زودانگادا ساناقلىقلا بىنا بۇ گازارمىدىن ئىگىزەرەك بولۇپ بەزىلىرى بۇنىڭدىن نەچچە يۈز فوت ئىگىز ئىدى. ئۇرۇش قىلىش قىسمىنىڭ ئۇچار كىمىلىرى توختايدىغان پورت يەر يۈزىدىن بىرمىڭ بەش يۈز فوت ئىگىزلىكتە بولۇپ سودا ۋە تىرانسىپورت كىمىلىرى توختايدىغان پورتمۇ شۇنچىلىك كىلەتتى.
مەن بىناغا چاپلىشىپ ئۈمۈلەپ ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ يوقىرىغا ئۆرلىدىم. گەرچە ئىنتايىن خەتەرلىك بولسىمۇ بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. بارسومدىكى ئىمارەتلەر ئادەتتىن تاشقىرى بىزەلگەن بولۇپ دەل شۇنداق كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىزەك نەقىشلىرى مېنىڭ يوقىرىغا تۇسالغۇسىز يامىشىشىمدىكى ئۈنۈملۈك شوتا بولۇپ بەردى. يوقىرىغا چىقىۋىتىپ مەن ھەقىقى بىر ئاۋارىيەگە يولۇقتۇم. بىنا كارنىزى تامدىن يىگىرمە فوت ئۇزۇنلۇقتا چىقىپ تۇرغان بولۇپ بىنانى تولۇق بىر ئايلىنىپمۇ ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان مۇۋاپىق يەرنى تاپالمىدىم. بىنانىڭ ئىچىدە چىراقلار يورىتىلغان بولۇپ ئىچىدە لىق ئەسكەر بار ئىكەن. شۇڭا بىنانىڭ ئىچىدىن يوقىرىغا ئۆرلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋال ئاستىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكى ئانچە چوڭ بولمىغان بىرلا پۇرسەت بار بولۇپ سىناپ بىقىش قارارىغا كەلدىم. بۇنىڭ ھەممىسى دېكا تۇررېس ئۈچۈن، چۈنكى ھەرقانداق ھايات ئەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مىڭ قەترە ئۆلۈشكە رازى بولىدۇ.
مەن ئىككى پۇتۇم بىلەن بىنا تىمىنى دەسسەپ ، بىر قولۇم بىلەن نەقىشنى تۇتىۋىلىپ يەنە بىر قولۇم بىلەن ئۈستۈمدىكى تاسمىنى يەشتىم. تاسمىنىڭ ئۇچىدا بىر ئىلمىكى بار بولۇپ بۇنى ئادەتتە ئايرۇپىلاننىڭ ئىككى يېنى ۋە ئاستىغا ئىلىپ قويۇپ رىمونت قىلىشقا ياكى ئۇچار كېمىدىن يەرگە چۈشكەندە ئىشلىتىلەتتى. مەن ئېھتىيات بىلەن تاسمىنى بىنانىڭ ئۆگزىسىگە تاشلىدىم. بىرنەچچە قىتىم تاشلىغاندىن كىيىن تاسمىنىڭ ئۇچى ئاخىرى ئۆگزە كارنىزىغا ئېلىندى. مەن تاسمىنى يىنىك تارتىپ ئونى مۇقىملاشتۇردۇم. ئەمما ئېلىنغان يەرنىڭ مېنى كۆتىرەلەيدىغان ياكى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەگەر ئۇ كارنىزنىڭ گىرۋىكىگە ئېلىنىپ قالغان بولسا مەن ئېسىلىپ پولاڭلىغان ۋاقتتا ئېلمەك تىيىلىپ چىقىپ كىتىپ قالسا مىڭ فوت ئىگىزلىكتىن يەرگە ئۇچۇپ چۈشەتتىم.
سەل دىلغۇل بولغاندىن كىيىن ئاخىرى ھايات - ماماتلىق ئوتتۇرلىقىدىكى بۇنداق چوڭ تەۋەككۈلچىلىككە بىشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم. مەن تۇتۇپ تۇرغان نەقىشلەرنى قويىۋىتىشىمگىلا تاسمىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا بوشلۇقتا ئەركىن ئېسىلىپ تۇرۇپ قالدىم. پەستە، ناھايىتى يىراقتا چىراق نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان كوچىلار، قاتتىق يەر ۋە قورقۇنۇچلۇق ئۆلۈم خەۋىپى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كارنىز ئۈستىدىكى ئىلغۇچ تەۋرەپ، سېيرىلىشتىن قۇلاقنى قىيىشتۇرىدىغان ئاۋاز چىقىشىغا پۈتۈن بەدىنىمدىن سۇغۇق تەر چىقىپ كەتتى. ئەمدى تۈگەشتىم، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
تۇيۇقسىز ئىلغۇچ مۇقۇملاشتى.
