمۇ ئامال يوقتى. ۋۇلا تويغاندىن كىيىن مەن يەنە ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ تىپىش تەس بولغان دەريا يولىنى ئىزلەپ ماڭدىم.
15 - كۈنى سەھەر، مەن ئىزلەۋاتقان دەريا يولىدىن بىشارەت بېرىدىغان يوغان دەرەخلەرنى كۆردۈم. چۈشكە يىقىن ھالسىز گەۋدەمنى سۆرەپ چوڭ بىر بىنانىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم. بۇ بىنانىڭ ئىگەنلىگەن يېرى تەخمىنەن تۆت ئېنگىلىز مىلى، ئىگىزلىكى ئالاھىزەل ئىككى يۈز فوت ئەتراپىدا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدىم. ئەتراپنى بىر قۇر كۆزۈتۈپ مەن تۇرۋاتقان يەردىكى كىچىككىنە ئىشىكىدىن باشقا ھىچقانداق كىرىش ئېغىزى ھەم ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىدىغان بىرەر نىشاننىڭ بارلىقىنى بايقىمىدىم.
دەرۋازىنىڭ ئىشىك قوڭغىرىقىمۇ يوق بولۇپ ئىچىدىكىلەرگە قانداق ئۇقتۇرۇشنى بىلەلمەيلا قالدىم. مەن ياندىكى دىئامېتىرى قېرىنداش قەلەمچىلىك كىلىدىغان تام تۈشۈكىنى كۆرۈپ ئۇ ئىچى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئورۇن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن ئاغزىمنى يىقىن ئەكىلىپ سۆزلەي دەپ تۇرغاندا ئىچىدىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز چىقىپ مېنىڭ كىملىكىمنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى، بۇ يەرگە كىلىش مەقسىدىمنى سورىدى. مەن ئۆزەمنىڭ ۋارخۇن قەبىلىسىنىڭ چاڭگىلىدىن قىچىپ چىققانلىقىمنى، ئۇزۇن يول يۈرۈپ قۇرسۇقۇمنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم.
- سەن يىشىللارنىڭ بەلگىسىنى تاقاپ بىر ئىت يىتلىۋاپسەن، ئەمما قىياپىتىڭ قىزىل تەنلىكلەرگە ئوخشايدىكەن. شۇنىسى تېرەڭ قىزىل ياكى يىشىلمۇ ئەمەسكەن ، راستىنى ئېيت، سەن زادى نىمە ئادەم؟
- مەن بارسومدىكى قىزىل تەنلىكلەرنىڭ دوستى، قۇرسۇقۇم بەك ئېچىپ كەتتى. شەپقەت قىلىپ ئىشىكنى ئېچىپ بەرسىڭىز، - دىدىم مەن ئۆتۈنۈپ.
شۇئانلا ئىشىك كەينىگە چىكىنىشكە باشلاپ تەخمىنەن ئەللىك فوت ئىچكىرلەپ ماڭغاندىن كىيىن توختىدى. ئاندىن سولغا يېنىك سۈرۈلۈپ تار بىر بىتون يول كۆرۈندى. يولنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بايقىغا ئوپئوخشاش يەنە بىر ئىشىك بار ئىكەن. ئەمما ئەتراپتا بىرمۇ ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى. مەن ئىشىكتىن كىرگەندە ئۇ يەنە يىنىك سېرىلىپ ئاندىن ئۆز ئورنىغا بېرىپ تاقىلىپ قالدى. ئىشىك يانغا سۈرۈلگەندە مەن ئۇنىڭ قىلىنلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئۇنىڭ قىلىنلىقى ئالاھىزەل يىگىرمە فوت ئەتراپىدا كىلىدىكەن. ئىشىك جايىغا كىرىپ كەتكەن چاغدا ناھايىتى يوغان بىر پولات تۇربا يوقۇرىدىن سېيرىلىپ چۈشۈپ ئاستى ئۇچى پولدىكى ئۇيۇققا مەھكەملىنىدىكەن. مەن يەنە ئىككى ئىشىكتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاخىرى ناھايىتى كەڭ زالغا كىلىپ قالدىم. يوغان بىر تاش ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇ قويۇپ قويۇلۇپتۇ. ئەتراپتىن بىر ئاۋاز كىلىپ مېنىڭ غىزالىنىشىمغا بۇيرىدى. كەينىدىنلا ئىتقىمۇ يىمەكلىك بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىلدى. مەن بىر تەرەپتىن يىگەچ بىر تەرەپتىن يۇشۇرۇن ئادەمنىڭ كەسكىنلىك بىلەن سورىغان بىر تالاي سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردىم.
- دىگەنلىرىڭ ئادەمنى چۆچىتىدۇ، - دىدى ھىلقى ئاۋاز سوراق ئاخىرلاشقاندا، - ئېيتقانلىرىڭنىڭ راستلىقىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ. ئەمما سەن بارسوملۇق ئەمەس. مەن سېنىڭ مىڭە تۈزۈلۈشۈڭ ، ئىچكى ئەزالىرىڭنىڭ ئورۇنلۇشۇش ئەھۋالى ۋە يۈرۈكۈڭنىڭ شەكلى ھەم چوڭ كىچىكلىكىدىن بىلدىم.
- سىز مېنىڭ بەدىنىمنى رىنت قىلىپ كۆرەلەمسىز؟ - دىدىم مەن يوقىرى ئاۋازدا .
- شۇنداق، سېنىڭ ئوي - پىكرىڭدىن باشقا ھەممىنى رىنت قىلىپ كۆرەلەيمەن. ئەگەر سەن بارسوملۇق بولساڭ مەن سېنىڭ تەپەككۈرۈڭنىمۇ بىلەلىگەن بولاتتىم.
ئۆينىڭ بىر تەرپىدىكى ئىشىك ئېچىلىپ قاراشتىن قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەندەك بىر مۇمىيا ئادەم ماڭا قاراپ مېڭىپ كەلدى. ئۇ ئۇچىسىغا پەقەت بىرتاللا ئالتۇن زەنجىر ئېسۋالغان بولۇپ زەنجىرگە يوغان بىر پارچە ئالماس ئورنىتىلغان تەخسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىزەك ئېسىلغان ئىدى. تەخسىنىڭ دەل مەركىزىگە دىئامىتىرى تەخمىنەن بىر سوڭ چوڭلۇقتىقى غەلىتە تاش ئورنىتىلغان بولۇپ توققۇز خىل نۇر چىقىرىپ تۇراتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە خىلى ماڭا ھەم يەر شارى ئادەملىرىگە تۇنۇش، قالغان ئىككى خىل نۇرنى بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان نۇر ئىدى. شۇڭا خۇددىي بىر قارغۇ ئادەمگە قىزىل رەڭنىڭ نىمىلىكىنى تەسۋىرلىگىلى بولمىغاندەك ئۇنى تەسۋىرلەشمۇ مۇمكىن بولمايتتى.
ياشانغان ئادەم ئولتۇرۇپ مېنىڭ بىلەن بىرنەچچە سائەت سۆزلەشتى. سۆھبەتلىشىش جەريانىدا مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ بارلىق ئوي - خىيالى ماڭا ئايان بولۇپ تۇردى. ئەمما ئۇ مېنىڭ ئېغىزىمدىن چىققان سۆزىمدىن بۈلەك باشقا تەپەكۈرۈمنى بىلمەيتتى. مەن بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم. شۇڭا بۇ كىيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئالدىن بىلۋىلىشىمغا ناھايىتى ئەسقاتتى. ئەگەر ئۇ مېنىڭ بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارىمنى بىلگەن بولسا مەن كىيىن يۈز بېرىدىغان تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى بىلمىگەن بولار ئىكەنمەن.
Back to home |
File page
Subscribe |
Register |
Login
| N