مەن تېزلىكتە يوقىرىغا يامىشىپ چىقىپ كارنىزنىڭ گىرۋىكىنى تۇتىۋالدىم ۋە بىرلا كۈچەپ يوقىرىغا چىقتىم. يوقىرىغا چىقىشىمغىلا ئالدىمدا بىر قاراۋۇلنىڭ كۆزۈمگە قورال تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
- سەن كىم؟ نەدىن كەلدىڭ؟ - دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.
- مەن بوشلۇقتىن رازۋىتكا قىلىش ئەترىتىنىڭ خادىمى، دوستۇم. پەسكە چۈشۈپ كەتكىلى قىل قالدىم، - دىدىم جاۋاپ بېرىپ.
- ئەمما قانداق قىلىپ ئۆگزىگە چىقتىڭ؟ نەچچە سائەتتىن بىرى ھىچكىم بۇ يەردىن چۈشمىگەن، شۇنداقلا بىرەر ئادەممۇ بىنانىڭ ئىچىدىن چىقمىغان. تېز ئېيت، سەن نىمە ئادەم؟ بولمىسا مەن مۇھاپىزەتچىلەرنى چاقىرىمەن.
- بۇياققا قارىساڭ مېنىڭ قانداق چىققانلىقىمنى كۆرەلەيسەن.
مەن جاۋاپ بەرگەچ ئۆگزىنىڭ گىرۋىكىنى كۆرسەتتىم. ئۇ يەردە، يىگىرمە فوت تۈۋەندە تاسمىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا مېنىڭ قورال - ياراقلىرىم ئېسىلىپ تۇراتتى. بۇ ئەبلەخكە قىزىق تۇيۇلدى بولغاي مېنىڭ يىنىمغا كەلدى. ئۇ گەۋدىسىنى سوزۇپ تۈۋەنگە قاراشقا تەمشەلگەندە مەن بىر قولۇمدائۇنىڭ كىكىرتىگىنى ئامبۇردەك قىسىپ، يەنە بىر قولۇمدا قورال تۇتقان بىلىكىنى تۇتقىنىمچە ئۆگزىگە يىقىتتىم. ئۇنىڭ قولىدىكى قورال چۈشۈپ كەتتى، بارماقلىرىم ئۇنىڭ گىلىنى چىق سىقىپ ۋارقىرغىلى قويمايتتى. ئاندىن مەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ باغلىغاندىن كىيىن نەچچە مېنۇت ئىلگىرى ئۆزەم ئېسىلىپ تۇرغاندەك تاسمىغا باغلاپ كارنىزغا ئېسىپ قويدۇم. تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ھىچكىم ئۇنى بايقىمايتتى.
مەن قورال - ياراقلىرىمنى ئېلىپ ئايرۇپىلان ئىسكىلاتىغا كىردىم ھەم كانتوس كان ئىككىمىزنىڭ ئايرۇپىلانىنى تاپتىم. ئاندىن كانتوسنىڭ ئايرۇپىلانىنى ئۆز ئايرۇپىلانىمنىڭ كەينىگە مۇقۇماشتۇردۇم. كەينىدىنلا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ماتورنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئۆگزىدە سىيرىلىپ مىڭىپ ھاۋا بوشلىقىغا چىقتىم. ئۇچۇش ئىگىزلىكىم چارلىغۇچىلارنىڭ دائىرىسىدىن كۆپ تۈۋەندە بولۇپ بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەن تۇرۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستىگە قوندۇم. كانتوس كان مېنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالدى.
مەن ئۇنىڭغا جەرياننى سۆزلەپ بېرىشكە ئۈلگۈرمەيلا كىيىنكى ھەركىتىمىز توغرىسىدا سۆزلىشىپ كەتتۇق. ئاخىرىدا مېنىڭ ئامال قىلىپ خىرىئانغا بېرىشىم، كانتوسنىڭ خان ئوردىسىغا كىرىپ سابۇ سەيىننى جايلىۋىتىشى بىكىتىلدى. ئەگەر ئۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالىسا كەينىمدىن خىرىئانغا بارماقچى بولدى. ئۇ مەن ئولتۇرغان ئايرۇپىلاننىڭ كومپاس ۋە يول كۆرسەتكۈچ ئۈسكىنىلىرىنى تەڭشەپ بەرگەندىن كىيىن بىز خوشلاشتۇق ھەم خىرىئانغا بېرىشتىكى ئۆتەر يول خان ئوردىسى تەرەپكە قاراپ تىزلىكتە ئۇچۇپ كەتتۇق.
بىز مۇنارغا يىقىنلاشقاندا بىر چارلىغۇچى ئايرۇپىلان بايقاپ قالدى. ئۇ تېز سۈرئەتتە پەسكە تۆۋەنلەپ ئۇچقۇچى كۆزنى چاقىدىغان يورۇتقۇچى پىرژۇكتېر بىلەن مېنىڭ ئايرۇپىلانىمنى تولۇق يورۇتۇپ يوقىرى ئاۋازدا دەرھال توختاشقا بۇيرۇق قىلدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي مىڭىۋەردىم. ئۇ ماڭا قارىتىپ ئوت ئاچتى. كانتوس كان بىشىنى بۇراپلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولدى. مەن بولسام داۋاملىق ئۈستىگە ئۆرلەپ يوقىرى سۈرئەتتە يۇلتۇزلۇق مارس ئاسمىنىنى كېسىپ ئۇچىۋەردىم. كەينىمدىن ئون ئىككى دانە رازۋىتكىچى ئايرۇپىلان ئەگىشىپ قوغلاپ كەلدى. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ سىپىگە يەنە يۈزدەك ئەسكەر چۈشكەن ۋە بىر يۈرۈش تېز سۈرئەتتە ئېتىلدىغان زەمبىرەك ئورنىتىلغان چارلىغۇچى ئايرۇپىلاندىن بىرى قېتىلدى. مەن كىچىك ئايرۇپىلاننى ھەيدەپ توختىماي چۆرگىلەپ، بەزىدە كۆتۈرلۈپ بەزىدە تۆۋەنلەپ ئۇلارنىڭ يورۇتقۇچى پىرژۇكتىرىدىن ئۆزەمنى قاچۇردۇم. شۇنداق بولسىمۇ بۇ تاكتىكىنىڭ خەتىرى چوڭ بولۇپ يىراقلاپ كىتىشىمگە توسالغۇ بولاتتى. ئەگەر دۈشمەن داۋاملىق ئادىمىنى كۆپەيتسە ئىش تېخىمۇ چاتاق بولاتتى. شۇڭا بارلىق تەقدىرىمنى ئايرۇپىلانىمنىڭ سۈرئىتىگە باغلاپ تەۋەككۈل قىلىش قارارىغا كەلدىم.
مەن بوشلۇقتا يوقىرى سۈرئەتتە ئۇچۋاتقىنىمدا ئەتراپىمدىكى ئوقنىڭ ھاۋا بىلەن سۈركىلىپ چىقارغان ئاۋازىدىن پەقەت مۈجىزە يۈز بەرگەندىلا ئاندىن ئۆزەمنىڭ ھايات قالالايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. كانتوس كان ماڭا ئايرۇپىلان ھەيدەشنىڭ بىر تۈرلۈك مەخپى ماھارىتىنى ئۆگۈتۈپ قويغان ئىدى. بۇ خىل ئۇسول پەقەت خىرىئان ھەربىي قىسىمىغىلا مەلۇم بولۇپ ئايرۇپىلاننىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. شۇڭا، مەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۈشمەننىڭ ئوت كۈچىدىن ئۆزەمنى قاچۇرالىساملا ئۇلارنى يىراققا تاشلاپ كىتەلەيدىغىنىمغا ئىشەنچەم بار ئىدى. شۇڭا بۇ خىل ئۇسولنى ئىشقا سېلىپ خىرىئانغا قاراپ ئوقتەك ئۇچتۇم.

Prev | Next
Pg.: 1 ... 47 48 49 50 51 52 53 54 55 56 57 ... 62


Back to home | File page

Subscribe | Register | Login | N